مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

45-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

‏«ئۇ‌لار .‏ .‏ .‏ ئارىلىرىدا بىر پە‌يغە‌مبە‌ر بولغانلىقىنى چوقۇ‌م بىلىپ قېلىشىدۇ».‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏5‏.‏

47-‏ناخشا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمىگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن ۋە نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

 بىز ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە قارشىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ كېلە‌چە‌كتە تېخىمۇ كۆپ قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىمىز (‏دانىيال 11:‏44؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏12؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بىز ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىشىغا ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىپ كە‌لگە‌ن.‏ مىسال ئۈچۈن،‏ بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا ۋە‌ز قىلغان ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ھاياتىدىكى بە‌زى ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

2.‏ ھە‌زە‌كىيال ۋە‌ز قىلغان جايلاردىكى كىشىلە‌رنى يە‌ھۋا قانداق تە‌سۋىرلىگە‌ن ۋە بىز بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ (‏ھە‌زە‌كىيال 2:‏3–‏6‏)‏

2 ھە‌زە‌كىيال ۋە‌ز قىلغان جايلاردا قانداق كىشىلە‌ر بار ئىدى؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى «يۈزى قېلىن»،‏ «يۈرە‌كلىرى قېتىپ كە‌تكە‌ن»،‏ «ئاسىي» دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى تىكە‌نلە‌ردە‌ك زىيانلىق ۋە چايانلاردە‌ك خە‌تە‌رلىك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا بىرنە‌چچە قېتىم ھە‌زە‌كىيالغا:‏ «ئۇ‌لاردىن قورقمىغىن!‏»،‏—‏ دېگە‌ن ‏(‏ھە‌زە‌كىيال 2:‏3–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال ۋە‌ز ئېيتىش ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىغان،‏ چۈنكى (‏1)‏ ئۇ يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن،‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ روھى ئۇ‌نى كۈچلە‌ندۈرگە‌ن،‏ (‏3)‏ ئۇ خۇ‌دا سۆزى بىلە‌ن ئوزۇ‌قلانغان.‏ بۇ ئۈچ ئىشنى قىلىش ھە‌زە‌كىيالغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ بۈگۈنكى كۈندە ئۇ‌لار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ھە‌زە‌كىيال يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن

3.‏ بە‌لكىم،‏ قايسى سۆزلە‌ر ھە‌زە‌كىيالنى كۈچلە‌ندۈرگە‌ن ۋە ھە‌زە‌كىيالنى قوللايدىغانلىقىغا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قانداق ئىشە‌ندۈرگە‌ن؟‏

3 يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌زە‌كىيالغا:‏ «سېنى ئە‌ۋە‌تىۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئاشۇ سۆزلە‌ر چوقۇ‌م ھە‌زە‌كىيالنى كۈچلە‌ندۈرگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سا ۋە يە‌شايانى پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر سۈپىتىدە تە‌يىنلىگە‌ندە،‏ ئوخشاش سۆزلە‌رنى قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان (‏چىق.‏ 3:‏10؛‏ يە‌شايا 6:‏8‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال يە‌نە ئاشۇ ئىككى پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ قىيىن ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىشىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا ئىككى قېتىم:‏ «سېنى ئە‌ۋە‌تىمە‌ن» دېگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئۇ‌نىڭ ئىشىنىشىگە يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بى بولغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌زە‌كىيال كىتابىدا:‏ «يە‌ھۋانىڭ سۆزى ماڭا كە‌لدى»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ كۆپ قېتىم ئۇ‌چرايدىغانلىقىنى كۆرىمىز (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏16‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە،‏ «يە‌ھۋانىڭ سۆزى ماڭا يە‌نە كە‌لدى»،‏—‏ دېگە‌ن بايانلار قايتا-‏قايتا ئۇ‌چرايدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 6:‏1‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ھە‌زە‌كىيال ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن.‏ ھە‌زە‌كىيالنىڭ دادىسى بىر روھانىي بولغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ھە‌زە‌كىيالغا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ردائىم ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىگە ياردە‌م بېرىمە‌ن دە‌پ ئېيتقانلىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئىسھاق،‏ ياقۇ‌پ ۋە يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رگە:‏ «مە‌ن سە‌ن بىلە‌ن بولىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزنى قىلغان.‏—‏يارىت.‏ 26:‏24؛‏ 28:‏15؛‏ يە‌رە‌م.‏ 1:‏8‏.‏

