مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

47-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ھېچنە‌رسە سىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىمىسۇ‌ن!‏

ھېچنە‌رسە سىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىمىسۇ‌ن!‏

‏«مە‌ن ساڭا ئىشىنىمە‌ن،‏ ئە‌ي يە‌ھۋا».‏—‏زە‌بۇ‌ر 31:‏14‏.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

 يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا تە‌كلىپ قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ خۇ‌دايىمىز،‏ ئاتىمىز ۋە دوستىمىز بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋاقتىمىزدا ياردە‌م قىلىدۇ.‏ ئۇ ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزگە تە‌لىم بېرىدۇ ۋە بىزنى قوغدايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىز چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

2 بىز دۇ‌ئا قىلىش،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز كۈچىيىدۇ ۋە مىننە‌تدارلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇ‌رلىشىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شقا ۋە ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌شكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىمىز،‏ چۈنكى ئۇ بۇ‌نىڭغا لايىقتۇ‌ر (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانى قانچە يېقىن تونۇ‌غانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە بىزنى ياردە‌م بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدىغان ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز شۇ‌نچە كۈچىيىدۇ.‏

3.‏ ئىبلىس بىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ،‏ بىراق خۇ‌دايىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنى تاشلاپ كە‌تمە‌سلىكىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏13،‏ 14‏)‏

3 بولۇ‌پمۇ،‏ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئىبلىس بىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىۋېتىشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ بۇ‌نى قانداق قىلىدۇ؟‏ ئۇ ئاستا-‏ئاستا،‏ بىزنىڭ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌نىڭ بۇ‌نداق ھۇ‌جۇ‌ملىرىدىن ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز.‏ ئىشە‌نچىمىز كۈچلۈك بولسا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزدە تە‌ۋرە‌نمىسە‌ك،‏ بىز خۇ‌دايىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنى تاشلىمايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 31:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ جامائە‌تنىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان ئۈچ قىيىنچىلىقنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ھە‌ربىرى بىزنىڭ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ قانداق قىلىپ بۇ قىيىنچىلىقلار بىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىۋېتە‌لە‌يدۇ؟‏ شە‌يتاننىڭ قارشىلىقلىرىغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىمىزدە

5.‏ قىيىنچىلىقلار يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق ئاجىزلاشتۇ‌رالايدۇ؟‏

5 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ بىز ئائىلىدىكىلە‌رنىڭ قارشى تۇ‌رۇ‌شى ياكى ئىش ئورنىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ‌نداق قىيىنچىلىقلار قانداق قىلىپ بىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ ۋە بىزنى ئۇ‌نىڭدىن ئايرىۋېتە‌لە‌يدۇ؟‏ بىز ئۇ‌زۇ‌ن مە‌زگىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىمىزدە،‏ ئۈمىدسىز ھېس قىلىشىمىز ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق پۇ‌رسە‌تلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ شە‌يتان بىزنى يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن گۇ‌مانلاندۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئىبلىس بىزنىڭ،‏ ئۇ‌چراۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىمىزگە يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى سە‌ۋە‌بچى دە‌پ ئويلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ قە‌دىمدە مىسىردىكى بە‌زى ئىسرائىللار شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار دە‌سلە‌پتە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى قۇ‌للۇ‌قتىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ننى تاللىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏چىق.‏ 4:‏29–‏31‏)‏.‏ بىراق،‏ كېيىنرە‌ك فىرئە‌ۋن ئىسرائىللارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى قىيىنلاشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لار ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ن سە‌ۋە‌بچى دە‌پ ئە‌يىبلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«سىلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك فىرئە‌ۋن ۋە ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تكارلىرى بىزنى ئۆچ كۆردى ۋە بىزنى ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇ‌تقۇ‌زدۇ‌ڭلار»‏ (‏چىق.‏ 5:‏19–‏21‏)‏.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئۇ‌زۇ‌ن بىر مە‌زگىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچلۈك ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

