21-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدۇ
«تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ھەم بىلىمىز، چۈنكى بىز ئۇنىڭدىن تىلىدۇق».—1-يۇھاننا 5:15.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. دۇئا ھەققىدە، بەلكىم بىز نېمىلەرنى ئويلايمىز؟
يەھۋا دۇئالىرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرمىغاندەك ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنداق ھېس قىلغان يالغۇز سىزلا ئەمەس. نۇرغۇنلىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندە، غەم-تەشۋىش قىلغان. ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان بولساق، بىز ئۈچۈنمۇ يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈش قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
2 يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ باقايلى (1-يۇھاننا 5:15). بىز يەنە تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز: نېمە ئۈچۈن بەزىدە يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ؟ يەھۋا بۈگۈن قايسى يوللار بىلەن دۇئالارغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ؟
يەھۋا بىز كۈتكەن ئۇسۇلدا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن
3. نېمە ئۈچۈن يەھۋا دۇئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
3 مۇقەددەس يازمىلار شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قەدىر-قىممەتلىك (ھاگاي 2:7؛ 1-يۇھاننا 4:10). شۇڭلاشقا، ئۇ بىزنى دائىم دۇئا ئارقىلىق ياردەم سوراشقا تەكلىپ قىلىدۇ (1-پېتر. 5:6، 7). ئۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق بەرداشلىق بېرەلىشىمىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
4. يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 مۇقەددەس كىتابتىن، يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى دائىم ئوقۇيمىز. بىر مىسالنى ئەسلىيەلەمسىز؟ پادىشاھ داۋۇت ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن خەتەرلىك دۈشمەنلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، دائىم دۇئادا يەھۋادىن ياردەم تىلىگەن. بىر قېتىم، ئۇ مۇنداق يالۋۇرغان: «دۇئايىمنى ئاڭلا، ئەي يەھۋا؛ قۇلاق سال، ياردەم سوراپ قىلغان ئىلتىجايىمغا، ساداقىتىڭ ۋە ئادالىتىڭ بىلەن جاۋاب بەر ماڭا» (زەبۇر 143:1). داۋۇتنىڭ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىغا يەھۋا جاۋاب قايتۇرغان (1-سام. 19:10، 18–20؛ 2-سام. 5:17–25). شۇڭا، داۋۇت ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېيەلىگەن: «يەھۋا ئۇنى چاقىرىۋاتقانلارنىڭ يېنىدا». بىزمۇ بۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىز.—زەبۇر 145:18.
5. ئۆتمۈشتە يەھۋا دائىم ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا ئۇلار ئۈمىد قىلغاندەك جاۋاب قايتۇرغانمۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
5 يەھۋا بىز كۈتكەن ئۇسۇلدا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئەلچى پاۋلۇسمۇ شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇ تېنىدىكى تىكەننى ئېلىۋېتىشنى خۇدادىن ئۆتۈنگەن. پاۋلۇس بۇ قىيىنچىلىقى ھەققىدە ئۈچ قېتىم ئېنىق دۇئا قىلغان. يەھۋا ئۇنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگەنمۇ؟ ھەئە. بىراق، پاۋلۇسنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك ئەمەس. يەھۋا ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىشنىڭ ئورنىغا، داۋاملىق ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچنى بەرگەن.—2-كورىنت. 12:7–10.
6. بەزىدە، نېمە ئۈچۈن يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرمىگەندەك كۆرىنىدۇ؟
6 بىزمۇ بەزىدە ئۆزىمىز كۈتمىگەن ئۇسۇلدا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب ئېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا نېمىنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ ھەتتا، «بىز تىلىگەن ياكى خىيال قىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادىرەك ئىشلارنى قىلىشقا قادىر» (ئەفەس. 3:20). شۇ سەۋەبتىن، بىز ئويلاپ باقمىغان بىر ۋاقىتتا ياكى بىر يول بىلەن دۇئالىرىمىزغا جاۋاب ئېلىشىمىز مۇمكىن.
