مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

23-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى» ئۆچمىسۇ‌ن!‏ ئۆچۈرمە‌ڭ

‏«ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى» ئۆچمىسۇ‌ن!‏ ئۆچۈرمە‌ڭ

‏«[سۆيگۈ] يالقۇ‌نى لاۋۇ‌لداپ كۆيۈۋاتقان ئوت،‏ ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى»‏‏.‏—‏شېئىر.‏ ش 8:‏6‏.‏

36-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن»‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق تە‌سۋىرلە‌يدۇ؟‏

 مۇ‌ھە‌ببە‌ت «يالقۇ‌نى لاۋۇ‌لداپ كۆيۈۋاتقان ئوت.‏ ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى.‏ ھە‌يۋە‌تلىك ئاققان سۇ‌لار ئۆچۈرە‌لمە‌س مۇ‌ھە‌ببە‌تنى،‏ دە‌ريالارمۇ يوق قىلالماس ئۇ‌نى»‏ b (‏شېئىر.‏ ش 8:‏6،‏ 7‏)‏.‏ بۇ،‏ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل تە‌سۋىرى،‏-‏ھە!‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر ئە‌ر-‏ئاياللارنى خاتىرجە‌م قىلىدىغان ھە‌قىقە‌تنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:‏ بىر-‏بىرىڭلارغا ئۆچمە‌س سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يسىلە‌ر.‏

2.‏ ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ سوۋۇ‌پ قالماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

2 بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال ھاياتلا بولىدىكە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە بولغان سۆيگۈسىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ گۈلخاننىڭ ئۆچۈپ قالماي داۋاملىق كۆيۈشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئوتۇ‌ن سېلىشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بىرى ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسە،‏ ئوت ئاستا-‏ئاستا ئۆچۈپ قالىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئوتتۇ‌رىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتىمۇ كۈچلۈك ساقلىنىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار سۆيگۈ رىشتىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشى كېرە‌ك.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ بىر جۈپلە‌ر ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ سوۋۇ‌پ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا،‏ ئۇ‌لار دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق،‏ تە‌ن ساغلاملىق مە‌سىلىسى ياكى بالىلارنى چوڭ قىلىش غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر توي قىلغان بولسىڭىز،‏ نىكاھىڭىزدا «ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى» ئۆچمە‌سلىكى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ نىكاھ رىشتىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشنىڭ ئۈچ يولىنى كۆرۈپ چىقىمىز c‏.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭلارنى كۈچە‌يتىڭلار

يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌مگە ئوخشاش،‏ نىكاھلىق ئە‌ر-‏ئايال يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولغان ئە‌ر-‏ئاياللار ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ قالمايدۇ؟‏ (‏ۋە‌ز 4:‏12‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

3 «ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى»نى داۋاملىق ئۆچۈرمە‌ي ساقلاش ئۈچۈن ئە‌ر-‏ئايال ھە‌ر ئىككىسى يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچلۈك ساقلاشقا تىرىشىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھ رىشتىسىنى ساقلاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە‌ر-‏ئايال ئاسماندىكى ياراتقۇ‌چىسى بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى قە‌دىرلىسە،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا تە‌ييار بولىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ سوۋۇ‌پ كېتىشىگە سە‌ۋە‌ب بولىدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىغا ۋە ئۇ‌لارنى يېڭىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏ۋە‌ز 4:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورناتقان كىشىلە‌ر ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،‏ مېھرىبان،‏ سە‌ۋرچان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32–‏5:‏1‏)‏.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى نامايان قىلغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ توي قىلغىنىغا 25 يىلدىن ئاشقان لېنا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان كىشىنى سۆيۈش ۋە ھۆرمە‌تلە‌ش ئاسان».‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منى مە‌سىھنىڭ ئاتا-‏ئانىسى بولۇ‌شقا تاللىغان؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌سىھنىڭ كە‌لگۈسىدىكى ئاتا-‏ئانىسىنى تاللىغاندا،‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌تنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئە‌ۋلادلىرى ئارىسىدىن يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منى تاللىغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ھە‌ر ئىككىسى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏ يە‌ھۋا،‏ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھىدا ياراتقۇ‌چىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ توي قىلغان ئە‌ر-‏ئاياللار يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىلە‌ر؟‏

