مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

‏«يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغۇ‌م كە‌لدى»‏

‏«يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغۇ‌م كە‌لدى»‏

بىز سۇ‌رىنامنىڭ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلىرى ئىچىگە جايلاشقان گرانبورى يېزىسىنى زىيارە‌ت قىلىپ بارغان ئىدۇ‌ق.‏ ئۇ جايدىكى كىچىك بىر توپ كىشىلە‌ر بىلە‌ن خوشلاشقاندىن كېيىن،‏ بىز بىر كېمىگە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ تاپاناخونى دە‌رياسىدا ئۈزۈپ كە‌تتۇ‌ق.‏ كېيىنرە‌ك،‏ تېيىز دە‌ريا ئېقىنلىرىدىن ئۆتكە‌ندە،‏ كېمە ماتورى چاقپىلىكى تاشقا ئۇ‌رۇ‌لدى.‏ كېمىمىز سۇ‌غا چۆكۈپ كە‌تتى.‏ بىزمۇ سۇ‌غا چۈشۈپ كە‌تتۇ‌ق.‏ يۈرىكىم گۈپىلدە‌پ سوقۇ‌پ كە‌تتى.‏ مە‌ن رايۇ‌نغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىل كېمىدە كۆپ قېتىم سە‌پە‌ر قىلغان بولساممۇ،‏ سۇ ئۈزۈشنى بىلمە‌يتتىم!‏

داۋاملىق نېمە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمىتىمنى قانداق باشلىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرە‌ي.‏

مە‌ن 1942-‏يىلى كۇ‌راتساۋ دېگە‌ن كارىب دېڭىزىدىكى گۈزە‌ل ئاراللاردىن بىرىدە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ دادام ئە‌سلى سۇ‌رىنامدىن ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ بۇ ئارالغا ئىشلە‌ش ئۈچۈن كۆچۈپ بارغانىدى.‏ دادام مە‌ن تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىككى يىل بۇ‌رۇ‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان.‏ ئۇ كۇ‌راتساۋتا بىرىنچى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلاردىن بىرى ئىدى a‏.‏ بىز دائىم ئۆگىنىشنى خالىمىساقمۇ،‏ ئۇ ھە‌ر ھە‌پتە بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ مە‌ن 14 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ دادام ياشىنىپ قالغان ئاپىسىغا قاراش ئۈچۈن ئائىلىمىز بىلە‌ن سۇ‌رىنامغا كۆچۈپ كە‌تتۇ‌ق.‏

ياخشى دوستلارنىڭ ياردىمى

سۇ‌رىنامدا،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا چىن يۈرە‌كتىن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان جامائە‌تتىكى ياشلار بىلە‌ن ئارىلىشىشقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌لار مە‌ندىن بىرنە‌چچە ياش چوڭ ئىدى ۋە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ ئۇ‌لار خىزمە‌تتە بولغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ كۆزلىرى خۇ‌شاللىققا تولاتتى.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدىن كېيىن،‏ دوستلىرىم بىلە‌ن بە‌زىدە تالادا يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانلارغا قاراپ،‏ روھىي ماۋزۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىپ ئولتۇ‌راتتۇ‌ق.‏ شۇ دوستلىرىم ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى تونۇ‌پ يېتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى؛‏ مېنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغۇ‌م كە‌لدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ 16 يېشىمدا،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلدۈم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ 18 ياشتا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىدىم.‏

مۇ‌ھىم ساۋاق ئالدىم

پارامارىبودا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىپ يۈرگە‌ن ۋاقىت

پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ندە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم.‏ بۇ ماڭا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمىتىمدە كۆپ ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشقىلارغا تە‌لىم بېرىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىشنى باشلىغاندا،‏ مىسسىئونېر بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ۋىليام ۋان سېل بۇ‌رادە‌ر مېنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئالدى b‏.‏ ئۇ ماڭا جامائە‌تتىكى ۋە‌زىپىلە‌رنى قانداق ئورۇ‌نداش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تتى.‏ شۇ ۋاقىتتا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نمە‌پتىمكە‌نمە‌ن.‏ كېيىنكى يىلى مېنى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە تە‌يىنلىدى.‏ مە‌ن باشقا جامائە‌تلە‌ردىن يىراق سۇ‌رىنام يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلىرى ئىچىدىكى كىچىك توپقا ياردە‌م بېرىشكە باشلىدىم.‏ ئۆز ۋاقتىدا ۋىليامدە‌ك بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بە‌رگە‌ن تە‌لىم-‏تە‌ربىيىلىرى ئۈچۈن كۆپ مىننە‌تدارمە‌ن!‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارغا تە‌لىم بېرىشكە تىرىشتىم.‏

