مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»‏

‏«يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»‏

2022-‏يىللىق ئايىتىمىز:‏ «يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس».‏ —‏زە‌بۇ‌ر 34:‏10‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

بۇ ماقالىدە a

داۋۇ‌ت قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغلاردىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھېچ بىر نە‌رسىسى كە‌م بولمىغان (‏1–‏3-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

1‏.‏ داۋۇ‌ت قانداق ئېغىر ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان؟‏

 داۋۇ‌ت ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېچىپ يۈرە‌تتى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئىسرائىلنىڭ كۈچلۈك پادىشاھى سائۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.‏ داۋۇ‌ت يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ككە ئېھتىياجلىق بولغاندا،‏ نوب شە‌ھىرىدە توختاپ،‏ ئۇ يە‌ردە بە‌ش نان بېرىشنى سورىغان (‏1-‏سام.‏ 21:‏1،‏ 3‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ن كىشىلە‌ر بىر ئۆڭكۈردە پاناھلانغان (‏1-‏سام.‏ 22:‏1‏)‏.‏ قانداقلارچە داۋۇ‌ت بۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان؟‏

2‏.‏ سائۇ‌ل ئۆز-‏ئۆزىنى قانداق خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چار قىلغان؟‏ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 23:‏16،‏ 17‏)‏

2 سائۇ‌ل داۋۇ‌تقا ھە‌سە‌ت قىلغان،‏ چۈنكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر داۋۇ‌تنى جە‌ڭلە‌ردە غە‌لبىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرگىنى ئۈچۈن ماختاپ،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ سائۇ‌ل يە‌نە ئۆزىنىڭ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى رە‌ت قىلىپ،‏ داۋۇ‌تنى تە‌ختتە ئولتۇ‌رۇ‌شقا تاللىغانلىقىنىمۇ بىلە‌تتى ‏(‏1-‏سامۇ‌ئىل 23:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ سائۇ‌ل يە‌نىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ چوڭ قوشۇ‌نى ۋە ئۇ‌نى قوللايدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملىرى بار ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېچىپ كە‌تكە‌ن.‏ سائۇ‌ل ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دا تاللىغان داۋۇ‌تنى پادىشاھ بولۇ‌شتىن توسۇ‌پ قالالايمە‌ن،‏—‏ دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ (‏يە‌شايا 55:‏11‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بۇ ھە‌ققىدە بىر نە‌رسە يېزىلمىغان.‏ ئە‌مما،‏ بىز بىر ئىشنى جە‌زىملە‌شتۈرە‌لە‌يمىزكى:‏ سائۇ‌ل ئۆز-‏ئۆزىنى خە‌تە‌رلىك بىر ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چار قىلغان.‏ خۇ‌داغا قارشى چىققان كىشى چوقۇ‌م مە‌غلۇ‌پ بولماي قالمايدۇ!‏

3‏.‏ داۋۇ‌ت قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏

3 داۋۇ‌ت كە‌متە‌ر بىر ئادە‌م بولغان.‏ ئۇ ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولۇ‌شنى ئۆزى تاللىمىغان،‏ بە‌لكى بۇ ۋە‌زىپىنى يە‌ھۋا ئۆزى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان (‏1-‏سام.‏ 16:‏1،‏ 12،‏ 13‏)‏.‏ سائۇ‌ل داۋۇ‌تنى ئۆزىنىڭ ئە‌شە‌ددىي دۈشمىنى قاتارىدا كۆرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نداق خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تكە چۈشۈپ قالغىنى ئۈچۈن يە‌ھۋانى ئە‌يىبلىمىگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە يە‌يدىغانغا يېتە‌رلىك تامىقى بولماي قالغىنى ۋە ئۆڭكۈردە پاناھلىنىپ قونغىنى ئۈچۈن ئاغرىنمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ئۆڭكۈردە يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌پ يۈرگە‌ن چاغلاردا،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان گۈزە‌ل مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى يازغان.‏ شۇ ناخىشلارنىڭ ئارىسىدا،‏ بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتى:‏ «يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»،‏—‏ دېگە‌ن سۆز-‏جۈمىلىمۇ بولغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏10‏؛‏ [ي.‏د].‏