5.‏ ئە‌رلە‌ر يۈسۈپنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

5 يۈسۈپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا تە‌ييار بولغان ۋە بۇ ئۇ‌نى ياخشىراق ئە‌رگە ئايلاندۇ‌رغان.‏ كە‌م دېگە‌ندە ئۈچ قېتىم،‏ ئۇ خۇ‌دادىن ئائىلىسىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ھە‌ر قېتىم چوڭ ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ دە‌رھال شۇ كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نغان (‏مە‌تتا 1:‏20،‏ 24؛‏ 2:‏13–‏15،‏ 19–‏21‏)‏.‏ يۈسۈپنىڭ ئاشۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى،‏ مە‌ريە‌منىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھۆرمىتىنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌رلە‌ر،‏ سىلە‌ر ئۆز ئائىلە‌ڭلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىش ئارقىلىق يۈسۈپنى ئۈلگە قىلالايسىلە‌ر d‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغىنىڭلاردا،‏ بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا توغرا كە‌لسىمۇ،‏ ئايالىڭلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى نامايان قىلىپ،‏ نىكاھ رىشتىڭلارنى كۈچە‌يتىڭلار.‏ ۋاناۋاتۇ ياشايدىغان،‏ توي قىلغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېرىم،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسىنى ئىزدىگە‌ندە ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي قوللانغاندا،‏ مە‌ن ئۇ‌نى تېخىمۇ ھۆرمە‌تلە‌يمە‌ن.‏ ئۆزۈمنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىمە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ قارارلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمە‌ن».‏

6.‏ ئاياللار مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

6 مە‌ريە‌م ھە‌م يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورناتقان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى يولدىشىغا باغلىنىپ قالمىغان.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلگە‌ن.‏ يە‌نە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان (‏لۇ‌قا 2:‏19،‏ 51‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ مە‌ريە‌منىڭ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى ئۇ‌نى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىك ئايالغا ئايلاندۇ‌رغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگە‌ن ئاياللار مە‌ريە‌مگە ئوخشاش بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېمىكو ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان ۋاقتىمدا،‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئادىتىم بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ توي قىلغاندىن كېيىن،‏ يولدىشىم باش بولۇ‌پ،‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئىبادە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلغاچ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىم ئۇ‌نىڭغا باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ مە‌ن يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمنى كۈچلۈك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈم يۈكىنى ئۆزۈم كۆتۈرۈش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يە‌تتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌خسە‌ن ئۆزۈم خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌ش ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقاردىم» (‏گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ ئاياللار،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى داۋاملىق كۈچە‌يتسە‌ڭلار،‏ ئېرىڭلارنىڭ سىلە‌رنى ماختىشى ۋە سۆيۈشىگە تېخىمۇ كۆپ سە‌ۋە‌بلە‌ر بولىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏30‏.‏

7.‏ ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ مە‌ريە‌م ۋە يۈسۈپنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

7 يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچلۈك ساقلاش ئۈچۈن،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئائىلە ئە‌زالىرى بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏لۇ‌قا 2:‏22–‏24،‏ 41؛‏ 4:‏16‏)‏.‏ بۇ‌نداق قىلىش قىيىنغا توختىتىشى مۇ‌مكىن،‏ بولۇ‌پمۇ ئائىلە ئە‌زالىرى كۆپە‌يگە‌ندە تېخىمۇ شۇ‌نداق.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار داۋاملىق بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىكى ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان!‏ ئە‌گە‌ر يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌مگە ئوخشاش،‏ سىلە‌رنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا،‏ بە‌لكىم يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ياكى ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شڭلار ئاسان ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا ئە‌ر-‏ئايال بىرلىكتە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ياكى دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش تېخىمۇ قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ بىرلىكتە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغىنىڭلاردا،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئۆزئارا بىر-‏بىرىڭلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىبادە‌تنى ھاياتىڭلاردا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار.‏

