45-تەتقىق ماقالىسى
بىر-بىرىڭلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!
«بىر-بىرىڭلارغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار».—زەكەرىيا 7:9.
50-ناخشا خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈلگىسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. بىر-بىرىمىزگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ قانداق مۇھىم سەۋەبلىرى بار؟
بىر-بىرىمىزگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى پەندى-نەسىھەت كىتابىدىن تاپالايمىز: «سادىق سۆيگۈ ۋە ساداقەتمەنلىك سەندىن ئايرىلمىسۇن، . . . خۇدانىڭ ۋە ئىنساننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، دانا كىشى بولۇپ تونۇلىسەن»، «ھەققانىيەت ۋە سادىق مۇھەببەتنى ئىزدىگەنلەر، ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشەر».—پەند نە. 3:3، 4؛ 11:17؛ 21:21.
2 پەندى-نەسىھەت كىتابىدىكى ئايەتلەردىن سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى كۆردۇق. بىرىنچى، سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، يەھۋا خۇدا بىزنى قەدىرلەيدۇ. ئىككىنچى، سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق. مەسىلەن، يېقىن دوستلارنى تاپالايمىز. ئۈچىنچى، سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشساق، مەڭگۈ ھاياتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسىدىكى تۈرلۈك بەرىكەتلەرگە يول ئېچىلىدۇ. دېمەك، سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار. شۇڭا، يەھۋانىڭ مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالايلى: «بىر-بىرىڭلارغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار».— زەكەرىيا 7:9.
3. بۇ ماقالىدە، قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 بىز كىملەرگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ رۇت كىتابىدىن سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۈگۈنكى كۈندە، بۇ پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ بۇ تۆت سوئالغا مۇشۇ ماقالىدە جاۋاب تاپىمىز.
كىملەرگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش كېرەك؟
4. سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە، يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (ماركۇس 10:29، 30)
4 ئالدىنقى ماقالە، يەھۋا پەقەت ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغانلارغىلا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرگەن (دانىيال 9:4). بىز خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئامراق بالىلىرى بولۇشنى خالايمىز (ئەفەس. 5:1). شۇڭا، جامائەتتە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى خالايمىز.—ماركۇس 10:29، 30-نى ئوقۇڭ.
5، 6. ئادەتتە سادىقلىق دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
5 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى ياخشىراق كۆرسىتەلىشىمىز ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، سادىق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھەببەت ئارىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بىر مىسالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى.
6 بىر كىشى ئۇزۇن يىللار ئوخشاش بىر شىركەتكە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى دەيلى. بىراق، ئۇ باشلىقلىرىدىن ھېچبىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ياقتۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بۇ شىركەتنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن شۇ خىزمىتىنىڭ بولغىنىدىن بەك خۇشال. ئەگەر باشقا بىرى ئۇنى ياخشىراق مائاشلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلمىسا، ئۇ شۇ شىركەتتە پېنسىيىگە چىققىچە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
7، 8. (1) بىر كىشىنى سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشكە نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن رۇت كىتابىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
7 ئالتىنچى ئابزاستا تىلغا ئالغان سادىقلىق بىلەن سادىق مېھىر-مۇھەببەت ئارىسىدا پەرق بار. شۇ پەرق كىشىنىڭ نىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. قەدىمقى زاماندا نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن؟ ئاشۇ سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتكەنلەر چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز يۈرىكىدىن خالاپ، شۇنداق قىلغان. داۋۇتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. گەرچە يوناتاننىڭ دادىسى داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق داۋۇت ئۆز دوستى يوناتانغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى چىن يۈرەكتىن كۆرسىتىشنى خالىغان. يوناتان ئۆلۈپ، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ داۋۇت يەنىلا يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.—1-سام. 20:9، 14، 15؛ 2-سام. 4:4؛ 8:15؛ 9:1، 6، 7.