4‏.‏ قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە شۇ‌لارنىڭ جاۋابىنى بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

4 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ كۆپلىگە‌ن خىزمە‌تچىلىرى يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك ۋە تۇ‌رمۇ‌ش لازىمە‌تلىكلىرى كە‌م بولۇ‌شتە‌ك قىيىنچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ يېقىنقى تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە تېخىمۇ شۇ‌نداق بولدى.‏ چوڭ بالايىئاپە‌تنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئە‌گىشىپ،‏ تېخىمۇ قىيىن كۈنلە‌رگە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تقان ھالدا،‏ تۆۋە‌ندىكى تۆت سوئالغا جاۋاب تاپىمىز:‏ قايسى جە‌ھە‌تتىن داۋۇ‌تنىڭ ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولمىغان؟‏ نېمە ئۈچۈن قانائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ كە‌لگۈسىگە قانداق تە‌ييار بولالايمىز؟‏

مېنىڭ ھېچنە‌رسە‌م كە‌م ئە‌مە‌س

5،‏ 6‏.‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ «ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ نېمە كۆزدە تۇ‌تقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە،‏ زە‌بۇ‌ر 23:‏1–‏6-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ «ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»،‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى قىلغاندا،‏ ئۇ نېمىنى كۆزدە تۇ‌تقان؟‏ بۇ سۇ‌ئالغا جاۋاب تېپىشقا،‏ زە‌بۇ‌ر 23-‏بابتىكى سۆزلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 23:‏1–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت بۇ زە‌بۇ‌رنى مونۇ سۆزلە‌ر بىلە‌ن باشلىغان:‏ «يە‌ھۋا پادىچىمدۇ‌ر،‏ ھېچ نە‌رسىگە مۇ‌ھتاجىم يوقتۇ‌ر‏».‏ بۇ زە‌بۇ‌رنىڭ كېيىنكى ئايە‌تلىرىدە،‏ يە‌ھۋانى ئۆزىنىڭ پادىچىسى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلغانلارنىڭ مول بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى «ھە‌ققانىيە‌ت يولىدا» مېڭىشقا باشلايدۇ.‏ ئۇ ياخشى-‏يامان پە‌يتلە‌ردە داۋۇ‌تنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ياپ-‏يېشىل يايلاقلىرىدا ياشىغاندا،‏ داۋۇ‌ت ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ بە‌زىدە،‏ ئۇ ئۆزىنى «ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇ‌رغان جىلغىلاردىن» ئۆتكە‌ندە‌ك ئۈمىدسىز ھېس قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭ كۆپ دۈشمە‌نلىرى بولغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ پادىچىسى بولغاچ،‏ داۋۇ‌ت ھېچقانداق «خە‌تە‌رلە‌ردىن» قورقمىغان.‏

6 دېمە‌ك،‏ بىرىنچى سوئالىمىزغا جاۋاب تاپتۇ‌ق:‏ داۋۇ‌تنىڭ قايسى جە‌ھە‌تتىن ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولمىغان؟‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئېيتقاندا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلىشى ئۈچۈن،‏ داۋۇ‌تنىڭ زۆرۈر بولغان ھە‌ممە نە‌رسىلىرى بار ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌شاللىق تېپىشى ماددىي نە‌رسىلىرىنىڭ كۆپ بولۇ‌شىغا باغلىق بولمىغان.‏ يە‌ھۋا تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن نە‌رسىلە‌رگە داۋۇ‌ت قانائە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى:‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتى ۋە ھىمايىسى بولغان.‏

7‏.‏ لۇ‌قا 21:‏20–‏24-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە يە‌ھۇ‌دىيىدە ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

