5-تەتقىق ماقالىسى
ۋاقتىڭىزدىن توغرا پايدىلىنىڭ
«ئەقىلسىز كىشىلەردەك ئەمەس، ئەقىللىق ئىنسانلاردەك يۈرگەن يوللىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. ھەر پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭلار».—ئەفەس. 5:15، 16.
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا بىلەن ۋاقتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزەلەيمىز؟
ھەممە ئادەم ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان يېقىن كىشىلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، توي قىلغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. ياشلار يېقىن دوستلىرى بىلەن ۋە بىز ھەممىمىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئامراق. ئەمما، بىز ھەممىدىن بەكرەك ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز. دۇئا قىلىش، ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇش، ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە گۈزەل پەزىلەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنداق قىلالايمىز. ھەقىقەتەن، يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشتۇر!—زەبۇر 139:17.
2. قانداق ئىشلار كۆپ ۋاقتىمىزنى ئالىدۇ؟
2 گەرچە بىز يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرسەكمۇ، ئەمما بەزىدە ئۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتكەچ، بىز خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىشىمىز، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە باشقا زۆرۈر ئىشلارغا كۆپ ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىشىمىز مۇمكىن. نەتىجىدە، دۇئا قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش بىزگە تەس بولىدۇ.
3. يەنە قانداق ئىشلار ۋاقتىمىزنى ئوغرىلايدۇ؟
3 بۇنىڭدىن باشقا، ۋاقتىمىزنى ئوغرىلايدىغان باشقا ئىشلارمۇ بار. مەسىلەن، ھەممىمىز ئارام ئېلىش ياكى كۆڭۈل ئېچىشقا مۇھتاج. ئەمما، دىققەت قىلمىساق، بۇنداق ئىش-پائالىيەتلەر يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىزنى ئوغرىلايدۇ. گەرچە بىز تاللىغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ياخشى بولسىمۇ، ئۇلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىزغا چەك قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىنمۇ مۇھىمراق.—پەند. نە 25:27؛ 1-تىموت. 4:8.
4. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزدا ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، يەھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
دانا قارار چىقىرىپ، نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈڭ
5. ئەفەسلىكلەر 5:15–17-ئايەتلەر، بىر ياشنىڭ ھاياتىدا ئەڭ ياخشى قارار چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5 ياخشى ھايات يولىنى تاللاڭ. ئادەتتە ياشلار ھاياتىنى نېمىگە بېغىشلاشنى ئويلايدۇ؟ بىر تەرەپتىن، ياشلارنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوخشاش دىنىي ئېتىقادتا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ئالىي مەكتەپتە يۇقىرى بىلىم ئېلىپ، بۇ دۇنيادا كۆپ پۇل تاپىدىغان بىر كەسىپنى تاللاشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان ئاتا-ئانىلار، جامائەتتىكى قېرىنداشلار ياشلارنى ھاياتىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلاشقا ئۈندەيدۇ. يەھۋانى سۆيىدىغان ياشلارنىڭ ئەڭ توغرا تاللاشنى قىلىشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئەفەسلىكلەر 5:15–17-ئايەتلەرنى ئوقۇش ۋە شۇلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش دانا قارار چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ (ئوقۇڭ). بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ياشلار ئۆز-ئۆزىدىن شۇنداق سورىسا بولىدۇ: يەھۋانىڭ ئىرادىسى نېمە؟ قانداق قارار قىلسام، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ؟ قايسى يولنى تاللىسام، مەنىلىك ھايات كەچۈرەلەيمەن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ دەۋرىمىز بەك رەزىل. شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۇ دۇنيا يوق بولۇشقا ئاز قالدى، شۇڭلاشقا ھاياتىمىزدا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىمىز ئەڭ دانالىق بولىدۇ.