8.‏ نىكاھدا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئە‌ر-‏ئايال ئائىلىۋى ئىبادە‌تنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

8 ئە‌گە‌ر نىكاھىڭلاردا قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولسا،‏ نېمە قىلالايسىلە‌ر؟‏ قارىماققا،‏ بىرلىكتە ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزۈش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولساڭلار،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ياقتۇ‌رىدىغان ماۋزۇ‌دا،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە قىسقا مۇ‌ھاكىمە ئېلىپ بېرىڭلار.‏ مۇ‌شۇ قە‌دە‌م ئاراڭلاردىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى ۋە بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭلارنى كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ.‏

بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭلار

9.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌ر-‏ئايال بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى كېرە‌ك؟‏

9 ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ سىلە‌ر بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاراڭلاردىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي ساقلىيالايسىلە‌ر.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقان ۋە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌شۇ‌ڭلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىلە‌ر (‏يارىت.‏ 2:‏24‏)‏.‏ 15 يىل بۇ‌رۇ‌ن توي قىلغان لىلىيا ۋە رۇ‌سلان،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌پ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي نېمىنى بايقىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ لىلىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئۆزىمىز ئويلىغاندە‌ك كۆپرە‌ك ۋاقىت بىرگە بولالمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يە‌تتۇ‌ق.‏ كۈنلىرىمىز پۇ‌ل تېپىش،‏ ئائىلىدىكى ئىشلار ۋە كېيىنرە‌ك بالىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌پ كە‌تتى.‏ ئە‌ر-‏ئايال بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارمىساق،‏ بىر-‏بىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بايقىدۇ‌ق».‏

10.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پرىنسىپنى،‏ ئە‌ر-‏ئاياللار قانداق قوللىنالايدۇ؟‏

10 قانداق قىلغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزە‌لە‌يدۇ؟‏ بىر-‏بىرىڭلارغا ھە‌مراھ بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭلار ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نىگېرىيىدە ياشايدىغان ئۇ‌زوندۇ ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىلماقچى بولغان ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمنى پىلانلىغاندا،‏ ئايالىمغا ھە‌مراھ بولىدىغان ۋاقىتنىمۇ پىلانىمغا يېزىپ قويىمە‌ن.‏ بۇ ۋاقىتنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويدۇ‌م» (‏فىلىپى.‏ 1:‏10‏)‏.‏ مولدوۋادا جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىدىغان ئاقساقالنىڭ ئايالى ئاناستاسىيا ۋاقتىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېرىم ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئالدىراش بولغاندا،‏ مە‌ن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا تىرىشتىم.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ بىز كېيىن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزە‌لە‌يتتۇ‌ق».‏ ئە‌گە‌ر بىر-‏بىرىڭلارغا ھە‌مراھ بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش ئاسانغا چۈشمىسە،‏ نېمە قىلساڭلار بولىدۇ؟‏

ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ سىلە‌ر قانداق ئىشلارنى بىرلىكتە قىلالايسىلە‌ر؟‏ (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلا بىرلىكتە نېمە ئىشلارنى قىلغان؟‏

11 ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ كۆپلىگە‌ن مە‌سىھنىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ياخشى كۆرگە‌ن بىر جۈپ،‏ ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنە‌لە‌يدۇ (‏رىملىقلار 16:‏3،‏ 4‏)‏.‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ نىكاھى توغرىسىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كۆپلىگە‌ن تە‌پسىلاتلار يېزىلمىغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ بىللە ئىشلىگە‌نلىكى،‏ ۋە‌ز ئېيتقانلىقى ۋە باشقىلارغا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏2،‏ 3،‏ 24–‏26‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌ر قېتىم ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلا تىلغا ئېلىنغاندا،‏ ئۇ‌لار دائىم بىللە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏

12.‏ ئە‌ر-‏ئايال بىرگە كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

12 ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ چوقۇ‌م ئۆز جورىڭىز بىلە‌ن بىرلىكتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بە‌زى ئىشلارنى ئۆز ئالدىڭىزغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىرلىكتە قىلىڭلار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلا بىرلىكتە ۋە‌ز قىلغان.‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزىۋاتامسىلە‌ر؟‏ ئاكىلا بىلە‌ن پرىسكىلا بىرگە ئىشلىگە‌ن.‏ سىز ۋە جورىڭىز ئوخشاش ئىش ئورنىدا ئىشلىمە‌سلىكىڭلار مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئائىلىدىكى ئىشلارنى بىللە قىلالامسىلە‌ر؟‏ (‏ۋە‌ز 4:‏9‏)‏.‏ بىر-‏بىرىڭلارغا ياردە‌م بە‌رسە‌ڭلار،‏ ئۆزۈڭلارنى بىر كوماندىدە‌ك ھېس قىلىپ،‏ ئۆزئارا پاراڭلىشىش ئۈچۈن پۇ‌رسىتىڭلار بولىدۇ.‏ روبېرت بىلە‌ن لىندانىڭ توي قىلغىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان.‏ روبېرت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «راستىنى ئېيتقاندا،‏ بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايمىز.‏ بىراق،‏ مە‌ن قاچا-‏قومۇ‌چلارنى يۇ‌يغاندا،‏ ئايالىم ئۇ‌لارنى سۈرتۈپ قۇ‌رۇ‌تىدۇ.‏ سىرتتا ئوت-‏چۆپلە‌رنى يۇ‌لغاندا،‏ ئۇ مە‌ن بىلە‌ن بىرگە ئىشلە‌يدۇ.‏ شۇ چاغلاردا،‏ ئۆزۈمنى ئىنتايىن خۇ‌شال ھېس قىلىمە‌ن.‏ بىرلىكتە ئىشلە‌ش بىزنى بىر-‏بىرىمىزگە يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى داۋاملىق كۈچىيىدۇ».‏

13.‏ ھە‌قىقىي ئىناق-‏ئىجىل ئۆتۈش ئۈچۈن ئە‌ر-‏ئايال چوقۇ‌م نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

13 بىراق ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ پە‌قە‌ت بىللە ياشاش ھە‌رگىزمۇ دائىم بىر-‏بىرىڭلارغا يېقىنلىشالايسىلە‌ر دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ برازىلىيىدە ياشايدىغان بىر ئايال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌منىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار بار.‏پە‌قە‌ت بىر ئۆيدە ياشىغىنىمىز ئۈچۈنلا،‏ بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز دە‌پ ئويلاشنىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمىزنى بايقىدىم.‏ بىرگە بولۇ‌شتىنمۇ كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ مە‌نمۇ ئۆز ئېرىمگە كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈشۈم كېرە‌ك».‏ برونو بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئايالى تايىز بىر-‏بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ برونو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز بىرگە بوش ۋاقتىمىزنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ تېلېفونلىرىمىزنى بىر چە‌تكە تاشلاپ قويۇ‌پ،‏ بىرگە بولغان شۇ پە‌يتلە‌ردىن خۇ‌شاللىق تاپىمىز».‏

14.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر-‏ئايال بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن خۇ‌شاللىق تاپالمىسا،‏ نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

