مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

47-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

‏«كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇ‌ن.‏ خۇ‌داغا ئىشىنىڭلار».‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏1‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئال سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ؟‏

 سىز كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار،‏ يە‌نى يالغان دىننىڭ يوق قىلىنىشى،‏ گوگ ۋە ماگوگنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى ۋە ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىڭىزدا،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە چۈشە‌مسىز؟‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «شۇ ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ مە‌ن ساداقە‌تمە‌نلىكىمنى ساقلاپ قالالايمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ باققانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولغان بولسىڭىز،‏ بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىدىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇ‌ن.‏ خۇ‌داغا ئىشىنىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏1‏)‏.‏ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بولسا،‏ كە‌لگۈسىدە مە‌يلى قانداق ئىشلار يۈز بە‌رسۇ‌ن،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.‏

2.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 كە‌لگۈسىدە دۇ‌چ كېلىدىغان سىناقلاردا ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ ھازىر ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ ھازىر دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ قايسى جە‌ھە‌تتىن ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ ھە‌ر بىر سىناققا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نسېرى،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاۋۋال،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى قايسى تۆت ۋە‌زىيە‌تتە ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىشى كېرە‌ك بولغان؟‏ كېيىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز ۋە ئۇ‌لار بىزنى كە‌لگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا قانداق تە‌ييارلايدۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ بىراق ئىشە‌نچىمىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏3—‏6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

3.‏ مە‌تتا 6:‏30،‏ 33-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى ئىشە‌نچ ھە‌ققىدە نېمىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 ئادە‌تتە،‏ ئائىلىدە ئە‌ر كىشى ئايالى ۋە بالا-‏چاقلىرى ئۈچۈن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك،‏ تۇ‌رغان جاينى تە‌مىنلە‌پ بېرىشى كېرە‌ك.‏ ھازىرقى قىيىن كۈنلە‌ردە بۇ‌نى قىلىش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قېرىنداشلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،‏ ھە‌رقانچە تىرىشسىمۇ،‏ يېڭى ئىش ئورنى تاپالماي قالىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان ئىش ئورنىنى رە‌ت قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك بارلىق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا تاغدا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ شاگىرتلىرىغا بۇ‌نى ئېنىق ئېچىپ بە‌رگە‌ن ‏(‏مە‌تتا 6:‏30،‏ 33-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نگە‌ندە،‏ پۈتۈن زېھىنىمىزنى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا قارىتالايمىز.‏ يە‌ھۋا ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ،‏ ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

4،‏ 5.‏ بىر ئائىلىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدىكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى يېڭىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

4 ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغان ۋېنېسۇ‌ئىلادىكى بىر ئائىلىگە يە‌ھۋانىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئىلگىرى ئۇ‌لار ئۆز ئېتىزلىقىدا ئىشلە‌پ،‏ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغىدە‌ك يېتە‌رلىك پۇ‌ل تاپاتتى.‏ كېيىن،‏ بىر توپ قوراللىق كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئۆيلىرىنى تارتىۋالغان.‏ ئۇ‌لار يە‌رلىرىنى تاشلاپ،‏ كۆچۈپ كېتىشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئائىلە بېشى مىگېل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ھازىر ئىجارىگە ئالغان بىر كىچىك يە‌رنى تېرىپ،‏ جان باقىمىز.‏ مە‌ن ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ بۇ كۈن ئۈچۈن ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشنى يە‌ھۋادىن ئۆتۈنۈپ دۇ‌ئا قىلىمە‌ن».‏ بۇ ئائىلىنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى قىيىن،‏ بىراق ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى ئاسماندىكى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىسىنىڭ تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە داۋاملىق قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھاياتىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ۋاتىدۇ ۋە خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتىدۇ.‏

5 ئاشۇ ئېغىر كۈنلە‌ردە مىگېل ۋە ئايالى يۇ‌راي پۈتۈن دىققىتىنى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا قاراتقان.‏ يە‌ھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن ۋە مىگېلنىڭ بىر ئىش ئورنىنى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ باشقا ۋاقىتلاردا يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق ئۇ‌لارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ ئائىلىدىكى كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىسىنىڭ كۈچە‌يگە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ چوڭ قىزى يوسېلىن،‏ ئۆزلىرىنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرى ھە‌ققىدە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈش بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئۇ مېنىڭ دوستىم،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ ھە‌ردائىم ماڭا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنىمە‌ن.‏ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن قىيىنچىلىقلار بىزنى كە‌لگۈسىدە بولىدىغان تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا تە‌ييارلىدى».‏

6.‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

6 سىز بە‌لكىم قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانسىز،‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماي ياشاش قىيىن.‏ بىراق شۇ‌نداق قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ مە‌تتا 6:‏25—‏34-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرىنى ئوقۇ‌ڭ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ بۈگۈنكى كۈنلە‌ردە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ۋاتقان قېرىنداشلار ھە‌ققىدە ئويلاپ بېقىڭ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانداق تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى تە‌جرىبە-‏ساۋاقلارنى ئوقۇ‌پ چىقىڭ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىز،‏ سىزنىڭكىگە ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتىكى كىشىلە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولسا،‏ سىزگىمۇ شۇ‌نداق ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكە‌نلىكىڭىزنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌لارنى قانداق تە‌مىنلە‌پ بېرىشنىمۇ بىلىدۇ.‏ ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م قولىنى كۆرگە‌نسېرى،‏ ئىشە‌نچىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ ۋە كېلە‌چە‌كتىكى تېخىمۇ ئېغىر سىناقلاردا ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.‏—‏ھاباق.‏ 3:‏17،‏ 18‏.‏

ئىشە‌نچ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقاد ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى ياكى كۆچمە مە‌نىدىكى ھە‌رقانداق كۈچلۈك بوران-‏چاپقۇ‌نلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏7—‏11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

7.‏ مە‌تتا 8:‏23—‏26-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ كۈچلۈك بوران-‏چاپقۇ‌ن شاگىرتلارنىڭ ئىمانىنى قانداق سىنىغان؟‏

7 ئە‌يسا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌دىن پايدىلىنىپ،‏ شاگىرتلىرىنىڭ ئۆز ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ‏(‏مە‌تتا 8:‏23—‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بوران-‏چاپقۇ‌ن كۈچىيىپ،‏ دولقۇ‌نلار كېمىنى سۇ‌غا توشقۇ‌زغاندا،‏ ئە‌يسا تىنچ-‏خاتىرجە‌م ئۇ‌خلاۋاتاتتى.‏ قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن شاگىرتلار ئۇ‌نى ئويغىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆزلىرىنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شنى سورىغاندا،‏ ئە‌يسا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت بېرىپ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نېمانچە قورقىسىلە‌ر،‏ ئىشە‌نچىڭلار نېمە دېگە‌ن ئاجىز؟‏!‏».‏ قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن شاگىرتلار ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنى يە‌ھۋانىڭ قوغداشقا قادىر ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقاد قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌نغا ياكى شۇ‌نداق بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش كۆرۈنگە‌ن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

8،‏ 9.‏ ئانېلنىڭ ئىشە‌نچى قانداق سىنالدى ۋە ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏

8 پورتېرىكودا ياشايدىغان تېخى توي قىلمىغان ئانېل ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئېغىر سىناققا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچە‌يگە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى قاتتىق يامغۇ‌رلۇ‌ق قارا-‏بورانغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ 2017-‏يىلى مارىيا دە‌پ ئاتالغان ئاشۇ بوران-‏چاپقۇ‌ن ئۇ‌نىڭ ئۆيىنى ۋە‌يران قىلىپ،‏ كېيىن ئۇ ئىش ئورنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئېغىر بىر سىناق بولغان.‏ ئانېل شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ قىيىن كۈنلە‌ردە،‏ مە‌ن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشقا باشلىدىم.‏ بىراق،‏ دۇ‌ئا ئارقىلىق يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگە‌ندىم ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنىڭ مېنى پالە‌چ ھالە‌تكە چۈشۈرۈپ قويۇ‌شىغا يول بە‌رمىدىم».‏