8 بىز رۇت كىتابىنى ئوقۇش ئارقىلىق سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. رۇت كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن شەخسلەردىن سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز. شۇلاردىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى جامائەتتە قانداق ئەمەلىي قوللىنالايمىز؟ b
رۇت كىتابىدىن سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9. نېمە ئۈچۈن نائومى ئۆزىگە يەھۋا قارشى چىقىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان؟
9 رۇت كىتابىدا، بىز نائومى، كېلىنى رۇت ۋە نائومىنىڭ ئېرىنىڭ تۇققىنى، يەنى خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى بوئازنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئوقۇيمىز. ئىسرائىل زېمىنىدا ئاچارچىلىق بولغاچقا، نائومى يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن موئاب زېمىنىغا كۆچۈپ كەتكەن. شۇ يەردە بولغاندا، نائومىنىڭ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن. ئىككى ئوغلى بولسا، توي قىلغان. بىراق، ئېچىنارلىق يېرى، ئۇلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى (رۇت 1:3—5؛ 2:1). شۇ ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن مۇسىبەتلەر نائومىنى بارا-بارا چۈشكۈنلۈككە چۈشەرگەن. بەك ئۈمىدسىزلەنگەچ، ئۇ يەھۋا ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان. ئۇ خۇدا ھەققىدىكى ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان: «يەھۋانىڭ قولى مېنى ئۇردى». ئۇ يەنە شۇنداق دېگەن: «ھەممىگە قادىر بولغۇچى ھاياتىمنى ئاچچىق قىلدى. . . . يەھۋا ماڭا قارشى چىقىپ، ھەممىگە قادىر ئۆزى بېشىمغا ياغدۇردى».—رۇت 1:13، 20، 21.
10. يەھۋا نائومىنىڭ شۇ ئاچچىق سۆزلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
10 يەھۋا نائومىنىڭ شۇ ئاچچىق سۆزلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان خىزمەتچىسىنى تاشلىمىغان. ئەكسىچە، ئۇ نائومىغا ئىچ ئاغرىتقان. يەھۋا شۇنى چۈشىنىدۇ: «جەبىر-زۇلۇم دانىشمەن ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرار» (ۋەز 7:7). بىراق، يەھۋانىڭ نائومىنى تاشلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇ ياردەمگە مۇھتاج بولغان. يەھۋا نائومىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (1-سام. 2:8) ئۇ رۇتنى ئەۋەتىپ، نائومىغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن نائومىنىڭ چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشىغا ۋە يەھۋانىڭ ھازىرمۇ ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن. رۇتنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
11. نېمە ئۈچۈن مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلى يېرىم ياكى روھى چۈشكەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ؟
11 سادىق مېھىر-مۇھەببەت بىزنى كۆڭلى يېرىم بولغان ياكى ئۈمىدسىزلەنگەنلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. نائومىغا يېقىن تۇرۇپ ياردەم بەرگەن رۇتقا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىز جامائەتتە كۆڭلى يېرىم ياكى روھى چۈشكەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ھەرقاچان تەييار. ئۇلار قېرىنداشلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ (پەند نە. 12:25؛ 24:10). ئەلچى پاۋلۇس بىزنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندەپ، مۇنداق دېگەن: «روھى چۈشكۈنلەرگە تەسەللى بېرىڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار».—1-سالونىكا. 5:14.
12. دائىم ئۈمىدسىزلەنگەن قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى قانداق؟
12 دائىم روھى چۈشكەنلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەندۈرۈش. يەھۋانىڭ قىممەت-باھا قويلىرىغا غەمخورلۇق قىلسىڭىز، ئۇ بۇنى بايقىماي قالمايدۇ (زەبۇر 41:1). پەندى-نەسىھەت 19:17-ئايىتىدە، شۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «بىچارىگە شاپائەت كۆرسەتكەن يەھۋاغا قەرز بەرگەن بولار. ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا خۇدا ئۆزى قايتۇرار».
13. رۇت ۋە ئورپا قانداق ئوخشىمايدىغان قارارلارنى چىقارغان؟ رۇت ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
13 نائومىنىڭ ئېرى ۋە ئىككى ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇرراق ئويلانساق، سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىمىز. نائومى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان (رۇت 1:6). ئۇنىڭ كېلىنلىرى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىققان. بىراق، سەپەر ئۈستىدە نائومى ئۇلارنى ئۈچ قېتىم موئابقا قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان. نېمە ئىش بولغانلىقىنى مونۇ ئايەتتىن ئوقۇيالايمىز: «ئورپا قېينانىسىنى سۆيۈپ، خوشلىشىپ كەتتى، لېكىن رۇت ئۇنىڭ يېنىدا قالدى» (رۇت 1:7—14). ئورپا نائومىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن، بىراق رۇت بولسا، نائومىنىڭ يېنىدا قالغان. رۇتمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتسە بولاتتى، بىراق نائومى بىلەن قالغان. ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلىپ، سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن (رۇت 1:16، 17). ئۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئۆزى خالىغانلىقى ئۈچۈن نائومىنىڭ قېشىدا قېلىشنى تاللىغان. رۇت سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتكەن. رۇتنىڭ قىلغانلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14. (1) قېرىنداشلار رۇتنى قانداق ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ؟ (2) ئىبرانىيلار 13:16-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قانداق قۇربانلىقلار خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ؟
14 سادىق مېھىر-مۇھەببەت بىزنى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. خۇددى ئۆتمۈشتىكىدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن، ھەتتا ئۆزى كۆرۈپ باقمىغانلار ئۈچۈنمۇ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار تەبىئىي ئاپەت بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، دەرھال شۇ يەردىكى قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. جامائەتتە بىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا كېرەكلىك ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلار خۇددى بىرىنچى ئەسىردىكى ماكېدونىيەلىكلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلگەندىنمۇ كۆپرەك قۇربانلىقلارنى بېرىشكە تەييار (2-كورىنت. 8:3). يەھۋا قېرىنداشلارنىڭ شۇنداق سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.—ئىبرانىيلار 13:16-نى ئوقۇڭ.
