4-تەتقىق ماقالىسى
نېمە ئۈچۈن مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىمىز؟
«بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىڭلار.—لۇقا 22:19.
148-ناخشا يېگانە ئوغلۇڭنى بەردىڭ
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى، بولۇپمۇ قايسى ۋاقىتتا ئەسلەيمىز؟ (2) ئەيسا ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى نېمىنى ئۇيۇشتۇرغان؟
يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىسۇن، بىز ئۇلارنى تېخىغىچە ئەسلەيمىز. بولۇپمۇ، ھەر يىلى يېقىن كىشىمىز ئۆلۈپ كەتكەن كۈندە، ئۇلارنى ئېسىمىزگە ئېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمىزنى سېغىنىمىز.
2 ھەر يىلى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى مىليونلىغان يەھۋا گۇۋاھچلىرى، مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جەم بولىدۇ. بىز ئەيسا مەسىھنى بەك ياخشى كۆرۈمىز (1-پېتر. 1:8). ئۇ بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جېنىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەن (مەتتا 20:28). ئەمەلىيەتتە، ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئەسلەپ تۇرۇشىنى خالىغان. ئۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى، شاگىرتلىرى بىلەن ئالاھىدە كەچلىك بىر داستىخاننى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا شۇنداق بۇيرۇق بەرگەن: «بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىڭلار» بۇنى قىلىڭلار.—لۇقا 22:19.
3. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار. باشقا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. بۇ ماقالىدە، ھەر ئىككى توپ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ھەر يىلى قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنداقتا، ھازىر مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەسىھ قىلىنغانلار نېمە ئۈچۈن قاتنىشىدۇ؟
4. نېمە ئۈچۈن مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا پەقەت مەسىھ قىلىنغانلار نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىدۇ؟
4 ھەر يىلى ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان مەسىھ قىلىنغانلار نان يەپ، شاراب ئىچىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەيسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىن، كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنى دەپ ئاتالغان بىر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ نان ۋە شارابنى ساداقەتمەن 11 ئەلچىسىگە سۇنۇپ بەرگەن. ئۇلار ناننى يەپ، شارابنى ئىچكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئۇلارغا ئىككى ئەھدە، يەنى كېلىشىم، يېڭى ئەھدە بىلەن پادىشاھلىق ئەھدىسى b ھەققىدە سۆز قىلغان (لۇقا 22:19، 20، 28–30). بۇ ئىككى ئەھدە، شۇ 11 سادىق ئەلچىلەر ۋە ئاز ساندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئاسمانغا چىقىپ، پادىشاھ ۋە روھانىي بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئاچقان (ۋەھىي. 5:10؛ 14:1). بۈگۈنكى كۈندە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يەر يۈزىدىكى قالدۇق ئەزالىرىلا مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تەككۈزىدۇ.
5. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئۈمىدى بارلىقىنى بىلىدۇ؟
5 مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا تەقەززا بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. بۇ ئۇلارنى ئۆز ئۈمىدى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەھۋا ئۇلارغا ئاسماندا ئۆلمەيدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشتەك، ئاجايىپ بىر ئۈمىدنى بەرگەن. ئەيسا ۋە ئاسماندىكى ھاياتلىققا تىرىلدۈرۈلگەن 144000 كىشى بىرلىكتە، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ، يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (1-كورىنت. 15:51–53؛ 1-يۇھاننا 3:2). شۇ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار شۇ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆلگىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىشى كېرەك (2-تىموت. 4:7، 8). كەلگۈسىدىكى ئۈمىدى توغرۇلۇق ئويلىنىش، بۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى شاد-خوراملىققا چۆمدۈرىدۇ (تىتۇس 2:13). ئۇنداقتا، باشقا قويلارچۇ؟ (يۇھاننا 10:16) ئۇلارنىڭ مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنىڭ قانداق بەزى سەۋەبلىرى بار؟
باشقا قويلار نېمە ئۈچۈن قاتنىشىدۇ؟
6. نېمە ئۈچۈن باشقا قويلار ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ؟
6 گەرچە باشقا قويلار خاتىرىلەش يىغىلىشىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تەگكۈزمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇ يىغىلىشتا بولغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولىشىدۇ. 1938-يىلى، يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بارلار تۇنجى قېتىم بۇ ئالاھىدە خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. «كۈزىتىش مۇنارى»، 1938-يىل، 1-مارت، ئىنگلىز تىلى سانىدا شۇنداق يېزىلغان ئىدى: «باشقا قويلارنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشى ۋە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى كۆرۈشى ئىنتايىن مۇۋاپىق. [. . .] شەك-شۈبھىسىزكى بۇ يىغىلىش ئۇلارنىمۇ خۇشال قىلىدۇ». خۇددى توي مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارغا ئوخشاش، باشقا قويلار بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۆرگەندە، شاد-خوراملىققا چۆمىدۇ.
