3-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسانىڭ كۆز يېشىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«ھەزرىتى ئەيسا يىغلىدى».—يۇھاننا 11:35.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدە a
1–3. قانداق ئىشلار بەزىدە ياش تۆكۈشىمىزگە سەۋەب بولىدۇ؟
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان يىغلىغان ئىدىڭىز؟ بەزىدە، خۇشاللىقىمىزدىن كۆزۈمىزگە ياش كېلىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە قەلبىمىز ئازابلانغان چاغلاردا، ئۆزۈمىزنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىمىز. مەسىلەن، يېقىن كىشىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، ياش تۆكۈشىمىز مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى لورىلېي ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەپ يازغان: «قىزىمدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابى بەك ئېغىر كەلگەن، ھەتتا ھېچنەرسە ماڭا تەسەللى بېرەلمەيدىغاندەك كۆرۈنگەنىدى. ئاشۇ پەيتلەردە ئازابلانغان ۋە ئېزىلگەن يۈرىكىمنىڭ داۋاملىق سوقۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالاتتىم» b.
2 باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىمۇ كۆز يېشى قىلىشىمىز مۇمكىن. ياپونىيەدىكى خىرومى ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە ۋەز خىزمەتتە، كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئاڭلاشقا قىزىقمىغانلىقى سەۋەبلىك، بەك ئۈمىدسىزلىنەتتىم. ھەتتا بەزىدە كۆزۈمگە ياش ئېلىپ، يەھۋادىن ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان بىرىنى تېپىشىمغا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن».
3 بەزىدە سىزمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قېرىنداشلاردەك ھېس-تۇيغۇلاردا بولامسىز؟ ئەلا.ەتتە، شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار كۆپىنچىمىزگە ناتونۇش ئەمەس (1-پېتر. 5:9). بىز يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. ئەمما، يېقىنىمىزنىڭ ئۆلۈمى، غەم-تەشۋىش، چۈشكۈنلۈك ۋە خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىز سىناققا دۇچ كەلگەچ، كۆز يېشى قىلىشىمىز مۇمكىن (زەبۇر 6:6؛ 100:2). شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغاندا، ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرالايمىز؟
4. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بىز ئەيسانىڭ مىسالىدىن ئۆگىنەلەيمىز. بەزىدە، ئۇمۇ ياش تۆكۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن (يۇھاننا 11:35؛ لۇقا 19:41؛ 22:44؛ ئىبرانىي. 5:7). ئەشۇ ۋەقەلەردىن، ئەيسا ۋە ئاتىسى يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى. ئاندىن يەنە كۆز يېشى قىلىشىمىزغا سەۋەب بولىدىغان ۋەزىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
دوستلىرى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغان
ئەيساغا ئوخشاش قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ (5–9-ئابزاسلارغا قاراڭ) e
5. يۇھاننا 11:32–36-ئايەتلەردىكى ۋەقەلەردىن، ئەيسا ھەققىدە نېمە ئۆگىنىمىز؟
5 مىلادى 32-يىلى قىش پەسلىدە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېقىن دوستى لازار كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن (يۇھاننا 11:3، 14). لازارنىڭ مەريەم ۋە مارتا ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشى بار بولۇپ، ئەيسا بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. قەدىرلىك قېرىندىشىدىن ئايەرە.ىلغاچ، بۇ ئىككى ئايال قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەن. لازار ئۆلگەندىن كېيىن، ئەيسا مەريەم ۋە مارتا ياشايدىغان بەيتانىيا يېزىسىغا كەلگەن. ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، مارتا كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققان. ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا: «سىز بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، قېرىندىشىم ئۆلمەس ئىدى»،— دېگەندە، قانچىلىك ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ (يۇھاننا 11:21). ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ۋە باشقىلارنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئەيسا كۆز يېشى قىلغان.—يۇھاننا 11:32–36-نى ئوقۇڭ.