بۈگۈنكى كۈندە بىز سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
15، 16. رۇت ئۆز قارارىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
15 بىز رۇت بىلەن نائومىنىڭ ھېكايىلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىش-ۋەقەلىرىدىن بىر قانچىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
16 بەل قويۇۋەتمەي ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭ. رۇت قېيىنانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، يەھۇدىيىگە بارماقچى بولغاندا، نائومى دەسلەپتە ئۇنى رەت قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىشنى بۇيرىغان. بىراق، رۇتنىڭ قارارى قەتئىي بولغان. مۇقەددەس كىتاب كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «نائومى رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشنى قەتئىي نىيەت قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا بۇ توغرۇلۇق قايتا سۆز قىلمىدى».—رۇت 1:15—18.
17. بىزنىڭ دەرھاللا ۋاز كەچمەسلىكىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
17 نېمىنى ئۆگەندۇق؟ چۈشكۈنلۈككە چۈشكەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش كېرەك. بىراق، ئۇلارغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم. ياردەمگە ئېھتىياجى بار بىر قېرىنداش دەسلەپتە ياردىمىمىزنى رەت قىلىشى مۇمكىن. بىراق، سادىق مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ۋاز كەچمەي، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ (گالاتىيا. 6:2). بىز شۇ قېرىنداشنىڭ ئاخىرىدا ياردەم قولىمىزنى رەت قىلماي، ئۇنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرەلىشىگە ياردەم بېرىشىمىزگە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
18. نېمە رۇتنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولۇشى مۇمكىن؟
18 كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. نائومى رۇت بىلەن بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئىلگىرىكى قوشنىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئۇلارغا شۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردىن كەتكەندە، ھەممە نەرسەم تەل-تۆكۈس ئىدى، بىراق يەھۋا مېنى قۇرۇق قول قايتۇرۇپ كەلدى» (رۇت 1:21). نائومىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، رۇتنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. رۇت نائومىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان. مەسىلەن، رۇت نائومى بىلەن بىللە يىغلىغان، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن، نەچچە كۈن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلغان. شۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي، نائومى: «پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى»،— دېگەن. نائومى ھەتتا يېنىدا تۇرغان رۇتنىڭ قىلغان شۇنچە ياردىمىنى قەدىرلىمىگەندەك سۆزلەرنى قىلغانىدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان رۇتنىڭ كۆڭلى چوقۇم يېرىم بولغان. بىراق، ئۇ نائومىغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمىگەن.
19. روھى چۈشكەن قېرىنداشقا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
19 نېمىنى ئۆگەندۇق؟ بۈگۈنكى كۈندە روھى چۈشكەن بىر قېرىنداشنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزغا قارىماي، كۆڭلىمىزنى رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن. بىراق، بىز ئۇنى كۆڭلىمىزگە ئالماسلىققا تىرىشىمىز. ئەكسىنچە، بىز شۇ ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشقا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمەيمىز ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشنىڭ ياخشىراق يولىنى تېپىش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىمىز.—پەند نە. 17:17.
20. رۇتنىڭ داۋاملىق نائومىغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
20 دەل ۋاقتىدا تەسەللى بېرىڭ. رۇت نائومىغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن. بىراق، ھازىر رۇت ئۆزى تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندا، يەھۋا بوئازنى ئەۋەتىپ، رۇتقا تەسەللى بەرگەن. بوئاز رۇتقا شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «يەھۋا قىلغانلىرىڭغا لايىق ساڭا قايتۇرغاي. سەن قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى يەھۋا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي». بۇ كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان چىرايلىق سۆزلەر رۇتقا تەسەللى بەرگەن. رۇت بوئازنىڭ شۇ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز» (رۇت 2:12، 13). رۇت مۇھتاج بولۇپ تۇرغاندا، بوئازنىڭ دەل ۋاقتىدا ئېيتقان سۆزلىرى رۇتقا كۈچ-مەدەت بەرگەچ، ئۇ بەل قويۇۋەتمىگەن!
21. يەشايا 32:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاقساقاللار باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
21 نېمىنى ئۆگەندۇق؟ باشقىلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەر بەزىدە ئۆزلىرىمۇ تەسەللىگە مۇھتاج بولىدۇ. بوئاز رۇتنىڭ نائومىغا مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان ياردىمىگە دىققەت قىلغاندا، رۇتنى ماختىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارمۇ جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنى ماختايدۇ. شۇنداق دەل ۋاقتىدا قىلىنغان ماختاش سۆزلىرى قېرىنداشلارنىڭ باشقىلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىشىگە كۈچ بېرىدۇ.—يەشايا 32:1، 2-نى ئوقۇڭ.
سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى
22، 23. نائومىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (زەبۇر 136:23، 26)
22 بىراز ۋاقىتتىن كېيىن بوئاز رۇت ۋە نائومىغا ئاشلىقلارنى بېرىپ، سېخىيلىقىنى كۆرسەتكەن (رۇت 2:14—18). بوئازنىڭ سېخىيلىقىنى كۆرگەندە، نائومى شۇنداق دېگەن: «ھاياتلاردىن ۋە ئۆلۈكلەردىن سادىق سۆيگۈسىنى ئايىمىغان يەھۋا، ئۇ كىشىگە بەرىكەت ياغدۇرسۇن!» (رۇت 2:20) نائومىنىڭ كۆزقارىشىدا نېمە دېگەن چوڭ ئۆزگىرىش بولغان،-ھە! ئىلگىرى ئۇ يىغلاپ «يەھۋا ماڭا قارشى» چىقتى دېگەن سۆزلەرنى قىلغان. بىراق، ئەمدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن يەھۋانىڭ ئۆزىگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى توختاتمىغانلىقىنى ئېيتقان. نائومىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
23 نائومى ئاخىرى يەھۋانىڭ ھېچقاچان ئۇنى تاشلىمىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان. يەھۋا رۇتنى ئىشلىتىپ، نائومىنىڭ يەھۇدىيىگە قايتىش سەپىرىدە ياردەم بەرگەن ئىدى (رۇت 1:16). نائومى يەنە يەھۋانىڭ بوئازنى ئىشلىتىپ، ئۆزىگە ۋە رۇتقا ياردەم بەرگەنلىكىنىمۇ چۈشەنگەن (رۇت 2:19، 20). نائومى، بەلكىم، كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دېگەن: «مەن ئەمدى چۈشەندىم، يەھۋا ھېچقاچان مېنى تاشلىمىغان، ئۇ ھەرقاچان مەن بىلەن بولغان ئىكەن» (زەبۇر 136:23، 26-نى ئوقۇڭ). نائومى رۇت ۋە بوئازنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە قانچىلىك مىننەتدار بولغاندۇ،— ھە! ئاخىرىدا ئۈچىلىسىنىڭ شاد-خۇراملىققا تولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىز ئۈچۈن قىيىن ئەمەس!
24. ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟
24 رۇت كىتابىدىن سادىق مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ سادىق مېھىر-مۇھەببەت روھى چۈشكەن قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشتىن ئادىراپلا ۋاز كەچمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ. بىزنى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. باشقىلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلارنى ئاقساقاللار ئۆز ۋاقتىدا يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ماختاپ تۇرۇشى كېرەك. روھى چۈشكەنلەرنىڭ قايتىدىن يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى باشلىغانلىقىنى كۆرگەندە، بىز ئىنتايىن خۇشال بولىمىز (ئەلچى. 20:35). سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش. چۈنكى يەھۋا — سادىق مېھىر-مۇھەببىتى مول خۇدادۇر.—چىق. 34:6؛ زەبۇر 33:22.
35-ناخشا رەھمەت، خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a يەھۋا بىزنىڭ جامائىتىمىزدىكى قېرىنداشلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزنى خالايدۇ. بىز قەدىمقى زاماندا مۇشۇ پەزىلەتنى كۆرسەتكەن خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ھەققىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق، سادىق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇرراق چۈشىنەلەيمىز. رۇت، نائومى، بوئازلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بۇ ماقالىنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن رۇت كىتابىنىڭ 1، 2-بابلىرىنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىمىز.