24-تەتقىق ماقالىسى
سىز مەقسەتلىرىڭىزگە يېتەلەيسىز | كۈزىتىش مۇنارى تەتقىقى
«ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمەيلى. چۈنكى بوشىشىپ قالمىساق، ۋاقتى كەلگەندە ھوسۇلىنى ئالىمىز».—گالاتىيا. 6:9.
150-ناخشا تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلايلى
بۇ ماقالىدە a
1. نۇرغۇنلىرىمىز قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق؟
قانداقتۇ بىر مەقسەتنى قويۇپ، شۇ مەقسەتكە يېتىشتە قىينالغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ b ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشكەن يالغۇز سىزلا ئەمەس. مەسىلەن، فىلىپ دۇئالىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەقسەت قويغان. بىراق، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالمىغان. ئېرىكانىڭ مەقسىتى بولسا، ۋەز خىزمەت يىغىلىشىغا ۋاقتىدا كېلىش ئىدى. بىراق، ئۇ ھەر قېتىم يەنىلا يىغىلىشقا كېچىكىپ كەلگەن. توماس پۈتۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ چىقىشقا بىر نەچچە قېتىم تىرىشقان. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇقەددەس كىتابنى مۇنداقلا ئوقۇپ خۇشاللىق تاپالمىدىم. ئۈچ قېتىم سىناپ باقتىم، ئەمما ھەر قېتىمدا پەقەت لاۋىيلار كىتابىغىچە ئوقۇيالىدىم».
2. ئەگەر تېخىغىچە روھىي مەقسىتىمىزگە يەتمىگەن بولساق، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز كېرەك؟
2 ئەگەر ھازىر تېخى يېتەلمىگەن مەقسەتلىرىڭىز بار بولسا، ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. ھەتتا، ئاددىي مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈنمۇ دائىم ۋاقىت چىقىرىش ۋە جاپالىق ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشتىن ۋاز كەچمىگىنىڭىز، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا تىرىشچانلىقىڭىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە سىزدىن قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ (زەبۇر 103:14؛ مىكاھ 6:8). شۇڭا، ۋەزىيىتىڭىزگە يارىشا، مۇۋاپىق مەقسەت قويۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بىر مەقسەت قويغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ تۆۋەندە بەزى تەكلىپ-پىكىرلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستەكنى يېتىلدۈرۈڭ
3. نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستەكنىڭ بولۇشى مۇھىم؟
3 كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستەك روھىي مەقسەتكە يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچلۈك بولسا، مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. ئارزۇ-ئىستەكنى يەلكەنلىك كېمىنى مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىغا ئىتتىرىدىغان شامال كۈچىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر شامال توختىماي چىقسا، دېڭىزچى مەنزىلىگە يېتەلىشى مۇمكىن. شامال كۈچلۈك بولسا، ئۇ بەلكىم تېخىمۇ تېزراق مەنزىلىگە يېتىۋالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولسا، قويغان مەقسىتىمىزگە تېزراق يېتىشىمىز مۇمكىن. سالۋادوردا ياشايدىغان دېيۋىد ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنىڭ كۈچلۈك بولسا، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىسىز. ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ مەقسىتىڭىزگە يېتىشىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول بەرمەڭ». ئۇنداقتا، ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
4. نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ؟ (فىلىپىلىكلەر 2:13) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستەك ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. يەھۋا ئۆز مۇقەددەس روھى ئارقىلىق سىزنى مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكۈزىدىغان ئارزۇ-ئىستەككە ئېرىشتۈرىدۇ (فىلىپىلىكلەر 2:13-نى ئوقۇڭ). بەزىدە، بىز بىر مەقسەت قويىمىز، سەۋەبى شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ئۇ ياخشى ئىش، ئەمما بىزدە ئۇنىڭغا يېتىش ئارزۇ-ئىستىكى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇگاندادا ياشايدىغان نورىنا ئىسىملىك قېرىنداش دەل شۇنداق ۋەزىيەتتە بولغان. ئۇ بىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش ئۈچۈن مەقسەت قويغان. لېكىن، ئۇنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. سەۋەبى، ئۇ ئۆزىنى ياخشى تەلىم بەرگۈچى دەپ قارىمايتتى. نېمە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر كۈنى دۇئادا يەھۋادىن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى باشلاش ئارزۇ-ئىستىكىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياردەم تىلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇئالىرىمغا ماس تەلىم بېرىش ماھارەتلىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئارزۇ-ئىستىكىم كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. شۇ يىلى، مەن ئىككى كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقى ئۆتكۈزۈشنى باشلىدىم».
5. ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنالايمىز؟
5 يەھۋا سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاڭ (زەبۇر 143:5). ئەلچى پاۋلۇس يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە ئويلانغان ۋە بۇ ئۇنىڭ يەھۋا ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۈچەيتكەن (1-كورىنت. 15:9، 10؛ 1-تىموت. 1:12–14). خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىغانسېرى، سىزنىڭمۇ ئۆز مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئارزۇ-ئىستىڭىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ (زەبۇر 116:12). ھوندۇراستىكى بىر قېرىنداشنىڭ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش مەقسىتىگە يېتىشىگە نېمە ياردەم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋانىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم. ئۇ مېنى ئۆز خەلقى ئارىسىغا ئېلىپ كىردى. ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە مېنى قوغدايدۇ. بۇنداق چوڭقۇر ئويلىنىش ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىمنى كۈچەيتىپ، ئارزۇ-ئىستىكىمنى ئاشۇردى».
6. ئارزۇ-ئىستىكىمىزنى ئاشۇرۇشقا يەنە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 مەقسىتىڭىزگە يەتكەندە ئېرىشىدىغان بەرىكەتلەرنى ئويلاڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېرىكانىڭ ۋاقىتقا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قويغان مەقسىتىگە يېتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋەز خىزمەت يىغىلىشىغا كېچىكىپ قىلىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بالدۇرراق بارغان بولسام، ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا سالام بېرىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەلەيتتىم. يەنە ۋەز خىزمەتتىن خۇشاللىق تېپىش ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىيالايتتىم». ئېرىكا ۋاقىتقا ئەمەل قىلىشنىڭ پايدىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز مەقسىتىگە يەتتى. سىز دىققىتىڭىزنى قايسى بەرىكەتلەرگە قارىتالايسىز؟ مەقسىتىڭىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ياكى دۇئا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى قانداق كۈچلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاڭ (زەبۇر 145:18، 19). ئەگەر خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان بىر پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلاشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ (كولوسى. 3:14). نېمە ئۈچۈن مەقسىتىڭىزگە يەتمەكچى بولغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبلىرىنى تىزىملاپ، پات-پات شۇ تىزىملىككە قاراپ قويۇڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان توماش شۇنداق دەيدۇ: « مەلۇم بىر مەقسەتكە يېتىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسا، شۇنىڭغا يەتكۈچە داۋاملىق تىرىشىمەن».
7. خۇلىئو ۋە ئايالىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشكە نېمە ياردەم قىلغان؟
7 مەقسىتىڭىزگە يېتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ (پەند. نە 13:20). خۇلىئو ۋە ئايالى كۆپرەك ۋەز قىلىش ئۈچۈن مەقسەت قويغان. ئۇلارنىڭ شۇ مەقسەتكە يېتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟. خۇلىئو مۇنداق دەيدۇ: «مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان دوستلارنى تاللىدۇق. ئۇلار بىلەن مەقسىتىمىز ئۈستىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللىقاچان ئوخشاش مەقسەتلەرگە يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار بىزگە پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. دوستلىرىمىز يەنە بىزدىن پىلانلىرىمىزنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇردى. مۇھتاج بولغاندا، ئۇلار بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىپ تۇردى».
كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولمىغاندا
8. پەقەت ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچلۈك بولغاندا، مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشساق، نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىزنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى كۈچلۈك بولمايدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بۇ مەقسىتىمىزگە يېتىشكە باشقا ئامال يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. بۇنداق بىر مىسال قىلىپ كۆرەيلى. شامال يەلكەنلىك كېمىنى مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولالايدۇ. ئەمما، شامالنىڭ كۈچى دائىم ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كۈنلەردە ئازراقمۇ شامال چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇ دېڭىزچىنىڭ داۋاملىق سەپەر قىلىشىغا ئامال يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ شۇنداق بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، بەزى يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ ماتورى بار. يەنە بەزىلىرىنىڭ كېمە پالاقچىلىرى بار. دېڭىزچى بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، داۋاملىق مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ئارزۇ-ئىستىكىمىز خۇددى شامالغا ئوخشاش بولۇپ، بەزى كۈنلىرى باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بەزى كۈنلىرى مەقسىتىمىز ئۈچۈن تىرىشىشقا ئارزۇ-ئىستىكىمىز يوقتەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر پەقەت ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچلۈك بولغاندىلا، مەقسىتىمىزگە يېتىشكە تىرىشساق، مەڭگۈ ئۇنىڭغا يېتەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، دېڭىزچى ئۆز مەنزىلىگە يېتىشنىڭ باشقا ئاماللىرىنى تاپقانغا ئوخشاش، بىزمۇ ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولماي قالغان چاغدا، يەنىلا مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، ئۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. بىراق، سىز مەقسىتىڭىزگە يەتكەندە، چوقۇم خۇشال بولىسىز. بىز نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىققان بىر سوئالنىڭ جاۋاب تاپايلى.
9. مەقسىتىمىز ئۈچۈن تىرىشىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولمىغاندا، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
9 يەھۋا بىزنىڭ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە، ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 100:2؛ 2-كورىنت. 9:7). شۇنداق ئىكەن، ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولمىسا، داۋاملىق روھىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تېنىمنى قاتتىق تەربىيىلەپ، ئۇنى قۇلدەك تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتىمەن» (1-كورىنت. 9:25–27). پاۋلۇس توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى مەجبۇرلىغان. ھەتتا، يەھۋا خالىغان ئىشلارنى قىلىش ئىستىكى بولمىغان ۋاقىتتىمۇ، ئۆز ئۆزىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. شۇنداق ۋەزىيەتتە پاۋلۇسنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى يەھۋا قوبۇل قىلغانمۇ؟ ئەلۋەتتە! ئۇ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇكاپاتلىغان.—2-تىموت. 4:7، 8.
10. ئارزۇ-ئىستىگىمىز بولمىغان ھالەتتىمۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
10 ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولمىغان چاغدىمۇ، مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشايلى. يەھۋا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزدىن خۇرسەن بولىدۇ. بەلكىم، بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ھەمىشە ياخشى كۆرمەيمىز. ئەمما، قىيىن بولسىمۇ، ئۇنى يەھۋا خۇدانى سۆيگىنىمىز قىلساق، ئۇ بۇنى بىلىدۇ ۋە خۇشال بولىدۇ. يەھۋا خۇددى پاۋلۇسنى بەرىكەتلىگەندەك، بىزنىڭمۇ تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلەيدۇ (زەبۇر 126:5). يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشكەندە، ھەتتا ئارزۇ-ئىستىكىمىزنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. پولشادىكى لۇسىنا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە، بولۇپمۇ ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن چاغلاردا، ۋەز خىزمىتىگە چىقىشنى خالىمايمەن. شۇنداقتىمۇ، ۋەزگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ئىنتايىن خۇشال ھېس قىلىمەن، بۇ ھەقىقەتەن مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىر سوۋغات». ئۇنداقتا، كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستىگىمىز بولمىغاندا، نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
11. يەھۋا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش — بۇ ئادەمنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدۇر. بۇ ئىپادە دائىم ئۆزىنى يامان ئىشتىن چەكلەش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق، بىز ياخشى ئىش قىلماقچى بولغاندا، يەنى ئىش قىيىن ياكى ئارزۇ-ئىستەك ئاجىز بولسا، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنىڭ بىر قىسىمى. شۇڭا، يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى سوراڭ. بۇ مۇھىم پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ (لۇقا 11:13؛ گالاتىيالىقلار 5:22، 23). يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دېيۋىدقا دۇئا كۆپ ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇ دائىم شەخسىي تەتقىق ئۆتكۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى خالىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋادىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىشىمگە ياردەم بېرىشنى ئۆتىنىمەن. ئۇنىڭ ياردىمىدە ياخشى بىر تەتقىق قىلىش پروگراممىسىنى باشلىدىم ۋە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىدىم».