ئىككىنچى ئۆگە‌نگە‌ن مۇ‌ھىم نە‌رسە،‏ ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ۋزە‌للىكى ۋە ھە‌ممە ئىشلارنى ياخشى پىلانلاش.‏ ھە‌ر ئاينىڭ بېشىدا شېرىكىم ئىككىمىز كېيىنكى بىرنە‌چچە ھە‌پتىلىك ئېھتىياجلىرىمىزنى،‏ مە‌سىلە‌ن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك ۋە باشقىمۇ كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى تە‌ييارلاپ قوياتتۇ‌ق.‏ كېيىن،‏ ئىككىمىزنىڭ بىرى پايتە‌خت شە‌ھە‌رگە ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر قىلىپ،‏ كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئېلىپ كېلە‌تتۇ‌ق.‏ بىر ئايلىق پۇ‌لىمىزنى بىر ئايغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ھە‌ممە چىقىملارنى ساناپ،‏ ياخشى پىلان قۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك ئىدى.‏ بىز يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورماندا نە‌رسە-‏كېرە‌كلىرىمىز تۈگە‌پ قالسا،‏ ساناقلىقلا كىشىلە‌ر ياردە‌م بېرە‌لە‌يتتى.‏ ياش ۋاقىتتا ئۆگە‌نگە‌ن ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈش،‏ ھە‌ممىنى ئالدىن ياخشى پىلانلاش ھاياتىمدا پۈتۈن دىققىتىمنى يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىگە ئاغدۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌ردى.‏

ئۈچىنچى ئۆگە‌نگە‌ن نە‌رسە،‏ ئادە‌ملە‌رگە ئانا تىلىدا تە‌لىم بېرىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ سۇ‌رىنامدا مە‌ن گوللاند،‏ ئىنگلىز،‏ پاپىئامېنتو ۋە شرانانتونگو (‏باشقا نامى شرانان)‏ تىللىرىدا سۆزلە‌پ چوڭ بولدۇ‌م.‏ بىراق،‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورماندا كىشىلە‌رگە ئانا تىلىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزسە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشىراق تىڭشايدىغانلىقىنى كۆردۈم.‏ مە‌ن ئۈچۈن ساراماكان تىلىغا ئوخشاش بە‌زى يە‌رلىك تىللاردا سۆزلە‌ش قىيىن بولغان ئىدى.‏ چۈنكى ئۇ‌لار يۇ‌قىرى-‏تۆۋە‌ن ئاھاڭلاردا سۆزلە‌يتتى.‏ بىراق،‏ مېنىڭ تىرىشچانلىقىم بىكارغا كە‌تمىدى.‏ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلە‌پ،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىگە ياردە‌م بە‌ردىم.‏

تىل ئۆگىنىپ يۈرگە‌ندە،‏ خىجالە‌ت بولۇ‌پ قالغان چاغلار بولغانىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېتىم،‏ ساراماكان تىلىدا سۆزلە‌يدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىپ يۈرگە‌ن ئايالنىڭ قورسىقى ئاغرىۋاتقان ئىكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن ھازىر سالامە‌تلىكىڭىز قانداقراق دە‌پ سورىماقچى بولدۇ‌م،‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سىز ھامىلدارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپتىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق،‏ بۇ سوئالىم ئۇ‌نى خىجىل قىلىپ قويغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدە‌ك خاتالىقلارغا قارىماي،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە دائىم ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشكە تىرىشاتتىم.‏

قوشۇ‌مچە ۋە‌زىپىلە‌رنى قىلاتتىم

1970-‏يىلى،‏ مە‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولدۇ‌م.‏ شۇ يىلى مە‌ن يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلاردىكى كىچىك توپلارغا بېرىپ،‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ باش ئىدارىسىنى زىيارە‌ت قىلىش» پروگراممىسىنى تونۇ‌شتۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۇ‌لارنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن،‏ بىز بۇ‌رادە‌رلە‌ر بىلە‌ن يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلاردىكى دە‌ريالاردا ئۇ‌زۇ‌ن نېپىز ياغاچ كېمە بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلاتتۇ‌ق.‏ كېمىمىزدە گېنېراتور،‏ بېنزىن،‏ ماي چىراقلار ۋە سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ئۈسكىنە-‏جابدۇ‌قلار بار ئىدى.‏ كۆزلىگە‌ن يە‌رگە يە‌تكە‌ندە،‏ بارلىق نە‌رسىلە‌رنى سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىدىغان جايغا ئاپىراتتۇ‌ق.‏ ئاشۇ سە‌پە‌رلە‌رنى ئە‌سلىسە‌م،‏ يىراقتا ياشايدىغان شۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ بۇ پروگراممىنى شۇ‌نچىلىك ياخشى كۆرۈپ كۆرگە‌نلىكى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.‏ مە‌ن باشقىلارنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ر يۈزىدىكى تە‌شكىلاتى ھە‌ققىدە ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگىنىمدىن ئىنتايىن خۇ‌شال ئىدىم.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقلارغا قارىغاندا،‏ ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرىم تېخىمۇ كۆپرە‌ك بولدى.‏

ئۈچ قات ئارغامچىنى ئۆرۈش

1971-‏يىل،‏ سېنتە‌بىردە ئېسېل ئىككىمىز توي قىلدۇ‌ق

بويتاق ياشاشنىڭ خىزمىتىم ئۈچۈن ياخشى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نسە‌ممۇ،‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھقا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورماندا ماڭا ھە‌مراھ بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييار بولىدىغان ئايالنى سورىدىم.‏ تە‌خمىنە‌ن بىر يىلدىن كېيىن،‏ ئېسېل ئىسىملىك مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قېرىنداش بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ يۈردۈم.‏ ئۇ قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە تە‌ييار ئىدى.‏ ئۇ كىچىكىدىن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ھە‌ۋە‌س قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن قىلىشنى خالىغانىدى.‏ بىز 1971-‏يىلى سېنتە‌بىر ئېيىدا توي قىلىپ،‏ ئە‌ر-‏ئايال سۈپىتىدە جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىشقا باشلىدۇ‌ق.‏

ئېسېل ئانچە باي ئە‌مە‌س ئائىلىدە چوڭ بولغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورماندا جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىشقا چاپسان كۆنۈپ كە‌تتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانغا بېرىشقا تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ بىز كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئالمايتتۇ‌ق.‏ كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رنى دە‌ريادا يۇ‌ياتتۇ‌ق،‏ ئۆزىمىزمۇ شۇ يە‌ردە يۇ‌يۇ‌ناتتۇ‌ق.‏ يە‌نە ئۆي ئىگىلىرى مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ تاماقلارنى تە‌ييارلىسا،‏ تاللىماي ھە‌ممىنى يە‌ۋېرە‌تتۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار ئادە‌تتە ئورمانلاردىن ئوۋلىغان كە‌سلە‌نچۈكلە‌ر،‏ دە‌ريالاردىن تۇ‌تقان ئۆتكۈر چىشلىق گۆشخور بېلىقلارنى پىشۇ‌راتتى.‏ تە‌خسىلە‌ر بولمىغاندا،‏ بانان يوپۇ‌رماقلىرىنى قوللىناتتۇ‌ق.‏ قوشۇ‌ق بولمىغاندا،‏ قولىمىز بىلە‌ن يە‌تتۇ‌ق.‏ بىز ئېسېل ئىككىمىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ بىرلىكتە قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىپ،‏ مە‌ھكە‌م ئۈچ قات ئۆرۈلگە‌ن ئارغامچا كە‌بى بولۇ‌پ كە‌تتۇ‌ق (‏ۋە‌ز 4:‏12‏)‏.‏ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن شۇ ئاجايىپ كە‌چۈرمىشلە‌رنى ھېچنېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رالمايمىز!‏