6. نېمە ئۈچۈن ئەيسا شۇ پەيتتە كۆز يېشى قىلغان؟
6 نېمە ئۈچۈن ئەيسا كۆز يېشى قىلغان؟ «مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش» دېگەن كىتاب مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «دوستى لازارنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرى سەۋەبلىك، ئەيسانىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز يېشى قىلغان» c. بەلكىم، ئەيسا قەدىرلىك دوستى لازارنىڭ كېسەل ۋاقتىدا تارتقان ئازابىنى ئويلىغان ۋە لازار جان ئۈزۈشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلگەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ناھايىتى ئېنىقكى، ئەيسا يەنە لازارنىڭ ئۆلۈمى قېرىنداشلىرى مەريەم بىلەن مارتاغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ياش تۆككەن. ئەگەر يېقىن دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق-توغقانلارنىڭ بىرىدىن ئايەرە.ىلىپ قالغان بولسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى سىزمۇ ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز. بۇ ۋەقەدىن قانداق ئۈچ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
7. ئەيسانىڭ دوستلىرى ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىدىن، يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
7 يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشىنىدۇ. ئەيسا «خۇدانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى تەبئىيىتىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن» (ئىبرانىي. 1:3). ئەيسا يىغلىغاندا، ئاتىسىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى (يۇھاننا 14:9). ئەگەر يېقىن كىشىڭىزدىن ئايەرە.ىلغان بولسىڭىز، يەھۋا قايغۇ-ھەسرەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىپلا قالماي، دەرد-ئەلەملىرىڭىزگە ھەمدەرد بولىدۇ. ئۇ يارىلانغان قەلبىڭىزنى ساقايتىشنى خالايدۇ.—زەبۇر 34:18؛ 147:3.
8. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟
8 ئەيسا يېقىن كىشىلىرىڭىزنى تىرىلدۈرۈشنى خالايدۇ. ئەيسا يىغلاشتىن سەل ئاۋۋال، مارتاغا: «ئىنىڭىز تىرىلىدۇ»،— دەپ كاپالەت بەرگەن. مارتا ئەيساغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 11:23–27). مارتا ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاچ، ناھايىتى ئېنىقكى نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئىلياس ۋە ئېلىشا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى بىلگەن (1-پادىشاھ. 17:17–24؛ 2-پادىشاھ. 4:32–37). بەلكىم، مارتا يەنە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان (لۇقا 7:11–15؛ 8:41، 42، 49–56). سىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىڭىزنى قايتا كۆرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەلەيسىز. ئەيسا قايغۇ-ھەسرەت چەككەن دوستلىرىغا تەسەللى بەرگەندە، قىلغان كۆز يېشىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئۇنىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈشكە تەقەززا بولغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
9. ئەيساغا ئوخشاش، قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز. ئەيسا مەسىھ مارتا ۋە مەريەم بىلەن بىللە كۆز يېشى قىلىپ قالماي، ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ، تەسەللى سۆزلىرىنىمۇ قىلغان. بىزمۇ قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلالايسىز. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان دان ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج بولدۇم. بىرنەچچە جۈپ ئەر-ئايال سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ماڭا يېقىن تۇردى. ئۇلار قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنى ئىپادىلىشىمگە يول بەردى، كۆز ياشلىرىمدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمىدى. مەسىلەن، ماشىنا يۇيۇش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ۋە تاماق ئېتىش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆزۈم قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلغان چاغلاردا، ئۇلار ياردەم قولىنى سۇندى. ئۇلار دائىم مەن بىلەن بىللە دۇئا قىلدى. ئۇلار «ئېغىر كۈنلەردە ياردەمدە بولۇشقا تۇغۇلغان» ھەقىقىي دوست ۋە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.—پەند. نە 17:17
ۋەز قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغان
10. لۇقا 19:36–40-ئايەتلەردىكى ۋەقەنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
10 مىلادى 33-يىلى، 9-نىسان كۈنى، ئەيسا يېرۇسالىمغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، توپلاشقان خالايىق تونلىرىنى يوللارغا يېيىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن. ئۇ ئەلا.ەتتە ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر پەيت بولغان (لۇقا 19:36–40-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭدىن كېيىن، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۈتمىگەن بىر ئىش يۈز بەرگەن. ئەيسا يېرۇسالىمغا يېقىن كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، كۆز يېشى قىلغان. ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، يېرۇسالىم خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئېچىنىشلىق ئىشلارنى بېشارەت قىلغان.—لۇقا 19:41–44.
11. نېمە ئۈچۈن ئەيسا يېرۇسالىم خەلقى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغان؟
11 خالايىق ئەيسانى ئاللىقاچان قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبى ئازابلانغان. سەۋەبى، ئۇ كۆپ ساندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ۋە ئۇ يەتكۈزگەن پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئاقىۋەتتە، يېرۇسالىم شەھىرى ۋەيەرە.ان قىلىناتتى ۋە شۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ھەر بىر يەھۇدىي ئەسىرلىككە چۈشۈپ قۇل بولاتتى (لۇقا 21:20–24). بەك ئەپسۇس، خۇددى ئەيسا ئالدىن ئېيتقاندەك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان. سىز ياشاۋاتقان جايدا كىشىلەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئەگەر ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرسا، ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرىدىن يەنە قانداق ئۈچ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
12. ئەيسانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن تۆككەن كۆز ياشلىرىدىن، يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 يەھۋا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرى بىزگە، يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. خۇدا ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ (2-پېتر. 3:9). بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەرنىڭ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق، قوشنىرىلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز.—مەتتا 22:39 d.
