مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

46-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

يە‌ھۋا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

‏«يە‌ھۋا سىلە‌رگە ئىلتىپات كۆرسىتىشنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ،‏ ئۇ سىلە‌رگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇ‌رىدۇ».‏—‏يە‌شايا 30:‏18‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىكىمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ بىز قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟‏

 يە‌ھۋا بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزگە ۋە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌تنى قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىدۇ ۋە يە‌ھۋا تە‌مىنلە‌يدىغان ياردە‌مدىن قانداق تولۇ‌ق پايدىلىنالايمىز؟‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏ بىراق،‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشتىن ئىلگىرى،‏ بىز ئاۋۋال مۇ‌نۇ سوئال ھە‌ققىدە ئويلاپ باقايلى:‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌شنامۇ؟‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە قوللانغان بىر سۆزى بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان ئىدى:‏ «يە‌ھۋا مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر‏،‏ مە‌ن قورقمايمە‌ن.‏ ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇ‌ن؟‏» (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏6‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر پايدىلىنىش ئىزاھاتىدا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «بۇ ئايە‌تتە ئىشلىتىلگە‌ن «ياردە‌مچى» دېگە‌ن سۆز،‏ ياردە‌م سوراپ يالۋۇ‌رغان كىشىگە ياردە‌م بېرىشكە ئالدىرىغان ئادە‌منى كۆرسىتىدۇ».‏ يە‌ھۋانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقان بىرىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌شۇ تە‌سۋىرلە‌شنىڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌مچىمىز بولۇ‌شقا تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌يدىغانلىقىغا چوقۇ‌م قوشۇ‌لىسىز.‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بولسا،‏ سىناقلىرىمىزغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏

3.‏ يە‌ھۋا قايسى ئۈچ يول بىلە‌ن،‏ سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە يە‌ھۋا قايسى بە‌زى يوللار بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يە‌شايا كىتابىدىكى بە‌زى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌پ باقايلى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌شايا يازغان نۇ‌رغۇ‌ن بېشارە‌تلە‌ر بۈگۈنكى كۈندىكى خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگىمۇ ماس كېلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌شايا دائىم يە‌ھۋانى بىز ئاسان چۈشىنە‌لە‌يدىغان سۆزلە‌ر بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌شايا 30-‏بابنى ئالايلى.‏ بۇ يە‌ردە،‏ يە‌شايا يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە،‏ يە‌نى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى،‏ كاللىمىزدا جانلىق تە‌سۋىرلە‌رنى پە‌يدا قىلىدىغان تىل بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا دىققە‌ت بىلە‌ن قۇ‌لاق سېلىپ،‏ بىزگە جاۋاب بېرىدۇ.‏ (‏2)‏ ئۇ بىزگە يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ.‏ (‏3)‏ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىر يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان بۇ ئۈچ يولنى تە‌پسىلىيرە‌ك كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا بىزنى تىڭشايدۇ

4.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدىكى ئىسرائىللارنى قانداق سۆزلە‌ر بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن ۋە ئۇ ئاخىرىدا نېمە ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بە‌رگە‌ن؟‏ (‏يە‌شايا 30:‏18،‏ 19‏)‏

4 يە‌شايا 30-‏بابنىڭ باشلىنىشىدا،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارنى گۇ‌ناھ ئۈستىگە گۇ‌ناھ ئۆتكۈزىدىغان جاھىل ئوغۇ‌للار دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئۇ سۆزنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ ئاسىي بىر خە‌لق،‏ .‏ .‏ .‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىغا قۇ‌لاق سېلىشنى خالىمايدىغان ئوغۇ‌للاردۇ‌ر» (‏يە‌شايا 30:‏1،‏ 9‏)‏.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ خە‌لق قۇ‌لاق سېلىشنى رە‌ت قىلغىنى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان (‏يە‌شايا 30:‏5،‏ 17؛‏ يە‌رە‌م.‏ 25:‏8–‏11‏)‏.‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن بابىلونلۇ‌قلار تە‌رىپىدىن ئە‌سىرگە ئېلىنغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئىسرائىللار ئارىسىدا بە‌زى ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌ر بار ئىدى ۋە يە‌شايا ئۇ‌لارغا ئۈمىد بېرىدىغان بىر خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ بىر كۈنى ئۇ‌لارنى يېرۇ‌سالىمغا قايتۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يە‌شايا 30:‏18،‏ 19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاشۇ بېشارە‌ت ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئە‌سىرلىكتىن قۇ‌تقۇ‌زغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار دە‌رھال قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لمىغان.‏ «يە‌ھۋا سىلە‌رگە ئىلتىپات كۆرسىتىشنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌ر،‏ ئۇ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شتىن ئاۋۋال مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت ئۆتۈشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئىسرائىللارنىڭ يېرۇ‌سالىمغا قايتىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌لار بابىلوندا 70 يىل ئە‌سىرلىكتە بولغان (‏يە‌شايا 10:‏21؛‏ يە‌رە‌م.‏ 29:‏10‏)‏.‏ خە‌لق ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۈرگۈندە تۆككە‌ن قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ياشلىرىنىڭ ئورنىنى،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ياشلىرى ئالغان.‏