7. نېمە ئۈچۈن باشقا قويلار خاتىرىلەش يىغىلىشىدىكى نۇتۇقنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولىدۇ؟
7 باشقا قويلارنىڭمۇ ئۆز ئۈمىدى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش پۇرسىتى بار. ئۇلار خاتىرىلەش يىغىلىشىدىكى نۇتۇقنى ئاڭلاشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ. چۈنكى، بۇ نۇتۇقتا، مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 144000 مەسىھ قىلىنغانلار مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار مەسىھ ئەيسا بىلەن بىرلىكتە، يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ ۋە بارلىق ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ مۇكەممەللىككە قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. يەشايا 35:5، 6؛ 65:21–23 ۋە ۋەھىيلەر 21:3، 4-ئايەتلەردىكى بېشارەتلەر كەلگۈسىدىكى گۈزەل ھاياتنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان نەچچە ئون مىليون كىشىلەر شۇ بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشقاندا، قانداق بىر گۈزەل كېلەچەك بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، شاد-خوراملىققا چۆمىدۇ. ئۆزلىرىنى ۋە يېقىنلىرىنى كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا تەسەۋۋۇر قىلىپ، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىد باغلايدۇ ۋە يەھۋادىن ۋاز كەچمەي، داۋاملىق ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش قارارىنى كۈچەيتىدۇ.—مەتتا 24:13؛ گالاتىيا. 6:9.
8. باشقا قويلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنىڭ يەنە قانداق سەۋەبى بار؟
8 باشقا قويلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. ئۇلار مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا بۇ ئىككى توپ ئارىسىدىكى ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت بولىدىغانلىقى ئالدىن-ئالا ئېيتىلغانىدى. ئۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
9. زەكەرىيا 8:23-ئايەتتە باشقا قويلارنىڭ مەسىھ قىلىنغانلارغا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن؟
9 زەكەرىيا 8:23-نى ئوقۇڭ. بۇ بېشارەت باشقا قويلارنىڭ مەسىھ قىلىنغانلار ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە، بىر يەھۇدىي ۋە سەن دېگەن سۆز-ئىبارىلەر ئوخشاش بىر توپ كىشىلەرنى، يەنى مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ (رىملىقلار 2:28، 29). ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان خەلقلەردىن چىققان ئون ئادەم — باشقا قويلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بىر يەھۇدىينىڭ كىيىمىنى مەھكەم تۇتىدۇ، يەنى ئۇلار مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى سادىقلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەھۋا خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىدۇ. دېمەك، باشقا قويلار خاتىرىلەش يىغىلىشىدا مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن بىللە بولۇش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
10. ھەزەكىيال 37:15–19، 24، 25-ئايەتلەردىكى بېشارەتنى يەھۋا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
10 ھەزەكىيال 37:15–19، 24، 25-نى ئوقۇڭ. يەھۋا ئۆزى مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن باشقا قويلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلىق بۇ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ بېشارەتتە، ئىككى تاياق تىلغا ئېلىنغان. يەھۇدىي تايىقى — ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان ئەگەشكۈچىلىرىنى بىلدۈرىدۇ (ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى كېلىپ چىققان قەبىلە). ئەفرائىم تايىقى — يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان باشقا قويلارنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋا بۇ ئىككى تاياقنى بىرلەشتۈرگەن، يەنى مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن باشقا قويلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى توپ ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ئايرىم-ئايرىم ئەمەس، بەلكى بىر پادا ۋە بىر پادىچىغا تەۋە بولۇپ، خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىدۇ.—يۇھاننا 10:16.
11. مەتتا 24:14؛ 28:19، 20-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، باشقا قويلار مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ؟
11 مەتتا 25:31–36، 40-نى ئوقۇڭ. ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى قويلار ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقان ھەققانىي كىشىلەرنى، يەنى باشقا قويلارنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. ئۇلار مەسىھنىڭ يەر يۈزىدىكى قېرىنداشلىرىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ، يەنى خۇش خەۋەرنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ۋەز قىلىشتەك مۇھىم خىزمەتنى قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق باشقا قويلار ئادەملەرنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بولۇشىغا ياردەم بېرىشتە ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.—مەتتا 24:14؛ 28:19، 20.
12، 13. باشقا قويلار قانداق ئۇسۇلدا مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ؟
12 ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشى باشلىنىشتىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى، باشقا قويلار ھەقىقەتكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇھىم خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. (« مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتامسىز؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ). ئۇلار خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى تەييارلايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ جامائىتىدە مەسىھ قىلىنغانلار بولمىسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. باشقا قويلار شۇنداق يوللار بىلەن مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولىشىدۇ. ئۇلار مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلارنى، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئۈچۈن قىلىۋاتقاندەك كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.—مەتتا 25:37–40.
13 ئۈمىدىمىز قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىزنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار.
بىز ھەممىمىز نېمە ئۈچۈن قاتنىشىمىز؟
14. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەت ئۈچۈن، ئۇلارغا مىننەتدارمىز. يەھۋا نۇرغۇن يوللار بىلەن بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى — سۆيۈملۈك ئوغلىنى بىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تېنىنى پىدا قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكى (يۇھاننا 3:16). ئەيسا ئۆزى خالاپ، تېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلغان. بۇ ئۇنىڭ بىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ (يۇھاننا 15:13). ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېچقاچان قايتۇرالمايمىز. ئەمما، ھەر كۈنى گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق، ئۇلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز (كولوسى. 3:15). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، يەھۋا ۋە مەسىھنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەسلىيەلەيمىز ۋە ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز.