6.‏ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش توغرىسىدا ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏ھاباققۇ‌ق 3:‏17–‏19‏)‏

6 ئىچ باغرىڭىزنى دۇ‌ئادا يە‌ھۋاغا تۆكۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ بىر ۋاقىتقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ قارىماققا يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى دۇ‌ئادا يە‌ھۋاغا تۆكۈپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ قاچانغىچە ياردە‌م سوراپ نالە-‏پە‌رياد قىلىمە‌ن،‏ بىراق سە‌ن قۇ‌لاق سالمايسە‌ن؟‏ .‏ .‏ .‏ نېمە ئۈچۈن زورلۇ‌ق-‏زومبۇ‌لۇ‌ققا چىداپ تۇ‌رىسە‌ن؟‏» (‏ھاباق.‏ 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز سادىق خىزمە‌تچىسىنىڭ چىن قە‌لبىدىن قىلغان دۇ‌ئاسىغا جاۋاب قايتۇ‌رغان (‏ھاباق.‏ 2:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ھاباققۇ‌ق قايتا شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ھە‌ر قانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نىدى ‏(‏ھاباققۇ‌ق 3:‏17–‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلە‌رنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ يە‌ھۋا سىزگە بە‌رداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌نىڭ يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

7.‏ شىرلېينىڭ تۇ‌ققانلىرى ئۇ‌نى نېمىگە قايىل قىلماقچى بولغان ۋە نېمە ئۇ‌نى يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى يوقۇ‌تۇ‌شتىن قوغداپ قالغان؟‏

7 داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىن ياشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.‏ پاپۇ‌ئا-‏يېڭى گۋىنېيىىسىدە ياشايدىغان شىرلېي ئىسىملىك قېرىنداش قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا شۇ‌نداق قىلغانىدى.‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى b‏.‏ شىرلېينىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇ‌پ،‏ بە‌زىدە يېتە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ككە ئېرىشىشى قىيىن ئىدى.‏ بىر تۇ‌ققىنى ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى ئاجىزلاشتۇ‌رماقچى بولغان.‏ ئۇ قېرىنداشقا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ساڭا ياردە‌م بېرىدۇ دېگە‌ن ئىدىڭ،‏ قېنى ئاشۇ ياردە‌م؟‏» ئۇ يە‌نە:‏ «ئائىلە‌ڭ تېخىغىچە نامرات.‏ سە‌ن ۋاقتىڭنى ۋە‌ز قىلىمە‌ن دە‌پ ئىسراپ قىلىۋاتىسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شىرلېي شۇ‌نى ئېتىراپ قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆز ئۆزۈمدىن:‏ «خۇ‌دا ماڭا ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ دە‌رھال يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئويلىغانلىرىمنىڭ ھە‌ممىسىنى ئېيتتىم.‏ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە بىزنىڭ نە‌شىر ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌دۇ‌م.‏ ۋە‌ز قىلىشنى ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇ‌ردۇ‌م».‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى ئاچ قالمىغان،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئىدى.‏ شىرلېي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم» (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏6–‏8‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىن ياشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز،‏ قىيىنچىلىقلارنىڭ ياكى گۇ‌مانلارنىڭ سىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىۋېتىشىگە يول قويمايسىز.‏

مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغاندا

8.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلارغا نېمە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

8 تۈرلۈك تاراتقۇ‌لار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۈشمە‌نلىرىمىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلار ھە‌ققىدە يالغان ياكى خاتا خە‌ۋە‌رلە‌رنى تارقىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏13‏)‏.‏ بە‌زى قېرىنداشلار قولغا ئېلىنىپ،‏ جىنايە‌تچىلە‌ر دە‌پ ئە‌يىبلە‌نمە‌كتە.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ناھە‌ق ئە‌يىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

9.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تۈرمىگە تاشلانغاندا،‏ بە‌زى ئېتىقادچىلار قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

9 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىمدا تۈرمىگە تاشلانغاندا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى بە‌زى قېرىنداشلار ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنى توختاتقان (‏2-‏تىموت.‏ 1:‏8،‏ 15‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ كۆپچىلىك ئۇ‌نى جىنايە‌تچى دە‌پ قارىغاچقا،‏ ئۇ‌لار پاۋلۇ‌ستىن نومۇ‌س قىلغانمۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭمۇ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىشىدىن قورققانمۇ؟‏ (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏8،‏ 9‏)‏ ئۇ‌لارنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ شۇ ۋە‌زىيە‌تتە ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏18–‏21؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏8‏)‏.‏ ئۇ ھە‌تتا ھاياتىنى ئۇ‌لار ئۈچۈن خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلغان.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ پاۋلۇ‌س ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ئۇ‌نى تاشلىۋە‌تكە‌ن كىشىلە‌رگە ئوخشاپ قالمايلى.‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلار زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ بىز چوقۇ‌م نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10.‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

10 زىيانكە‌شلىككە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌چرىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭغا كىم سە‌ۋە‌بچى ئىكە‌نلىكىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.‏ 2-‏تىموتىي 3:‏12-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌سىھ ئە‌يسادا ئىخلاسمە‌ن ھايات كە‌چۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ».‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ھۇ‌جۇ‌م قىلىش نىشانى قىلغانلىقىدىن ھە‌يران قالماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭ قارا نىيىتى بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى بۇ‌زۇ‌ش ۋە بىزنى قورقۇ‌تۇ‌ش.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏8‏.‏

گە‌رچە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ،‏ ئونىسىفورۇ‌س باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ سۈرە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىز تۈرمىدىكى ئېتىقادچىلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ ئونىسىفورۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏2-‏تىموتىي 1:‏16–‏18‏)‏

11 قېرىنداشلىرىڭىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ ۋە ئۇ‌لارغا سادىقلىق بىلە‌ن يېقىن تۇ‌رۇ‌ڭ (‏2-‏تىموتىي 1:‏16–‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س تۈرمىگە تاشلانغاندا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئونىسىفورۇ‌س ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى باشقىچە ئىنكاس قايتۇ‌رغان.‏ ئۇ پاۋلۇ‌سنىڭ كىشە‌نلە‌نگە‌نلىكىدىن نومۇ‌س قىلمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئونىسىفورۇ‌س پاۋلۇ‌سنى ئىزدىگە‌ن ۋە ئۇ‌نى تاپقاندا،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنىڭ ئە‌مە‌لىي يوللىرىنى ئىزدىگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ ئونىسىفورۇ‌س ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلغان.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ئىنساندىن قورقۇ‌ش بىزنى ۋە‌ھىمىگە سېلىپ قويماسلىقى ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىشتىن توسۇ‌پ قويۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لارنى قوغداپ،‏ قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلايلى (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏)‏.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىزگە مۇ‌ھتاج.‏

12.‏ روسىيە‌دىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

12 روسىيە‌دىكى ئېتىقادچىلار تۈرمىدىكى قە‌دىرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ بە‌زىلىرى سوتقا تارتىلغاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلار سوت مە‌ھكىمىسىگە كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر تۆھمە‌تكە ئۇ‌چرىسا،‏ قولغا ئېلىنسا ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىسا،‏ ھە‌رگىزمۇ قورقماڭ.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ ۋە ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان باشقا يوللارنى ئىزدە‌ڭ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 12:‏5؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏10،‏ 11‏.‏

مە‌سخىرىگە ئۇ‌چرىغاندا

13.‏ مە‌سخىرە قىلىش يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق ئاجىزلاشتۇ‌رالايدۇ؟‏

13 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز،‏ خىزمە‌تداشلىرىمىز ياكى ساۋاقداشلىرىمىز بىزنىڭ ۋە‌ز ئېيتقانلىقىمىزنى ياكى يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى بىلە‌ن ياشىغانلىقىمىزنى مە‌سخىرە قىلىشى مۇ‌مكىن (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏4‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار سىزگە:‏ «مە‌ن سىزنى ياخشى كۆرىمە‌ن،‏ بىراق سىلە‌رنىڭ دىنىي قائىدە-‏قانۇ‌نلىرىڭلار ھە‌ددىدىن زىيادە ئېغىر.‏ بۇ تە‌لە‌پلە‌رگە يېتىش قىيىن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر بىزنىڭ جامائە‌تتىن چىقىرىلغانلارغا قىلىدىغان مۇ‌ئامىلىمىزنى تە‌نقىدلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دېيىشىدۇ:‏ «قانداقمۇ سىلە‌ر ئۆزۈڭلارنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئادە‌م دە‌پ ئېيتالايسىلە‌ر؟‏» كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سۆزلىرى،‏ ئوي-‏پىكىرىمىزگە گۇ‌مان ئۇ‌رۇ‌قىنى چاچىدۇ.‏ بىز ئۆزىمىزدىن شۇ‌نداق سوئاللارنى سوراشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن:‏ «يە‌ھۋا مە‌ندىن بە‌ك كۆپ نە‌رسىنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى چە‌كلە‌يدىغان ئىشلار شۇ‌نچە كۆپمۇ؟‏» ئە‌گە‌ر سىز مۇ‌شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا يېقىن تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

ئايۇ‌پ ئۆزىنى مە‌سخىرە قىلغان ساختا دوستلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ئىشىنىشنى رە‌ت قىلغان ۋە يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىغان (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ باشقىلار يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشىغانلىقىمىزنى مە‌سخىرە قىلغاندا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏50–‏52‏)‏

14 يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭ.‏ ئايۇ‌پ مە‌سخىرىگە ئۇ‌چرىشىغا قارىماي،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىغان ئىدى.‏ ئۆزلىرىنى ئايۇ‌پنىڭ دوستلىرى دە‌يدىغانلاردىن بىرى،‏ ھە‌تتا ئايۇ‌پنى ناتوغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شقا قايىل قىلماقچى بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئايۇ‌پ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىسا ياكى ياشىمىسا،‏ بۇ خۇ‌دا ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىدى (‏ئايۇ‌پ 4:‏17،‏ 18؛‏ 22:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ ئايۇ‌پ شۇ‌نداق يالغانچىلىقلارغا ئىشىنىشنى رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ توغرا ۋە ناتوغرا ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن ئۆلچە‌ملە‌رنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا ماس ياشاشقا بە‌ل باغلىغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى باشقىلارنىڭ بۇ‌زۇ‌شىغا يول قويمىغان (‏ئايۇ‌پ 27:‏5،‏ 6‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ مە‌سخىرىنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە قارىتا گۇ‌مانىڭىزنى قوزغىشىغا يول قويماڭ.‏ ئۆزىڭىزنىڭ ھايات كە‌چۈرمىشلىرى ھە‌ققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنىڭ توغرىلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ سىزگە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى قايتا-‏قايتا كۆردىڭىزمۇ؟‏ ئاشۇ ئۆلچە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئىش قىلىدىغان تە‌شكىلاتنى قوللاشقا بە‌ل باغلاڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ كىشىلە‌ر مە‌يلى قانچىلىك مە‌سخىرە قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ سىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھە‌رگىز توختاتمايسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏50–‏52-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

15.‏ برىجىت نېمە ئۈچۈن مە‌سخىرىگە ئۇ‌چرىغان؟‏

15 ھىندىستاندىكى برىجىت ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى مە‌سخىرە قىلغان.‏ 1997-‏يىلى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ‌نىڭ ئېتىقادچى بولمىغان يولدىشى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يولدىشى ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ ئۆز ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن بىللە ياشىشى ئۈچۈن،‏ باشقا شە‌ھە‌رگە كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلغان.‏ بىراق،‏ برىجىت تېخىمۇ كۈچلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ يولدىشى ئىشسىز قالغان.‏ برىجىت ئائىلىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن تولۇ‌ق ۋاقىت ئىشلە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ يېقىن جامائە‌ت 350 كىلومېتر يىراقلىقتا ئىدى.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا قارشى چىققان.‏ قاتتىق قارشىلىق قىلغاچ،‏ برىجىت ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن يە‌نە كۆچۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ كېيىن،‏ يولدىشى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ 12 ياشتىكى بىر قىزى راك كېسىلى بىلە‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ برىجىتنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى مۇ‌شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۇ‌نى ئە‌يىبلە‌پ،‏ يارىسىنىڭ ئۈستىگە تۇ‌ز چاچقان.‏ ئۇ‌لار ئە‌گە‌ر ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان بولسا،‏ شۇ پاجىئە‌لە‌ر بولمايتتى دېيىشكە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ برىجىت يە‌ھۋاغا داۋاملىق ئىشىنىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا يېقىن ياشىغان.‏

16.‏ برىجىت يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا سادىق قالغىنى ئۈچۈن قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏

16 برىجىت جامائە‌تتىن بە‌ك يىراق جايدا ياشىغاچقا،‏ رايونلۇ‌ق مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئۇ‌نى ئۆزى ياشاۋاتقان جايدا ۋە‌ز ئېيتىشقا ۋە ئۆيىدە ئىبادە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ ئۇ بۇ‌نىڭدىن بېسىم ھېس قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ بېرىلگە‌ن يول-‏يورۇ‌ققا بويسۇ‌نغان.‏ ئۇ باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقان،‏ ئۆيىدە ئىبادە‌ت يىغىلىشنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ قىزلىرى بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزۈشكە ۋاقىت چىقارغان.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ برىجىت نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغان ۋە نۇ‌رغۇ‌نلىرى سۇ‌غا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ 2005-‏يىلى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىسى مۇ‌كاپاتلانغان.‏ ئۇ‌نىڭ قىزلىرى يە‌ھۋاغا سادىقلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ھازىر ئۇ ياشىغان ئاشۇ رايوندا ئىككى جامائە‌ت بار.‏ برىجىت،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌رگە تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ۋە ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ مە‌سخىرىسىگە بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ بە‌رگە‌نلىكىگە ئىشىنىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا سادىق بولۇ‌پ قېلىڭ

17.‏ بىز نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 شە‌يتان،‏ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنى قوللاش ھاياتىمىزنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇ‌رىۋېتىدۇ دە‌پ ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر تۆھمە‌ت ۋە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا ياكى تۈرمىگە تاشلانغاندا،‏ شە‌يتان بىزنىڭ قورقۇ‌پ كېتىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ يە‌نە مە‌سخىرە قىلىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رماقچى.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىنى ئوبدان بىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا ئالدانمايمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏11‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچىلىقىنى رە‌ت قىلىپ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا سادىق قېلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ سىزنى تاشلىمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 28:‏7‏)‏.‏ ھېچنە‌رسە سىزنى يە‌ھۋادىن ئايرىمىسۇ‌ن!‏—‏رىملىقلار 8:‏35–‏39‏.‏

18.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

18 بۇ ماقالىدە،‏ بىز جامائە‌تنىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ بىزنىڭ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى جامائە‌ت ئىچىدىن كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارمۇ سىنايدۇ.‏ بىز شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ھالدا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م داۋاملىق يە‌ھۋا بىلە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىبلىس ھە‌رخىل سىناقلارنى ئىشلىتىپ،‏ بىزنىڭ ئىشە‌نچىمىزنى يوقاتماقچى.‏ ھازىر شە‌يتان دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈچ نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ قارشىلىقلىرىغا باش ئە‌گمە‌ي،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا داۋاملىق سادىق قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