7. نېمە ئۈچۈن دۇئانىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ-يەتكىنىمىزدە، نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن. مارتىن پوئېتسىنگېرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان. دەسلەپتە، ئۇ ئۆزىنى جازا لاگېرىدىن ئازاد قىلىشنى يەھۋادىن ئۆتۈنگەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۆز ئايالىغا غەمخورلۇق قىلالايتتى ھەمدە ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالايتتى. بىراق، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەھۋانىڭ بۇ يەردىن ئۆزىنى ئازاد قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇ دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «يەھۋا، ماڭا نېمە ئىش قىلىشنى كۆرسەت». ئاندىن كېيىن، ئۇ لاگېردىكى باشقا قېرىنداشلار باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرى توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلغان. بۇرادەر پوئېتسىنگېر مۇنداق دۇئا قىلغان: «يەھۋا خۇدا، ماڭا يېڭى بىر ۋەزىپە بەرگىنىڭگە كۆپ رەھمەت. قېرىنداشلىرىمنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەر». ئۇ كېيىنكى توققۇز يىل جەريانىدا لاگېردا شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
8. دۇئا قىلغىنىمىزدا، قايسى مۇھىم ئامىلنى چوقۇم ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
8 شۇنى چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، يەھۋانىڭ بىر مەقسىتى بار. يەنى، ئۇ ئۆزى بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەتتە، شۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى، مەسىلەن تەبئىي ئاپەتلەر، ئاغرىقلار ۋە ئۆلۈمنى تەل-تۆكۈس، مەڭگۈگە يوق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا بۇ مەقسىتىنى ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (دانىيال 2:44؛ ۋەھىي. 21:3، 4). بىراق، يەھۋا ئاشۇ ۋاقىت كەلگىچە، شەيتاننىڭ بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويۇۋاتىدۇ b (يۇھاننا 12:31؛ ۋەھىي. 12:9). ئەگەر يەھۋا ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھازىر ھەل قىلغان بولسا، شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك بولاتتى. شۇڭا، يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، بىز چوقۇم بىر مەزگىل ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرگىز ئۇ بىزنى ياردەمسىز تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ قايسى بەزى يوللار بىلەن بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
بۈگۈن يەھۋا قايسى يوللار بىلەن دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
9. قارا چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت بېرىدۇ. يەھۋا ياخشى قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ھاياتىمىزدا مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، بولۇپمۇ يالغۇز ئۆتۈش ياكى توي قىلىش ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇھتاج بولىمىز (ياقۇپ 1:5). مەريەم c ئىسىملىك توي قىلمىغان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ خۇشاللىق بىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، بىر بۇرادەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ئاستا-ئاستا ئارىمىزدىكى دوستلۇق كۈچەيگەنسېرى، بىر-بىرىمىزگە بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ھەم كۈچەيدى. مەن بىر قارار چىقىرىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. قارار چىقىرىش توغرۇلۇق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالارنى قىلدىم. مەن يەھۋانىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇھتاج ئىدىم. بىراق، ئاخىرىدا بۇ قارارنى يەھۋا ئەمەس، ئۆزۈم چىقىرىشىم كېرەكلىكىنى بىلەتتىم». مەريەم ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسەت تىلەپ قىلغان دۇئالىرىغا، يەھۋانىڭ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ تەشكىلاتىمىز نەشىر قىلغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، ئەستايىدىل ئىزدەنگەن ۋە ئۆز سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان ماقالىلەرنى تاپقان. ئۇ يەنە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئانىسىنىڭ دانا مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغان. ئاشۇ مەسلىھەت مەريەمنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ دانا قارار چىقىرالىغان.
10. فىلىپىلىكلەر 4:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا سادىق خىزمەتچىلىرىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 يەھۋا بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ. خۇددى ئەلچى پاۋلۇسنى كۈچلەندۈرگەندەك، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىمىز ئۈچۈن يەھۋا بىزگىمۇ كۈچ بېرىدۇ (فىلىپىلىكلەر 4:13-نى ئوقۇڭ). بىنيامىن ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ قىيىن ۋەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشىگە، يەھۋا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. بىنيامىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئافرىقىدىكى مۇساپىر لاگېرىدا ياشىغان ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋاغا توختىماي دۇئا قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ بېرىشنى سورىدىم. يەھۋا ماڭا كۆڭۈل-خاتىرجەملىكى، داۋاملىق ۋەز قىلىش ئۈچۈن جاسارەت ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ياشىشىم ئۈچۈن كېرەكلىك نەشىر ماتېرىياللارنى بېرىش ئارقىلىق دۇئالىرىمغا جاۋاب قايتۇردى. باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئوقۇش ۋە يەھۋانىڭ ئۇلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىش، ساداقەتمەنلىكىمنى ساقلاشقا قەتئىي بەل باغلىشىمغا ياردەم بەردى».
11، 12. يەھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىشى مۇمكىن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 يەھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىشلىتىدۇ. ئۆز ھاياتىنى پىدا قىلىشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ئەيسا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغان. ئۇ يەھۋادىن، باشقىلارنىڭ ئۇنى كۇپۇرلۇق قىلغۇچى دەپ ئويلىشىدىن ساقلاشنى ئۆتۈنگەن. يەھۋا شۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئەيسانى كۈچلەندۈرگەن (لۇقا 22:42، 43). بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق يەھۋا بىزنى كۈچلەندۈرۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇلار تېلېفون قىلىپ، بىزگە ئىلھام بېرىشى ياكى ئۆيلىرىمىزگە بىزنى يوقلاپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز «ياخشى سۆز» بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللى بېرىشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدىيەلەيمىز.—پەند. نە 12:25.
12 مىرىيام ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرۈپ باقايلى. يولدىشى قازا قىلىپ، بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپلا يۈرگەن ۋە باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا مۇھتاج بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھېچكىمگە تېلېفون قىلغۇدەك كۈچۈممۇ يوق ئىدى. شۇڭا، يەھۋاغا دۇئا قىلدىم. يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتقان چاغدا، تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. بىر ئاقساقال، يەنى قەدىردان دوستىمىز تېلېفون قىلغان ئىدى». مىرىيام شۇ ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن تەسەللىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ بۇرادەرنى تېلېفون قىلىشقا يەھۋا دەۋەت قىلغانلىقىغا ئىشەنگەن.
13. يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەرنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە مىسال كەلتۈرۈڭ.
13 يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىشى مۇمكىن (پەند. نە 21:1). بەزى چاغلاردا، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمايدىغانلارنى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا خۇدا ئارتاھشاشتا پادىشاھقا تەسىر قىلغاچ، پادىشاھ نەھەمىيانىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ يېرۇسالىمغا قايتىپ، شەھەرنى قايتا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان (نەھەم. 2:3–6). بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىز مۇھتاج بولغان پەيتلەردە، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمايدىغانلارنى ئىشلىتىپ، بىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
14. سۇ خىڭنىڭ كەچۈرمىشلىرى سىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 سۇ خىڭ ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئۆزىگە دوختۇرى ئارقىلىق يەھۋانىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان. بىرقانچە تۈرلۈك كېسەللىك تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەقلى ئاجىز ئىدى. كېيىن، ئوغلى ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققاندىن كېيىن، ئۇ ۋە يولدىشى ئوغلىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. سۇ خىڭ ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ دۇئاسىدا يەھۋاغا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ، ياردەم سورىغان. دوختۇر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ۋە ئىجارىسى قىممەت ئەمەس بىر ئۆينى تاپقان. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇ خىڭ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ ھەقىقەتەن ‹دۇئانى ئاڭلىغۇچى›».—زەبۇر 65:2.
يەھۋا قايتۇرغان جاۋابنى بايقاش ۋە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىمان كېرەك
15. بىر قېرىنداشنىڭ ئۆز دۇئالىرىنىڭ ھەر ۋاقىت جاۋابسىز قالمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
15 يەھۋا دۇئالىرىمىزغا ھەر دائىم ئالاھىدە يوللار بىلەن جاۋاب بەرمەيدۇ. ئەمما، بەرگەن جاۋابلىرى دائىم ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، يەھۋانىڭ دۇئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىڭ. يوكو ئىسىملىك قېرىنداش ئۆز دۇئالىرىغا، يەھۋا جاۋاب بەرمىگەندەك ھېس قىلغان. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۋادىن نېمىلەرنى سوراپ دۇئا قىلغانلىقىنى دەپتەرگە يېزىشقا باشلىغان. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يازغانلىرىغا قاراپ، كۆپىنچە دۇئالىرىغا يەھۋانىڭ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى، ھەتتا بەزى جاۋابلارنى ئۆزىنىڭ ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. بەزىدە، بىز توختاپ، يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك.—زەبۇر 66:19، 20.
16. دۇئا بىلەن ئىمان-ئېتىقاد ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟ (ئىبرانىيلار 11:6)
16 بىز پەقەت يەھۋاغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن دۇئالىرىمىزغا قايتۇرغان جاۋابىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىقمۇ، ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىمىز (ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ). مايك ۋە ئۇنىڭ ئايالى كرىسسىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلارنىڭ بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى. مايك مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىرلىكتە ئۇزۇن يىل ئىلتىماس قىلىپ، بۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراپ، قايتا-قايتا دۇئا قىلدۇق. ئەمما، بەيتەلگە تەكلىپ قىلىنمىدۇق». مايك ۋە كرىسسى ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يەھۋانىڭ بىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. ئۇلار كۆپرەك ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج جايلاردا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇلار ھازىر جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مايك يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا دۇئالىرىمىزغا ھەمىشە كۈتمىگەن يوللار ئارقىلىق، ھەتتا ئويلىغانلىرىمىزدىن ياخشىراق ئۇسۇللار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ».
17، 18. زەبۇر 86:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟
17 زەبۇر 86:6، 7-نى ئوقۇڭ. زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت ئۆز دۇئالىرىغا يەھۋانىڭ قۇلاق سالىدىغانلىقىغىلا ئەمەس ۋە ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمۇ ئىشەنگەن. سىزمۇ خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشەنچىگە ئىگە بولالايسىز. بۇ ماقالىدىكى تىلغا ئالغان مىساللار بىزنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ: يەھۋا بىزگە ئەقىل-پاراسەت، كۈچ بېرەلەيدۇ. ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىپ، بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
18 يەھۋا گەرچە دۇئالىرىمىزغا دائىم بىز كۈتكەندەك جاۋاب بەرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چوقۇم جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. نېمىگە ئېھتىياجلىق بولساق، شۇنى دەل كېرەك بولغان ۋاقىت-سائەتتە تەمىنلەپ بېرىدۇ. شۇڭا، يەھۋانىڭ ھازىر سىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە يېڭى دۇنيادا «ھەر بىر جانلىقنىڭ تەشنالىقىنى» قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىڭ.—زەبۇر 145:16.
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
a دۇئالىرىمىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇ ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگىنىمىزدە سادىق قېلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
b «كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، ئىيۇن سانىدىكى «كۆزىڭىزنى ئاساسىي مەسىلىگە تىكىڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ. بۇ يەردە يەھۋا نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d سۈرەتتە: بىر ئانا ۋە قىزى باشقا بىر دۆلەتكە مۇساپىر بولۇپ كەلدى. ئۇ يەردە ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.