ئەيساغا ئوخشاش ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ۋەز قىلىش ئۈچۈن جەدۋەل تۈزۈڭ (13، 14-ئابزاسلارغا قاراڭ) f
13، 14. ئەيسا كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، نېمە ئىش قىلغان ۋە بىز شۇنداق پەزىلەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
13 ئەيسا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ۋەز قىلغان. ئۇ ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، داۋاملىق تەلىم بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنىدى (لۇقا 19:47، 48). نېمە ئۇنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ ئەيسا كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، ھېسداشلىق قىلغان. بەزى چاغلاردا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى خالىغاچقا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەتتا تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان (مارك 3:20). بىرى ئۈچۈن ئەيسانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش كېچىدە قولايلىق بولغاچ، ئۇ ئاشۇ كىشى بىلەن كېچىدە كۆرۈشۈشكە تەييار بولغان (يۇھاننا 3:1، 2). ھەتتا، ئەيسا كىشىلەرگە ھەقىقەتنى تولۇق ئاڭلاتقان بولسىمۇ، ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ شاگىرتى بولمىغان. بۈگۈن بىز ھەممە كىشىگە خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بېرىشنى خالايمىز (ئەلچى. 10:42). شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، بىز ۋەز خىزمەت قىلىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
14 زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرۇڭ. ئەگەر بىز دائىم ئوخشاش ۋاقىتتا ۋەز قىلساق، بەلكىم خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلارنى ئۇچرىتالماسلىقىمىز مۇمكىن. ماتىلدا ئىسىملىك بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «يولدىشىم ئىككىمىز ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا كىشىلەرگە ۋەز قىلىشقا تىرىشىمىز. مەسىلەن، ئەتىگەندە سودا-سېتىق رايونلىرىدا، چۈشتە كىشىلەر كوچىلارغا چىققاندا، كىتاب-ژۇرناللار يايما ھارۋىسىنى ئىشلىتىمىز. ئۆيمۇ-ئۆي ئىشىك قېقىپ، ۋەز قىلىشنىڭ كەچتە ئۈنۈملۈكرەك بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق». بىز ئۆزۈمىز ئۈچۈن قولايلىق بولغان ۋاقىتتا ۋەز قىلىشقا تەييار بولۇپلا قالماي، ۋاقىت جەدۋەللىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى يوقىرى ۋاقىتلاردا ۋەز قىلىشقا تەييار بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلالايمىز.
ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئۈچۈن ياش تۆككەن
قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئەيساغا ئوخشاش يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىڭ (15–17-ئابزاسلارغا قاراڭ) g
15. لۇقا 22:39–44 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەيسا ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى نېمە ئىش بولغان؟
15 مىلادى 33-يىلى، 14-نىسان كېچىسى، ئەيسا گېتسىمانە باغچىسىغا بارغان. ئۇ شۇ يەردە ئىچ-باغرىنى يەھۋاغا تۆككەن (لۇقا 22:39–44-نى ئوقۇڭ). شۇ ئىنتايىن قىيىن پەيت بولغاچ، ئەيسا قاتتىق يىغلاپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان (ئىبرانىي. 5:7). ئەيسا ئاشۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى نېمە ھەققىدە دۇئا قىلغان؟ ئۇ يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچ سوراپ دۇئا قىلغان. يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ چىن قەلبىدىن قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغان ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن.
16. ئەيسا گېتسىمانە باغچىسىدا دۇئا قىلىۋاتقاندا، نېمە ئۈچۈن ئازابلىنىپ ياش تۆككەن؟
16 شەك-شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازابلانغاچ، گېتسىمانە باغچىسىدا ياش تۆككەن. سەۋەبى، كىشىلەر ئۇنى خۇدانىڭ ئىسىمىغا ھاقارەت كەلتۈردى،— دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ۋە ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئاقلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلگەن. ئەگەر سىز يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزنى سىنايدىغان قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرىدىن يەنە باشقا قانداق ئۈچ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
17. ئەيسانىڭ ئىخلاس بىلەن قىلغان دۇئالىرىغا ئالغان جاۋابىدىن، يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17 يەھۋا سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزنى ئاڭلايدۇ. يەھۋا ئەيسانىڭ ئىخلاس بىلەن قىلغان دۇئالىرىغا قۇلاق سالغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسا ھاياتىدا ئاتىسىغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئاقلاشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئەگەر بىزمۇ يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئاقلاشنى ھاياتىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويساق، ئۇ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.—زەبۇر 145:18، 19.
18. ئەيسا قايسى جەھەتتىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان دوستقا ئوخشايدۇ؟
18 ئەيسا ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى چۈشىنىدۇ. بىز غەم-قايغۇغا پاتقاندا، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى چۈشىنىدىغان دوستىمىزدىن، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەندە، كۆڭلۈمىز تەسەللى تېپىپ، بەك خۇشال بولىمىز. ئەيسا دەل شۇنداق دوست. ئۇ ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغانلار ۋە ياردەمگە مۇھتاجلار قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەيسا ئاجىزلىقلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ ۋە دەل ۋاقتىدا قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ (ئىبرانىي. 4:15، 16). خۇددى ئەيسا گېتسىمانە باغچىسىدا بىر پەرىشتىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندەك، بىزمۇ يەھۋانىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن بەرگەن ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئۇ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىيال، فىلىم، نۇتۇق، ئاقساقال، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداش ياكى دوستىڭىز ئارقىلىق يەھۋا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.
19. خۇداغا ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاشتا سىناققا دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىپ كۈچكە ئېرىشەلەيسىز؟ بىر مىسال كەلتۈرۈڭ.
19 يەھۋا سىزگە ئۆز تىنچلىقىنى بېرىدۇ. يەھۋا بىزنى قانداق كۈچلەندۈرىدۇ؟ دۇئا قىلغاندا، بىز خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقىغا ئېرىشىمىز (فىلىپى. 4:6، 7). يەھۋا بېرىدىغان تىنچلىق قەلبىمىزنى تىنچلاندۇرۇپ، توغرا ئوي-پىكىرلەرنى قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. لۇز ئىسىملىك قېرىنداش بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يالغۇزلۇق ھېس-تۇيغۇسى بىلەن كۈرەش قىلىمەن. بەزى ۋاقىتلاردا، شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار سەۋەبلىك، يەھۋا مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەمما شۇنداق پەيتلەردە، مەن دەرھال يەھۋاغا ئۆزۈمنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن. دۇئا ئۆزۈمنى ياخشىراق سېزىشىمگە ياردەم بېرىدۇ». ئۇنىڭ كەچۈرمىشىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بىز دۇئا ئارقىلىق تىنچلىق تاپالايمىز.
20. ئەيسا تۆككەن كۆز ياشلاردىن قانداق ساۋاقلارنى ئالدۇق؟
20 بىز ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرىدىن تەسەللى تاپتۇق ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ساۋاقلارنى ئۆگەندۇق! قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان دوستلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ۋە يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىندۇق. بىز كىشىلەرگە رەھىمدىل بولۇپ، ۋەز ئېيتىشقا ۋە تەلىم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلدۇق. چۈنكى، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ بۇ گۈزەل پەزىلەتنى كۆرسىتىدۇ. بىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقى، ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە سىناقلاردا ساداقەتمەنلىكنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇلار كۆڭلۈمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋا «ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ»،— دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرايلى.—ۋەھىي. 21:4.
21-ناخشا رەھىمدىل بولغانلار بەختلىك
a مۇقەددەس يازمىلاردىن، بەزىدە ئەيسانىڭ كۆز يېشى قىلغانلىقىنى ئوقۇيمىز. ھازىر ئەيسانىڭ ئۈچ ۋەزىيەتتە كۆز يېشى قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ، نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d مەتتا 22:39-ئايەتتە، گرېك تىلدىن «قوشنا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز پەقەت ئەتراپىمىزدا ياشايدىغان كىشىلەرنىلا ئەمەس، يەنە بىز ئۇچراتقان ھەرقانداق كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
e سۈرەتتە: ئەيسا مەريەم بىلەن مارتاغا تەسەللى بەردى. بىزمۇ يېقىنلىرىدىن ئايەرە.ىلغانلارغا شۇنداق قىلالايمىز.
f سۈرەتتە: ئەيسا خۇشاللىق بىلەن كېچىدە نىكودىمۇسقا تەلىم بېرىۋاتىدۇ. بىزمۇ كىشىلەرگە قولاي ۋاقىتتا، ئۇلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.
g سۈرەتتە: ئەيسا ئاتىسى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ سوراپ دۇئا قىلىۋاتىدۇ. سىناقلاردا بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.