5.‏ يە‌شايا 30:‏19-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

5 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز مۇ‌نۇ سۆزلە‌ردىن تە‌سە‌للى ئالالايمىز:‏ «ئۇ ياردە‌م سوراپ قىلغان يىغا-‏زارىڭنى ئاڭلاپ،‏ ساڭا جە‌زمە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدۇ» (‏يە‌شايا 30:‏19‏)‏.‏ يە‌شايا بىزنى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا دە‌رھال جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «ئۇ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغان ھامان ساڭا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ».‏ كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان بۇ سۆزلە‌ر،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ ئۆزىدىن ياردە‌م سورىغانلارغا ياردە‌م بېرىشىگە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش قىيىنچىلىقلىرىمىزغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

6.‏ يە‌شايانىڭ سۆزى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىر خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسىغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

6 مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردىن دۇ‌ئالىرىمىز ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنىڭ دۇ‌ئاسىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌شايا 30-‏بابنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە،‏ «سىلە‌ر» دېگە‌ن كۆپلۈك ئالماش ئىشلىتىلگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى بىر توپ كىشىلە‌ر سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.‏ بىراق،‏ 19-‏ئايە‌تتە «سە‌ن» دېگە‌ن بىرلىك ئالماش ئىشلىتىلگە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ يە‌ردە شە‌خسە‌ن بىر كىشىگە قارىتا سۆز قىلغان.‏ يە‌شايا مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ ‏«سە‌ن ئارتۇ‌ق يىغلىمايسە‌ن»،‏ «‏ساڭا جە‌زمە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدۇ»،‏ «‏ساڭا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ».‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتا سۈپىتىدە،‏ يە‌ھۋا روھى چۈشكە‌ن ئوغلى ياكى قىزىدىن،‏ «سە‌ن ئاكىلىرىڭ ياكى ھە‌دىلىرىڭدە‌ك كۈچلۈك بولۇ‌شۇ‌ڭ كېرە‌ك» دە‌پ تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ھە‌ربىرىمىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ دۇ‌ئاسىغا قۇ‌لاق سالىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1؛‏ يە‌شايا 57:‏15‏.‏

يە‌شايانىڭ «ئۇ‌نىڭغا [يە‌ھۋاغا] ئارام بە‌رمە‌ڭلار» دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ يە‌شايا ۋە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قانداق تە‌كىتلىگە‌ن؟‏

7 بىز خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆزىمىزگە تە‌سىر قىلىۋاتقان بە‌زى ئىشلار ھە‌ققىدە ئۇ‌نىڭغا ئېيتساق،‏ يە‌ھۋا ئاۋۋال بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۈچنى بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناق،‏ ئۆزىمىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك دە‌رھال ئاخىرلاشمىسا،‏ بىز يە‌ھۋادىن قايتا-‏قايتا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سورىساق بولىدۇ.‏ ئۇ بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بىز بۇ‌نى،‏ يە‌شايانىڭ:‏ «ئۇ‌نىڭغا [يە‌ھۋاغا] ئارام بە‌رمە‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزىدىن كۆرىمىز (‏يە‌شايا 62:‏7‏)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ يە‌ھۋاغا قايتا-‏قايتا،‏ قە‌تئىي دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئارام ئېلىشىغا يول قويمىغاندە‌ك بولىمىز.‏ يە‌شايانىڭ بۇ سۆزلىرى،‏ لۇ‌قا 11:‏8–‏10،‏ 13-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئا ھە‌ققىدە ئېيتقان تە‌مسىلىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ئە‌يسا بىزنى خىجىل بولماي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ،‏ قايتا-‏قايتا يالۋۇ‌رۇ‌شقا ۋە داۋاملىق ئۆتۈنۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋادىن،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىشنى ئۆتۈنسە‌ك بولىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزنى يېتە‌كلە‌يدۇ