4.‏ قايسى تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ھە‌زە‌كىيالنى كۈچلە‌ندۈرگە‌ن؟‏

4 كۆپ ساندىكى ئىسرائىللار ھە‌زە‌كىيالنىڭ سۆزلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىسرائىل جە‌مە‌تى ساڭا قۇ‌لاق سالمايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ماڭا قۇ‌لاق سېلىشنى خالىمايدۇ» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏7‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيالنى رە‌ت قىلىش ئارقىلىق كىشىلە‌ر يە‌ھۋانى رە‌ت قىلغان.‏ بۇ ھە‌زە‌كىيالنىڭ مە‌غلۇ‌پ بولغان بىر پە‌يغە‌مبە‌ر ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمىگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانى سۆزلىرى پە‌يغە‌مبە‌رنى بۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا يە‌نە ھە‌زە‌كىيالنى،‏ ئۇ يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشقاندا،‏ كىشىلە‌ر «ئارىلىرىدا بىر پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بولغانلىقىنى چوقۇ‌م بىلىپ» قالىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏5؛‏ 33:‏33‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئاشۇ تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر،‏ ھە‌زە‌كىيالنىڭ ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىشى ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچنى بە‌رگە‌ن.‏

بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلە‌ر

بىزمۇ ھە‌زە‌كىيالغا ئوخشاش،‏ بىپە‌رۋالىق ياكى قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ لېكىن شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىللە (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5.‏ يە‌شايا 44:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر بىزگە قانداق كۈچ ۋە جاسارە‌ت بېرىدۇ؟‏

5 بىزمۇ يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىمىزنى بىلگە‌چ،‏ كۈچ ۋە جاسارە‌تكە تولىمىز.‏ ئۇ بىزنى «گۇ‌ۋاھچىلىرىم» دە‌پ ئاتاپ شان-‏شە‌رە‌پكە مۇ‌يە‌سسە‌ر قىلىدۇ (‏يە‌شايا 43:‏10‏)‏.‏ بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ خۇ‌ددى يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا:‏«سە‌ن قورقمىغىن»،‏—‏ دېگە‌ندە‌ك،‏ بىزگىمۇ:‏ «سىلە‌ر قورقماڭلار»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن بىزگە قارشى چىققۇ‌چىلاردىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ خۇ‌ددى ھە‌زە‌كىيالغا ئوخشاش،‏ بىزنى يە‌ھۋا ئە‌ۋە‌تكە‌ن ۋە ئۇ بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ.‏—‏يە‌شايا 44:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا بىزنى قانداق ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە بىزگە تە‌سە‌للى ۋە كۈچ بېرىدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدىغانلىقىغا بىزنى ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئىلگىرى شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سۇ‌لاردىن كېچىپ ئۆتكىنىڭدە،‏ مە‌ن سە‌ن بىلە‌ن بولىمە‌ن.‏ دە‌ريالاردىن ئۆتكىنىڭدە،‏ سۇ‌غا غە‌رق بولمايسە‌ن.‏ ئوتتىن ئۆتۈپ يۈرگىنىڭدە،‏ كۆيۈپ كە‌تمە‌يسە‌ن ۋە ئۈستۈڭگە ئوت تۇ‌تۇ‌شۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 43:‏2‏)‏.‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتناشقىنىمىزدا،‏ بىز بە‌زىدە سۇ‌لاردە‌ك دولقۇ‌نلىغان توسقۇ‌نلۇ‌قلارغا ۋە كۆيۈپ تۇ‌رغان ئوتتە‌ك سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ ھە‌تتا شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز داۋاملىق ۋە‌ز قىلالايمىز (‏يە‌شايا 41:‏13‏)‏.‏ خۇ‌ددى ھە‌زە‌كىيالنىڭ كۈنىدىكىدە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپىنچە كىشىلە‌ر بىز يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌رنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارمايلىكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ رە‌ت قىلىشى ھە‌رگىزمۇ بىز يە‌ھۋانىڭ مە‌غلۇ‌پ بولغان گۇ‌ۋاھچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىز داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ خە‌ۋىرىنى سادىقلىق بىلە‌ن يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌شال بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ بۇ بىزگە تە‌سە‌للى ۋە كۈچ بېرىدۇ!‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ر بىرى ئۆز ئە‌مگىكىگە يارىشا،‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏8؛‏ 4:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ن مە‌زگىل پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىش مېنى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈرىدۇ».‏