7 داۋۇ‌تنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ ماددىي نە‌رسىلە‌رگە مۇ‌ۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۆزۈمىزدە بار بولغان ماددىي نە‌رسىلە‌رنىڭ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋىتىنى كۆرسە‌ك،‏ بۇ خاتا ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ يە‌ھۇ‌دىيىدە ياشايدىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌نگە‌ن ‏(‏لۇ‌قا 21:‏20–‏24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا،‏ يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىنىڭ دۈشمە‌ن قوشۇ‌نلىرى تە‌رىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا،‏ تاغلارغا قېچىڭلار،‏—‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق ئىش يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار شە‌ھە‌ردىن قېچىپ كە‌تسە،‏ ھاياتى ئامان قالاتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار كۆپ نە‌رسىلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كېلە‌تتى.‏ بىر نە‌چچە يىل ئىلگىرى،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىدا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۇ‌لار ئېتىزلىرى،‏ ئۆيلىرى،‏ ھە‌تتا توپلىغان مال-‏دۇ‌نيالىرىنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قوغدايدىغانلىقىغا ۋە ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىدىن مۇ‌ھىم كۆرگە‌ن».‏

8‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يە‌ھۇ‌دىيىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ مىسالىدىن قانداق مۇ‌ھىم ساۋاققا ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

8 يە‌ھۇ‌دىيىدە ياشايدىغان بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان «كۈزىتىش مۇ‌نارى» شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماددىي نە‌رسىلە‌رگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌ش،‏ بىز ئۈچۈن سىناق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؛‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تە‌كشۈرۈپ،‏ «مە‌ن ئۈچۈن ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئە‌ڭ مۇ‌ھىممۇ ياكى خۇ‌دادىن كېلىدىغان قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ.‏ مۇ‌شۇ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ قىيىنچىلىقلارغا ۋە قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن،‏ بىزمۇ يە‌ھۇ‌دىيىدىن قېچىپ كە‌تكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئوخشاش ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە تە‌ييار تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك».‏

9‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلارغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت-‏سۆزلىرى،‏ بىزنى نېمە قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏

9 ئاشۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌ممە نە‌رسىلىرىنى تاشلاپ،‏ ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىنى قايتىدىن باشلىشىنىڭ قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏ ئۇ‌لار تۇ‌رمۇ‌شقا كېرە‌كلىك ماددىي ئېھتىياجلىرىنى،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ياردە‌مسىز قالمىغان.‏ رىملىقلار يېرۇ‌سالىمنى قورشىۋېلىشتىن بە‌ش يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلارغا بە‌زى قىممە‌تلىك نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن:‏ «پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن خالىي ياشاڭلار.‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىڭلار.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا ئۆزى شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سە‌ندىن ئاسلا ئايرىلمە‌يمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن».‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز جاسارە‌ت بىلە‌ن شۇ‌نداق ئېيتالايمىز:‏ «يە‌ھۋا مېنىيڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر،‏ مە‌ن قورقماسمە‌ن.‏ ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇ‌ن؟‏» (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌ت-‏سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغانلار ئاددىي-‏ساددا ياشاشقا ئاسانلا ئادە‌تلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار تۇ‌رمۇ‌شتىكى ماددىي ئېھتىياجلىرىنى،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ سۆزلىرى،‏ ئېھتىياجلىرىمىزنى يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ.‏

بارىغا قانائە‌ت قىلىمىز

10‏.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ قانداق سىرىنى بىزگە ئېيتىپ بە‌رگە‌ن؟‏

10 پاۋلۇ‌سنىڭ تىموتىيغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغانىدى:‏ «شۇ‌ڭا،‏ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە باش تىققىدە‌ك يېرىمىز بولسا،‏ شۇ‌لار بىلە‌ن قانائە‌ت قىلايلى» (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏8‏)‏.‏ بۇ بىزنىڭ ياخشى تاماقلاردىن،‏ چىرايلىق ئۆيدىن ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌ت كۆرۈشىمىزگە ۋە بە‌زىدە يېڭى كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ،‏—‏ دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س ئە‌سلى شۇ‌نداق دېمە‌كچى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ سىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ،‏ بىز ئۆزۈمىزدە بار ماددىي نە‌رسىلە‌رگە قانائە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك،‏—‏ دېگە‌ن (‏فىلىپى.‏ 4:‏12‏)‏.‏ ئە‌ڭ قىممە‌تلىك بايلىقىمىز —‏ ماددىي نە‌رسىلىرىمىز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز.‏—‏ھاباق.‏ 3:‏17،‏ 18‏.‏