12. ۋەز 11:4-ئايەتتىكى پرىنسىپ، بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 ۋەزىيىتىڭىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى كۈتمەڭ. بىز بۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغاندەك مۇكەممەل ۋەزىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئۇنى كۈتسەك، مەقسىتىمىزگە ھەرگىز يېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن (ۋەز 11:4-نى ئوقۇڭ). دانىيال ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەرگىز ۋەزىيىتىمىز مۇكەممەل بولمايدۇ. بىز پەقەت باشلىساقلا، ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتلەرنى يارىتىمىز». ئۇگاندادىكى پائول ئىسىملىك بۇرادەر بىزنىڭ كېچىكتۈرمەي، دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىزنىڭ باشقا بىر سەۋەبىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەزىيىتىمىزنىڭ قىيىن بولۇشىغا قارىماي، ھەرىكەت قىلىشقا باشلىساق، يەھۋانىڭ بىزنى بەرىكەتلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىمىز».—مالاك. 3:10.
13. كىچىك مەقسەتلەردىن باشلاشنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟
13 كىچىكىدىن باشلاڭ. مەقسىتىمىزگە يېتىش قارىماققا قىيىن كۆرۈنسە، ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەقسىتىڭىزنى كىچىكرەك مەقسەتلەرگە بۆلىۋېتىڭ. بىر پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قويغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنى كىچىك يوللار بىلەن كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىپ بېقىڭ. مۇقەددەس كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنى ئاز-ئازدىن ئوقۇشنى باشلاڭ. توماش بىر يىلدا مۇقەددەس كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ناھايىتى تېز ئوقۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، قايتا سەل ئاستا ئوقۇشنى قارار قىلىپ، بۇ قېتىم ھەر كۈنى بىرنەچچە ئابزاسنى ئوقۇپ، ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاشنى پىلانلىدىم. نەتىجىدە، مۇقەددەس كىتابنى ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇشقا باشلىدىم». ئارزۇ-ئىستىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، توماش كۆپرەك ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرىشقا باشلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ تۈگەتكەن c.
ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ
14. قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن؟
14 بەكمۇ ئەپسۇس، ئارزۇ-ئىستىكىمىز قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالغان بولايلى، يەنىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر مەقسەتلىرىمىزگە يېتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىزنى ئوغرىلىشى مۇمكىن (ۋەز 9:11). بەلكىم، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ياكى كۈچسىز ھېس قىلدۇرىدىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز (پەند. نە 24:10). نامۇكەممەل بولغاچقا، بەلكىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مەقسەتلىرىمىزگە يېتىش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ (رىملىقلار 7:23). ياكى ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز (مەتتا 26:43). دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقنى يېڭىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15. ئەگەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق، ئۇ مەغلۇپ بولغانلىقىمىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ (زەبۇر 145:14).
15 ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوڭۇشسىزلىق مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا، بىزنىڭ قايتا-قايتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، يەھۋانىڭ ياردىمىدە قايتا ئورنىمىزدىن تۇرالايدىغانلىقىمىزمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن (زەبۇر 145:14-نى ئوقۇڭ). يۇقىرىدا تىل ئالغان فىلىپ ئىسىملىك بۇرادەر، ئۆز ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى — قانچە قېتىم يىقىلىپ چۈشكەنلىكىمگە ئەمەس، بەلكى يىقىلغاندا قانچە قېتىم ئورنىمدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزۈمنى رۇسلىغانلىقىمغا باغلىق». يۇقىرىدا تىلغا ئالغان داۋۇت مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى توسالغۇلار ئەمەس، بەلكى يەھۋانى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭغا كۆرسىتىشنىڭ پۇرسەتلىرى دەپ قاراشقا تىرىشىمەن». شۇنداق، ئوڭۇشسىزلىقلارغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى، ئۇنىڭغا ئىسپاتلايسىز. مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، يەھۋا چوقۇم ناھايىتى خۇشال بولىدۇ!