خۇ‌دانىڭ روھى ھە‌زە‌كىيالغا كۈچ بە‌رگە‌ن

ھە‌زە‌كىيال يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى ھارۋۇ‌سى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ھىي كۆرگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نى يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تنى ئورۇ‌نلىشىغا چوقۇ‌م ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈردى (‏7-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

7.‏ ھە‌ر قېتىم ھە‌زە‌كىيال كۆرگە‌ن كۆرۈنۈش ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

7 ھە‌زە‌كىيال يە‌ھۋانىڭ روھى قانچىلىك كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ ھە‌زە‌كىيال ئاجايىپ كۆرۈنۈشتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ پە‌رىشتىلە‌رگە ۋە ئاسماندىكى غايە‌ت زور جە‌ڭ ھارۋۇ‌سىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 1:‏20،‏ 21‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى يازغان.‏ «مە‌ن ئۇ‌نى كۆرگە‌ندە يە‌رگە يىقىلدىم».‏ ھە‌زە‌كىيال ھاياجاندىن يە‌رگە يىقىلغان (‏ھە‌زە‌ك.‏ 1:‏28‏)‏.‏ كېيىن،‏ ھە‌زە‌كىيال ھە‌ر قېتىم ئۆزى كۆرگە‌ن كۆرۈنۈش ھە‌ققىدە ئويلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ روھى ئۇ‌نىڭغا ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىسى كۈچە‌يگە‌ن.‏

8،‏ 9‏.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا ئورنىڭدىن تۇ‌ر دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ندە،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ز قىلىش قىيىن جايدا،‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالنى كۈچلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن يە‌نە نېمە قىلغان؟‏

8 يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا مۇ‌نداق بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان:‏ «ئە‌ي ئىنسان ئوغلى،‏ ئورنىڭدىن تۇ‌رغىن،‏ مە‌ن ساڭا سۆز قىلاي».‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا:‏ «ئورنىڭدىن تۇ‌رغىن»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ ھە‌زە‌كىيال كۈچكە تولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «خۇ‌دانىڭ روھى ئىچىمگە كىرىپ،‏ مېنى پۇ‌تلىرىمدا ئۆرە تۇ‌رغۇ‌زدى» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاش داۋامىدا،‏ خۇ‌دانىڭ «قولى»،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھە‌زە‌كىيالنى يېتە‌كلىگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏22؛‏ 8:‏1؛‏ 33:‏22؛‏ 37:‏1؛‏ 40:‏1‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھە‌زە‌كىيالنى ئۆز ۋە‌زىپىسىنى،‏ يە‌نى ئۇ ۋە‌ز قىلغان جايلاردىكى «جاھىل ۋە تاش يۈرە‌ك» كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌ندىشى ئۈچۈن كۈچلە‌ندۈرگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مانا!‏ مە‌ن سېنىڭ يۈزۈڭنى دە‌ل ئۇ‌لارنىڭ يۈزىدە‌ك قېلىن ۋە سېنىڭ پېشانە‌ڭنى دە‌ل ئۇ‌لارنىڭ پېشانىلىرىدە‌ك قاتتىق قىلدىم.‏ مانا،‏ سېنىڭ پېشانە‌ڭنى چاقماق تېشىدىن قاتتىقراق ئالماستە‌ك قىلدىم.‏ ئۇ‌لاردىن قورمىغىن ياكى يۈزلىرىنىڭ ئىپادىلىرىدىن ۋە‌ھىمىگە چۈشمىگىن» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏8،‏ 9‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ جاھىللىقى سېنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرمىسۇ‌ن.‏ مە‌ن سېنى كۈچلە‌ندۈرىمە‌ن».‏

