44-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ كۆرسىتىدىغان سادىق مۇھەببىتى
«[يەھۋانىڭ] سادىق مۇھەببىتى ئەبەدىيدۇر».—زەبۇر 136:1.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
يەھۋا ئۈچۈن سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش بەك مۇھىم (ھوشىيا 6:6). ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇشىنى خالايدۇ. ئۇ مىكاھ پەيغەمبەر ئارقىلىق بىزنى سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى سۆيۈشكە دەۋەت قىلىدۇ (مىكاھ 6:8). بىراق، شۇنداق قىلالىشىمىزدىن بۇرۇن، سادىق مېھىر-مۇھەببەت نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز زۆرۈر.
2. سادىق مۇھەببەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
2 سادىق مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ سادىق مۇھەببەت دېگەن ئىبارە «مۇقەددەس كىتاب — يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە» 230 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ ئىبارىگە بېرىلگەن ئىزاھاتتا مۇنداق يېزىلغان: «سادىق مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان كىشى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ، سەمىمىي سۆيگۈ، ۋاپادارلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆزى سۆيگەن كىشىگە چىن مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ ئىبارە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خۇدانىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئادەملەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن». يەھۋا سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئەڭ ئېسىل ئۈلگە قالدۇرغان. بۇ ماقالىدە، بىز يەھۋا خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ سادىق مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. كېيىنكى ماقالىدە، خۇدا خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، بىر-بىرىمىزگە قانداق سادىق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋا سادىق مۇھەببىتى مول خۇدادۇر
3. يەھۋا خۇدا ئۆزى ھەققىدە مۇساغا نېمىلەرنى ئاشكارىلىغان؟
3 ئىسرائىللىقلار مىسىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇدا ئۆز ئىسىمىنى ۋە پەزىلەتلىرىنى مۇساغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەھۋا، يەھۋا، مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر. مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، خاتالىقنى، سەۋەنلىكنى ۋە گۇناھنى كەچۈرىدۇ» (چىق. 34:6، 7). مۇشۇ چىرايلىق سۆزلەر ئارقىلىق يەھۋا ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ھەققىدە ئالاھىدە نەرسىلەرنى مۇساغا ئېيتىپ بەرگەن. نېمىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن؟
4، 5. (1) يەھۋا خۇدا ئۆزىنى قانداق تەسۋىرلىگەن؟ (2) قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 يەھۋا ئۆزىنى سادىق مېھىر-مۇھەببىتى بار دەپ ئەمەس، بەلكى سادىق مېھىر-مۇھەببىتى مول دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ ئىبارە مۇقەددەس كىتابتا بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغان (سانلار 14:18؛ نەھەم. 9:17؛ زەبۇر 86:15؛ 103:8؛ يوئېل 2:13؛ يۇنۇس 4:2). بۇ تەسۋىرلەش پەقەت يەھۋا خۇداغىلا ئىشلىتىلگەن. ھەرگىزمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن قوللىنىلمىغان. يەھۋانىڭ دائىم ئۆزىنى مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق تەسۋىرلىگەنلىكى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، سادىق مېھىر-مۇھەببەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم b. شۇ سەۋەب، داۋۇت مۇنۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغان: «ئەي، يەھۋا، سادىق مۇھەببىتىڭ ئاسمانلارغا يېتەر، . . . بىباھادۇر سادىق مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا! پاناھ تاپار ئىنسان ئوغۇللىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدا» (زەبۇر 36:5، 7). خۇددى داۋۇتقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ سادىق مۇھەببىتىگە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىزمۇ؟
5 سادىق مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىككى سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز: يەھۋا كىملەرگە سادىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ؟ يەھۋانىڭ كۆرسەتكەن سادىق مېھىر-مۇھەببىتى بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
يەھۋا كىملەرگە سادىق مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟
6. يەھۋا خۇدا كىملەرگە ئۆزىنىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟
6 يەھۋا خۇدا كىملەرگە سادىق مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا بىزنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى، مەسىلەن دېھقانچىلىق، شاراپ ۋە ماي، تەربىيە، بىلىم، دانالىق دېگەندەك نەرسىلەرنى سۆيۈپ، ئۇلارغا ئامراق بولىدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىنغان (2-تارىخ. 26:10؛ پەند. نە 12:1؛ 21:17؛ 29:3). بىراق سادىق مۇھەببەت ھەرگىزمۇ نەرسىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنداقتا يەھۋا كىملەرگە قارىتا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ ھەممىلا كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلارغا شۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدايىمىز يەھۋا ئۆز دوستلىرىغا ۋاپادار. ئۇنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ مەقسىتى بار. ئۇنىڭ دوستلىرىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ سوۋۇپ قالمايدۇ.
يەھۋا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، ھەتتا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمايدىغانلارغىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى بېرىدۇ (7-ئابزاسقا قاراڭ) c
7. يەھۋا بارلىق ئىنسانلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
7 يەھۋا پۈتكۈل ئىنسانلارغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا نىكادىمۇس ئىسىملىك بىر كىشىگە شۇنداق دېگەن: «خۇدا دۇنيانى شۇقەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى؛ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەر بىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇن».—يۇھاننا 3:1، 16؛ مەتتا 5:44، 45.
داۋۇت پادىشاھ ۋە دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقاندەك، يەھۋا ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۇنى تونۇيدۇ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنىدۇ. (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
8، 9. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟ (2) ھازىر نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
8 يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، يەھۋا خۇدا پەقەت ئۆز خىزمەتچىلىرىگە، يەنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلارغا ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى بىز داۋۇت پادىشاھ ۋە دانىيال پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، داۋۇت شۇنداق دەپ يازغان: «كۆرسەتكەيسەن سادىق مېھىر-مۇھەببىتىڭنى سېنى تونۇغانلارغا»، «يەھۋا كۆرسىتەر ئۆزىنىڭ سادىق سۆيگۈسىنى ئۇنىڭدىن قورققانلارغا». دانىيال بولسا، مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «ئەي يەھۋا، . . . سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان، . . . ھەق خۇدا!» (زەبۇر 36:10؛ 103:17؛ دانىيال 9:4). مۇشۇ ئايەتلەردىكى سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگىلا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۇنى تونۇيدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنىدۇ. دېمەك، يەھۋا ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۆز خەلقىگە، يەنى ئۇنىڭغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلغانلارغىلا كۆرسىتىدۇ.
9 بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولغان (زەبۇر 104:14). بىراق، ھازىر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە ئۇنىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە شۇنداق كاپالەت بەرگەن: «سادىق مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ» (يەشايا 54:10). بۇنىڭدىن باشقا، داۋۇت ئۆزىمۇ مۇنۇ سۆزلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن: «يەھۋا ئۆزىگە ۋاپادار بولغانلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلار» (زەبۇر 4:3). يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە قىلغان ئۆزگىچە مۇئامىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟ زەبۇر يازغۇچىسى مۇنداق دېگەن: «كىمكى دانا بولسا، بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويسۇن، يەھۋانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسۇن» (زەبۇر 107:43). مۇشۇ سۆزلەر — يەھۋادىن كەلگەن مەسلىھەتلەر. ھازىر بىرلىكتە يەھۋانىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى قايسى ئۈچ يول بىلەن كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇ بىزگە شۇ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەندە، بىز ئۈچۈن قانداق ياردىمى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋانىڭ كۆرسەتكەن سادىق مېھىر-مۇھەببىتى بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
يەھۋا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلارغا يەنە قوشۇمچە بەرىكەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ (10—16-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
10. خۇدانىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىدىن قانداق بەھرىمەن بولالايمىز؟ (زەبۇر 31:7)
10 خۇدانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۆزگەرمەس ۋە مەڭگۈلۈكتۇر. زەبۇر 136-باب، 1-ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋاغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ ياخشىدۇر. ئۇنىڭ سادىق مۇھەببىتى ئەبەدىيدۇر» (زەبۇر 136:1). زەبۇر 136-بابتا، «سادىق مۇھەببەت» دېگەن بۇ مۇھىم ئىپادە 26 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ بابنىڭ 2—26-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، خۇدانىڭ «سادىق مۇھەببىتى ئەبەدىيدۇر» دېگەن سۆزلەر قايتا-قايتا تەكرارلانغان. بىز زەبۇرنىڭ مۇشۇ بابىدىن يەھۋانىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆزىنىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئوقۇغاندا، قەلبىمىز ھاياجانغا تولىدۇ. «ئۇنىڭ سادىق مۇھەببىتى ئەبەدىيدۇر» دېگەن ئىبارىنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىشى، خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇھەببىتى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋانىڭ دەرھاللا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە كۆپ تەسەللى بېرىدۇ. ئەكسىنچە، يەھۋا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغانلارنى تاشلىمايدۇ، بولۇپمۇ مۇشۇ قىيىنچىلىققا تولغان ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇلار بىلەن مەھكەم مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلايدۇ. بىز ئۈچۈن ياردىمى: يەھۋانىڭ بىز بىلەن كۈچلۈك، ئۈزۈلمەس رىشتە باغلايدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە خۇشاللىق ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. شۇ سەۋەب، بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدا داۋاملىق ماڭالايمىز.—زەبۇر 31:7-نى ئوقۇڭ.
11. زەبۇر 86:5-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋانى كەچۈرۈمچان بولۇشقا نېمە ئۈندەيدۇ؟
11 خۇدانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇنى كەچۈرۈمچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. يەھۋا بىر كىشىنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى كەچۈرۈمچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت، يەھۋا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ، بىزى گۇناھلىرىمىزغا يارىشا جازالىمايدۇا» (زەبۇر 103:8—11). داۋۇت ئۆزىمۇ ۋىجدان ئازابىنى باشتىن ئۆتكۈزگەچ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن. بىراق، ئۇ يەھۋانىڭ ھەرقاچان كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. يەھۋانى كەچۈرۈمچان بولۇشقا نېمە ئۈندەيدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى زەبۇر 86:5-ئايەتتىن تاپالايمىز (ئوقۇڭ). خۇددى داۋۇت دۇئاسىدا ئېيتقاندەك، يەھۋا گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنى كەچۈرۈشكە تەييار. سەۋەبى، گۇناھكار كىشى ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تىلىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ مول سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ.
12، 13. ئەگەر ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىز سەۋەبلىك، ۋىجدان ئازابى چېكىپ، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈۋالغاندەك يۈرسەك، نېمە بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 بىز گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش ئورۇنلۇق ۋە ئىنتايىن ياخشى. پۇشايمان قىلىش بىزنى توۋا قىلىپ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىراق، خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ئىلگىرىكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈۋالغاندەك يۈرىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان ۋە گۇناھلىق ئىشلاردىن قول ئۈزگەن بولسىمۇ: «يەھۋا خۇدا مېنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ»،— دېگەن ئوي-پىكىردىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئوي-پىكىردە بولسىڭىز، خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەرقاچان كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىش سىزگە ياردەم بېرىدۇ.
13 بىز ئۈچۈن ياردىمى. نامۇكەممەللىكىمىزگە قارىماي، بىز پاك ۋىجدان بىلەن يەھۋاغا شاد-خۇرام خىزمەت قىلالايمىز. سەۋەبى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ (1-يۇھاننا 1:7). بەزى نۇقسانلىرىڭىز تۈپەيلى ئۈمىدسىزلەنسىڭىز، شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، ئەگەر توۋا قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنى ھەرقاچان كەچۈرۈشكە تەييار. داۋۇت سادىق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن كەچۈرۈمچانلىق ئارىسىدىكى باغلىنىشنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ئاسمان زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، ئۇنىڭدىن قورققانلارغا، خۇدانىڭ سادىق مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك. كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك، ئۇ بىزنى گۇناھلىرىمىزنى يىراقلاشتۇرغان شۇنچىلىك» (زەبۇر 103:11، 12). ھەقىقەتەن، يەھۋا سېخىيلىق بىلەن كەچۈرۈشكە تەييار.—يەشايا 55:7.
14. يەھۋانىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتى بىزنى قوغدايدىغانلىقىنى داۋۇت قانداق تەسۋىرلىگەن؟
14 يەھۋانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى روھىي جەھەتتىن قوغدايدۇ. داۋۇت يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، شۇنداق دېگەن: «سەن ئۆزۈڭ پاناھگاھىمسەن؛ كۈلپەتتىن مېنى ساقلايسەن، ئەتراپىمنى قۇتقۇزۇلۇش شادلىق سادالىرى بىلەن قورشايسەن. . . . يەھۋانىڭ سادىق مۇھەببىتى قورشاۋغا ئالار ئۇنىڭغا تايانغانلارنى» (زەبۇر 32:7، 10 1:7، 10). خۇددى قەدىمقى زاماندا شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىل تاملار شۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى قوغدىغاندەك، يەھۋانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدىغان ھەرقانداق خەتەردىن بىزنى قوغدايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سادىق مېھىر-مۇھەببەت يەھۋانى بىزنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.—يەرەم. 31:3.
15. يەھۋانىڭ سادىق مۇھەببىتى بىلەن قورغان ۋە پاناھگاھ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
15 داۋۇت خۇدانىڭ ئۆز خەلقىنى قوغدايدىغانلىقىنى باشقا سۆزلەر بىلەنمۇ تەسۋىرلىگەن. ئۇ مۇنداق يازغان: «بىخەتەر پاناھگاھىم خۇدا، سەن سادىق مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى ماڭا». ئۇ يەنە يەھۋا ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇ مېنىڭ سادىق مۇھەببىتىم ۋە قورغانىم، بىخەتەر پاناھگاھىم ۋە نىجاتكارىم، قالقىنىم، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا» (زەبۇر 59:17؛ 144:2). نېمە ئۈچۈن داۋۇت يەھۋانىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قورغان ۋە پاناھگاھ بىلەن سېلىشتۇرغان؟ مەيلى يەرنىڭ قايسى بۈرجىكىدە ياشايلى، بىز يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولساقلا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قوغداشقا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھەرقاچان بىزنى ھىمايە قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر زەبۇرنىڭ 91-بابىدىنمۇ تېپىلىدۇ. شۇ بابنى يازغۇچى شۇنداق دېگەن: «ئېيتارمەن يەھۋاغا: «سەن باشپاناھىم ۋە قورغانىم»» (زەبۇر 91:1—3، 9، 14). مۇسامۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، باشپاناھ سۆزىنى ئىشلىتىپ، ئاجايىپ بىر سېلىشتۇرۇشنى قىلغان (زەبۇر 90:1). ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «خۇدا ئەزەلدىن باشپاناھىڭلار، ئۇنىڭ ئەبەدىي بىلەكلىرى سىلەرنىڭ ئاستىڭلاردا» (تەكرار. قا 33:27).«ئۇنىڭ ئەبەدىي بىلەكلىرى سىلەرنىڭ ئاستىڭلاردا» دېگەن ئىبارە، يەھۋا ھەققىدە بىزگە نېمىنى ئېچىپ بېرىدۇ؟
16. يەھۋا بىزگە قايسى ئىككى يول بىلەن ياردەم بېرىدۇ؟ (زەبۇر 136:23)
16 يەھۋا بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغاندا، بىز ئۆزۈمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز. بىراق، بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۆزۈمىزنى شۇنداق بىخەتەر ھېس قىلماسلىقىمىز مۇمكىن. يەھۋا شۇنداق ۋاقىتلاردا بىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىدۇ؟ (زەبۇر 136:23-نى ئوقۇڭ) ئۇ بىلەكلىرى بىلەن بىزنى يۆلەپ، مۇلايىملىق بىلەن تۇرغۇزىدۇ. پۇتلىرىمىز تېيىلىپ يىقىلغاندا، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 28:9؛ 94:18). بىز ئۈچۈن ياردىمى: ھەرقاچان يەھۋاغا تايىنالايدىغانلىقىمىزنى بىلىش ئىككى نەرسىنى ئەستە ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى، مەيلى قەيەردە ياشىمايلى، يەھۋا بىزگە باشپاناھ بولۇپ، بىزنى قوغدايدۇ. ئىككىنچى، بىزنىڭ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىمىز بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.
خۇدانىڭ داۋاملىق بىزگە سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ
17. خۇدانىڭ سادىق مۇھەببىتى سەۋەبلىك، بىز نېمىگە ئىشىنەلەيمىز؟ (زەبۇر 33:18—22)
17 بىز ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، قاچانلا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز (2-كورىنت. 4:7—9). يەرەمىيا پەيغەمبەر شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ سادىق مۇھەببىتى سەۋەبلىك، بىز يوق بولۇپ كەتمىدۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى ھېچقاچان تۈگىمەس» (يەرەم. يىغ 3:22). بىز يەھۋانىڭ داۋاملىق بىزگە سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزگە شۇنداق دەيدۇ: «مانا، يەھۋانىڭ كۆزى ئۆزىدىن قورققانلارغا، سادىق سۆيگۈسىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا تىكىلگەندۇر».—زەبۇر 33:18—22-نى ئوقۇڭ.
18، 19. (1) بىز نېمىلەرنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە، نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
18 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن بۇرۇن، بىز ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولغان. بىراق، ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بولغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇنىڭ يەنە سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. بۇ سادىق مۇھەببەت سەۋەبلىك، يەھۋا بىزنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ قوغدايدۇ. ئۇ داۋاملىق بىزنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، بىزگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈ ئۇنىڭ دوستى بولۇشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 46:1، 2، 7). شۇڭا، مەيلى قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلمەيلى، يەھۋا ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاشتا، زۆرۈر بولغان كۈچ-قۇۋۋەتنى بىزگە بېرىدۇ. مۇشۇلارنى ھەرگىزمۇ ئەستىن چىقارمايلى!
19 بىز يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئۇ بىزدىنمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە شۇ سادىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ كېيىنكى ماقالىدە، بۇ مۇھىم ماۋزۇ ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
26-ناخشا رەب يەھ بىلەن يۈر
a سادىق مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ يەھۋا كىملەرگە بۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن بۇ سادىق مۇھەببەتنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ مۇشۇ سوئاللارغا بۇ ماقالىدە جاۋاب تاپىمىز. كېيىنكى ماقالىدىمۇ بۇ ئېسىل پەزىلەت توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىمىز.
b خۇدانىڭ مول سادىق مېھىر-مۇھەببىتى دېگەن ئىبارىمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان. نەھەمىيا 13:22؛ يەرەمىيانىڭ يىغىسى 3:32-ئايەتلەرگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىكى بىرقانچە سۈرەتتە، خۇدانىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشىنىڭ بىرقانچە يولى كۆرسىتىلگەن. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىمى، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسانى بىز ئۈچۈن تۆلەمگە بەرگەنلىكى.
d سۈرەتتە: يەھۋا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، تۆلەمگە ئىشەنچ قىلغانلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بارلىق ئىنسانلارغا كۆرسىتىلگەن مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىدىنمۇ بەھرىمەن بولىدۇ. يەھۋانىڭ ئۆزىنىڭ سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشىنىڭ يوللىرى يۇقىرىقى سۈرەتلەردە تەسۋىرلەنگەن.