8.‏ يە‌شايا 30:‏20،‏ 21-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر،‏ قە‌دىمقى زاماندا قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

8 يە‌شايا 30:‏20،‏ 21-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بابىلونلۇ‌قلار يېرۇ‌سالىمنى بىر يېرىم يىل قورشاۋغا ئالغاندا،‏ ئىسرائىللار تارتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن نان ۋە سۇ‌دە‌ك تونۇ‌ش بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ 20 ۋە 21-‏ئايە‌تلە‌رگە قارايدىغان بولساق،‏ ئىسرائىللار توۋا قىلىپ،‏ ئۆز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شلىرىنى ئۆزگە‌رتسە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ يە‌شايا يە‌ھۋانى ئۇ‌لارنىڭ «ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازى» دە‌پ ئاتىغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا،‏ يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئىسرائىللار سۈرگۈندىن ئازاد قىلىنغاندا،‏ بۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلانغان ۋە ئۇ‌نىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا ئىسرائىللار پاك ئىبادە‌تنى مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ئە‌سلىگە كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز يە‌ھۋادە‌ك ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بە‌ختلىك ھېس قىلىمىز.‏

9.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋادىن كېلىدىغان يول-‏يورۇ‌قنى قوبۇ‌ل قىلىشنىڭ بىر يولى قايسى؟‏

9 يە‌شايا داۋاملىق تە‌سۋىرىي سۆزلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ بىزنى يە‌ھۋا ئىككى يول بىلە‌ن ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇ‌غۇ‌چىلاردە‌ك تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ بىرىنچى يولىنى ئېيتىپ،‏ يە‌شايا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازىڭلارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلە‌ن كۆرىسىلە‌ر».‏ مۇ‌شۇ تە‌سۋىردە،‏ يە‌شايا ئۇ‌ستازنىڭ ئوقۇ‌غۇ‌چىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئۇ‌ستازدىن تە‌لىم ئېلىش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق تە‌لىم بېرىدۇ؟‏ ئۇ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆز تە‌شكىلاتىنى قوللىنىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن ئېنىق يول-‏يورۇ‌قلارنى قوبۇ‌ل قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ چوڭ يىغىلىشلار،‏ شۇ‌نداقلا نە‌شىر ماتېرىياللار،‏ ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە باشقا نۇ‌رغۇ‌ن يوللار ئارقىلىق بېرىلگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌ر دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلىرىمىزغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

10.‏ ئارقىمىزدىن كە‌لگە‌ن ئاۋازنى قايسى يول بىلە‌ن ئاڭلايمىز؟‏

10 يە‌شايا يە‌ھۋانىڭ بىزگە تە‌لىم بېرىدىغان يە‌نە بىر يولىنى تە‌سۋىرلە‌پ مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئۆز قۇ‌لاقلىرىڭلار بىلە‌ن ئارقاڭلاردىن كە‌لگە‌ن بىر سۆزنى ئاڭلايسىلە‌ر».‏ پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ يە‌ردە يە‌ھۋانى ئۆز ئوقۇ‌غۇ‌چىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا قايسى يول بىلە‌ن مېڭىشنى كۆرسىتىپ،‏ يول-‏يورۇ‌قلارنى بېرىدىغان غە‌مخور ئۇ‌ستاز سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئارقىمىزدىن كېلىدىغان خۇ‌دانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمىز.‏ قانداق؟‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌لۇ‌پ يېزىلغان سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى يېزىلغان.‏ ئاشۇ ۋاقىتلار ئاللىقاچان ئۆتۈپ كە‌تتى،‏ يە‌نى ئارقىمىزدىن قالدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ بىز ئارقىمىزدىن كېلىۋاتقان خۇ‌دانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولىمىز.‏—‏يە‌شايا 51:‏4‏.‏

11.‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن قايسى قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

11 يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزى ئارقىلىق بېرىلگە‌ن يول-‏يورۇ‌قلاردىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ يە‌شايا ئىككى نە‌رسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىرىنچى،‏ «مانا يول».‏ ئىككىنچى،‏ «بۇ يولدا مېڭىڭلار» (‏يە‌شايا 30:‏21‏)‏.‏ يولنى بىلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ چوقۇ‌م شۇ يولدا مېڭىشىمىز لازىم.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشلىرى بىزگە يە‌ھۋانىڭ بىزدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.‏ بىز يە‌نە ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزدىن قانداق پايدىلىنىشنىمۇ ئۆگىنىمىز.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغاندا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن،‏ بىز ھە‌ر ئىككىلا قە‌دە‌منى بېسىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

يە‌ھۋا بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

12.‏ يە‌شايا 30:‏23–‏26-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ؟‏

12 يە‌شايا 30:‏23–‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ بېشارە‌ت،‏ بابىلوندىكى سۈرگۈندىن كېيىن ئۆز يۇ‌رتىغا قايتقان ئىسرائىللار ئۈچۈن قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھايات كە‌چۈرۈشى ۋە داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشى ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى مول جىسمانىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار بىلە‌ن تە‌مىنلىگە‌ن.‏ بىراق ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشى ۋە ئاستا-‏ئاستا پاك ئىبادە‌تنى قايتا باشلىشى ئۈچۈن كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىنى بە‌رگە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى شۇ ۋاقىتتا بە‌ھرىمە‌ن بولغان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن كۆپ بولغان.‏ 26-‏ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ئۆز سۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ تېخىمۇ كۆپ روھىي يورۇ‌قلۇ‌قنى بە‌رگە‌ن (‏يە‌شايا 60:‏2‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ۋە «كۆڭلى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغىنى ئۈچۈن» كۈچ-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏يە‌شايا 65:‏14‏.‏

13.‏ پاك ئىبادە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ھە‌ققىدىكى بېشارە‌ت بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ؟‏

13 پاك ئىبادە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش توغرىسىدىكى بېشارە‌ت بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ماس كېلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ماس كېلىدۇ!‏ 1919-‏يىلدىن بۇ‌يان،‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر بۇ دۇ‌نيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسى بولغان بۈيۈك بابىلوننىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد بولدى.‏ ئۇ‌لار قە‌دىمقى ئىسرائىللارغا ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندىنمۇ ياخشىراق بىر زېمىنغا،‏ يە‌نى روھىي جە‌ننە‌تكە ئېلىپ كېلىندى (‏يە‌شايا 51:‏3؛‏ 66:‏8‏)‏.‏ ئاشۇ روھىي جە‌ننە‌ت نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

14.‏ روھىي جە‌ننە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏ بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يە‌رگە كىملە‌ر ماكانلاشتى؟‏ (‏سۆز-‏ئىبارە مە‌نسىگە قاراڭ)‏

14 1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى روھىي جە‌ننە‌تتە ياشاۋاتىدۇ b‏.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بارلار،‏ يە‌نى «باشقا قويلارمۇ» بۇ روھىي جە‌ننە‌تتە ماكانلاشتى ۋە يە‌ھۋانىڭ مول بە‌رىكە‌تلىرىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 10:‏16؛‏ يە‌شايا 25:‏6؛‏ 65:‏13‏.‏

15.‏ روھىي جە‌ننە‌ت قە‌يە‌رگە جايلاشقان؟‏

15 بۈگۈنكى كۈندە روھىي زېمىن ياكى جە‌ننە‌ت قە‌يە‌رگە جايلاشقان؟‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار دۇ‌نيانىڭ ھە‌ر قايسى جايلىرىدا ياشايدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ‌لار ياشايدىغان روھىي جە‌ننە‌ت دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا بار.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز قە‌يە‌ردە ياشىمايلى،‏ پاك ئىبادە‌تنى قىزغىنلىق بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسە‌ك،‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ بىر قىسىمى بولالايمىز.‏

ھە‌ربىرىمىز روھىي جە‌ننە‌تنىڭ گۈزە‌للىكىگە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏ (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ قانداق قىلغاندا،‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ گۈزە‌للىكىنى داۋاملىق كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