6. مەريەم نېمە قىلىشنى تاللىدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ دانا قارار بولغان؟
6 ئەڭ مۇھىمىنى پەرقلەندۇرۇڭ. بەزىدە قىلماقچى بولغان ھەر ئىككىلا ئىشىمىز خاتا ئەمەس. ئەمما، قايسىسىنىڭ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مۇھىم نۇقتىنى، ئەيسا مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا يۈز بەرگەن ئىشلار ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مارتا ئەيسانى مېھمان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. شۇڭا، ئۇ مول داستىخان تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولغان. ئەمما، مەريەم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغان ئىدى. مارتانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى خاتا ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئەيسا مەريەم ياخشى ئىشنى تاللاۋالدى، دېگەن ئىدى (لۇقا 10:38–42). بەلكىم، مەريەم شۇ كۈنى نېمە يېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، ئۇ ئەيسادىن ئاڭلىغان تەلىملەرنى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىغان. خۇددى مەريەم ئەيسا بىلەن بىللە بولغان چەكلىك ۋاقتىنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيمىز. ئۇنداقتا، بۇ ۋاقىتتىن ياخشىراق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
يەھۋا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ
7. نېمە ئۈچۈن دۇئا، شەخسىي تەتقىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش بەك مۇھىم؟
7 دۇئا، شەخسىي تەتقىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. يەھۋا بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. بىز دۇئا ئارقىلىق ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن پاراڭلىشالايمىز (زەبۇر 5:7). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسەك، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مەنبەسى بولغان ياراتقۇچى خۇدا ھەققىدە بىلىملەرگە ئىگە بولالايمىز (پەند. نە 2:1–5). بىز چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغاندا، يەھۋانىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەل پەزىلەتلىرى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان ئاجايىپ ئىرادىسى ھەققىدە ئويلىنىمىز. بۇ ۋاقتىمىزنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر. ئۇنداقتا، چەكلىك ۋاقتىمىزدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
شەخسىي تەتقىق قىلىش ئۈچۈن جىمجىت جاينى تاپالامسىز؟ (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
8. ئەيسانىڭ چۆلدە بولغاندا، ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 مۇمكىنقەدەر جىم-جىت بىر جاينى تاللاڭ. ئەيسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ يەر يۈزىدىكى ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 40 كۈن چۆلدە يالغۇز يۈرگەن (لۇقا 4:1، 2). شۇ تىپ-تىنچ جايدا، ئەيسا ئۆز ئاتىسى يەھۋاغا دۇئا قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلىش ئەيسانىڭ كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا ئۆزىنى تەييارلىشىغا ياردەم بەرگەن. بىز ئەيسانىڭ مىسالىدىن نېمە ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەگەر بىز چوڭ بىر ئائىلىدە ياشىساق، تىنچ بىر جاينى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا، بىز سىرتتا تىنچ جاينى تاپالىشىمىز مۇمكىن. جۇلىيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز يەھۋاغا دۇئا قىلماقچى بولغاندا، شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ يولدىشى بىلەن فرانسىيىدە كىچىك بىر ئۆيدە تۇرغان. شۇڭا، ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدىغان، تىنچ، يالغۇز قېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك تەس ئىدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ، سەيلە قىلىمەن. شۇ يەردە تىنچ، يالغۇز ئولتۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ، يەھۋاغا دۇئا قىلالايمەن».
9. ئەيسا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي، ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغان؟
9 ئەيسانىڭ ھاياتى تولىمۇ ئالدىراش ئۆتكەن. ئۇ يەر يۈزىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاۋاتقاندا، ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن، ھەمىشە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرگەن. ئۇلار ئەيسانىڭ ئۆزلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان. بىر قېتىم، ئەيسانى كۆرۈش ئۈچۈن پۈتۈن شەھەر خەلقى ئىشىك ئالدىغا توپلاشقان ئىدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋاغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئەيسا دائىم ۋاقىت چىقارغان. ئۇ تاڭ ئېيتىشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، تىنچ بىر جايغا بېرىپ ئاتىسى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن.—مارك 1:32–35.
10، 11. مەتتا 26:40، 41-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، گېتسىمانە باغچىسىدا ئەيسا ئەلچىلىرىگە نېمە قىلىشنى بۇيەرە.ىغان، ئەمما نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
10 ئەيسا يەر يۈزىدىكى خىزمىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، دۇئا قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جىمجىت يەرنى تاپقان. بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى بولۇپ، ئۇ گېتسىمانە باغچىسىغا بارغانىدى (مەتتا 26:36). شۇ ۋاقىتتا، ئۇ شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىش ھەققىدە مۇھىم نەسىھەتلەرنى بەرگەن.
11 ئەشۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى. ئۇلار گېتسىمانە باغچىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەك كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم، يېرىم كېچە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلچىلىرىگە ھوشىيار تۇرۇشنى ئېيتىپ، ئەيسا ئۆزى دۇئا قىلىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان (مەتتا 26:37–39). لېكىن، ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئەلچىلەر ئۇخلاپ قالغانىدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار، دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 26:40، 41-نى ئوقۇڭ). ئۇ ئەلچىلىرىنىڭ كۆپ بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە ئاللىقاچان بەكمۇ چارچاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، شۇنداق دېگەن: «كۆڭۈل خالايدۇ، ئەمما تەن ئاجىزدۇر». شۇنىڭدىن كېيىن، ئەيسا ئىككى قېتىم دۇئا قىلىشقا كېتىپ قالغان. ئەمما، ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە، ئەلچىلەر دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.—مەتتا 26:42–45.
