مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

46-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يېڭىدىن ئۆيلە‌نگە‌نلە‌ر دىققىتىڭلارنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا قارىتىڭلار!‏

يېڭىدىن ئۆيلە‌نگە‌نلە‌ر دىققىتىڭلارنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا قارىتىڭلار!‏

‏«يە‌ھۋا كۈچۈم .‏ .‏ .‏ ئۇ‌نىڭغا چىن قە‌لبىمدىن ئىشە‌نچ باغلىدىم».‏—‏زە‌بۇ‌ر 28:‏7‏.‏

36-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن»‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن توي قىلغانلار يە‌ھۋاغا تايىنىشى كېرە‌ك؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏3،‏ 4‏)‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 سىز توي قىلىشقا تە‌ييارلىنىۋاتامسىز ياكى يېڭىدىن توي قىلدىڭىزمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ سىز ئۆزىڭىز سۆيگە‌ن ئاشىقىڭىز بىلە‌ن شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە بە‌ك تە‌شنا!‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ نىكاھنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بار.‏ مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلىش ۋە قانداق قارارلارنى چىقىرىش ھە‌ر ئىككىڭلارنىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا تايانساڭلار،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىسىلە‌ر؛‏ نىكاھ رىشتىڭلار تېخىمۇ مە‌ھكە‌م بولىدۇ ۋە تېخىمۇ خۇ‌شال بولىسىلە‌ر.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرىگە تايانمىساڭلار،‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ،‏ نىكاھىڭلاردا سوغاقچىلىق پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق تاپالمايسىلە‌ر‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2 بۇ ماقالە،‏ ئاساسلىقى يېڭىدىن توي قىلغانلارغا قارىتىلغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بارلىق تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارمۇ ئوتتۇ‌رىغا قويۇ‌لغان.‏ يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ ئۈلگىلە‌ر نىكاھنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاياتىمىزنىڭ تۈرلۈك ساھە‌لىرىدە ئە‌مە‌لىي قوللىنالايدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئۆگىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندىكى تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلارنىڭ بە‌زىلە‌رنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنىمۇ كۆرىمىز.‏

يېڭىدىن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار

يېڭىدىن توي قىلغانلارنىڭ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىغا نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏3،‏ 4-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

3،‏ 4.‏ يېڭىدىن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

3 بە‌زى كىشىلە‌ر يېڭىدىن توي قىلغانلارنى كۆپچىلىك كىشىلە‌رگە ئوخشاش ھايات كە‌چۈرۈشكە ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىلىرى ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شقا ئالدىرىتىشى مۇ‌مكىن.‏ دوستلىرى ۋە ئائىلە ئە‌زالىرى ئۇ‌لارنى ئۆي سېتىۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى چىرايلىق بېزە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

4 ئە‌گە‌ر دىققە‌ت قىلمىسا،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار ئۆزلىرىنى قە‌رزگە بوغۇ‌پ قويىدىغان قارارلارنى چىقىرىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئىككىسىنىڭ قە‌رزدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌تىدىن-‏كە‌چكىچە،‏ ھېرىپ-‏چارچاپ ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىشلىسە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمىتى ئۈچۈن سە‌رپ قىلىدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىشقا باشلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىش ياكى ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشۇ‌مچە ئىشلە‌شكە توغرا كېلىپ،‏ ھە‌تتا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنى قالدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىق تېپىشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.‏

5.‏ كلائۇ‌س ۋە مارىسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

5 نۇ‌رغۇ‌ن مىساللار شۇ‌نى ئىسپاتلىدىكى:‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىمىزدا ماددىي نە‌رسىلە‌رنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويساق،‏ بىز خۇ‌شاللىق تاپالمايمىز.‏ كلائۇ‌س ۋە مارىسانىڭ b مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار يېڭىدىن توي قىلغاندا،‏ توققۇ‌زى تە‌ل،‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن تولۇ‌ق ۋاقىت سە‌رپ قىلىدىغان ئىش ئورنىدا ئىشلىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى ھە‌قىقىي خۇ‌شال ھېس قىلمىغان.‏ كلائۇ‌س شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىزنىڭ ماددىي جە‌ھە‌تتىن ھە‌ممە نە‌رسىمىز ئېشىپ-‏تېشىپ تۇ‌رسىمۇ،‏ بىراق روھىي جە‌ھە‌تتىن مە‌قسە‌تلىرىمىز يوق ئىدى.‏ راستىنى ئېيتقاندا،‏ ھاياتىمىزدا ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بولۇ‌پ،‏ كۆڭلىمىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تاپمىغان».‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ شۇ‌نى بايقىدىڭىز،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌رگە دىققىتىڭىزنى قارىتىش كۆڭلىڭىزنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زالمىدى.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ ھازىر بە‌زى ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان مىساللارنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال،‏ ئە‌رلە‌رنىڭ پادىشاھ يە‌ھوشافاتنىڭ قالدۇ‌رغان مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌لاھىزە قىلايلى.‏

يە‌ھوشافات پادىشاھقا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

6.‏ پادىشاھ يە‌ھوشافات ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌ردىكى نە‌سىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ نېمە ئىش قىلغان؟‏

6 ئە‌رلە‌ر،‏ سىلە‌ر بە‌زىدە مە‌سئۇ‌لىيىتىڭلارنىڭ كۆپلىكىدىن،‏ ئۈستۈڭلارغا ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلامسىلە‌ر؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ پادىشاھ يە‌ھوشافاتنىڭ مىسالى سىلە‌رگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ پادىشاھ يە‌ھوشافات ئۆز خە‌لقىنىڭ بىخە‌تە‌رلىكىنى قوغداشقا مە‌سئۇ‌ل ئىدى.‏ ئۇ شۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاپ،‏ خە‌لقىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىپ،‏ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئورۇ‌نلىغان.‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى شە‌ھە‌رلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ 1160000 كىشىلىك چوڭ قوشۇ‌ننى يىققان (‏2-‏تارىخ.‏ 17:‏12—‏19‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھوشافات كېيىن چوڭ بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئاممونىيلىقلار،‏ موئابلىقلارنىڭ چوڭ قوشۇ‌نلىرى ۋە سېئىر تاغلىق رايوندىكى كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا،‏ ئائىلىسىگە ۋە پۇ‌قرالىرىغا تە‌ھدىت سالغان (‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏1،‏ 2‏)‏.‏2-‏تارىخ.‏ شۇ ۋە‌زىيە‌تتە يە‌ھوشافات نېمە قىلغان؟‏ ئۇ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغان.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن ياردە‌م ۋە كۈچ تىلىگە‌ن.‏ 2-‏تارىخنامە  20:‏5—‏12-‏ئايە‌تلە‌ردىكى يە‌ھوشافاتنىڭ سە‌مىمىي دۇ‌ئاسى ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئۇ‌نىڭ قانچىلىك ئىشە‌نچ باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا،‏ پادىشاھ يە‌ھوشافاتنىڭ دۇ‌ئاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغان؟‏

7.‏ يە‌ھۋا يە‌ھوشافاتنىڭ دۇ‌ئاسىغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏

7 يە‌ھۋا خۇ‌دا ياھازىئېل ئىسىملىك بىر لاۋىي ئارقىلىق يە‌ھوشافاتقا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆز ئورنۇ‌ڭلارنى ئېلىپ،‏ تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ يە‌ھۋانىڭ سىلە‌رنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىنى كۆرۈڭلار» (‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏13—‏17‏)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ جە‌ڭدە ئورنىدىن مىدىرلىماي غە‌لبە قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ شۇ كۆرسە‌تمىلە‌ر ئىنساندىن ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ يە‌ھوشافات يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتقانلىرىدە‌ك قىلغان.‏ پادىشاھ ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقى دۈشمە‌نلە‌ر بىلە‌ن جە‌ڭگە چىققاندا،‏ ئۇ ماھىر جە‌ڭچىلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھېچقانداق قوراللانمىغان،‏ مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقۇ‌چىلارنى قوشۇ‌نلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويغان.‏ يە‌ھۋا يە‌ھوشافاتقا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلاپ،‏ دۈشمە‌ن قوشۇ‌نلىرىنى يوق قىلغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏18—‏23‏.‏

دۇ‌ئا قىلىش،‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن توي قىلغانلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايدۇ (‏8،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8.‏ ئە‌رلە‌ر يە‌ھوشافاتنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

8 ئە‌رلە‌ر،‏ سىلە‌ر يە‌ھوشافاتنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلالايسىلە‌ر.‏ سىلە‌رنىڭ ئۆز ئائىلە‌ڭلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش مە‌سئۇ‌لىيىتىڭلار بار.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئائىلە‌ڭلارنى قامداش ۋە ئۇ‌لارنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىسىلە‌ر.‏ سىلە‌ر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە:‏ «ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ،‏ قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشىڭلار مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۆزۈڭلارغا شۇ‌نداق تايىنىشتىن ساقلىنىڭلار.‏ ئە‌كسىچە،‏ يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭلار.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئايالىڭلار بىلە‌ن بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلىڭلار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭدىن كۆرسە‌تمىلە‌رنى سوراڭلار ۋە تاپقان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي ھاياتىڭلاردا قوللىنىڭلار.‏ بە‌لكىم،‏ باشقىلار سىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان قارارلىرىڭلارنى ياقتۇ‌رمايدۇ.‏ ئۇ‌لار سىلە‌رنى ئە‌خمە‌ق دېيىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئائىلىنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى كاپالىتى پۇ‌ل ۋە ماددىي نە‌رسىلە‌ر دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ يە‌ھوشافاتنىڭ مىسالىنى ئە‌ستە ساقلاڭلار.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا تايانغان ۋە بۇ‌نى ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا شۇ سادىق كىشىنى تاشلىمىغان ۋە سىزنىمۇ تاشلىمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏5‏)‏.‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغان جۈپلە‌ر شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن يە‌نە نېمىلە‌رنى قىلالايدۇ؟‏

يە‌شايا ۋە ئايالىغا ئوخشاش،‏ ھاياتىڭلاردا يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار

9.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئايالى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىدى.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌نىڭ ئايالىمۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك قىلغان،‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نى ئايال پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌پ ئاتىغان (‏يە‌شايا 8:‏1—‏4‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يە‌شايا ۋە ئايالى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان.‏ ئۇ‌لار بۈگۈنكى كۈندىكى تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.‏

10.‏ بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش،‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ يە‌ھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىنى كۈچە‌يتىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

10 توي قىلغان بىر جۈپ،‏ كۈچىنىڭ يېتىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئارقىلىق يە‌شايا ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالىنى ئۈلگە قىلالايدۇ.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ (‏تىتۇ‌س 1:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌م بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قانداق قوشالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانسا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئاخىر كېلىشتىن ئاۋۋال خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە ۋە‌ز قىلىنىشى كېرە‌ك،‏—‏ دېگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بېشارىتىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ بېشارە‌تنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىگى كۈچىيىدۇ.‏

پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلاغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار

11.‏ پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا نېمىلە‌رنى قىلالىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

11 توي قىلغان ياشلار رىم شە‌ھىرىدە ياشىغان بىر جۈپ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌ر-‏ئايال پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلادىن ئۈلگە ئالالايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغانىدى.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ‌لار ئۆز ھاياتىدىن قانائە‌ت تېپىپ ياشىغان.‏ بىراق،‏ كۈتۈلمىگە‌ندە ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇ‌س بارلىق يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ رىمدىن كېتىشنى بۇ‌يرىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار ئۆزىگە تونۇ‌ش بولغان شۇ شە‌ھە‌ردىن ئايرىلىپ،‏ يېڭى بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ،‏ يېڭى بىر ئۆي تېپىشى ۋە چېدىر ياساش تىجارىتىنى قايتا باشلىشىغا توغرا كېلە‌تتى.‏ شۇ قىيىنچىلىقلار ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىغا توسالغۇ بولغانمۇ؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىمىز.‏ ئۇ‌لار كورىنت شە‌ھىرىدىكى يېڭى ئۆيگە كۆچكە‌ندە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌رلىك جامائە‌تتە قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىش ئىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق شە‌ھە‌رلە‌رگە كۆچۈپ بارغان (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏18—‏21؛‏ رىملىقلار 16:‏3—‏5‏)‏.‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتى ھە‌قىقە‌تە‌ن قىزىقارلىق ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئۆتكە‌ن.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغان بىر جۈپ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

12 بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار پادىشاھلىق خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلانى ئۈلگە قىلالايدۇ.‏ بىر جۈپنىڭ ھاياتىدىكى مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە پاراڭلىشىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى پە‌يتى —‏ ئۇ‌لار ئۇ‌چرىشىپ،‏ ئارىلىشىپ يۈرگە‌ن ۋاقىتلار.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە قارارنى چىقىرىپ،‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىدا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ (‏ۋە‌ز 4:‏9،‏ 12‏)‏.‏ ھازىر راسسېل ۋە ئېلىزابېتنىڭ تە‌جرىبىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ راسسېل:‏ «بىز ئۇ‌چرىشىپ ئارىلىشىپ يۈرگە‌ندە،‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئالاھىدە سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن ئىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ئېلىزابېت شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئىلگىرى سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز كېيىنرە‌ك تۈرلۈك قارارلارنى چىقارغاندا،‏ شۇ ئىلگىرى قويغان مە‌قسە‌تلىرىمىزگە يېتىش ئۈچۈن،‏ ھازىر چىقىرىدىغان قارارلىرىمىزنىڭ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان-‏قىلمايدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزە‌تتۇ‌ق».‏ راسسېل ۋە ئېلىزابېتنىڭ شارائىتى،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مىكرونېزىيىگە كۆچۈپ،‏ خىزمە‌ت قىلىشىغا يول ئاچقان.‏

روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئارقىلىق يېڭىدىن توي قىلغانلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايدۇ (‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ زە‌بۇ‌ر 28:‏7-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلساق،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

13 راسسېل ۋە ئېلىزابېتقا ئوخشاش،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌ر-‏ئاياللار ئاددىي-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنى قارار قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگىنىچە كۆپرە‌ك ۋاقىت سە‌رپ قىلالايدۇ.‏ بىر جۈپ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ شۇ مە‌قسە‌تلىرىگە يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشقاندا،‏ شۇ‌نىڭغا يارىشا مېۋىسىنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچىيىدۇ ۋە ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشىدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 28:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئە‌لچى پېترۇ‌س ۋە ئايالىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىگە ئىشىنىڭلار

14.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ۋە ئايالى،‏ مە‌تتا 6:‏25،‏ 31—‏34-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ۋە‌دىلە‌رگە ئىشە‌نچ قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

14 تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار ئە‌لچى پېترۇ‌س ۋە ئايالىنىڭ ئۈلگىلىرىدىنمۇ ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ پېترۇ‌س ئە‌يسانى تۇ‌نجى قېتىم ئۇ‌چرىتىپ،‏ تە‌خمىنە‌ن ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن،‏ ھاياتىدا مۇ‌ھىم قارارنى چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ پېترۇ‌س بېلىقچىلىق كە‌سپى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنى تولۇ‌ق ۋاقىت ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىشكە چاقىرغاندا،‏ پېترۇ‌س ئۆز ئائىلىسىنى بېقىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا توغرا كە‌لگە‌ن (‏لۇ‌قا 5:‏1—‏11‏)‏.‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى تاللاپ،‏ دانا قارار چىقارغانىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئە‌يسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌سنىڭ بە‌زىدە ئايالى بىلە‌ن بىرلىكتە سە‌پە‌ر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ شۇ‌نىڭدىن خۇ‌لاسە قىلالايمىزكى،‏ پېترۇ‌سنىڭ ئايالى ئۇ‌نىڭ قارارىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏5‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پېترۇ‌سنىڭ ئايالى ياخشى بىر ئېتىقادچى بولغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ پېترۇ‌س ئە‌ر-‏ئايال ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئە‌ركىن-‏ئازادە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏1—‏7‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ‌كى،‏ پېترۇ‌س ۋە ئايالى پادىشاھلىق خىزمىتىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ھتاجلىقلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نگە‌ن‏.‏—‏مە‌تتا 6:‏25،‏ 31—‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

15.‏ تىياگو ۋە ئە‌ستېرنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

15 ئە‌گە‌ر توي قىلغىنىڭلارغا بىرنە‌چچە يىل بولغان بولسا،‏ داۋاملىق كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىش قىزغىنلىقىنى قانداق ئاشۇ‌رالايسىلە‌ر؟‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولى —‏ باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «ئۇ‌لار تە‌ييارلىق روھىنى كۆرسە‌تكە‌ن» دېگە‌ن بىر قاتار ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭلار.‏ شۇ ماقالىلە‌ر،‏ برازىلىيىدە ياشىغان تىياگو ۋە ئە‌ستېر ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق يە‌رلە‌رگە بېرىپ،‏ خىزمە‌ت قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ تىياگو چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمە‌تچىلىرىگە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىنى ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشنى بە‌كمۇ خالىدۇ‌ق».‏ ئۇ‌لار پاراگۋايغا كۆچۈپ،‏ 2014-‏يىلدىن باشلاپ،‏ پورتۇ‌گال تىلىدىكى جامائە‌تتە خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌ستېر شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر ئىككىلىمىز ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏20-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ياخشى كۆرۈمىز.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىنىمىزدا،‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم كۆردۇ‌ق».‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە يازغان خېتىدە،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىساق،‏ بىز ئېھتىياجلىق بولغاندىنمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى يە‌تكۈزۈپ بېرىدۇ،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ۋە‌دە نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم ئورۇ‌نلاندى.‏

پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراش ئارقىلىق يېڭىدىن توي قىلغانلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايدۇ (‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ ياش بىر جۈپلە‌ر روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلانغاندا،‏ كىملە‌ردىن مە‌سلىھە‌ت سورىسا بولىدۇ؟‏

16 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يېڭىدىن توي قىلغان ياشلار،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگە‌نگە‌ن باشقا قېرىنداشلارنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ بە‌زى بىر جۈپلە‌ر نە‌چچە ئون يىل تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ر روھىي مە‌قسە‌تلىرىڭلار ھە‌ققىدە ئويلاۋاتقان بولساڭلار،‏ ئۇ‌لاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراپ بېقىڭلار.‏ بۇ —‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر يولى (‏پە‌ند نە.‏ 22:‏17،‏ 19‏)‏.‏ ياش بىر جۈپلە‌رنىڭ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشىگە جامائە‌تتە ئاقساقاللار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

17.‏ كلائۇ‌س ۋە مارىسا نېمىلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن بىز نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

17 بىراق،‏ بىز بە‌زىدە يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ مە‌لۇ‌م بىر قارارنى چىقارساقمۇ،‏ ئە‌مما ئىشلار بىز كۈتكە‌ندە‌ك بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ دە‌سلە‌پتە تىلغا ئالغان كلائۇ‌س بىلە‌ن مارىسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار توي قىلىپ،‏ ئۈچ يىلدىن كېيىن،‏ ئۆيىدىن ئايرىلىپ فىنلاندىيىدىكى بە‌يتە‌ل قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا پىدائىي ياردە‌م بېرىشكە بارغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئالتە ئايدىن ئارتۇ‌ق تۇ‌رالمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار دە‌سلە‌پتە ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش بولغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌رە‌ب تىلى ئۆگىنىش كۇ‌رسىغا تە‌كلىپ قىلىنغان ۋە ھازىر باشقا بىر دۆلە‌تتە ئە‌رە‌ب تىلىدا سۆزلە‌يدىغانلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ شۇ يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلار ھە‌ققىدە،‏ مارىسا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىپ،‏ ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىش قورقۇ‌نچلۇ‌ق تۇ‌يۇ‌لغان ئىدى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ردائىم بىز كۈتمىگە‌ن يوللار بىلە‌ن بىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆردۈم.‏ كېيىن شۇ يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلار يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمنى تېخىمۇ كۈچە‌يتتى».‏ خۇ‌ددى بۇ مىسالدا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ر يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي تايانساڭلار،‏ ئۇ ھە‌ردائىم سىلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

18.‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلار داۋاملىق يە‌ھۋاغا تايىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

18 نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌ش —‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن سوۋغات (‏مە‌تتا 19:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئۇ توي قىلغانلارنىڭ مۇ‌شۇ سوۋغاتتىن خۇ‌شاللىق تېپىشىنى خالايدۇ (‏پە‌ند نە.‏ 5:‏18‏)‏.‏ توي قىلغان ياشلار،‏ سىلە‌ر ھاياتىڭلارنى نېمىگە بېغىشلاش توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟‏ شۇ سوۋغاتقا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭلارنى يە‌ھۋاغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن،‏ قولۇ‌ڭلاردىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆز ئوي-‏پىكىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىڭلار.‏ ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە‌زىيىتىگە ماس كېلىدىغان قائىدە-‏پرىنسىپلارنى ياراتقۇ‌چىنىڭ سۆزىدىن ئىزدە‌ڭلار.‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىڭلار.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىڭلاردا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساڭلار،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ ۋە شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىسىلە‌ر.‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر،‏ يە‌ھۋا!‏

a ھاياتىمىزدا بە‌زى قارارلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئادە‌تتە يېڭىدىن توي قىلغانلار پۈتۈن ھاياتىغا تە‌سىر قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىدۇ.‏ بۇ ماقالە يېڭىدىن توي قىلغانلارنىڭ شاد-‏خۇ‌رام،‏ مە‌نىلىك تۇ‌رمۇ‌شقا يېتە‌كلە‌يدىغان دانا قارارلارنى چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