16 روھىي جە‌ننە‌تتە قېلىش ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائىتى ئۈچۈن داۋاملىق چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ ئاشۇ جە‌ننە‌تكە ماكانلاشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌رە‌پلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق!‏ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏20،‏ 21‏)‏.‏ بۇ‌نداق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ مۇ‌نداق بىر سېلىشتۇ‌رۇ‌شنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ بىز گۈزە‌ل باغچىدا ياكى بىر باغدا ھە‌ر تۈرلۈك دە‌ل-‏دە‌رە‌خلە‌رنى كۆرۈپ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى خالايمىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندىكى جامائە‌تلە‌ردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان روھىي جە‌ننە‌ت ھە‌ر تۈرلۈك دە‌ل-‏دە‌رە‌خلە‌رگە ئوخشاش قېرىنداشلار بىلە‌ن تولغان (‏يە‌شايا 44:‏4؛‏ 61:‏3‏)‏.‏ بىز دىققىتىمىزنى يېنىمىزدا تۇ‌رغان يالغۇ‌ز دە‌رە‌خنىڭ كە‌مچىلىك تە‌رىپىنى تېپىشقا ئە‌مە‌س،‏ بۈك-‏باراقسان ئورمانلىقنىڭ چىرايلىق تە‌رىپىگە ئاغدۇ‌رۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ بىز پە‌قە‌ت ئۆزىمىز ۋە ئە‌تراپىمىزدىكىلە‌رنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ پۈتكۈل دۇ‌نيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ گۈزە‌للىكىنى كۆرمە‌ي قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

17.‏ جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا ھە‌ربىرىمىز ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

17 جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشقا ھە‌ربىرىمىز قانداق تۆھپە قوشالايمىز؟‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر كىشى بولۇ‌ش ئارقىلىق!‏ (‏مە‌تتا 5:‏9؛‏ رىملىقلار 12:‏18‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم جامائە‌تتە باشقىلار بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن كۈچ چىقارغىنىمىزدا،‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ گۈزە‌للىكىگە تۆھپە قوشىمىز.‏ يە‌ھۋا روھىي جە‌ننە‌تتە ماكانلاشقان ھە‌ربىر كىشىنى پاك ئىبادە‌تكە ئۆزى جە‌لپ قىلغانلىقىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئۆزى قە‌دىرلىگە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۆزئارا تىنچلىقنى،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى قانچىلىك خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏—‏يە‌شايا 26:‏3؛‏ ھاگاي 2:‏7‏.‏

18.‏ بىز دائىم نېمىلە‌ر ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

18 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە،‏ بىز ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ردىن قانداق تولۇ‌ق پايدىلىنالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان نە‌شىر ماتېرىياللىرىمىزنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلانساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏10‏)‏.‏ ھازىر ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتە بىزنى ئېرىشتۈرىدىغان بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ خىزمە‌ت قىلىش ئۈمىدىمىز تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىدۇ.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ھازىر يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

داۋاملىق بە‌رداشلىق بېرىشكە قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭ

19.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 30:‏18-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

19 بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا ئاخىرلىشىدىغان پە‌يتتە،‏ يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن «ئورنىدىن تۇ‌رىدۇ» (‏يە‌شايا 30:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىمىزكى،‏ يە‌ھۋا —‏ ئادالە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىتتىن بىر كۈن ئۇ‌زۇ‌نراق مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌شىغا ھە‌رگىز يول قويمايدۇ (‏يە‌شايا 25:‏9‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ قۇ‌تقۇ‌زىدىغان كۈنىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز.‏ مۇ‌شۇ ۋاقىتتا،‏ بىز داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىش ئىمتىيازىنى قە‌دىرلە‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشنى ۋە بە‌رىكە‌تلىرىمىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنى قە‌تئىي قارار قىلدۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋا تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا داۋاملىق بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا ھاياتتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىگە،‏ قايسى ئۈچ يول بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ بىز شۇ ياردە‌م ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئۆگىنىش ئۈچۈن،‏ يە‌شايا كىتابىنىڭ 30-‏بابىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ باب بىزگە،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىش،‏ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتىكى بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئە‌سكە‌رتىدۇ.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «روھىي جە‌ننە‌ت»‏ دېگە‌ن سۆز،‏ يە‌ھۋاغا ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىبادە‌ت قىلىدىغان بىخە‌تە‌ر مۇ‌ھىتنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ مۇ‌ھىتتا،‏ ھە‌رقانداق دىنىي يالغانچىلىقتىن خالى مول روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قىمىز ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشتە‌ك كۆڭلىمىزنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغان خىزمىتىمىز بار.‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتىن خۇ‌شاللىق تاپىمىز ۋە سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن تىنچ-‏خاتىرجە‌م ياشايمىز.‏ ئۇ‌لار تۇ‌رمۇ‌شتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىشنى باشلىغاندا ۋە ئۇ‌نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئۈلگە قىلغان ۋاقتىمىزدا،‏ بىز روھىي جە‌ننە‌تكە كىرىمىز.‏