9 ئۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ روھى ھە‌زە‌كىيالنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى ئورۇ‌نلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌زە‌كىيال مۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھۋانىڭ كۈچلۈك قولى ئۈستۈمگە كە‌لدى».‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۆزى يە‌تكۈزىدىغان خە‌ۋە‌رنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌ندىيالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىسىنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شىغا بىر ھە‌پتە ۋاقىت كە‌تكە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا،‏ روھ ئىچىگە كىرگە‌ن تۈزلە‌ڭلىككە بېرىشنى ئېيتقان (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال ۋە‌ز خىزمىتىنى باشلاشقا تە‌ييار بولغان.‏

خۇ‌دانىڭ روھى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە كۈچ بېرىدۇ

بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئورۇ‌ندىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ؟‏ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

10 ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە نېمە ئىش بولغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشنى رە‌سمىي باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ روھى ئۇ‌نىڭغا ئېھتىياجلىق كۈچنى بە‌رگە‌ن.‏ خۇ‌ددى ھە‌زە‌كىيالنىڭ ۋە‌زىيىتىگە ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلىشىمىزغا پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ روھى ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن شە‌يتان بىزگە قارشى جە‌ڭ قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر:‏ «شە‌يتان بە‌ك كۈچلۈك،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا قارشى جە‌ڭ قىلالمايمىز»،‏—‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ بىز گۇ‌ۋاھلىق بېرىش خىزمىتىمىز ئارقىلىق شە‌يتان ئۈستىدىن غە‌لبە قىلىۋاتىمىز (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9–‏11‏)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلىۋاتىمىز؟‏ بىز ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق شە‌يتاننىڭ تە‌ھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ھە‌ر قېتىم ۋە‌ز ئېيتقىنىمىزدا،‏ شە‌يتان بىر قېتىم مە‌غلۇ‌پ بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شە‌يتاننىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي،‏ ۋە‌ز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇ‌رالىغانلىقىمىزدىن قانداق خۇ‌لاسە چىقىرىشقا بولىدۇ؟‏ خۇ‌لاسىمىز شۇ‌كى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە كۈچ بېرىدۇ ۋە بىز يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىمىز.‏—‏مە‌تتا 5:‏10–‏12؛‏ 1-‏پېتر.‏ 4:‏14‏.‏

11.‏ خۇ‌دانىڭ روھى بىز ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

11 ھە‌زە‌كىيالغا ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ كۈچ بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز ئۈچۈن،‏ بىزگە يېتە‌رلىك كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7–‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىغا داۋاملىق ئېرىشە‌لىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ھە‌ردائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن:‏ «داۋاملىق سوراڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ داۋاملىق ئىزدە‌ڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار».‏ يە‌ھۋا ئۆزىدىن سورىغانلارغا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏9،‏ 13؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏14؛‏ 2:‏4‏.‏

ھە‌زە‌كىيال خۇ‌دانىڭ سۆزى بىلە‌ن ئوزۇ‌قلانغان

12.‏ ھە‌زە‌كىيال 2:‏9–‏3:‏3-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئورام يازما قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدا نېمە يېزىلغان؟‏

