تەرجىمىھال
ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندىم
مەن ئوتتۇرا دېڭىزدا كېمە بىلەن سەپەر قىلىۋاتاتتىم. دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كونا كېمىنىڭ ئاستى تېشىلىپ، تۆشۈكتىن سۇ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. كېيىن بوران چىقىپ، دولقۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مەن قورقۇپ كەتتىم. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم دۇئا قىلدىم. ئۆز ھاياتىم ۋە قانداقلارچە شۇ كېمىدە بولۇپ قالغانلىقىم ھەققىدە باشتىن باشلاپ ئېيتىپ بېرەي.
مەن 1948-يىلى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان ئىدىم. كېيىنكى يىلى ئائىلىمىزدىكىلەر برازىلىيىنىڭ سان-پاۋلۇس شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. ئاتا-ئانام چىركاۋغا بېرىشنى تاشلىمايتى. بىز ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيتۇق. 1959-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ، ماسساچۇسېتس شتاتىدا ياشىدۇق.
دادام ئائىلىمىزدىكى سەككىز كىشىنى بېقىش ئۈچۈن، تىرىشىپ جاپالىق ئىشلىگەن. ئۇ شەھەرلەرنى ئارىلاپ، ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ مال ساتقۇچى، يول قۇرۇلۇش ئىشچىسى ۋە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ۋاكالىتەن ساتقۇچى دېگەندەك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلىگەندە، ئائىلىمىزدىكىلەر ھەممىمىز شاد-خۇراملىققا چۆمدۇق، چۈنكى بىز نۇرغۇن جايلارغا ساياھەتكە بارالايتۇق.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، دائىم: «چوڭ بولسام، نېمە ئىش قىلسام بولار؟»— دەپ ئويلايتىم. بەزى دوستلىرىم ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىشنى تاللىدى، يەنە بەزىلىرى ئەسكەرلىككە كەتتى. بىراق، مەن ئەسكەرلىككە بېرىشنى خالىمايتتىم، سەۋەبى مەن ئادەتتە باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ، ئۇرۇش-جېدەل قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم. مەن ئەسكەرلىككە بارماسلىق ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرىشنى تاللىدىم. بىراق، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىدى، سەۋەبى مەن شۇنداق قىلسام، ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرەلەيمەن دەپ ئويلايتىم.
ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ھاياتىم
ئۇنىۋېرسىتېتتا، مەن ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق قىلدىم، چۈنكى ھاياتلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم. بىزگە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئۆگەتكەن ئىدى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزنىڭ شۇ نەزىرىيىگە ئىشىنىشىمىزنى خالىغان ئىدى. ئەمما، بەزى چۈشەندۈرۈشلەر مەن ئۈچۈن مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس ۋە قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتى يوق ئىدى.
ئۆگەنگەن دەرسلەردە، بىزگە ياخشى ئەخلاق-ئۆلچەملىرىنى ئۆگەتمىگەن. ئەكسىچە، ئوقۇشىمىزدا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئۆگەتكەن. مەن دوستلىرىم بىلەن تۈرلۈك ئويۇن-تاماشىلارغا قاتنىشىپ، زەھەر چېكىپ، خۇشال ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈم. بىراق، بۇ خۇشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى. مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن شۇنداق سورىدىم: «بۇ مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ يولىمۇ؟»
شۇ چاغلاردا مەن بوستون شەھىرىگە كۆچۈپ كەتتىم ۋە ئۇ يەردىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىردىم. ئوقۇشقا كېرەكلىك پۇلنى توپلاش ئۈچۈن يازلىق تەتىلدە بىر ئىشقا كىردىم. شۇ يەردە بىرىنچى قېتىم يەھۋا گۇۋاھچىسىنى ئۇچراتتىم. شۇ خىزمەتدىشىم ماڭا دانىيال كىتابىنىڭ 4-بابىدىكى «يەتتە دەۋر» ھەققىدىكى بېشارەتنى ئېيتىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بەردى (دانىيال 4:13—17). مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرسام، ئۆگەنگەنلىرىمگە ئىشىنىشىم ۋە ھاياتىمنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. شۇڭا، دائىم شۇ خىزمەتدىشىمدىن قېچىپ يۈردۈم.
ئۇنىۋېرسىتېتتا، مېنى جەنۇبىي ئامېرىكىدا پىدائىي ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تەييارلايدىغان دەرسلەرگە قاتناشتىم. مەن باشقىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى قىلسام، ھاياتىم مەنىلىك ئۆتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق، شۇ ئىشنى قىلساممۇ، ھاياتىم مەنىلىك ئۆتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، ئۈمىدسىزلىنىپ، ئوقۇش مەۋسۇمى ئاياقلاشقاندا، ئۇنىۋېرسىتېتنى تاشلاپ كەتتىم.
ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ، باشقا دۆلەتلەرگە باردىم
1970-يىلى دادام ئىشلىگەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىگە كۆچۈپ باردىم. خىزمىتىم سەۋەبلىك، مەن ئافرىقا، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ كۆردۈم. ناھايىتى تېزلا شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مەن قايسىلا دۆلەتكە بارماي، ئۇ يەردە كىشىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ھېچكىم ئۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمىغان ئىدى. مەن يەنىلا ھاياتىمدا مۇھىم ئىشنى تاماملاشنى خالىغاچ، ئامېرىكىغا قايتىپ بېرىپ، بوستوندىكى ئىلگىرى ئوقۇغان ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتا ئوقۇشقا كىرىشنى قارار قىلدىم.
ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ھايات ھەققىدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشىمغا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي پروفېسسورۇمدىن مەسلىھەت سورىدىم. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى مېنى ھەيران قالدۇردى: «نېمە ئۈچۈن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىسەن؟ بولدى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇماي كەت!». ئۇ پروفېسسورنىڭ بۇ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. شۇڭا، مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى تاشلاپ كەتتىم. ئىككىنچى قايتا بارمىدىم.
مەن ھاياتىمنىڭ يەنىلا مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، جەمئىيەتتىكى قائىدە-تۈزۈملەرنى رەت قىلىپ، قارىماققا تىنچلىقنى ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە قوشۇلدۇم. بەزى دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى توختىتىپ، شۇلارغا چىقىۋېلىپ، ئامېرىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ تاكى مېكسىكىنىڭ ئاكاپۇلكو شەھىرىگىچە باردۇق. بىز ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش قائىدە-تۈزۈملىرىگە قارشى تۇرۇپ، قارىماققا قىيىنچىلىقلىرى ۋە غەم-ئەندىشىلىرى يوقتەك ھايات كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىللە ياشىدۇق. بىراق، شۇلار بىلەن بىللە ياشىغاندا، ئۇزۇن
ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش يولى مەنىسىز ۋە خۇشاللىقىنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ سەمىمىيەتسىز ۋە ۋاپاسىز ئادەملەر ئىكەنلىكىنىمۇ كۆردۈم.داۋاملىق ئىزدىنىش ئۈچۈن يەلكەنلىك كېمىدە سەپەر قىلدىم
شۇ چاغدا بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدىم. مەن ماتروس ئەمەس، بەلكى كاپىتان سۈپىتىدە دېڭىزدا سەپەر قىلىشنى خالىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن يەلكەنلىك كېمە سېتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. توم ئىسىملىك بىر دوستىمنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇ-ئارمىنى بولغاچ، بىز بىرلىكتە دۇنيانى كېزىشنى قارار قىلدۇق. مەن جەمئىيەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىدىن ئەركىن بولغان تروپىك بەلباغدىكى گۈزەل بىر ئارالنى تېپىشنى خالىغان ئىدىم.
