2-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسانىڭ ئىنىسىدىن ئۆگىنىڭ
«خۇدانىڭ ۋە ھەزرىتى ئەيسا مەسىھنىڭ قولى بولغان ياقۇپتىن».—ياقۇپ 1:1.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. ياقۇپنىڭ ئائىلىسىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەمسىز؟
ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىدى b. ئاتا-ئانىسى يۈسۈپ بىلەن مەريەم، يەھۋانى بەك ياخشى كۆرگەن ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان. ياقۇپنىڭ مۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولۇشى ئالاھىدە بەرىكەت بولغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ۋەدە قىلىنغان مەسىھ بولغان ئىدى. شۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ياقۇپ ئۈچۈن قانچىلىك زور شان-شەرەپ،— ھە!
2. ياقۇپنىڭ ئۆز ئاكىسىغا ھەۋەس قىلىشىغا قانداق سەۋەبلەر بار ئىدى؟
2 ياقۇپنىڭ ئۆز ئاكىسىغا ھەۋەس بىلەن قارىشىغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولغان (مەتتا 13:55). مەسىلەن، ئەيسا 12 يېشىدا مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلگەچ، يېرۇسالىمدىكى بىلىملىك ئۇستازلارنى ھەيران قالدۇرغان (لۇقا 2:46، 47). ياقۇپ، بەلكىم ئەيسا بىلەن بىللە ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەب، ئۇ ئاكىسىنى ناھايىتى ياخشى تونۇغان. نېيتان نورر بۇرادەر دائىم شۇنداق دېگەن: «سىز بىر كىشى بىلەن بىللە ئىشلىگەندە، شۇ كىشى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىز» c. بەلكىم ياقۇپ، ئەيسانىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، خۇدا ھەم ئىنسانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن (لۇقا 2:52). شۇڭا، ياقۇپنى ئەيسانىڭ تۇنجى شاگىرتلىرى ئارىسىدىكى بىرى دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇنداق بولمىغان.
3. ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ياقۇپ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
3 ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز قىلغاندا، ياقۇپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولمىغان ئىدى (يۇھاننا 7:3–5). بەلكىم، ئەيسانى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ»، دەپ ئويلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارىسىدا ياقۇپمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن (مارك 3:21). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا تۈۋرۈك ياغاچتا ئۆلتۈرۈلگەندە، ئانىسى مەريەمنىڭ يېنىدا ياقۇپنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر گەپ-سۆز يوق.—يۇھاننا 19:25–27.
4. بۇ ماقالىدە، نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 كېيىن، ياقۇپ ئەيساغا ئىشىنىپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسىغا ئايلانغان. بۇ ماقالىدە، ياقۇپتىن ئۆگىنەلەيدىغان ئىككى نەرسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز: (1) نېمە ئۈچۈن چوقۇم كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك؟ (2) قانداق قىلىپ ياخشى تەلىم بەرگۈچى بولالايمىز؟
ياقۇپقا ئوخشاش كەمتەر بولۇڭ
5. ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسانى كۆرگەندە، ياقۇپ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
5 ياقۇپ قاچان ئەيسانىڭ سادىق بىر ئەگەشكۈچىسى بولغان؟ ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، ئىنىسى ياقۇپقا كۆرۈنگەندىن كېيىن (1-كورىنت. 15:7). ياقۇپ شۇ قېتىم ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتى بولغان. ئەلچىلەر يېرۇسالىمدىكى بىر ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە، ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھنى كۈتكەندە، ياقۇپمۇ شۇ يەردە بار ئىدى (ئەلچ. 1:13، 14). كېيىنرەك، ئۇ بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، زور خۇشاللىق تاپقان (ئەلچ. 15:6، 13–22؛ گالاتىيا. 2:9). بەلكىم، مىلادى 62-يىلدىن بۇرۇن، ياقۇپ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بىر پارچە خەت يازغان. مەيلى ئاسماندا ياكى يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ خەت بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن پايدىلىق (ياقۇپ 1:1). بىرىنچى ئەسىردىكى تارىخشۇناس جوسېفوسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ياقۇپ يەھۇدىي باش روھانىي ئانانىياسنىڭ بۇيەرە.ۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ياقۇپ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقىچە، يەھۋاغا سادىق بولغان.
6. ئۆز زامانىدا، ياقۇپ قايسى جەھەتتىن دىنىي ئۇستازلاردىن پەرقلىق بولغان؟
6 ياقۇپ كەمتەر ئادەم بولغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ ياقۇپنىڭ ئاخىرىدا ئەيساغا قايتۇرغان ئىنكاسى بىلەن، نۇرغۇنلىغان دىنىي ئۇستازلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ياقۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل-ئىسپاتنى كۆرگەندە، ئۇ بۇنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلغان. يېرۇسالىمدىكى باش روھانىيلار بولسا، ئۇنداق قىلمىغان. مەسىلەن، ئۇلار ئەيسانىڭ لازارنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلالمىغان. ئۇلار ئەيسانىڭ خۇداغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا بىلەن لازارنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشقان (يۇھاننا 11:53؛ 12:9–11). كېيىنرەك، ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندە، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى كىشىلەردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان (مەتتا 28:11–15). شۇ دىنىي يېتەكچىلەر مەغرۇرلۇقى سەۋەبلىك، مەسىھنى رەت قىلىشقان.
7. نېمە ئۈچۈن چوقۇم مەغرۇرلۇقتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
7 سىز ئۈچۈن ساۋاق: مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ، يەھۋانىڭ تەربىيىلەپ شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە تەييار بولۇڭ. خۇددى كېسەللىك جىسمانىي تېنىمىزدىكى يۈرەك ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى قاتتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ سوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانغا ئوخشاش، مەغرۇرلۇق كۆچمە مەنىدىكى يۈرىكىمىزنى قاتتۇرۇپ، يەھۋاغا ئىتائەتچان بولۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى يۈرەكلىرىنى قاتتۇرۇۋەتكەچ، خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئىشىنىشنى رەت قىلغانىدى (يۇھاننا 12:37–40). ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان. سەۋەبى، بۇ ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشتىن توسۇپ قويغان (مەتتا 23:13، 33). بىزنىڭ داۋاملىق خۇدانىڭ سۆزى ۋە روھىنىڭ مىجەز-خۇلقىمىزنى شەكىلگە كەلتۈرۈپ، تەپەككۈر ۋە قارار قىلىشىمىزغا تەسىر قىلىشىغا يول بېرىش نەقەدەر مۇھىم،— ھە! (ياقۇپ 3:17) ياقۇپ كەمتەر بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى يەھۋانىڭ تەربىيىلەپ، شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول بەرگەنىدى. ئۇ كەمتەر بولغاچ، ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولالىغان. ھازىر شۇنى كۆرۈپ باقايلى.
ياقۇپقا ئوخشاش، ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولۇڭ
8. ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 ياقۇپنىڭ كىشىنى ھەيەرە.ان قالدۇرىدىغان، بۇ دۇنيادىن ئالغان بىلىمى يوق ئىدى. شەك-شۈبھىسىزكى، شۇ زاماندىكى دىنىي ئۇستازلار ياقۇپنىمۇ ئەلچى پېترۇس ۋە يۇھانناغا ئوخشاش، «ئوقۇمىغان ئادەتتىكى» ئادەم دەپ قارىغان (ئەلچى. 4:13). ئەمما، ياقۇپ ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولغان. ئۇنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان يازمىنى ئوقۇساق، بۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ياقۇپقا ئوخشاش، بەلكىم بىزنىڭمۇ بۇ دۇنيادىن ئالغان بىلىمىمىز كۆپ ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋانىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى ياردىمىدە ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولالايمىز. ھازىر، ياقۇپنىڭ ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولۇشتا قالدۇرغان ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
9. ياقۇپنىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيسىز؟
9 ياقۇپ قىيىن سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلەتمىگەن ياكى مۇرەككەپ چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرمىگەن ئىدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلگەن. مەسىلەن، ياقۇپنىڭ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى غەزەپلەنمەي، ئادالەتسىزلىككە سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئۆگەتكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز سەۋر-تاقەت كۆرسەتكەنلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز. سىلەر ئايۇبنىڭ سەۋر-تاقىتى ھەققىدە ئاڭلىدىڭلار ۋە يەھۋانىڭ ئۇنى قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى كۆردۈڭلار. يەھۋا ھەقىقەتەن مېھىر-شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇر» (ياقۇپ 5:11). دىققەت قىلسىڭىز، ياقۇپ مۇقەددەس كىتابقا تايىنىپ، قېرىنداشلىرىغا تەلىم بەرگەن. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئىشلىتىپ، ياراتقۇچىنىڭ ئايۇپقا ئوخشاش سادىق بولغانلارنى ھەمىشە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقىقەتنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشىنەلىشىگە ياردەم بەرگەن. ياقۇپ ئاددىي سۆز-جۈملىلەر ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن. ئۇ شۇ ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئەمەس، يەھۋاغا قاراتقان.
10. تەلىم بەرگەندە، ياقۇپنى ئۈلگە قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى قايسى؟
10 بىز ئۈچۈن ساۋاق: تەلىم بەرگەندە، سۆز-جۈملىلەر ئاددىي بولسۇن ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى ئىشلىتىڭ. مەقسىتىمىز بولسا، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك بىلىدىغانلىقى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلەن، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈش (رىملىقلار 11:33). بىز دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، بۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز. مەسىلەن، بىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە، نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشىغا، يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا، ئۇلار بىزنى ئەمەس، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.
11. ياقۇپنىڭ كۈنلىرىدە، بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ ياقۇپ ئۇلارغا قانداق نەسىھەت بەرگەن؟ (ياقۇپ 5:13–15)
11 ياقۇپ ئەمەلىيەتچان ئادەم بولغان. ئۇ يازغان خەتتىن بۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ياقۇپ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى بىلگەن ۋە شۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق مەسلىھەتلەرنى بەرگەن. مەسىلەن، بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى نەسىھەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىشقا ئالدىرمىغان (ياقۇپ 1:22). بەزىلىرى باي كىشىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان (ياقۇپ 2:1–3). يەنە باشقىلىرى تىلىنى تىزگىنلەشتە قىينالغان (ياقۇپ 3:8–10). شۇ ئېتىقادچىلارنىڭ كەمچىلىكلىرى كۆپ بولغان. بىراق، ياقۇپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ مۇلايىملىق بىلەن، ئەمما ئۇدۇل نەسىھەت بەرگەن ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتە قىينىلىۋاتقانلارنى ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراشقا ئىلھاملاندۇرغان.—ياقۇپ 5:13–15-نى ئوقۇڭ.
12. بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلارغا ياردەم بەرگەندە، ئىجابىي كۆزقاراشنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
12 بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئەمەلىيەتچان بولۇڭ، ئەمما باشقىلارغا ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ. بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر خۇدانىڭ نەسىھەت سۆزلىرىنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشتا قىينىلىشى مۇمكىن (ياقۇپ 4:1–4). يامان ئادەتلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، مەسىھكە ئوخشاش پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە بىراز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بىز ياقۇپقا ئوخشاش، چوقۇم مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلارغا قايسى جەھەتتىن ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇدۇل ئېيتىپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يەنە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ، يەھۋانىڭ كەمتەر كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىغا كۈچ-مەدەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم.—ياقۇپ 4:10.
13. ياقۇپ 3:2-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇ نېمىنى ئېتىراپ قىلغان؟
13 ياقۇپ ئۆزىگە قارىتا توغرا كۆزقاراشنى ساقلىغان. ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ياكى شان-شەرەپلىك ۋەزىپىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزىنى ئالاھىدە ھېس قىلمىغان ياكى قېرىنداشلىرىدىن ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويمىغان. ئۇ باشقا ئېتىقادچىلارنى «قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم»،— دەپ ئاتىغان (ياقۇپ 1:16، 19؛ 2:5). ئۇ باشقىلارنى، ئۇ مۇكەممەل ئادەم،— دېگەن ئوي-خىيالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنمىغان. ئەكسىچە، ئۇ: «ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز»، دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.—ياقۇپ 3:2-نى ئوقۇڭ.
14. نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنىڭ خاتالىشىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
14 بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەممىمىز گۇناھكار ئىنسان. بىز ھەرگىزمۇ، ئۆزۈمىزنى بىز ئۆگىتىۋاتقان كىشىلەردىن ئۈستۈن، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆزۈمىزنى نۇقسانسىزدەك ھېس قىلدۇرساق، ئۇ: «مەن بەلكىم خۇداغا مۇكەممەل بويسۇنالمايدىكەنمەن»،— دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلغىنىمىزدا ۋە يەھۋانىڭ ئۆزۈمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگىنىمىزدە، ئۆگىنىۋاتقانلار ئۆزلىرىنىڭمۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىمىز.
15. ياقۇپ ئىشلەتكەن تەمسىللەرنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيسىز؟ (ياقۇپ 3:2–6، 10–12)
15 ياقۇپ قەلبكە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان تەمسىللەرنى ئىشلەتكەن. شەك-شۈبھىسىزكى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن. ئۇ بەلكىم، ئاكىسى ئەيسا ئىشلەتكەن تەمسىللەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، قانداق تەلىم بېرىش ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ياقۇپ يازغان خېتىدە، ئاددىي ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان تەمسىللەرنى ئىشلەتكەنىدى.—ياقۇپ 3:2–6، 10–12-نى ئوقۇڭ.
16. نېمە ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەمسىللەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
16 بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئۈنۈملۈك تەمسىللەرنى ئىشلىتىڭ. مۇۋاپىق تەمسىللەرنى ئىشلەتسىڭىز، سىز ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىلىشىنى خالىغان مۇھىم نۇقتىنى، ئۇلار ئاڭلاپلا قويماي، يەنە كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا تەسۋىرىي رەسىملەرنى سىزىسىز. بۇ رەسىملەر ئاڭلىغۇچىلىرىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەيسا ئۈنۈملۈك تەمسىللەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئىنىسى ياقۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگەشكەن. ئۇنداقتا، ياقۇپنىڭ تەمسىللىرىدىن بىرىنى كۆرۈپ، نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنچە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
17. ياقۇپ 1:22–25-ئايەتلەردە ئىشلىتىلگەن تەمسىل، نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۈنۈملۈك؟
17 ياقۇپ 1:22–25-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ ئىشلەتكەن ئەينەك ھەققىدىكى تەمسىل ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنىڭ بىرقانچە مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئۇ مۇھىم ھەقىقەتنى ئۆگىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. يەنى، خۇدانىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، بىز ئۇنى ئوقۇپلا قويماي، چوقۇم شۇ ئوقۇغانلىرىمىزنى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشىمىز كېرەك. ياقۇپ ئاڭلىغۇچىلىرىنى دەرھاللا ئەينەككە قاراۋاتقان كىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىغان تەمسىلنى تاللىغان. ئۇ شۇ تەمسىل ئارقىلىق نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولغان؟ ئەگەر بىر كىشى ئەينەككە قارىسا ۋە ئۇ تۈزىتەلەيدىغان بىر نۇقساننى كۆرسە، ئەمما ھېچنېمە قىلمىسا، ئەخمەقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىز خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇپ، مىجەز-خۇلقىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بايقىساق، ئەمما ھېچبىر ئەمەلىي ئىش قىلمىساق، ئەخمەقلىق بولىدۇ.
18. تەمسىللەرنى ئىشلەتكەندە، چوقۇم بىز قايسى ئۈچ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك؟
18 تەمسىل ئىشلەتكەندە، ياقۇپنى ئۈلگە قىلىپ، ئۈچ ئىشنى قىلالايسىز: (1) تاللىغان تەمسىل مۇھىم ھەقىقەتنى ئۆگىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ؛ (2) ئاڭلىغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان تەمسىلنى ئىشلىتىڭ؛ (3) تەمسىلدىكى ھەقىقەتنى قانداق ئەمەلىي قوللىنالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىڭ. ئەگەر مۇۋاپىق تەمسىللەرنى ئويلاپ تېپىش قىيىن بولسا، «كۈزىتىش مۇنارى كۆرسەتكۈچىلىرى»دىن ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. «تەمسىللەر» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىن نۇرغۇن مىساللارنى تاپالايسىز. شۇلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خۇددى مىكروفون ئاۋازنى ياڭراق قىلغىنىغا ئوخشاش، تەمسىللەر سىز ئۆگەتمەكچى بولغان مۇھىم نۇقتىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، تەمسىللەرنى پەقەت مۇھىم ھەقىقەتنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى بولغاندا ئىشلىتىڭ. ئەلۋەتتە، تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشنى ھەممىمىز خالايمىز. شۇنداق قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزۈمىزگە جەلپ قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ يەھۋانىڭ شاد-خوراملىققا تولغان ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىغا ياردەم بېرىشتۇر.
19. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
19 بىزنىڭ مۇكەممەل ئاكىمىز بىلەن بىللە چوڭ بولۇش پۇرسىتىمىز بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىدە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە يەھۋاغا خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە. بىز ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش ۋە ۋەز ئېيتىش ھەمدە تەلىم بېرىش خىزمىتىدە، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز. كۆزقاراش، ئىش-ھەرىكەت ۋە تەلىم بېرىش ئۇسۇلىمىزدا، ياقۇپنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشساق، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز ۋە سەمىمىي كىشىلەرنىڭ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم قىلىمىز.
35-ناخشا رەھمەت، خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a ياقۇپ ئەيسا بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇ خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوغلىنى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە قارىغاندا ياخشىراق بىلگەن. ھازىر بىز بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ جامائىتىنىڭ بىر تۈۋرۈكى بولغان، ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپنىڭ ھاياتى ۋە تەلىملىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بىز ئاددىيلاشتۇرۇپ، ياقۇپنى ئەيسانىڭ ئىنىسى دەپ ئاتايمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئەيسانىڭ ئانا بىر ئىنىسى بولۇپ، ئېنىقكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ياقۇپ يازغان خەتنى، ئۇ قەلەمگە ئالغان.
c نېيتان نورر يېتەكچى كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى 1977-يىلى ئاخىرلاشقان.
d سۈرەتتە: ياقۇپ كىشىلەر ئاسان چۈشىنەلەيدىغان كىچىك ئوتنى تەمسىل قىلىپ، تىلنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ خەتىرىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.