12 خۇ‌دانىڭ روھى ھە‌زە‌كىيالغا ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن جاسارە‌ت بە‌رگە‌ن بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى ئۇ‌نى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىمانىنى كۈچە‌يتكە‌ن.‏ كۆرۈنۈشتە،‏ ھە‌زە‌كىيال ئورام يازمىنى تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رغان بىر قولنى كۆرگە‌ن ‏(‏ھە‌زە‌كىيال 2:‏9–‏3:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئورام يازما قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏ ئۇ‌نىڭدا نېمە يېزىلغان؟‏ ئۇ ھە‌زە‌كىيالنى قانداق ئوزۇ‌قلاندۇ‌رغان؟‏ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.‏ بۇ ئورام يازما خۇ‌دانىڭ تە‌ختىدىن كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋا بە‌لكىم ھە‌زە‌كىيال ئىلگىرى كۆرگە‌ن تۆت پە‌رىشتىنىڭ بىرىنى ئىشلىتىپ،‏ بۇ يازمىنى ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 1:‏8؛‏ 10:‏7،‏ 20‏)‏.‏ بۇ ئورام يازمىدا خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى،‏ يە‌نى سۈرگۈندە يۈرگە‌ن ئىسىيانچى خە‌لققە يە‌تكۈزۈلىدىغان ھۆكۈم خە‌ۋىرى،‏ بار ئىدى (‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏7‏)‏.‏ ئاشۇ خە‌ۋە‌ر ئۇ يازمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يېزىلغان.‏

13.‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالنى ئورام يازمىنى نېمە قىلىشقا بۇ‌يرىغان ۋە ئۇ نېمە ئۈچۈن تاتلىق بولغان؟‏

13 يە‌ھۋا ئۆز پە‌يغە‌مبىرىگە:‏ «بۇ ئورام يازمىنى يېگىن ۋە قورسىقىڭنى تويغۇ‌زغىن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ھە‌زە‌كىيال بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ پۈتۈن ئورام يازمىنى تولۇ‌ق يە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ كۆرۈنۈشنىڭ بۇ قىسىمى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ھە‌زە‌كىيال ئۆزى جاكارلايدىغان خە‌ۋە‌رنى تولۇ‌ق چۈشىنىشى زۆرۈر ئىدى.‏ ئۇ شۇ خە‌ۋە‌رگە ئۆزى ئىشىنىشى كېرە‌ك ئىدى،‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نى ۋە‌ز قىلىشقا ئۈندە‌يتتى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ھە‌يران قالارلىق بىر ئىش يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌زە‌كىيال ئاشۇ يازمىنىڭ «خۇ‌ددى ھە‌سە‌لدە‌ك تاتلىق» ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏3‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى ھە‌زە‌كىيال ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋاغا ۋە‌كىللىك قىلىش شان-‏شە‌رىپى ئىنتايىن تاتلىق ياكى خۇ‌شال قىلارلىق كە‌چۈرمىش بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏8–‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزىنى پە‌يغە‌مبە‌ر بولۇ‌شقا تاللىغانلىقىدىن،‏ ھە‌زە‌كىيال مىننە‌تدار بولغان ئىدى.‏

14.‏ ھە‌زە‌كىيالنىڭ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

14 يە‌ھۋا كېيىنرە‌ك ھە‌زە‌كىيالغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ساڭا ئېيتقان ھە‌ممە سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلىغىن ۋە قە‌لبىڭدە ساقلا» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏10‏)‏.‏ شۇ‌نداق يول-‏يورۇ‌ق ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيالغا يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلە‌رنى يادقا ئېلىپ،‏ ئۇ‌لار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنى ئېيتقان.‏ ھە‌زە‌كىيال شۇ‌نداق قىلغىنىدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچە‌يگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە كىشىلە‌رگە يە‌تكۈزىدىغان كۈچلۈك خە‌ۋە‌رنى بە‌رگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏11‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خە‌ۋە‌رنى تولۇ‌ق چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ندە،‏ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى باشلاشقا ۋە ئاخىرغىچە تولۇ‌ق ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ سۆزى بىلە‌ن ئوزۇ‌قلىنىمىز

15.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمىنى قە‌لبىمىزدە ساقلىۋېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى ئاخىرغىچە تاماملاش ئۈچۈن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىدىن داۋاملىق ئوزۇ‌قلىنىشقا مۇ‌ھتاج.‏ خۇ‌دانىڭ بىزگە قىلغان سۆزلىرىنى پۈتۈنلە‌ي قە‌لبىمىزدە ساقلىۋېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆزلە‌يدۇ.‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزگە،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە داۋاملىق تە‌سىر قىلىشىغا قانداق جە‌زم قىلالايمىز؟‏

16.‏ چوقۇ‌م خۇ‌دا سۆزىنى نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە ئۇ‌نى قە‌لبىمىزگە قانداق سىڭدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

16 خۇ‌ددى بىز يېمە‌كلىكلە‌رنى يە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى ھە‌زىم قىلىپ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ئوزۇ‌قلانغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئوزۇ‌قلىنالايمىز.‏ ئورام يازما ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌نى ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە كە‌لسە‌ك،‏ يە‌ھۋا قورسىقىمىزنى ئۇ‌نىڭ سۆزى بىلە‌ن تويغۇ‌زۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ھە‌زىم قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق شۇ‌نداق قىلالايمىز.‏ ئاۋۋال،‏ خۇ‌دانىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا قە‌لبىمىزنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىمىز.‏ كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر ئۈزۈندىنى ئوقۇ‌يمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ بىر ئاز توختاپ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىمىز.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏ قانچە كۆپرە‌ك چوڭقۇ‌ر ئويلانغانسېرى،‏ خۇ‌دا سۆزىنى شۇ‌نچە كۆپرە‌ك ھە‌زىم قىلىمىز،‏ يە‌نى چۈشىنىمىز.‏ بۇ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

17.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق قىلىش بىزنىڭ ھازىر پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلىشىمىزغا ۋە كېلە‌چە‌كتە ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى جاكارلىشىمىزغا كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ھە‌قىقىي تاتلىق ياكى خۇ‌شال قىلارلىق كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكى ۋە قانائە‌تكە ئېرىشىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏103‏.‏

ئاخىرغىچە ۋە‌ز خىزمىتىنى تاماملاشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ

18.‏ رايونىمىزدىكى كىشىلە‌ر نېمىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

18 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ھە‌زە‌كىيالغا ئوخشاش پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى قانائە‌ت تاپقىچە،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىدە يېزىلىپ ساقلانغان خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش خىزمىتى تولۇ‌ق تاماملانغىچە،‏ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشنى قارار قىلدۇ‌ق.‏ ھۆكۈم قىلىش ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ بىز ۋە‌ز قىلىۋاتقان رايونلاردىكى كىشىلە‌رنىڭ ھېچقانداق بىر ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنى ئاڭلىمىدۇ‌ق ياكى خۇ‌دا بىزگە كۆڭۈل بۆلمىدى دېيىشىگە ھېچقانداق ئاساسى بولمايدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 3:‏19؛‏ 18:‏23‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار بىز يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌رنىڭ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك.‏

19.‏ نېمە بىزگە ۋە‌ز قىلىشقا كۈچ بېرىدۇ؟‏

19 نېمە بىزگە ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىمىزنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ؟‏ ھە‌زە‌كىيالغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئۈچ ئىش بىزگىمۇ ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز داۋاملىق ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىمىزنى،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىزنى كۈچلە‌ندۈرىدىغانلىقىنى ۋە خۇ‌دا سۆزى بىزنى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىنى «ئاخىرغىچە» تاماملاشقا تە‌ييارمىز.‏—‏مە‌تتا 24:‏13‏.‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئۈچ ئىشنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌رگىنىنى كۆرگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنىڭمۇ ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز كۈچىيىدۇ.‏