توم ئىككىمىز ئىسپانىيىنىڭ بارسېلوناغا يېقىن ئارېنس-دې-مار دېگەن يېرىگە باردۇق. ئۇ يەردە، بىز 9 مېتىر 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «لىگرا» ناملىق يەلكەنلىك كېمىنى سېتىۋالدۇق. ئوكيانلاردا بىخەتەر سەپەر قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ كىچىك كېمىنى قايتا ياساپ چىقتۇق. بىز بارىدىغان يەرلىرىمىزگە ئالدىرىمىغاچ، كېمىنىڭ ماتورىنى چىقىرىپ تاشلاپ، شۇ بوش يەرنى ئىچىملىك سۇ ساقلايدىغان جاي سۈپىتىدە ئىشلەتتۇق. كېمىنىڭ كىچىك پورتلارغا ئاسانراق كىرىپ-چىقىشى ئۈچۈن، ئىككى دانە 5 مېتىرلىق پالاق تەييارلىدۇق. كېيىن، بىز ئاخىرى ھىندى ئوكياندىكى سېيشېل ئاراللىرىغا سەپەرگە چىقتۇق. پىلانىمىز بولسا، ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئىدى. سەپىرىمىزدە توغرا يۆنىلىشتە مېڭىش ئۈچۈن، بەزى خەرىتە، كىتابلار ۋە يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان ئاددىي ئەسۋابلارنى ئىشلەتتۇق ۋە يۇلتۇزلارغا قارىدۇق. بىز يۆنىلىشنى ئىنتايىن توغرا بەلگىلىيەلىگەن ئىدۇق، بۇنىڭغا بەكمۇ ھەيران قالدىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي، بىز بۇ كونا ياغاچ كېمىنىڭ ئوكيانلاردا سەپەر قىلىشىمىزغا چىدىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. كېمىگە ھەر سائەتتە 22 لىتىر سۇ كىرىپ كېتەتتى! كىرىش قىسمىدا تىلغا ئالغاندەك، بوران-چاپقۇندا مەن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ۋە شۇنچە يىللار ئۆتۈپ تۇنجى قېتىم دۇئا قىلغان ئىدىم. خۇداغا ۋەدە بېرىپ، ئەگەر بىزنى ئامان قالدۇرسا، ئۇ ھەققىدە ئۆگىنىشنى ۋەدە قىلدىم. شۇ بوران-چاپقۇن توختىدى، مەنمۇ ۋەدەمدە تۇردۇم.
مەن كېمىدە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى باشلىدىم. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېمىدە ئولتۇرۇپ، ئۇچىۋاتقان تۈرلۈك بېلىقلار، دېلفىنلار ۋە يىراقتىكى ئۇپۇق سىزىقىغا قاراش ھەقىقەت كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. كېچە ئاسمىنىدىكى سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارغا قاراپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندىم.
بىر قانچە ھەپتە دېڭىزدا يۈرگەندىن كېيىن، قايتا ئىسپانىيىنىڭ پورت شەھىرى ئالاكانتاغا قايتىپ كەلدۇق. ياخشىراقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، كېمىمىزنى ساتماقچى بولدۇق. بۇنداق كونا، ماتورى يوق، ئاستىدىن سۇ كىرىپ كېتىدىغان تۆشۈكى بار كېمىنى سېتىۋالىدىغانلارنى تېپىش ئاسان ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولدى.
مۇقەددەس كىتابنى كۆپرەك ئوقۇغانسېرى، بۇ كىتابنىڭ شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان كۆرسەتمىلەرگە تولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدىم. مەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە ماس، پاك ھايات كەچۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمىلەرنى بېرىدىغانلىقىدىن بەك تەسىرلەندىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر، ھەتتا مەنمۇ، ئۆزلىرىمىزنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتىساقمۇ، بىراق مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىمىزدىن شۇنچە ھەيران بولدۇم.
ھاياتىمنى پاسكىنىچىلىقلاردىن تازىلاش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى بېسىشنى قارار قىلدىم. زەھەر چېكىشنى تاشلىدىم. مەن چوقۇم مۇقەددەس كىتابنىڭ يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرىدىغان ئادەملەر بار دەپ ئويلىدىم ۋە شۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلدىم. شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم دۇئا قىلىپ، خۇدادىن ئۇلارنى تېپىشىمغا ياردەم بېرىشنى سورىدىم.