ئىسرائىللار 40 يىل چۆلدە يۈرگە‌ندە،‏ ھېچبىر نە‌رسىسى كە‌م بولمىغان.‏ ھازىر بىز ئۆزۈمىزدە بار نە‌رسىلە‌رگە قانائە‌ت قىلالايمىزمۇ؟‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

11‏.‏ مۇ‌سانىڭ ئىسرائىللارغا قىلغان سۆزىدىن قانائە‌تچان بولۇ‌ش توغرىسىدا نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11 ئۆزىمىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىغا بولغان كۆزقارىشى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى ئارىسىدا پە‌رق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئىسرائىللار 40 يىل چۆلدە يۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ مۇ‌سانىڭ ئۇ‌لارغا نېمە دېگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى:‏ «‏تە‌ڭرىلار يە‌ھۋا قىلغان بارچە ئىشلىرىڭلارغا بە‌رىكە‌ت بە‌ردى.‏ سە‌ن بۇ چوڭ چۆل-‏باياۋاندا يۈرگىنىڭىزدە،‏ ئۇ سىلە‌رنى كۈزۈتۈپ تۇ‌ردى.‏ 40 يىلدىن بويان يە‌ھۋا خۇ‌دايىڭلار سىلە‌ر بىلە‌ن بولدى،‏ ھېچ نە‌رسە‌ڭلار كە‌م بولمىدى‏» (‏تە‌كرار.‏ قا 2:‏7‏)‏.‏ 40 يىل جە‌ريانىدا،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا ماننانى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىسىردىن چىققاندا كىيگە‌ن كىيىم-‏كېچە‌كلىرى يىرتىلىپ كە‌تمە‌سلىكىگە،‏ يە‌ھۋا كاپالە‌تلىك قىلغان (‏تە‌كرار.‏ قا 8:‏3،‏ 4‏)‏.‏ گە‌رچە بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىرىنى يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏—‏ دە‌پ ئويلىغان بولسىمۇ،‏ مۇ‌سا ئىسرائىللارنى ئە‌سكە‌رتىپ،‏ ئۇ‌لاردا ئېھتىياجلىق ھە‌ممە نە‌رسىلىرى بارلىقىنى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېسىگە سالغان.‏ ئە‌گە‌ر بارىغا رازى بولۇ‌شنى ئۆگە‌نسە‌ك،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا تە‌مىنلىگە‌ن ئاددىي نە‌رسىلە‌رنىمۇ قە‌دىرلە‌يمىز ۋە ئۇ‌لارنى خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن بە‌رىكە‌ت دە‌پ قاراپ،‏ مىننە‌تدار بولساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌شال بولىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

12‏.‏ داۋۇ‌ت ئۆزىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ سادىق ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نى سۆيگە‌ن كىشىلە‌رگە چوڭقۇ‌ر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت 34-‏زە‌بۇ‌رنى يازغاندا،‏ ھاياتى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا بولسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىسىنىڭ ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىمان كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏7‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسىنى دۈشمە‌نلە‌رنىڭ كېلىشىنى كۈزىتىپ،‏ دالادا چېدىر تىككە‌ن بىر جە‌ڭچىگە ئوخشاتقان.‏ داۋۇ‌ت باتۇ‌ر بىر جە‌ڭچى بولغان ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نى پادىشاھ قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ داۋۇ‌ت دۈشمە‌ننى مە‌غلۇ‌پ قىلىشتا،‏ ئۆزىنىڭ تاش ئاتىدىغان قابىلىيىتى ياكى قىلىچىغا تايانمىغان (‏1-‏سام.‏ 16:‏13؛‏ 24:‏12‏)‏.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئىخلاسمە‌نلە‌رنى قوغدايدىغان پە‌رىشتىسىگە ئىشە‌نچ قىلغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز بۈگۈن مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن ھىمايە قىلىنىشنى ئۈمىد قىلمايمىز.‏ ئە‌مما شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىغانلار،‏ ھە‌تتا ئۆلۈپ كە‌تسىمۇ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.‏

چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ماگوگدىن بولغان گوگنىڭ قوشۇ‌نلىرى ئۆيلىرىمىزدە بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلىرى ئۇ‌لارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە بىزنى قوغدايدۇ (‏13-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