14 بىراق،‏ سىلە‌ر بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىقىڭلار مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ قىزىقىشىڭلار ئوخشىمايدۇ ياكى بىر-‏بىرىڭلارنى تېرىكتۈرۈپ قويۇ‌سىلە‌ر.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ نېمە قىلساڭلار بولىدۇ؟‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن گۈلخان ھە‌ققىدىكى مىسالنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.‏ گۈلخان دە‌رھال لاۋۇ‌لداپ كۆيۈشكە باشلىمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا ئاستا-‏ئاستا،‏ چوڭراق ئوتۇ‌ن پارچىلىرىنى سېلىش ئارقىلىق ئوتنى ئۇ‌لغايتىش كېرە‌ك.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ر كۈنى بىرنە‌چچە مىنۇ‌ت بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىپ بېقىڭلار.‏ ئاراڭلاردا كېلىشمە‌سلىك پە‌يدا قىلدىغان ئىشنى ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ياقتۇ‌رىدىغان ئىشنى قىلىڭلار (‏ياقۇ‌پ 3:‏18‏)‏.‏ كىچىك ئىشتىن باشلاش ئارقىلىق بىر-‏بىرىڭلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى قايتىدىن ئۇ‌لغايتالىشىڭلار مۇ‌مكىن.‏

بىر-‏بىرىڭلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭلار

15.‏ ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي ساقلاشنى خالىسا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزئارا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇ‌ھىم؟‏

15 نىكاھتا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ ھۆرمە‌ت خۇ‌ددى ئوكسىگېنغا ئوخشاش،‏ گۈلخاننىڭ لاۋۇ‌لداپ يېنىپ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئوكسىگېن بولمىسا،‏ ئوت تېزلا ئۆچۈپ قالىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدا ھۆرمە‌ت بولمىسا،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تمۇ تېزلا سوۋۇ‌پ كېتىدۇ.‏ يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ بىر-‏بىرىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە تىرىشىدىغان ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي ساقلاش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ بە‌لكىم سىز ئۆزىڭىز ھە‌مراھىمغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تتىم دە‌پ ئويلايسىز،‏ مۇ‌ھىم بۇ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھە‌مراھىڭىزنىڭ ھۆرمە‌تنى ھېس قىلىش ياكى قىلماسلىقى.‏ پېنى بىلە‌ن ئارېتنىڭ توي قىلغىنىغا 25 يىلدىن ئاشقان.‏ پېنى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزئارا ھۆرمە‌ت قىلىش ئۆيىمىزدە ئىللىق مۇ‌ھىتنى يارىتىدۇ.‏ بىز ئۆز ئوي-‏پىكرىمىزنى بىر-‏بىرىمىزگە ئە‌ركىن-‏ئازادە ئېيتالايمىز.‏ چۈنكى،‏ بىر-‏بىرىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌مرايىڭىز ئۇ‌نى ھە‌قىقىي ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ ئىبراھىم ۋە سارە‌نىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئايالىنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلاش ئارقىلىق،‏ ئە‌ر ئۆز ئايالىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ ئە‌رلە‌ر ئىبراھىمنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 ئىبراھىم سارە‌گە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئۇ سارە‌نىڭ پىكىرىنى ئويلىشىپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏ بىر قېتىم،‏ سارە‌نىڭ كۆڭلى ئاغرىپ،‏ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىبراھىمغا ئېيتقان.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ ئىبراھىمنى ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا ئىبراھىم ئاچچىقلىنىپ،‏ جاۋاب قايتۇ‌رغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ سارە‌نىڭ ئىتائە‌تچان ۋە ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ ئىبراھىم سارە‌نىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،‏ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلماقچى بولغان (‏يارىت.‏ 16:‏5،‏ 6‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌رلە‌ر،‏ ئائىلىدە سىلە‌رنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇ‌قىڭلار بار (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ چىقارغان قارار ئايالىڭىزغا تە‌سىر قىلسا،‏ قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكرىنى ئويلاپ كۆرۈش ئە‌ڭ ئاقىلانە ئىش قىلغانلىق بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4،‏ 5‏)‏.‏ باشقا ۋاقىتلاردا،‏ ئايالىڭىز بېسىم ھېس قىلىشى ياكى ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىپادىلىشى زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌مسىز؟‏ ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ ئانجېلا بىلە‌ن دىمىترىينىڭ توي قىلغىنىغا 30 يىل بولغان.‏ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ھېس قىلغان ئانجېلا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خاپا بولغاندا ياكى سۆزلە‌شمە‌كچى بولغاندا،‏ دىمىترىي سۆزلىرىمنى ئاڭلاشقا ھە‌ر ۋاقىت تە‌ييار تۇ‌رىدۇ.‏ گە‌رچە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىم ئىنتايىن نازۇ‌ك بولسىمۇ،‏ ئۇ ماڭا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ».‏