سىز بەك چارچاپ كەتمىگەندە، يەھۋاغا دۇئا قىلالامسىز؟ (12-ئابزاسقا قاراڭ)
12. بىز ئېغىر بېسىم ياكى ھارغىلىق ھېس قىلىپ، دۇئا قىلىش قىيىن بولغاندا، نېمە قىلالايمىز؟
12 مۇۋاپىق بىر ۋاقىتنى تاللاڭ. بەزىدە بىز ئېغىر بېسىم ياكى ھارغىنلىق ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. نەتىجىدە، ھەتتا دۇئا قىلالماي قالىمىز. ئەگەر سىز بۇنداق ئەھۋالدا بولسىڭىز، ئۈمىدسىزلەنمەڭ. نۇرغۇن قېرىنداشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇلار بەك چارچاپ كەتمىگەندە، بالدۇرراق يەھۋاغا دۇئا قىلىشنى ياخشى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئولتۇرۇپ ياكى تىزلىنىپ دۇئا قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر غەم-تەشۋىشىڭىز كۆپ بولغاچ ياكى ئۈمىدسىزلىكەنگەچ، دۇئا قىلالمىسىڭىزچۇ؟ ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يەھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ. رەھىم-شەپقەتلىك ئاتىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.—زەبۇر 139:4.
يىغىلىشلاردا ئەۋەتىلگەن ئېلېكترونلۇق خەت ياكى قىسقا ئۇچۇرغا جاۋاب بېرىشتىن ساقلىنامسىز؟ (13، 14-ئابزاسلارغا قاراڭ)
13. ئېلېكترونلۇق ئالاقە قوراللىرى يەھۋا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمىزغا قانداق دەخلى قىلىشى مۇمكىن؟
13 تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، دىققىتىڭىز چېچىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. دۇئا يەھۋا بىلەن دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس. مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىش ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشمۇ، خۇداغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. شەخسىي تەتقىق قىلغاندا ياكى جامائەت يىغىلىشىدا ۋاقتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايمىز؟ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: شەخسىي تەتقىق قىلغاندا ياكى يىغىلىشلاردا، نېمە دىققىتىمنى چېچىۋېتىدۇ؟ يانفون ياكى باشقا نەرسىلەرمۇ؟ بىرى قىلغان تېلېفون، ئەۋەتكەن ئېلېكترونلۇق خەت ياكى قىسقا ئۇچۇرمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە مىلياردلىغان كىشىلەر ئېلېكترونلۇق ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولساق، ئەتراپىمىزدا تېلېفون بولسا، دىققىتىمىز ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ». بىر پسىخولوگىيە پروفېسسورى: «بۇ ۋاقىتتا ئوي-خىيالىڭىز قولۇڭىزدىكى خىزمەتتە ئەمەس، باشقا جايدا بولىدۇ»،— دەيدۇ. ئادەتتە جامائەت يىغىلىشلىرى ياكى چوڭ يىغىلىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، باشقىلارغا دەخىل قىلماسلىق ئۈچۈن تېلېفون ياكى باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە قوراللىرىنى ئۈنسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويۇشقا دەۋەت قىلىنىمىز. سىز يالغۇز ۋاقىتىڭىزدىمۇ شۇنداق قىلالامسىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلار يەھۋا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭىزغا دەخلى قىلمايدۇ.
14. فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 يەھۋادىن دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىشنى سوراڭ. شەخسىي تەتقىق قىلغاندا ياكى يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا، دىققىتىمىزنىڭ چېچىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىساق، چوقۇم يەھۋادىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك. ئەگەر غەم-ئەندىشە قىلساق، روھىي ئىشلارغا دىققىتىمىزنى قارىتىش تەسكە توختايدۇ. ئەمما، شۇ ۋاقىتتا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، يەھۋادىن قەلبىمىز ۋە زېھىنىمىزنى قوغدايدىغان تىنچلىقنى سوراپ، دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.—فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7-نى ئوقۇڭ.
يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىسى
15. يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
15 يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالسىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسىڭىز، سىز ئۈچۈن پايدىسى كۆپ. قانداق پايدىسى بار؟ بىرىنچى، سىز ياخشىراق قارارلارنى چىقىرالايسىز. مۇقەددەس كىتابتا: «كىمكى دانالار بىلەن ھەمراھ بولسا، دانا بولار»،— دەپ يېزىلغان (پەند. نە 13:20). شۇڭا، بارلىق ئەقىل-پاراسەتنىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسىڭىز تېخىمۇ دانا بولىسىز. ياراتقۇچىڭىزنى نېمە خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ياخشىراق چۈشۈنۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان خاتا قارارلارنى چىقىرىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىنەلەيسىز.
16. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، تېخىمۇ ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولالايمىز؟
16 ئىككىنچى، سىز ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولالايسىز. بىز بىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلساق، مۇھىم مەقسەتلىرىمىزدىن بىرى شۇ كىشىنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش. بىز يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتساق، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز شۇنچە كۈچىيىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭمۇ ياراتقۇچى يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ ماھىر بولىمىز. ئەيسامۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئۇ يەھۋا ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى يەھۋانىڭ مېھرىبان ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغان، يەنە ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى تەبىئىيلا تېخىمۇ كۈچەيگەن.—يۇھاننا 17:25، 26.
17. نېمە ئۈچۈن دۇئا ۋە شەخسىي تەتقىق ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17 ئۈچىنچى، ئىمان-ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خۇدادىن يولباشچىلىق، تەسەللى ۋە ياردەم سورىغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ سىزگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ھەر قېتىم يەھۋا دۇئالىرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (1-يۇھاننا 5:15). ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايسىز؟ شەخسىي تەتقىق قىلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىشەنچ ئاڭلاشتىن كېلىدۇ (رىملىقلار 10:17). بىراق، مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىلىم ئېلىش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا، سىز يەنە نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
18. نېمە ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
18 ئالغان بىلىملىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. زەبۇرنىڭ 77-بابنىڭ يازغۇچىسى باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى. ئۇ قاتتىق ئازابلانغان. چۈنكى، ئۇ ئۆزى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەمدى يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. شۇنداق غەم-ئەندىشىلەر سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كېچىلىرى ئۇيقىسى قېچىپ، ئۇخلىيالمىغان (2–8-ئايەتلەر). ئۇ نېمە قىلغان؟ يەھۋاغا مۇنداق دېگەن: «بارچە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنى چوڭقۇر ئويلايمەن، قىلغان ئىشلىرىڭ ھەققىدە ئوي-پىكىر يۈرگۈزىمەن» (12-ئايەت). گەرچە ئۇ يەھۋانىڭ ئىلگىرى ئۆز خەلقى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كۆپ غەم-ئەندىشە قىلىپ، شۇنداق سورىغان: «خۇدا شەپقەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ ياكى غەزىپى رەھمىتىنى توختىتىپ قويدىمۇ؟» (9-ئايەت). زەبۇر يازغۇچىسى يەھۋانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆز خەلقىگە قانداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان ئىدى (11-ئايەت). نەتىجىدە، ئۇ يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى ھەرگىزمۇ تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (15-ئايەت). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىزمۇ يەھۋانىڭ ئۆز خەلقى ۋە شەخسەن سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسىڭىز، ئىمان-ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.
19. يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ يەنە قانداق پايدىسى بار؟
19 تۆتىنچى، ئەڭ مۇھىمى، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. باشقا پەزىلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سۆيگۈ-مۇھەببەت سىزنى يەھۋاغا ئىتائەتچان بولۇشقا، ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە ۋە ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئۈندەيدۇ (مەتتا 22:37–39؛ 1-كورىنت. 13:4، 7؛ 1-يۇھاننا 5:3). بىز ئۈچۈن يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولۇشتىن قىممەتلىك نەرسە يوق.—زەبۇر 63:1–8.
20. يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟
20 ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇئا، شەخسىي تەتقىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ھەممىسى ئىبادەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىملىرى. ئەيساغا ئوخشاش، يەھۋا بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىمجىت جاينى تېپىڭ. دىققىتىڭىز چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. ئىبادەت پائالىيەتلىرىدە دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم سوراپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. ئەگەر ھازىر ۋاقتىڭىزنى دانالىق بىلەن ئىشلەتسىڭىز، يەھۋا جەزمەن يېڭى دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن سىزنى مۇكاپاتلايدۇ.—مارك 4:24.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
a يەھۋا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز. ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇشنى خالايمىز. ئەلۋەتتە، بىرىنى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ. دېمەك، يەھۋا بىلەن دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كۆپىنچىمىزنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرالايمىز؟ بۇنداق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ بۇ سوئاللارغا مۇشۇ ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.