15. نېمە ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار تۆلەم سوۋغىسىنى قەدىرلەيدۇ؟
15 بىز تۆلەم سوۋغىسىغا ئىنتايىن مىننەتدارمىز (مەتتا 20:28). مەسىھ قىلىنغانلار تۆلەم قۇربانلىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. چۈنكى، شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار مەسىھ بەرگەن تۆلەمگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا، يەھۋا ئۇلارنى ھەققانىي ئادەملەر دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ (رىملىقلار 5:1؛ 8:15–17، 23). باشقا قويلارمۇ تۆلەم قۇربانلىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئۇلار مەسىھ تۆككەن قانغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار پاك ۋىجدان بىلەن دۇئا قىلالايدۇ ۋە چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ (ۋەھىي. 7:13–15). شۇڭا، مەسىھ قىلىنغانلارمۇ ياكى باشقا قويلارمۇ ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق تۆلەمنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
16. مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنىڭ يەنە قانداق سەۋەبى بار؟
16 خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — بىز ئەيسا مەسىھكە بويسۇنۇشنى خالايمىز. ئۈمىدىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەيسانىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى كېچىدە: «بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىڭلار»، دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىمىز.—1-كورىنت. 11:23، 24.
خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىسى بار
17. نېمە ئۈچۈن خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش بىزنى يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ؟
17 بىز يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز (ياقۇپ 4:8). ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش — يەھۋانىڭ بىزگە بەرگەن ئۈمىدى ۋە كۆرسەتكەن تەڭداشسىز سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ (يەرەم. 29:11؛ 1-يۇھاننا 4:8–10). كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىز ۋە يەھۋانىڭ مەڭگۈلۈك سۆيگۈ-مۇھەببىتى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.—رىملىقلار 8:38، 39.
18. ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە ئويلىنىش بىزنى نېمىگە دەۋەت قىلىدۇ؟
18 ئەيسانى ئۈلگە قىلىش ئىستىكىمىز كۈچىيىدۇ (1-پېتر. 2:21). خاتىرىلەش يىغىلىشىدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، بىز ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ئاخىرقى بىر ھەپتىدە باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلدۈرۈلۈشى ھەققىدە بايان قىلىنغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈزۈندىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇيمىز. خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئەيسانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەسلىتىدىغان بىر نۇتۇقنى ئاڭلايمىز (ئەفەس. 5:2؛ 1-يۇھاننا 3:16). ئەيسانىڭ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقى ھەققىدە ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇ ماڭغان يولدا مېڭىش ئىستىكىمىز كۈچىيىد.ۇ—1-يۇھاننا 2:6.
19. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ئۆزۈمىزنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
19 بىز خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ئۆزۈمىزنى ساقلاشقا تېخىمۇ بەل باغلايمىز (يەھۇدا 20، 21). بىز خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ئۆزۈمىزنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بويسۇنۇشقا، مۇقەددەس ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشقا ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمىز (پەند. نە 27:11؛ مەتتا 6:9؛ 1-يۇھاننا 5:3). مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقاندا، ھەر كۈنى «يەھۋا، مەن سېنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭدە مەڭگۈ قېلىشنى خالايمەن!»،— دېگەن قارار بىلەن ياشاشقا تېخىمۇ بەل باغلايمىز.
20. خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنىڭ قانداق مۇھىم سەۋەبلىرى بار؟
20 مەيلى، ئاسماندا ياكى يەر-يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولايلى، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىز بار. ھەر يىلى خاتىرىلەش كۈنىدە جەم بولۇپ، بىز ياخشى كۆرگەن كىشىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى ئەسلەيمىز. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئۆز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە تۆلەشكە ئەۋەتىپ، بىزگە كۆرسەتكەن تەڭداشسىز سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەسكە ئالىمىز. بۇ يىل، مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشى 2022-يىلى، 15-ئاپرېل، جۈمە كۈنى، كۈن ئولتۇرغاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمىز. شۇڭا، مەسىھ ئۆلگەن كۈننى ئەسكە ئالىدىغان بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىمىز. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىغىلىش!
14-ناخشا خۇدا ھەممىنى يېڭىلار
a ئۈمىدىمىز يەر يۈزىدە ياكى ئاسماندا ياشاش بولسۇن، ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا تەقەززا بولىمىز. ھازىر مۇقەددەس كىتابتا مۇشۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشنىڭ قانداق سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە شۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b يېڭى ئەھدە ۋە پادىشاھلىق ئەھدە توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 15-ئۆكتەبىر سانى، 15–17-بەتلەردە كەلتۈرۈلگەن «سىلەر «روھانىيلار پادىشاھلىقى» بولىسىلەر» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.