13‏.‏ ماگوگدىن بولغان گوگ ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئاجىزدە‌ك كۆرۈنىمىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

13 بىزنى قوغداشقا يە‌ھۋانىڭ قادىر ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز يېقىن كە‌لگۈسىدە سىناققا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ماگوگدىن بولغان گوگ،‏ يە‌نى دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقى خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ ھاياتىمىز خە‌تە‌ر ئىچىدە قالغاندە‌ك ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ۋە چوقۇ‌م قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ دۆلە‌تلە‌رگە نىسبە‌تە‌ن،‏ قارىماققا بىز ھېچقانداق ھىمايە قىلغۇ‌چىسى يوق قويلارغا ئوخشاش كۆرۈنىمىز (‏ھە‌زە‌كە‌رىيا 38:‏10—‏12‏)‏.‏ قوللىرىمىزدا قورال-‏ياراقلىرىمىز يوق ۋە جە‌ڭ قىلىشنىمۇ ئۆگە‌نمە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۆلە‌تلە‌ر ئاسانلا بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلالايمىز دە‌پ قارايدۇ.‏ بىز ئىمان كۆزلىرىمىز بىلە‌ن كۆرگە‌نلە‌رنى،‏ ئۇ‌لار كۆرە‌لمە‌يدۇ.‏ بىز پە‌رىشتىلە‌رنىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئە‌تراپىغا چېدىر تىكىپ،‏ ئۇ‌لارنى قوغداشقا تە‌ييار بولغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏ ئە‌مما،‏ دۆلە‌تلە‌ر روھىي جە‌ھە‌تتىن قارغۇ بولغاچ،‏ ئۇ‌لار بىز كۆرگە‌نلە‌رنى كۆرە‌لمە‌يدۇ.‏ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلار بىز ئۈچۈن جە‌ڭ قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار بە‌كمۇ ھە‌يران قالىدۇ!‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏11،‏ 14،‏ 15‏.‏

كە‌لگۈسى ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلىڭ

14‏.‏ كە‌لگۈسىگە تە‌ييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئە‌ڭ ئاۋۋال نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 كە‌لگۈسىگە تە‌ييارلىنىش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلالايمىز؟‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ بىز ماددىي نە‌رسىلە‌رگە توغرا قاراشتا بولۇ‌شىمىز ۋە بىر كۈنى ئۆزۈمىزدە بار بولغان بارلىق نە‌رسىلە‌رنى تاشلاپ كېتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز يە‌نە قانائە‌تچان بولۇ‌شىمىز ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزدىن ئە‌ڭ زور خۇ‌شاللىق تېپىشىمىز كېرە‌ك.‏ ياراتقۇ‌چىمىزنى قانچە ياخشىراق تونۇ‌غانسېرى،‏ ماگوگدىن بولغان گوگ ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزنى قوغداشقا قادىر ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز شۇ‌نچە قە‌تئىي بولىدۇ.‏

15‏.‏ ئىلگىرىكى قايسى تە‌جرىبىلىرى،‏ داۋۇ‌تقا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ھە‌رگىز ئۈمىدسىزلە‌ندۈرمە‌يدىغانلىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

15 داۋۇ‌تقا يە‌نە نېمىلە‌رنىڭ ياردە‌م قىلغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ مىسالى،‏ بىزگە سىناقلارغا تە‌ييارلىق قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ داۋۇ‌ت:‏ «يە‌ھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىغىن ۋە كۆرگىن.‏ ئۇ‌نىڭدا پاناھ تاپقان كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏8‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر داۋۇ‌تنىڭ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە نېمە ئۈچۈن تايىنىدىغانلىقىنى بىلگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏ داۋۇ‌ت دائىم يە‌ھۋاغا تايانغانىدى.‏ ئۇ‌مۇ داۋۇ‌تنى ھە‌رگىز ئۈمىدسىزلە‌ندۈرمىگە‌ن.‏ ياش ۋاقتىدا داۋۇ‌ت فىلىستىيىلىك غايە‌ت يوغان جە‌ڭچى غولىياتقا قارشى جە‌ڭگە چۈشكە‌ندە،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مانا بۈگۈن پە‌رۋە‌ردىگار سېنى مېنىڭ قولۇ‌مغا تاپشۇ‌رىدۇ» (‏1-‏سام.‏ 17:‏46‏)‏.‏ داۋۇ‌ت كېيىن پادىشاھ سائۇ‌لغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقاندا،‏ سائۇ‌ل بىرقانچە قېتىم ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تقا يار بولۇ‌پ،‏ ھە‌مىشە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان (‏1-‏سام.‏ 18:‏12‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ئىلگىرى يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى باشتىن كە‌چۈرگە‌چكە،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى سىناقلىرىدىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىشى كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ن.‏