9 ئانېل يە‌نە ئۆزىنىڭ بۇ سىناققا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ئىتائە‌تچانلىق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تە‌شكىلاتنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌گىشىش كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىنى ساقلاشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ،‏ روھىي ۋە ماددىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغانلىقىنى كۆردۈم.‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا مە‌ن سورىغاندىنمۇ كۆپرە‌ك ماڭا ياردە‌م بە‌ردى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچە‌يدى».‏

10.‏ ھاياتىڭىزدا قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌نغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏

10 ھاياتىڭىزدا قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌نغا دۇ‌چ كېلىۋاتامسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر تە‌بىئىي ئاپە‌ت سە‌ۋە‌بلىك،‏ قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن كە‌چۈرۈۋاتامسىز؟‏ ئېغىر كېسە‌ل بولۇ‌پ،‏ كۆچمە مە‌نىدىكى شۇ بوران-‏چاپقۇ‌ندا روھىڭىز چۈشۈپ،‏ نېمە قىلىشنى بىلمە‌يۋاتامسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زىدە غە‌م-‏قايغۇ‌غا پېتىپ قالىدىغانسىز؟‏ بىراق،‏ غە‌م-‏قايغۇ‌لىرىڭىزنىڭ يە‌ھۋاغا تايىنىشىڭىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشىغا يول بە‌رمە‌ڭ.‏ سە‌مىمىي دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىڭ.‏ ئۆتمۈشتە يە‌ھۋانىڭ سىزگە بە‌رگە‌ن ياردە‌ملىرى ھە‌ققىدە،‏ پات-‏پات چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 77:‏11،‏ 12‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزنى ھازىرمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ ھە‌رگىز تاشلىمايدۇ.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئىتائە‌تچانلىق بىلە‌ن ئە‌گىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە يە‌نە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئانېل تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئىتائە‌تچانلىق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ئىشە‌نگە‌ن كىشىلە‌رگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىڭ.‏ بە‌زىدە يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلىرى بىزگە غە‌لىتە تۇ‌يۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئىتائە‌تچانلىقنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مىسالىدىن ئىتائە‌تچانلىقنىڭ ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ قالالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏چىق.‏ 14:‏1—‏4؛‏ 2-‏تارىخ.‏ 20:‏17‏)‏.‏شۇ‌نداق مىساللار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىش ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌گىشىش ئىستىكىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏)‏.‏ شۇ‌ندىلا،‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌ددى قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش كېلىدىغان چوڭ بالايىئاپە‌تتىن قورقمايسىز.‏—‏پە‌ند نە.‏ 3:‏25.‏

ئىشە‌نچ ئادالە‌تسىزلىككە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

يە‌ھۋاغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىش ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ لۇ‌قا 18:‏1—‏8-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 ئە‌يسا شاگىرتلىرىنىڭ ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چراپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ سىنىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ بىر تە‌مسىل ئېيتىپ شاگىرتلىرىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئادالە‌تسىز قازىدىن ئادالە‌تنى ياقلاشنى تە‌لە‌پ قىلىپ،‏ يالۋۇ‌رغان بىر تۇ‌ل ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ تۇ‌ل ئايال توختىماي يالۋۇ‌رۇ‌پ سورىسا،‏ قازىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئاخىرى قازى ئايالنىڭ يالۋۇ‌رۇ‌شلىرىغا قۇ‌لاق سالغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ بۇ ئادالە‌تسىز قازىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭدىن [خۇ‌دادىن] كېچە-‏كۈندۈز يالۋۇ‌رۇ‌پ تىلە‌ۋاتقان تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئادالە‌تنى ئورناتماسمۇ؟‏» ‏(‏لۇ‌قا 18:‏1—‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌نە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنسان ئوغلى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدىن بۇ‌نداق بىر ئىشە‌نچنى تاپالارمۇ؟‏» بىز ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چراپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ندە،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ،‏ داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق،‏ شۇ تۇ‌ل ئايالدە‌ك كۈچلۈك ئىشە‌نچىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ئۆز ۋاقتىدا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلانمايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۇ‌ئانىڭ كۈچىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا بىز كۈتمىگە‌ن يوللار بىلە‌ن جاۋابقا ئېرىشىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