17.‏ ئاياللار سارە‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

17 سارە ئىبراھىمنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق ئۆز ھۆرمىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىت.‏ 12:‏5‏)‏.‏ بىر قېتىم كۈتمىگە‌ن مېھمانلار كە‌لگە‌ندە،‏ ئىبراھىم مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ سارە‌دىن قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ،‏ دە‌رھال كۆپ نان يېقىشنى تە‌لە‌پ قىلغان (‏يارىت.‏ 18:‏6‏)‏.‏ سارە دە‌رھال ئىبراھىمنىڭ قارارىنى قوللىغان.‏ ئاياللار،‏ ئېرىڭىزنىڭ قارارلىرىنى قوللاش ئارقىلىق سارە‌نى ئۈلگە قىلالايسىز.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ نىكاھىڭلارنى كۈچە‌يتىسىز ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏5،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئالغان دىمىترىي،‏ ئايالنىڭ ھۆرمىتىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌تتا كۆز قارىشىمىز پە‌رقلىق بولغان ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ قارارىمنى قوللاش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىغا مىننە‌تدارمە‌ن.‏ قارارىمنىڭ نە‌تىجىسى ياخشى بولمىغان ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۇ مېنى ئە‌يىبلىمە‌يدۇ».‏ سىزنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ئادە‌منى سۆيۈش ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك ئاسان!‏

18.‏ ئە‌ر-‏خۇ‌تۇ‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي ساقلاشقا تىرىشسا،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

18 شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندە توي قىلغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ئە‌ر-‏خۇ‌تۇ‌ن ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت يوقالسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ!‏ شۇ‌ڭا،‏ نىكاھىڭلاردىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ خۇ‌ددى سۇ‌لايمان شېئىرلارنىڭ شېئىردا تە‌سۋىرلىگە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئوخشاش بولسۇ‌ن.‏ ھاياتىڭلاردا يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش ئۈچۈن قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭلار.‏ بىر-‏بىرىڭلار ھە‌مراھ بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭلار،‏ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە ئېھتىياجىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ نىكاھىڭلار ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كېلىدۇ ۋە ئاراڭلاردىكى مۇ‌ھە‌ببە‌ت خۇ‌ددى يالقۇ‌نلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا مە‌ڭگۈ ئۆچمە‌ي كۆيۈپ تۇ‌رىدۇ.‏

50-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈلگىسى

a يە‌ھۋا ئىنسانلارغا نىكاھ سوۋغىسىنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئۆزگىچە مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايدۇ.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر توي قىلغان بولسىڭىز،‏ بۇ ماقالە مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي،‏ داۋاملىق بە‌خت-‏سائادە‌تلىك نىكاھتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ئۈزلۈكسىز ۋە ئۆزگە‌رمە‌س ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ياھنىڭ يالقۇ‌نلۇ‌ق ئوتى» دە‌پ ئاتىلىدۇ،‏ چۈنكى يە‌ھۋا شۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سىدۇ‌ر.‏

c ئە‌گە‌ر جۈپتىڭىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان تە‌غدىردىمۇ،‏ مۇ‌شۇ مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سالسىڭىز،‏ ئاراڭلاردىكى نىكاھ رىشتىسىنى كۈچە‌يتىشىڭلار ئۈچۈن ياردىمى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

d مە‌سىلە‌ن،‏ «‏®JW Library» كۈتۈپخانىسىدا ۋە jw.org تور بېكىتىدە«‏ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م‏» ناملىق بىر قاتار ماقالىلە‌ردىكى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