16‏.‏ قانداق ئە‌مە‌لىي يوللار بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىپ كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

16 بىز ھازىر يە‌ھۋانىڭ يولباشچىلىقىغا كۆپرە‌ك تايىنىشنى ئۆگە‌نسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌لگۈسىدە بىزنى قۇ‌تقۇ‌زالايدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىمىز.‏ يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ خوجايىنىمىزدىن دە‌م ئېلىشنى سوراش ئىمان ۋە ئىرادە تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ چوڭ يىغىلىشلارغا قاتىنشالايمىز ياكى خىزمە‌ت قىلىش كۈنلىرىمىزنى مۇ‌ۋاپىق تە‌ڭشە‌شنى سورىساق،‏ بارلىق جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىزغا قاتنىشالايمىز ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمە‌تكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سە‌رپ قىلالايمىز.‏ خوجايىن تە‌لىپىمىزنى رە‌ت قىلىپ،‏ خىزمىتىمىزدىن ئايە‌رە.‏ىلىپ قالدۇ‌ق دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن ھە‌رگىز ئايە‌رە.‏ىلمايدىغانلىقى،‏ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقى ۋە زۆرۈر بولغان ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى ھە‌مىشە تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىزمۇ؟‏ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5‏)‏ يە‌ھۋا،‏ ئۇ ساداقە‌تمە‌ن خۇ‌دادۇ‌ر.‏ پۈتۈن كۈن تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىۋاتقان نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلار ياردە‌مگە ئە‌ڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كە‌چۈرمىشلە‌رنى سۆزلە‌پ بېرە‌لە‌يدۇ.‏

17‏.‏ 2022-‏يىللىق ئايە‌ت قايسى؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ ئايە‌ت مۇ‌ۋاپىق تاللانغان؟‏

17 يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىللە،‏ شۇ‌ڭا ئالدىمىزدا كېلىدىغان كۈنلە‌ردىن قورقۇ‌شىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ھاياتىمىزدا ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساقلا،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىزنى ھە‌رگىز تاشلىمايدۇ.‏ ئالدىمىزدىكى قىيىن كۈنلە‌رگە ھازىر تە‌ييار بولۇ‌ش ۋە يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھە‌رگىزمۇ تاشلىۋە‌تمە‌يدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش 2022-‏يىللىق ئايە‌تكە زە‌بۇ‌ر 34:‏10-‏ئايە‌تنى تاللىدى:‏ ‏«يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس».‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

a ‏2022-‏يىلى ئۈچۈن زە‌بۇ‌ر 34:‏10-‏ئايە‌تتىن ئېلىنغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر يىللىق ئايە‌ت سۈپىتىدە تاللاندى:‏ «يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس».‏ كۆپلىگە‌ن سادىق خىزمە‌تكارلىرى ماددىي جە‌ھە‌تتىن باي ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ «ياخشى نە‌رسىسى كە‌م ئە‌مە‌س»،‏—‏ دە‌يمىز؟‏ بۇ ئايە‌تنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش قانداق قىلىپ كە‌لگۈسىدىكى قىيىن كۈنلە‌رگە تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

b سۈرە‌تتە:‏ داۋۇ‌ت ھە‌تتا پادىشاھ سائۇ‌لدىن قېچىپ،‏ ئۆڭكۈردە يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌پ يۈرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ پە‌رۋە‌ردىگار ئۇ‌لارغا ماننانى يېمە‌كلىك ئۈچۈن بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ كىيىم-‏كېچە‌كلىرى يىرتىلىپ كە‌تمىگە‌ن.‏