16. ئوڭۇشسىزلىق بىزنى قانداق تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ؟
16 ئوڭۇشسىزلىقنى تەجرىبە-ساۋاققا ئېلىشنىڭ بىر يولى دەپ قاراڭ. ئاۋۋال ئوڭۇشسىزلىقنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ: «مەن قايتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن قايسى تەرەپتىن ئۆزگەرتىشىم كېرەك؟» (پەند. نە 27:12). بەزىدە، ئوڭۇشسىزلىقلار قويغان مەقسىتىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، مەقسەتلىرىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈڭ d. مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەي قالسىڭىز، يەھۋا سىزنى مەغلۇپ بولدى دەپ قارىمايدۇ.—2-كورىنت. 8:12.
17. نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشتە ئوڭۇشلۇق قىلالىغان ئىشلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
17 قول يەتكۈزگەن مەقسەتلىرىڭىزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. مۇقەددەس كىتابتا: «خۇدا ئادالەتسىز ئەمەس، . . . قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (ئىبرانىي. 6:10) شۇڭا، بىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۆتمۈشتە ئوڭۇشلۇق قىلالىغان ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. يەھۋا بىلەن دوست بولدىڭىز، ئۇ توغرۇلۇق باشقىلارغا ۋەز قىلدىڭىز ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتىڭىز. ئۆتمۈشتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇشۇ بارلىق روھىي مەقسەتلىرىڭىزگە قول يەتكۈزدىڭىز. ھازىرمۇ خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشالايسىز.—فىلىپى. 3:16.
18. مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، چوقۇم نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
18 خۇددى خۇشاللىق بىلەن ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلىگە يەتكەن دېڭىزچىغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. بىراق، شۇنى ئەستە تۇتۇڭكى: نۇرغۇن دېڭىزچىلار بۇ سەپىرىدىن ھۇزۇر ئالغان. سىزمۇ روھىي مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ. مەنزىلگە يېتىشىڭىزگە يەھۋا قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە سىزنى بەرىكەتلەۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ، ھۇزۇر ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ (2-كورىنت. 4:7). ئەگەر ۋاز كەچمىسىڭىز، تېخىمۇ كۆپلىگەن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىسىز.—گالاتىيا. 6:9.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىـڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a يەھۋانىڭ تەشكىلاتى دائىم بىزنى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۇسۇللىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر ئاللىقاچان بەزى روھىي مەقسەتلەرنى قويغان بولساق، ئەمما شۇنىڭغا يېتىشتە قىينىلىۋاتقان بولساقچۇ؟ بۇ ماقالە، مەقسەتلىرىمىزگە قانداق يېتىش ھەققىدە ھەر خىل تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىدۇ.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: روھىي مەقسەت — سىز ياخشىلاش ياكى يېتىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشقان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ ئارقىلىق، يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايسىز. مەسىلەن، سىز مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش ياكى ئىبادىتىڭىزدە، يەنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش، شەخسىي تەتقىق ئۆتكۈزۈش ياكى ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش دېگەندەك ئىش-پائالىيەتلەردە تېخىمۇ ياخشىراق قىلىش ئۈچۈن مەقسەت قويۇشىڭىز مۇمكىن.
d كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى»، 2008-يىل، 15-ئىيۇل سانىدىكى (باشقا تىل) «قول يەتكۈزۈشكە بولىدىغان مەقسەتلەرنى قويۇپ، خۇشاللىقنى ساقلاڭ» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.