مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

موردىكاي ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆتمۈشتە ياشىغان شە‌خس

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئە‌ستىر كىتابىدا موردىكاي ئىسىملىك مۇ‌ھىم بىر شە‌خس تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ ئە‌سىرلىككە ئېلىنغان يە‌ھۇ‌دىي بولسىمۇ،‏ پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسىدا خىزمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى بە‌شىنچى ئە‌سىرنىڭ باشلىرىدا،‏ يە‌نى پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ (‏بۈگۈنكى كۈندە،‏ كىشىلە‌ر 1-‏كسېركس دە‌پمۇ ئاتايدۇ)‏ زامانىدا ياشىغان.‏ موردىكاي پادىشاھنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرگە‌نلە‌رنى ئاشكارىلىغان.‏ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن پادىشاھ ئۇ‌نى خە‌لقنىڭ ئالدىدا شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ موردىكاي بىلە‌ن باشقا يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ دۈشمىنى ۋە ھامان ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ پادىشاھ موردىكاينى ۋە‌زىر قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بۇ ھوقۇ‌ق موردىكايغا،‏ پارس ئىمپېرىيىسى زېمىنىدا ياشاۋاتقان يە‌ھۇ‌دىيلارنى ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش بۇ‌يرۇ‌قىنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقانىدى.‏—‏ئە‌ستىر 1:‏1؛‏ 2:‏5،‏ 21–‏23؛‏ 8:‏1،‏ 2؛‏ 9:‏16‏.‏

20-‏ئە‌سىرنىڭ بېشىدا،‏ بە‌زىبىر تارىخشۇ‌ناسلار ئە‌ستىر كىتابى ئويدۇ‌رۇ‌پ چىقىرىۋالغان ۋە موردىكاي دېگە‌ن شە‌خس ھېچقاچان ياشىمىغان دېيىشكە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ 1941-‏يىلى ئارخېئولوگلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى موردىكاي توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتنىڭ راستلىقى ھە‌ققىدە دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپتى.‏ بۇ قانداق دە‌لىل-‏ئىسپاتلار؟‏

تە‌تقىقاتچىلار پارس سېغىز لاي تاختا يازمىلىرىدا،‏ ماردۇ‌كا (‏ئىنگلىزچە موردىكاي)‏ ئىسىملىك بىر ئە‌ر كىشىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بايقىغان.‏ ئۇ شۇ‌شاندا باشقۇ‌رغۇ‌چى،‏ بە‌لكىم ھېساب قىلغۇ‌چى بولۇ‌پ ئىشلىگە‌ن.‏ شە‌رق تارىخى تە‌تقىقاتچىسى ئارتۇ‌ر ئۇ‌نگناد ئۆز كە‌سىپىگە پىشقان تارىخشۇ‌ناس بولۇ‌پ،‏ ئۇ تۇ‌نجى بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن باشقا ھۆججە‌تلە‌ردە موردىكاي توغرۇ‌لۇ‌ق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.‏

ئۇ‌نگناد بۇ‌نى ئوتتۇ‌رغا قويغاندىن كېيىن،‏ تە‌تقىقاتچىلار باشقا مىڭلىغان پارس سېغىز لاي تاختا يازمىلىرىنى تە‌رجىمە قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا شە‌ھە‌ر تاملىرىنىڭ ئە‌تراپىدىكى خارابىلە‌ردىن تېپىلغان پېرسە‌پولىس تاختىلىرى بار ئىدى.‏ بۇ تاختىلار 1-‏كسېركس پادىشاھ زامانىغا تە‌ۋە بولۇ‌پ،‏ ئېلام تىلىدا يېزىلغان.‏ ئۇ‌لاردا ئە‌ستىر كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بىرنە‌چچە ئىسىملار بار a‏.‏

موردىكاي (‏ماردۇ‌كا)‏ دېگە‌ن ئىسىمنىڭ پارس سېغىز لاي تاختا يازمىلىرىدىكى يېزىلىشى

بىرنە‌چچە پېرسە‌پولىس تاختىسىدا ماردۇ‌كا دېگە‌ن ئىسىم يېزىلغان،‏ ئۇ 1-‏كسېركس زامانىدا شۇ‌شان ئوردىسىدا پادىشاھنىڭ كاتىپى بولغان.‏ بىر تاختىدا ماردۇ‌كا تە‌رجىمان دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ بۇ تە‌پسىلات مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى موردىكاي ھە‌ققىدىكى تە‌سۋىرلە‌شكە ماس كېلىدۇ.‏ ئۇ پادىشاھ ئاخاشۋېروش (‏1-‏كسېركس)‏ ئوردىسىدا خىزمە‌ت قىلىدىغان،‏ كە‌م دېگە‌ندە ئىككى تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئە‌مە‌لدار ئىدى.‏ موردىكاي دائىم شۇ‌شاندىكى پادىشاھ سارىيىنىڭ دە‌رۋازىسىدا ئولتۇ‌راتتى (‏ئە‌ستىر 2:‏19،‏ 21؛‏ 3:‏3‏)‏.‏ بۇ پادىشاھلىق دە‌رۋازىسى ھە‌يۋە‌تلىك بىنا بولۇ‌پ،‏ ئوردا ئە‌مە‌لدارلىرىنىڭ خىزمە‌ت ئورنى ئىدى.‏

تاختىدا تىلغا ئېلىنغان ماردۇ‌كا بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى موردىكاينىڭ ھە‌يران قالارلىق ئوخشاشلىقى بار.‏ ئۇ‌لار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا،‏ ئوخشاش بىر پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئە‌مە‌لدارلىرى بولغان.‏ بۇ بارلىق ئوخشاشلىقلار ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلاردا تىلغان ئېلىنغان ماردۇ‌كا بىلە‌ن،‏ ئە‌ستىر كىتابىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن موردىكاينىڭ ئوخشاش بىر شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏

a ‏1922-‏يىلى مۇ‌تە‌خە‌سسىس ئېدۋىن ماساۋ يامائۇ‌چى ئە‌ستىر كىتابىدا ئۇ‌چرايدىغان ئون ئىسىمنى تاپقان.‏