مە‌ن باشتا تىلغا ئالغان ۋە‌قە،‏ ئورماندىكى يىراق بىر جايدىن قايتىش سە‌پىرىدە يۈز بە‌رگە‌نىدى.‏ كېمىمىز شىددە‌تلىك ئېقىنغا كىرىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ قىسقىغىنە ۋاقىتقا سۇ ئاستىغا كىرىپ كە‌تتى.‏ بىراق تېزلا سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈلدى.‏ خۇ‌داغا شۈكۈر،‏ سۇ‌غا چۆكتۈرمە‌يدىغان كىيىملە‌رنى كىيىۋالغان ئىدۇ‌ق،‏ كېمىدىن چۈشۈپ كە‌تمىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ كېمە سۇ‌غا توشۇ‌پ كە‌تكە‌نىدى.‏ بىز كېمىدىكى يېمە‌كلىكلە‌رنى سېلىۋالغان قاچىلاردىن تاماقلارنى تۆكۈۋېتىپ،‏ قۇ‌رۇ‌ق قاچىلار بىلە‌ن كېمىدىكى سۇ‌نى چىقىرىپ تاشلىدۇ‌ق.‏

يېمە‌كلىكلىرىمىزنى تۆكۈۋە‌تكە‌چ،‏ دە‌ريانى بويلاپ،‏ بېلىق تۇ‌تۇ‌شقا باشلىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ھېچنېمە تۇ‌تالمىدۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ شۇ كۈن ئۈچۈن تاماقىمىزنى بېرىشنى سورىدۇ‌ق.‏ دۇ‌ئا قىلىپ بولۇ‌شىمىزغا،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر يوغان بىر بېلىقنى تۇ‌تۇ‌ۋالدى.‏ شۇ كۈنى كە‌چ،‏ بىز بە‌ش كىشى بېلىق بىلە‌ن قورساق تويغۇ‌زۇ‌پ،‏ خۇ‌شال بولدۇ‌ق.‏

يولداش،‏ دادا ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ،‏ بە‌ش يىل خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ بىز كۈتمىگە‌ن بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتۇ‌ق.‏ ئېسېل ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ بىز ئە‌مدى ئاتا-‏ئانا بولىدىغان بولدۇ‌ق.‏ بۇ خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇ‌شال بولدۇ‌م،‏ شۇ‌نداقتىمۇ بۇ تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يتتىم.‏ ئېسېل ئىككىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنى خالايتتۇ‌ق.‏ 1976-‏يىلى ئوغلىمىز ئېسىنيال تۇ‌غۇ‌لدى.‏ ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن ئىككىنچى ئوغلىمىز جوۋاننى تۇ‌غۇ‌لدى.‏

شە‌رقىي سۇ‌رىنامدىكى گودو خولوغا يېقىن تاپاناخونى دە‌رياسىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈش،‏ 1983-‏يىل

شۇ چاغدا،‏ سۇ‌رىنامدا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالغا ئېھتىياج بولغاچ،‏ بە‌يتە‌ل كومىتېتى مېنى داۋاملىق رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلىدى.‏ زىيارە‌ت خىزمىتىنىمۇ قىلدۇ‌ق ۋە بالىلىرىمىزنىمۇ تە‌ربىيىلە‌پ چوڭ قىلدۇ‌ق.‏ ئوغۇ‌للىرىمىز كىچىك ۋاقىتتا،‏ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ يۈردۈم.‏ ئادە‌تتە ئايدا بىر-‏ئىككى ھە‌پتە جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلسام،‏ قالغان ۋاقىتلاردا ئۆز جامائىتىمىزدە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتىم.‏ ئۆيىمىزگە يېقىن جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلغاندا،‏ بىز بىر ئائىلە باراتتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلاردىكى جامائە‌تلە‌رگە ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا ئۆزۈم يالغۇ‌ز باراتتىم.‏

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ،‏ يىراق جايلاردىكى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ندە كېمە بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلاتتىم

بارلىق مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرىمنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزۈشۈم كېرە‌ك ئىدى.‏ ھە‌ر ھە‌پتىدە ئائىلىۋى ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتىم.‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورمانلاردىكى جامائە‌تلە‌رگە بارغاندا،‏ ئېسېل ئۆزى بالىلار بىلە‌ن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌تتى.‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر ئىشلارنى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە قىلاتتۇ‌ق.‏ ئېسېل ئىككىمىز بالىلار بىلە‌ن بىللە كۆڭۈل ئاچاتتۇ‌ق،‏ ئويۇ‌نلار ئويناتتۇ‌ق ياكى ئۆيۈمىزنىڭ ئە‌تراپىدىكى جايلارنى ئايلىناتتۇ‌ق.‏ جامائە‌تتىكى تاپشۇ‌رۇ‌قلارغا تە‌ييارلىق قىلغاچ،‏ دائىم كېيىنرە‌ك ئۇ‌خلايتتىم.‏ ئېسېل پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏15-‏ئايە‌تتىكى ئايالغا ئوخشاش،‏ تاڭ ئاتماستا ئورنىدىن تۇ‌راتتى.‏ بالىلىرىمىز مە‌كتە‌پكە مېڭىشتىن ئاۋۋال،‏ بىز ھە‌ممىمىز بىللە ناشتا قىلىپ،‏ كۈندىلىك ئايە‌تنى ئوقۇ‌يتتۇ‌ق.‏ خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئادا قىلىشىمغا ياردە‌م بېرىدىغان پىداكار ئايالىمنىڭ بولغىنى ئۈچۈن يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىمدىن مىننە‌تدارمە‌ن!‏

بالىلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردۇ‌ق.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى قىلىشىنى خالايتتۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى بىز خالىغىنىمىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزلىرى ئىختىيار قىلغىنى ئۈچۈن قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىز دائىم ئۇ‌لارغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنىڭ كۆپ خۇ‌شاللىقلارنى ئە‌كېلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتۇ‌ق.‏ قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇ‌رمايتتۇ‌ق،‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئائىلىمىزنى بە‌رىكە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى كۆپرە‌ك تە‌كىتلە‌يتتۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە بالىلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغان قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ،‏ دوستلارنى تۇ‌تۇ‌شىغا پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بېرە‌تتۇ‌ق.‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئائىلە‌منى بېقىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مە‌نمۇ ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشتىم.‏ يامغۇ‌رلۇ‌ق ئورماندا بويتاق مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ پۇ‌لنى قانداق پىلانلىق خە‌جلە‌شنى ئۆگە‌نگە‌ن ئىدىم.‏ شۇ‌نداق ھالە‌تتىمۇ،‏ بە‌زىدە كېرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋېلىشقا پۇ‌لىمىز يە‌تمە‌ي قالاتتى.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م قىلغانلىقىغا ئىشىنىمە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1980-‏يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋە 1990-‏يىلنىڭ بېشىدا،‏ سۇ‌رىنامدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى.‏ شۇ يىللاردا،‏ ھە‌تتا كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شقا كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى تېپىش قىيىن بولغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزگە تە‌مىنلە‌پ بە‌ردى.‏—‏مە‌تتا 6:‏32‏.‏

ھاياتىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىسام .‏ .‏ .‏

ئوڭدىن سولغا:‏ ئايالىم ئېسېل بىلە‌ن

چوڭ ئوغلۇ‌م ئېسېنيال ئايالى بىلە‌ن

ئوغلىمىز جوۋاننى ئايالى بىلە‌ن

ئۆتكە‌ن ئۆمۈرۈم ھە‌ققىدە ئە‌سلىسە‌م،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىق ۋە قانائە‌ت تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىپ كە‌لگە‌ن.‏ بىز ئۈچۈن بالىلىرىمىز چوڭ بە‌رىكە‌ت،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋانى سۆيىدىغان كىشىلە‌ر قىلىپ تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرە‌لىگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن.‏ ئۇ‌لار تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى قىلىشنى تاللىشىنى خالايتتۇ‌ق.‏ ئېسېنيال بىلە‌ن جوۋاننى تە‌شكىلاتىمىزنىڭ مە‌كتە‌پلىرىدە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالغان،‏ ھازىر بولسا،‏ ئۇ‌لار ئاياللىرى بىلە‌ن بىرلىكتە سۇ‌رىنامدىكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

ھازىر ئېسېل ئىككىمىز ياشىنىپ قالغان بولساقمۇ،‏ مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىمىز.‏ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشكە ۋاقتىم بولمىدى،‏ بىراق پۇ‌شايمان قىلمايمە‌ن.‏ كە‌ينىمگە قارىسام،‏ ياش چېغىمدا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى قىلىشنى تاللىغىنىم،‏ ئە‌ڭ دانا قارار بولغان.‏

b ۋىليام ۋان سېل بۇ‌رادە‌رنىڭ تە‌رجىمىھالى «ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ژۇ‌رنىلى،‏ 1999-‏يىل،‏ 8-‏ئۆكتە‌بىر سانىدىكى «‏مە‌ن كۈتكە‌ن نە‌رسىدىن ئارتۇ‌ق بولدى‏» دېگە‌ن ماقالىدە بار.‏