13.‏ بىر ئائىلە ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ دۇ‌ئا ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

13 كونگو دۆلىتىدە ياشايدىغان ۋېرو ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ۋېرو،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س يولدىشى ۋە 15 ياشلىق قىزى بىر توپ ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ ئۆز يېزىسىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ‌لار قېچىپ كېتىۋاتقاندا،‏ يول ئۈستىدە ئە‌سكە‌رلە‌ر قۇ‌رغان توساققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر ئۇ‌لارنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز دە‌پ قورقۇ‌تقان.‏ ۋېرو يىغلاشقا باشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قىزى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى تە‌كرار-‏تە‌كرار تىلغا ئېلىپ،‏ ئۈنلۈك دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئانىسىنى يىغلاشتىن توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ قىزنىڭ دۇ‌ئاسى ئاخىرلاشقاندا،‏ ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ باشلىقى:‏ «قىزچاق،‏ كىم ساڭا دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تتى؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئۇ:‏ «ئاپام ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بۇ مە‌تتا 6:‏9—‏13-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئۈلگىلىك دۇ‌ئانىڭ بىر قىسمى»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌سكە‌ر باشلىقى شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قىزچاق،‏ ئاتا-‏ئاناڭ بىلە‌ن تىنچ-‏ئامان كە‌ت،‏ خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا سىلە‌رنى قوغدىسۇ‌ن».‏

14.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن ۋە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 شۇ‌نىڭدە‌ك مىساللار بىزگە دۇ‌ئانىڭ كۈچىنى ھە‌رگىزمۇ تۆۋە‌ن چاغلىماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ بىراق،‏ دۇ‌ئالىرىڭىزغا دە‌رھال ياكى ئالاھىدە يول بىلە‌ن جاۋاب ئالالمىسىڭىزچۇ؟‏ خۇ‌ددى ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى تۇ‌ل ئايالدە‌ك،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ.‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقىغا ۋە ئۆز ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى سوراپ،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق يالۋۇ‌رۇ‌ڭ (‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏)‏.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ پات-‏ئارىدا يە‌ھۋا سىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ ئىلگىرىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌پ كېتىسىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن سىناقلارغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن بە‌رداشلىق بە‌رسىڭىز،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ،‏ كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغىمۇ بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يسىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 1:‏6،‏ 7‏.‏

ئىشە‌نچ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ

15.‏ مە‌تتا 17:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

15 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا،‏ ئىشە‌نچ ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن ‏(‏مە‌تتا 17:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شاگىرتلار ئىلگىرى جىنلارنى قوغلاپ چىقىرالىغانىدى.‏ ئە‌مما،‏ بىر ۋە‌زىيە‌تتە ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلالمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە‌يسا چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۈچلۈك ئىشە‌نچكە ئىگە بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا يېتە‌رلىك ئىشە‌نچى بولسا،‏ ھە‌تتا تاغدە‌ك قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا تاقابىل تۇ‌رالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ خۇ‌ددى تاغلاردە‌ك چوڭ كۆرۈنگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ بىراق ئېتىقادىمىزنىڭ ياردىمى بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن بە‌نت بولالايمىز (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ يولدىشى ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ھېيدىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

16 گۋاتېمالادا ياشايدىغان ھېيدى ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ھېيدى يولدىشى ئىدى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا،‏ ئىدى ئۆلتۈرۈلگە‌ن ئىدى.‏ ئاشۇ قايغۇ-‏ئالە‌مگە بە‌رداشلىق بېرىشكە ھېيدىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دۇ‌ئا بارلىق يۈكۈمنى يە‌ھۋاغا تاشلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ندا ئۆزۈمنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلىمە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ئائىلە‌مدىكىلە‌ر ۋە جامائە‌تتىكى دوستلىرىم ئارقىلىق،‏ ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقىنى كۆردۈم.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىمنى يېنىكلىتىپ،‏ ھە‌ر بىر كۈنۈمنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ئۆتكۈزۈشۈمگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌تىسى ئۈچۈن ئارتۇ‌ق غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلمايمە‌ن.‏ شۇ‌نچە كۆپ ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىن مە‌ن كېلە‌چە‌كتە قانداق سىناققا دۇ‌چ كېلىشتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە تە‌شكىلاتنىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ شۇ سىناققا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمنى چۈشە‌ندىم».‏