ھەق دىننى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەندىم
مەن ئۈچۈن ھەر بىر دىننى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تاكى ھەقنى تاپقىچە ئىزدىنىش مەنتىقىگە ئۇيغۇندەك كۆرۈندى. مەن ئالاكانتا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي ئىمارەتلەرنى كۆردۈم. ئەمما كۆپىنچىلىرىدە بۇتلار قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارنىڭ توغرا دىن ئەمەسلىكىگە كۆز يەتكۈزدۈم.
بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن دېڭىزغا قاراپ تۇرغان تاغ باغرىدا، ياقۇپ 2:1—5-ئايەتنى ئوقۇپ قالدىم. ئۇ يەردە، كىشىلەر باي بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش خاتا،— دەپ يېزىلغانىدى. كېمىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق زالى دەپ يېزىلغان، دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىمارەتنى كۆردۈم.
مەن: «شۇلارنى سىناپ باقاي. ئۇلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىدىكىن»،— دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ يىغىلىش زالىغا يالاڭئاياق، ساقاللىرىم ئۆسۈپ كەتكەن ۋە يىرتىق ئىشتان كىيگەن ھالەتتە كىردىم. ياردەمچى مېنى بىر ئورۇنغا ئولتۇرغۇزدى. يېنىمدا ئولتۇرغان چوڭ ياشتىكى بىر ئايال نۇتۇق ئېيتقۇچىنىڭ تىلغا ئالغان ئايەتلىرىنى تېپىشىمغا ياردەم بەردى. يىغىلىشتىن كېيىن قېشىمغا كېلىپ، قىزغىن سالاملاشقانلار مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. بىر كىشى مېنى سۆھبەتلىشىشكە ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. بىراق، مەن تېخى مۇقەددەس كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولمىغان ئىدىم. شۇڭا، مەن: «مەن تەييار بولغاندا سىزگە ئېيتىمەن»،— دېدىم. شۇ چاغدا مەن بارلىق يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا باشلىدىم.
بىرقانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بەردى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ كىشى ماڭا بىر سومكا ناھايىتى ياخشى كىيىم كېچەكلەرنى بەردى. ئۇ ماڭا: «بۇ كىيىم-كېچەكنىڭ ئېگىسى ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەي، ئەكسىچە مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىدە»،— دېدى (يەشايا 2:4؛ يۇھاننا 13:34، 35). مەن ئەمدى ئىلگىرى ئۆزۈم ئىزدەپ يۈرگەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئەخلاق-ئۆلچەم قائىدىلىرىگە ماس ھايات كەچۈرىدىغان ئادەملەرنى تاپقانلىقىمغا ئىشەندىم. ئەمدى مەقسىتىم جەننەت كەبى بىر ئارالنى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ چۈشىنىش بولدى. شۇڭا، مەن گوللاندىيىگە قايتتىم.
جان بېقىش ئۈچۈن بىر ئىش ئورنىنى ئىزدىدىم
مېنىڭ يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى توسۇپ گوللاندىيىنىڭ گرونىنگېن شەھىرىگە يېتىۋېلىشىمغا تۆت كۈن ۋاقىت كەتتى. ئۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن بىر ئىش ئورنى تېپىشقا مۇھتاج بولدۇم. بىر ياغاچچىلىق دۇكىنىدا ئىشقا ئېلىش جەدۋىلىدە، دىنىي ئېتىقادىمنى سورىغان بىر بوش يەر بار ئىدى. مەن: «يەھۋا گۇۋاھچىسى»،— دەپ يازدىم. دۇكاننىڭ خوجايىنى شۇ سۆزلەرنى ئوقۇغاندا، چىرايى ئۆزگەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ ماڭا: «مەن تېلېفون قىلىمەن»،— دېدى. بىراق تېلېفون قىلمىدى.
يەنە بىر ياغاچچىلىق دۇكىنىغا باردىم. خوجايىندىن: «ئىشچى كېرەكمۇ؟»— دەپ سورىدىم. ئۇ مېنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامەم ۋە خىزمەت تەجرىبەم بار-يوقلىقىنى سورىدى. مەن بىر ياغاچ كېمىنى قايتا ياساپ چىققانلىقىمنى چۈشەندۈردىم. ئۇ ماڭا: زەبۇر 37:4). مەن بۇرادەرنىڭ دۇكىنىدا بىر يىل ئىشلىدىم، شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەندىم. 1974-يىلى مەن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.
«بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىشنى باشلىساڭ بولىدۇ. ئەمما، بىر شەرت بار. مېنىڭ دۇكىنىمدا ھەرقانداق بىر ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىڭنى خالىمايمەن. چۈنكى، مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى. مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ياشايمەن»،— دېدى. ئۇنىڭ سۆزى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ: «مەنمۇ»،— دېدىم. مەن چاچ-ساقاللىرىمنى ئۇزۇن قويۇۋالغان ئىدىم. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ مېنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەسلىكىمنى بىلگەن ئىدى. ئۇ ماڭا: «ئۇنداقتا، سەن بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىمەن»،— دېدى. مەن خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. دەسلەپتە بارغان دۇكاندىكى خوجايىن نېمە ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلمىغانلىقىنى ھازىر ئېنىق چۈشەندىم. يەھۋا دۇئالىرىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگەن ئىدى (ئاخىرى ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ يولىنى تاپتىم!
بىر ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى باشلىدىم. بۇ مېنى زور خۇشاللىققا ئېرىشتۈردى. كېيىنكى ئايدا، مەن ئىسپان تىلىدا يېڭىدىن باشلانغان گۇرۇپپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامىستېردامغا كۆچتۈم. مەن ئىسپان ۋە پورتۇگال تىللىرىدا مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتماي قالدى. 1975-يىلى، ماي ئېيىدا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئېرىشتىم.
بىر كۈنى بىزنىڭ ئىسپان تىلىدىكى جامائەت يىغىلىشىمىزغا ئىنەكە ئىسىملىك بىر مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان بىر بولىۋىيىلىك ئايالنى تونۇشتۇرۇشقا كەلدى. ئىنەكە بىلەن مەن بىر-بىرىمىزگە خەت يېزىپ، ئۆزئارا تونۇشۇشنى قارار قىلدۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوخشاش مەقسەتلىرىمىز بارلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. 1976-يىلى توي قىلدۇق ۋە داۋاملىق 1982-يىلغىچە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدۇق ۋە شۇ يىلى گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 73-قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىندۇق. بىر شەرقىي ئافرىقىغا خىزمەتكە تەيىنلەنگىنىمىزدىن بەكمۇ ھەيران قالدۇق ۋە خۇشال بولدۇق. كېنىيىنىڭ مومباسا شەھىرىدە 5 يىل خىزمەت قىلدۇق. 1987-يىلى، بىز تانزانىيىگە ئەۋەتىلدۇق. ئۇ يەردە ۋەز قىلىش چەكلىمىسى ئېلىۋېتىلگەنىدى. تانزانىيىدە 26 يىل تۇرغاندىن كېيىن، بىز كېنىيىگە قايتىپ كەلدۇق.
كەمتەر كىشىلەرگە مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈردۇق. مەسىلەن، مومباسادا ۋەز قىلغاندا، مەن تۇنجى قېتىم بىر كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغانىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئىككى ژۇرنالنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ماڭا: «مەن بۇلارنى تۈگەتسەم، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىمەن؟»— دەپ سورىدى. كېيىنكى ھەپتىسى، مەن ئۇنىڭ بىلەن سۋاھىلى تىلىدا يېڭىلا نەشىردىن چىققان «يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشىيالايسىز» دېگەن كىتابنى ئىشلىتىپ، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقى ئۆتكۈزۈشنى باشلىدىم. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.
مەن تۇنجى قېتىم ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەندە، ئۆزۈمنى خۇددى قىممەت-باھالىق بىر مەرۋايىتنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويمىغان سودىگەرگە ئوخشاش ھېس قىلدىم (مەتتا 13:45، 46). مەن باشقىلارغا ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تېپىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن. قەدىرلىك ئايالىم بىلەن مەن، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق.