مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

48-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىز سىنالغاندا،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭ

ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىز سىنالغاندا،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭ

‏«ھە‌ر ئىشتا ئويغاق تۇ‌رغىن».‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏.‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ «ئويغاق» تۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ن ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏2-‏تىموتىي 4:‏5‏)‏

 كۆڭلىمىزنى رە‌نجىتىدىغان بە‌زى ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىز سىنىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏ بىز «ئويغاق» ياكى سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمىز لازىم ‏(‏2-‏تىموتىي 4:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش،‏ سوغۇ‌ق قانلىق بىلە‌ن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋە ئىشلارغا يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراش ئارقىلىق ئويغاق ياكى سە‌گە‌ك تۇ‌رالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز ئوي-‏پىكىرلىرىمىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول بە‌رمە‌يمىز.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 ئالدىنقى ماقالىدە،‏ بىز دۇ‌چ كېلىدىغان جامائە‌تنىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان ئۈچ قىيىنچىلىق ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقىتىمىزنى سىنايدىغان جامائە‌تنىڭ ئىچىدە دۇ‌چ كېلىدىغان ئۈچ قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.‏ (‏1)‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ناچار مۇ‌ئامىلىسىگە ئۇ‌چرىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ (‏2)‏ نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ بىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ (‏3)‏ تە‌شكىلاتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىنغا توختىغاندا.‏ مۇ‌شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئويغاق ياكى ھوشىيار تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا قە‌تئىي سادىق قېلىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز؟‏

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ناچار مۇ‌ئامىلىسىگە ئۇ‌چرىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا

3.‏ ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بىزگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغاندە‌ك ھېس قىلساق،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

3 جامائە‌تتىكى قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغاندە‌ك،‏ بە‌لكىم مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌ر،‏ يە‌نى ئاقساقال شۇ‌نداق قىلغاندە‌ك ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌رادە‌رنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىش نىيىتى يوق (‏رىملىقلار 3:‏23؛‏ ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى كۆڭلىڭىزنى بىئارام قىلغان بولۇ‌شى ۋە شۇ ئىشنى ئويلاپ ئۇ‌خلىيالمىغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ سىز ھە‌تتا:‏ «ئۇ بۇ‌رادە‌ر مۇ‌شۇ‌نداق قىلسا بولامدۇ؟‏ بۇ راستىنلا خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شە‌يتان دە‌ل بىزنىڭ شۇ‌نداق ئويلىشىمىزنى خالايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏11‏)‏.‏ بۇ‌نداق سە‌لبىي ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ش بىزنى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئايرىۋېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزنى بىزگە ناچار مۇ‌ئامىلە قىلغاندە‌ك ھېس قىلساق،‏ ئويغاق ياكى سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ھە‌مدە شە‌يتان خالىغاندە‌ك ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

4.‏ يۈسۈپ ناچار مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغاندا،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏يارىتىلىش 50:‏19–‏21‏)‏

4 ئاداۋە‌ت ساقلاپ رە‌نجىپ يۈرمە‌ڭ‏.‏ يۈسۈپ ياش ۋاقتىدا،‏ چوڭ ئاكىلىرى ئۇ‌نىڭغا يامانلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ھە‌تتا بە‌زىلىرى ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان ئىدى (‏يارىت.‏ 37:‏4،‏ 18–‏22‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋە‌تكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ يۈسۈپ تە‌خمىنە‌ن 13 يىل داۋاملاشقان ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ يۈسۈپ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ياخشى كۆرمە‌يدۇ ۋە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ ئۇ‌نى تاشلاۋە‌تتى دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ يۈسۈپ ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلاپ،‏ رە‌نجىپ يۈرمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ئارقىلىق سە‌گە‌ك تۇ‌رغان.‏ ئۇ قېرىنداشلىرىدىن ئۆچ ئېلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشكە‌ندە،‏ ئۆچ ئېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگە‌ن ئىدى (‏يارىت.‏ 45:‏4،‏ 5‏)‏.‏ يۈسۈپ شۇ‌نداق يول تۇ‌تقان،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ چوڭقۇ‌ر ئويلانغان ئىدى.‏ ئۇ دىققىتىنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌قسىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا قاراتقان ‏(‏يارىتىلىش 50:‏19–‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىزگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغان بولسا،‏ يە‌ھۋاغا ئۆچمە‌نلىك ساقلىماڭ ياكى ئۇ سىزنى تاشلاپ كە‌تتى دە‌پ ئويلىماڭ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ سىناققا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە قانداق ياردە‌م قىلىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاڭ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ باشقىلار سىزگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن يېپىشقا تىرىشىڭ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8‏.‏

5.‏ مىكېئاس ئۆزىنى ناچار مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

5 جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدىكى مىكېئاس b ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بە‌زى قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغاندە‌ك ھېس قىلغان ۋاقىتنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئە‌زە‌لدىن بۇ‌نداق بېسىم ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم.‏ مە‌ن قورقۇ‌پ كە‌تتىم.‏ كېچىسى ئۇ‌خلىيالمىدىم،‏ ئامالسىزلىقتىن يىغلاپ،‏ ياشلارنى تۆكتۈم».‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ مىكېئاس سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌پ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان.‏ ئۇ دائىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ۋە بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزدىن ئۆزىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان مە‌لۇ‌ماتلارنى ئىزدىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ بىر قېرىنداش سىزگە ناچار مۇ‌ئامىلە قىلغاندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاڭ ھە‌مدە ئۆزىڭىزدە پە‌يدا بولغان سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى تىزگىنلە‌شكە تىرىشىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز شۇ كىشىنىڭ شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىشىغا قانداق ئە‌ھۋال سە‌ۋە‌بچى بولغانلىقىنى بىلمە‌سلىكىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ ۋە ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراپ،‏ ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ ئىشلارغا قاراشقا تىرىشىڭ.‏ بۇ‌نداق قىلىش قېرىندىشىڭىزنىڭ سىزگە ھېچبىر يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بولمىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈۋېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏11‏)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ۋە‌زىيىتىڭىزنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏9؛‏ ۋە‌ز 5:‏8‏.‏

يە‌ھۋا نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ بىزنى تۈزە‌تكە‌ندە

6.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيىلە‌پ تۈزىتىشىنى بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئىپادىسى دە‌پ قاراش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ (‏ئىبرانىيلار 12:‏5،‏ 6،‏ 11‏)‏

6 يە‌ھۋا بىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ كۆڭلىمىزنى بە‌ك يېرىم ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بىز دىققىتىمىزنى پە‌قە‌ت ئاغرىققا قاراتساق،‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ تە‌ربىيىسىنى ئادىل ئە‌مە‌س ياكى بىز ئۈچۈن ماس كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلاشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئالاھىدە بىر نە‌رسىنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيىسىنى بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسى دە‌پ قاراشنى قولدىن بېرىپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن ‏(‏ئىبرانىيلار 12:‏5،‏ 6،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنىڭ بىزنى كونترول قىلىشىغا يول قويساق،‏ شە‌يتاننىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىشىگە پۇ‌رسە‌ت بېرىپ قويىمىز.‏ ئۇ بىزنىڭ تۈزىتىشنى رە‌ت قىلىشىمىزنى،‏ تېخىمۇ يامان يېرى،‏ يە‌ھۋا ۋە جامائە‌تتىن يىراقلىشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ن بولسا،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

پېترۇ‌س كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن نە‌سىھە‌تنى ۋە تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلغاچ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى تېخىمۇ كۆپ ئىشلاردا قوللانغان (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ (‏1)‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ پېترۇ‌س تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏ (‏2)‏ پېترۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

7 تۈزىتىشـنى قوبـۇ‌ل قىـلىڭ ۋە زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىڭ‏.‏ بىرقانچە قېتىم،‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنى باشقا ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئالدىدا تۈزە‌تكە‌ن (‏ماركۇ‌س 8:‏33؛‏ لۇ‌قا 22:‏31–‏34‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ پېترۇ‌س شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بە‌كمۇ خىجىل بولغان!‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا سادىق بولۇ‌پ قالغان.‏ ئۇ تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۆز خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالغان ئىدى.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋا پېترۇ‌سنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى مۇ‌كاپاتلىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا جامائە‌تتە مۇ‌ھىم مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى تاپشۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 21:‏15–‏17؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏24–‏33؛‏ 1-‏پېتر.‏ 1:‏1‏)‏.‏ پېترۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بىز دىققىتىمىزنى قانچىلىك خىجىللىق ھېس قىلىشىمىزغا قاراتماي،‏ ئە‌كسىچە تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلساق،‏ بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆز خىزمىتىدە تېخىمۇ كۆپرە‌ك قوللىنىدۇ ۋە قېرىنداشلىرىمىز بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏

8،‏ 9.‏ تۈزىتىش ئۈچۈن تە‌ربىيە بېرىلگە‌ندە،‏ بېرناردو دە‌سلە‌پتە ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى تۈزىتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

8 موزامبىكتا ياشايدىغان بېرناردو ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رگە نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشتىن توختىتىلغان.‏ بېرناردو دە‌سلە‌پتە ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن بېرىلگە‌ن تە‌ربىيىنى ياقتۇ‌رمىغاچ،‏ رە‌نجىپ يۈردۈم».‏ ئۇ جامائە‌تتىكى باشقىلارنىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ شۇ‌نى ئېتىراپ قىلغان:‏ «ماڭا بېرىلگە‌ن تە‌ربىيىگە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ھە‌مدە يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا قايتا ئىشىنىش ئۈچۈن بىرقانچە ئاي ۋاقىت كە‌تتى».‏ بېرناردونىڭ ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

9 بېرناردو ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تۈزە‌تكە‌ن.‏ ئۇ چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئىبرانىيلار 12:‏7-‏ئايە‌تنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشىگە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شى ئۈچۈن ياردە‌م قىلغان ئىدىم.‏ ھازىر مە‌ن ئۆز-‏ئۆزۈمدىن:‏ «بۇ ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزىنى كىم ئە‌مە‌لىي قوللىنىشى كېرە‌ك؟‏»—‏ دە‌پ سورىدىم.‏ يە‌ھۋانىڭ بارلىق خىزمە‌تچىلىرى،‏ ئە‌لۋە‌تتە شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا مە‌نمۇ بار».‏ ئاندىن كېيىن،‏ بېرناردو يە‌نە باشقا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىپ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قايتىدىن تىكلىگە‌ن.‏ ئۇ كۆپرە‌ك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ۋە مۇ‌لاھىزە قىلىپ چوڭقۇ‌رراق ئويلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقارغان.‏ گە‌رچە ئۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق قارىشىدىن ئە‌نسىرىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ بېرناردو قايتا ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ بېرناردوغا ئوخشاش،‏ تۈزىتىش ئۈچۈن سىزگىمۇ تە‌ربىيە بېرىلگە‌ن بولسا،‏ دىققىتىڭىزنى قانچىلىك خىجىللىق ھېس قىلىشقا قاراتماي،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا تىرىشىڭ c (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏33؛‏ 22:‏4‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا سادىقلىق بىلە‌ن مە‌ھكە‌م يېپىشىسىز ۋە ئۇ‌نىڭ سىزنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىسىز.‏

تە‌شكىلاتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىنغا توختىغاندا

10.‏ تە‌شكىللە‌ش ئىشىدا يولغا قويۇ‌لغان قانداق ئۆزگىرىش بە‌زى ئىسرائىللارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى سىنىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

10 تە‌شكىلاتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلە‌ر بىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى سىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئېھتىيات قىلمىساق،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ بىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىۋېتىشكە يول قويىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگە‌ن قانۇ‌ندىكى بىر تە‌شكىللە‌ش ئىشىنىڭ بە‌زى ئىسرائىللارغا قانداق تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ قانۇ‌ن يولغا قويۇ‌لۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئائىلە باشلىقلىرى روھانىيلار قىلىدىغان ئىشنى قىلغان.‏ ئۇ‌لار قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى ياساپ،‏ ئائىلىسىدىكىلە‌رگە ۋاكالىتە‌ن يە‌ھۋاغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌نغان (‏يارىت.‏ 8:‏20،‏ 21؛‏ 12:‏7؛‏ 26:‏25؛‏ 35:‏1،‏ 6،‏ 7؛‏ ئايۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏ بىراق،‏ قانۇ‌ن يولغا قويۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇ‌لمىغان ئىدى.‏ يە‌ھۋا قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نۇ‌شقا ھارۇ‌ننىڭ ئائىلىسىدىن روھانىيلارنى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ھارۇ‌ننىڭ ئە‌ۋلادلىرىدىن بولمىغان بىر ئائىلە باشلىقى روھانىيلىق ۋە‌زىپىسىنى ئۆتۈشكە باشلىسا،‏ ئۇ‌نداق كىشى ئۆلتۈرۈلە‌تتى d (‏لاۋى.‏ 17:‏3–‏6،‏ 8،‏ 9‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ئۆزگىرىش كوراھ،‏ داتان،‏ ئابىرام ۋە باشقا 250 كىشىنىڭ مۇ‌سا ۋە ھارۇ‌ننىڭ ھوقۇ‌قىغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌نلىكىنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىدىن بىرى بولغانمۇ؟‏ (‏سانلار 16:‏1–‏3‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېيە‌لمە‌يمىز.‏ مە‌يلى قانداق بولغان بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كوراھ ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولغانلار يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قالالمىغان.‏ ئە‌گە‌ر تە‌شكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلە‌ر ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى سىنىسا،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

كوھاتلىقلار يېڭى ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ناخشىچىلار،‏ دە‌رۋازا قاراۋۇ‌للىرى ياكى ئامبارلاردا خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا تە‌ييار بولۇ‌شقان (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ بە‌زى كوھاتى لاۋىيلارنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

11 تە‌شكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلە‌رنى پۈتۈن كۈچ بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ.‏ چۆلدىكى سە‌پە‌ر جە‌ريانىدا،‏ كوھاتىلىقلارغا بە‌ك ئالاھىدە ۋە‌زىپىگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىدى.‏ ھە‌ر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ چېدىرلىرىنى كۆچۈرگە‌ندە،‏ بە‌زى كوھاتىلىقلار ئە‌ھدە ساندۇ‌قىنى بارچە خە‌لقنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ ماڭاتتى (‏سانلار 3:‏29،‏ 31؛‏ 10:‏33؛‏ يە‌شۇ‌ئا 3:‏2–‏4‏)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئالاھىدە ئىمتىياز!‏ ئە‌مما،‏ ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا ماكانلاشقاندا،‏ ئىشلاردا زور ئۆزگىرىشلە‌ر بولغان.‏ ئە‌مدى ساندۇ‌قنى دائىم يۆتكە‌شنىڭ ھاجىتى قالمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ بولۇ‌پ ھۆكۈمرانلىق قىلغانغا قە‌دە‌ر،‏ بە‌زى كوھاتىلىقلار ناخشىچىلار،‏ بە‌زىلىرى دە‌رۋازا قاراۋۇ‌للىرى،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئامبارلارغا قارايدىغان خىزمە‌تچىلە‌ر سۈپىتىدە تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏1-‏تارىخ.‏ 6:‏31–‏33؛‏ 26:‏1،‏ 24‏)‏.‏ ئىلگىرى ئالاھىدە بىر ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ كوھاتلىقلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگە‌نلىكى ياكى تېخىمۇ مۇ‌ھىمراق خىزمە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدە ھېچبىر سۆزلە‌ر يېزىلمىغان.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىگە تە‌سىر قىلىشىغا قارىماي،‏ يە‌ھۋا تە‌شكىلاتىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلە‌رنى چىن دىلىڭىزدىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ.‏ سىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ھە‌ر قانداق ۋە‌زىپىدىن خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌ڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا سىزنى قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك قىلىدىغىنى قىلىۋاتقان ۋە‌زىپىڭىز ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا ئىتائە‌تچانلىقىڭىزنى ھە‌رقانداق ۋە‌زىپىدىن بە‌كرە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ.‏—‏1-‏سام.‏ 15:‏22‏.‏

12.‏ زە‌ينا بە‌يتە‌لدىن ئايرىلىپ،‏ ساھە‌دە ۋە‌ز قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ندە ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏

12 ئوتتۇ‌را شە‌رقتە ياشايدىغان زە‌ينا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىغا قاراپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىپىسى ئۆزگىرىپ،‏ ئۆزى قە‌دىرلىگە‌ن شان-‏شە‌رە‌پلىك خىزمە‌تتىن ئايرىلغان.‏ ئۇ بە‌يتە‌لدە 23 يىلدىن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ قايتا ساھە‌دە ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «خىزمىتىمنىڭ ئۆزگۈرۈشى مېنى بە‌ك چۆچۈتتى.‏ ئۆزۈمنى كارغا كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلدىم ۋە ئۆز-‏ئۆزۈمدىن:‏ «نېمە ئىشنى خاتا قىلدىم؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ تۇ‌راتتىم.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ جامائە‌تتىكى بە‌زى قېرىنداش ئۇ‌نىڭ يارىسى ئۈستىگە تۇ‌ز چېچىپ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى بولغان بولساڭ،‏ تە‌شكىلات سېنى بە‌يتە‌لدە قالدۇ‌راتتى».‏ زە‌ينانىڭ كۆڭلى بىر مە‌زگىل ئىنتايىن يېرىم بولغان ۋە ھە‌ر كۈنى كە‌چتە يىغلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئە‌زە‌لدىن تە‌شكىلاتتىن ياكى يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈسىدىن گۇ‌مانلىنىشقا يول بە‌رمىدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ زە‌ينا سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

13.‏ زە‌ينا سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

13 زە‌ينا ئۆزىنىڭ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يېڭە‌لىگە‌ن ئىدى.‏ قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏ ئۇ ئۆزى دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىققا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌غان.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏،‏ 2001-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال سانىدىكى «‏ئۈمىدسىزلىككە تاقابىل تۇ‌رالايسىز!‏‏» ناملىق ماقالە ئۇ‌نىڭغا كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ماقالىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغان ماركۇ‌سنىڭ ۋە‌زىپىسى ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن ئىدى.‏ زە‌ينا ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ماركۇ‌سنىڭ مىسالى ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن شىپالىق دورا».‏ زە‌ينا يە‌نە دوستلىرى بىلە‌ن يېقىن ئالاقىنى ساقلىغان.‏ ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رمىغان،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئۆز-‏ئۆزىدىن ئاغرىنمىغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆز روھى ئارقىلىق يېتە‌كلە‌ۋاتقان تە‌شكىلات ۋە مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىنى ئە‌ڭ ياخشى قىلىش ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏

14.‏ تە‌شكىلاتنىڭ قايسى ئۆزگە‌رتىشلىرىگە ماسلىشىش ۋىلادو ئۈچۈن قىيىن بولغان ۋە ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م قىلغان؟‏

14 سلوۋېنىيىدە ياشايدىغان 73 ياشلىق ئاقساقال ۋىلادو،‏ ئۆز جامائىتى باشقا بىر جامائە‌ت بىلە‌ن بىرلە‌شتۈرۈلۈپ،‏ ئۇ بېرىۋاتقان ئىبادە‌ت زالى تاقالغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا بە‌ك قىيىن كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق چىرايلىق ئىبادە‌ت زالىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌نمىدىم.‏ زالنى يېقىندا رېمونت قىلغان ئىدۇ‌ق،‏ شۇ‌ڭا قاتتىق ئازابلاندىم.‏ مە‌ن ياغاچچى،‏ بە‌زى يېڭى جاھازىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ئىدىم.‏ شۇ‌نداقلا،‏ تە‌شكىلات تە‌لە‌پ قىلغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان يېڭى ئۆزگە‌رتىشلە‌ر بىزدە‌ك ياشانغان ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئۈچۈن ئاسان بولمىغان».‏ ۋىلادونىڭ يول-‏يورۇ‌قنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلە‌رگە ماسلىشىش ھە‌مىشە بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ بۇ‌نداق تاۋلاشلار بىزنى كېلە‌چە‌كتىكى ھە‌تتا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلە‌رگە تە‌ييارلىماقتا».‏ جامائە‌تنى بىرلە‌شتۈرۈش ياكى ۋە‌زىپىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ئوخشاش ئۆزگىرىشلە‌رگە ماسلىشىش سىز ئۈچۈن قىيىن كېلىۋاتامدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏ سىز شۇ‌نىڭدە‌ك ئۆزگىرىشلە‌رنى قوللاپ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ ئىشلىتىۋاتقان تە‌شكىلاتقا سادىقلىق بىلە‌ن چىڭ يېپىشىپ تۇ‌رسىڭىز،‏ چوقۇ‌م بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 18:‏25‏.‏

ھە‌ممە ئىشتا سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭ

15.‏ جامائە‌ت ئىچىدىن كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

15 بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانسېرى،‏ جامائە‌تنىڭ ئىچىدىن كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز ۋە بۇ قىيىنچىلىقلار يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزنى سىنىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز چوقۇ‌م سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى ئېتىقادچى قېرىندىشىڭىزنىڭ ناچار مۇ‌ئامىلىسىگە ئۇ‌چرىغاندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ ئاداۋە‌ت ساقلاپ رە‌نجىپ يۈرمە‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر تۈزىتىش ئۈچۈن تە‌ربىيە بېرىلسە،‏ دىققىتىڭىزنى خىجىل بولۇ‌شقا قاراتماي،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىڭ ۋە زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى سىزگە شە‌خسە‌ن تە‌سىر قىلىدىغان ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارنى چىن دىلىڭىزدىن قوبۇ‌ل قىلىڭ ۋە يول-‏يورۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌ڭ.‏

16.‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق ساقلاپ قالالايسىز؟‏

16 ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىز سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھە‌ردائىم سە‌گە‌ك ياكى ھوشىيار تۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك،‏ يە‌نى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش،‏ سوغۇ‌ق قانلىق بىلە‌ن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋە ئىشلارغا يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراش كېرە‌ك.‏ سىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى شە‌خسلە‌رنىڭ مىساللىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رالىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ تە‌تقىق قىلىشقا بە‌ل باغلاڭ.‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ھە‌رگىزمۇ جامائە‌تتىن ئايرىلماڭ.‏ قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ شە‌يتان سىزنى يە‌ھۋا ياكى ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏7‏.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرۈش

a بە‌زىدە يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ بولۇ‌پمۇ جامائە‌تتە كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان بە‌زى ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ندە شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ ھازىر ئۈچ قىيىنچىلىق،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا سادىق بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏،‏ 2009-‏يىل،‏ 15-‏ئاۋغۇ‌ست سانى،‏ 30-‏بە‌تتىكى «سىز ئىلگىرى خىزمە‌ت قىلغانمۇ؟‏ قايتا خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏» ناملىق ماقالىدىن تېخىمۇ پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

d قانۇ‌ندا ئائىلە باشلىقلىرى بىر جانىۋارنى گۆش ئۈچۈن بوغۇ‌زلىماقچى بولغان بولسا،‏ ئۇ‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا ئېلىپ بېرىشى تە‌لە‌پ قىلىنغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جايدىن بە‌ك يىراقتا ياشايدىغان ئائىلە باشلىقلىرى بۇ‌نىڭ سىرتىدا ئىدى.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 12:‏21‏.‏