17.‏ تاغدە‌ك كۆرۈنگە‌ن قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏

17 يېقىن كىشىڭىزنىڭ ئۆلۈمى سىزنى قايغۇ-‏ئە‌لە‌مگە سېلىۋاتامدۇ؟‏ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌ر ھە‌ققىدىكى بايانلارنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق،‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ ئائىلىڭىزدىكى بىرى جامائە‌تتىن چىقىرىلغاچ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتامسىز؟‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌دە‌پلە‌پ-‏تۈزىتىش يولى ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لمە‌ڭ،‏ ئۇ‌نى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ بىر پۇ‌رسىتى دە‌پ بىلىڭ.‏ ئىچ-‏باغرىڭىزنى دۇ‌ئا ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋاغا تۆكۈپ بېرىڭ.‏ ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رماي،‏ قېرىنداشلىرىڭىز بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاڭ (‏پە‌ند نە.‏ 18:‏1‏)‏.‏ سىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.‏ ھە‌تتا شۇ ئىشلار ئىلگىرى يۈز بە‌رگە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 126:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ياخشى ئادە‌تلىرىڭىزنى تاشلىماڭ،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ،‏ ۋە‌ز قىلىڭ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ڭ.‏ دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتە سىزنى ئېرىشتۈرىدىغان مول بە‌رىكە‌تلىرىگە قارىتىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتكىن

18.‏ ئە‌گە‌ر ئىشە‌نچىڭىزنىڭ ئاجىز ئىكە‌نلىكىنى بايقىسىڭىز نېمە قىلالايسىز؟‏

18 ئە‌گە‌ر ئىلگىرى ياكى ھازىر سىناقلاردا ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ ئاجىز ئىكە‌نلىكىنى بايقىسىڭىز،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كە‌تمە‌ڭ.‏ بۇ‌نى ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ بىر پۇ‌رسىتى دە‌پ بىلىڭ.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى:‏ «ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتكە‌يسىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ سىزمۇ شۇ‌لاردە‌ك ئىلتىجا قىلىڭ (‏لۇ‌قا 17:‏5‏)‏.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە تىلغا ئالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىساللىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ خۇ‌ددى مىگېل ۋە يۇ‌رايغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ بولۇ‌پمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ۋېرونىڭ قىزى ۋە ئانېلغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ھېيدىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ ئائىلە ئە‌زالىرى ۋە دوستلار ئارقىلىق كېرە‌كلىك ياردە‌منى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشتە يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە تايانسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌كتە دۇ‌چ كېلىدىغان ھە‌رقانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

19.‏ ئە‌يسا نېمىگە ئىشە‌نگە‌ن ۋە سىز نېمىگە قە‌تئىي ئىشە‌نچ قىلالايسىز؟‏

19 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى قايسى جە‌ھە‌تتە ئاجىز ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن شۇ شاگىرتلىرىنىڭ كېلە‌چە‌كتىكى ھە‌رقانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىدىن گۇ‌مان قىلمىغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏1؛‏ 16:‏33‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە زور بىر توپ خالايىق كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 14‏)‏.‏ ئاشۇ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئارىسىدا بولامسىز؟‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھە‌ر بىر پۇ‌رسە‌تتىن پايدىلىنىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتسىڭىز،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بولالايسىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 10:‏39‏.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

a بىز ھە‌ممىمىز بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى تۆت كۆزۈمىز بىلە‌ن كۈتۈۋاتىمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زى چاغلاردا شۇ ۋاقىت يېتىپ كە‌لگىچە:‏ «ئىمان-‏ئېتىقادىمدا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌پ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمنى ساقلىيالايمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئويلاپ قالىمىز.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