مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5‏-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«بىزنى ئۈندە‌ۋاتقان كۈچ مە‌سىھنىڭ سۆيگىسىدۇ‌ر»‏

‏«بىزنى ئۈندە‌ۋاتقان كۈچ مە‌سىھنىڭ سۆيگىسىدۇ‌ر»‏

‏«بىزنى ئۈندە‌ۋاتقان كۈچ مە‌سىھنىڭ سۆيگىسىدۇ‌ر.‏ .‏ .‏ .‏ شۇ‌ڭا،‏ ھايات ياشاۋاتقانلار ئە‌مدى ئۆزى ئۈچۈن ياشىمىسۇ‌ن».‏—‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏14،‏ 15‏.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ —‏ بىزنىڭ ئۈلگىمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە ئۇ‌نىڭ خىزمىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 يېقىن كىشىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئە‌سلىگىنىمىزدە،‏ دائىم ئازابلىنىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن بولسا،‏ تېخىمۇ ئازابلىنىمىز.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئاشۇ كىشىنىڭ بىزگە تە‌لىم بېرىش،‏ ئىلھام بېرىش ياكى بىزنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن بولغان ئىشلىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ بىز ئاستا-‏ئاستا ئۆزىمىزنى خۇ‌شالراق ھېس قىلىشقا باشلايمىز.‏

2 خۇ‌ددى مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرى ۋە ئۆلۈمى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ بىز قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىمىز.‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە مە‌سىھنىڭ قىممە‌تلىك تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئە‌ھمىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىمىز (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏24،‏ 25‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىشلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ بۇ‌نىڭدىن زور خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كە‌لگۈسىدە بىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ بۇ بىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزنى ئۆز مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئە‌مە‌لىي يوللىرى ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

مىننە‌تدارلىق بىزنى ئە‌يساغا ئە‌گىشىشكە ئۈندە‌يدۇ

3.‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بلىرى بار؟‏

3 بىز ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ مىننە‌تدارلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى خىزمىتىنى داۋام قىلغاندا،‏ كىشىلە‌رگە خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ئېلىپ كېلىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بىز تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز،‏ چۈنكى ئۇ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشىمىزغا يول ئاچىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلە‌ر مە‌ڭگۈ ياشاش ۋە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدىمۇ بار (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29؛‏ رىملىقلار 6:‏23‏)‏.‏ بىز بۇ ئىلتىپاتلارغا ئېرىشىشكە لايىق ھېچ ئىش قىلمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا ھە‌رگىزمۇ جاۋاب قايتۇ‌رالمايمىز (‏رىملىقلار 5:‏8،‏ 20،‏ 21‏)‏.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌لارغا چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏ قانداق؟‏

مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش سىزنى مىننە‌تدارلىق كۆرسىتىشكە قانداق ئۈندە‌يدۇ؟‏ (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

4.‏ مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننە‌تدارلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

4 مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م ئىسىملىك يە‌ھۇ‌دىي ئايالنىڭ مىسالىغا قاراپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ تېنىغا چاپلىشىۋالغان يە‌تتە جىن ئۇ‌نى قاتتىق ئازابلىغاچ،‏ ئۇ ئىنتايىن بېچارە ھالە‌تكە چۈشۈپ قالغان.‏ ئۇ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭدىن قۇ‌تۇ‌لالمايمە‌ن دە‌پ قاتتىق ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ تېنىدىكى يامان روھلارنى قوغلاپ چىقارغاندا،‏ ئۇ ئە‌يساغا قانچىلىك مىننە‌تدار بولغان-‏ھە!‏ ئۇ‌نىڭ مىننە‌تدارلىقى ئۇ‌نى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا ۋە ۋاقتى،‏ كۈچى ھە‌مدە ئۆزىدە بار نە‌رسىلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ مە‌سىھنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە ئۈندىگە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏1–‏3‏)‏.‏ مە‌ريە‌م گە‌رچە ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدار بولغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ ئە‌يسانىڭ كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ قىممە‌تلىك سوۋغاتنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌نمىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا ئۆز ھاياتىنى پۈتكۈل ئىنسانىيە‌تنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن بېرىدۇ،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ھە‌ر بىر كىشى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ مە‌ريە‌م ئۆزىنىڭ بۇ بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ مە‌ريە‌م ئە‌يساغا سادىق بولۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا ئازاب تۈۋرۈكىدە قىيىنىلىۋاتقاندا،‏ مە‌ريە‌م يېقىن ئە‌تراپتا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە باشقىلارغا ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن يار-‏يۆلە‌ك بولغان (‏يۇ‌ھاننا 19:‏25‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆلگە‌ندىن كېيىن مە‌ريە‌م ۋە باشقا ئىككى ئايال قە‌برىگە خۇ‌شپۇ‌راق بۇ‌يۇ‌ملارنى ئېلىپ كە‌لگە‌ن (‏ماركۇ‌س 16:‏1،‏ 2‏)‏.‏ مە‌ريە‌م ئە‌يساغا سادىق بولغىنى ئۈچۈن يە‌ھۋا مە‌ريە‌منى مۇ‌كاپاتلىغان.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌نلىغان شاگىرتلار ئېرىشمىگە‌ن ئىمتىيازغا ئېرىشكە‌ن،‏ يە‌نى ئۇ تىرىلگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن كۆرۈشۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلاشقان.‏—‏يۇ‌ھاننا 20:‏11–‏18‏.‏

5.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

5 بىزمۇ ۋاقتىمىز،‏ كۈچىمىز،‏ مال-‏مۈلكىمىز ئارقىلىق پادىشاھلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھە‌سسە قوشالايمىز ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ پاك ئىبادە‌ت پائالىيە‌تلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا ۋە ئىبادە‌ت جايلىرىمىزنى ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏

يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگىمىز بىزنى باشقىلارنى سۆيۈشكە ئۈندە‌يدۇ

6.‏ نېمە ئۈچۈن تۆلە‌منى شە‌خسە‌ن ھە‌ر بىرىمىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغات دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

6 يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارنى سۆيۈشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏10،‏ 19‏)‏.‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئۆز جېنىنى شە‌خسە‌ن ھە‌ر بىرىمىز ئۈچۈن بە‌رگە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ سۆيۈشكە تىرىشىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نى ئېتىراپ قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭ مىننە‌تدارلىقىنى گالاتىيالىقلارغا يازغان خېتىدە مۇ‌نداق ئىپادىلىگە‌ن:‏ «‏مېنى سۆيگە‌ن ۋە مە‌ن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇ‌دانىڭ ئوغلىغا بولغان ئىشە‌نچ بىلە‌ن ياشايمە‌ن» (‏گالاتىيا.‏ 2:‏20‏)‏.‏ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك يە‌ھۋا سىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغاچقا،‏ سىز ئۇ‌نىڭ دوستى بولالايسىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىڭىزنى كۆرگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نىڭ دوستى بولالىشىڭىز ئۈچۈن قىممە‌تلىك بە‌دە‌ل تۆلىگە‌نلىكىنى بىلىش قە‌لبىڭىزنى ھاياجانغا سالمامدۇ؟‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتمە‌مدۇ؟‏ بىز چوقۇ‌م ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سورىشىمىز كېرە‌ك:‏ «ئاشۇ سۆيگۈ مېنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏»‏

خۇ‌داغا ۋە مە‌سىھكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىزنى پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېيتىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز؟‏

7 خۇ‌داغا ۋە مە‌سىھكە بولغان سۆيگىمىز بىزنى باشقىلارنى سۆيۈشكە ئۈندە‌يدۇ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 5:‏14،‏ 15؛‏ 6:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سۆيگۈمىزنى ئىپادىلە‌شنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىش.‏ بىز ئۇ‌چراتقان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىمىز.‏ كىشىلە‌رنىڭ ئىرقى،‏ قە‌بىلىسى،‏ ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى ياكى جە‌مئىيە‌تتىكى تۇ‌تقان ئورنى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لارنى كە‌مسىتمە‌يمىز.‏ بۇ ئارقىلىق،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايمىز.‏ «چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىدۇ‌ر».‏—‏1-‏تىموت.‏ 2:‏4‏.‏

8.‏ قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

8 بىز يە‌نە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مە‌سىھكە بولغان سۆيگۈمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌لار سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لار يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا،‏ تە‌سە‌للى بېرىمىز.‏ ئاغرىپ قالغاندا،‏ ئۇ‌لارنى يوقلاپ تۇ‌رىمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3–‏7؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11،‏ 14‏)‏.‏ ئۇ‌لار چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە،‏ تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز شۇ‌نى ئېنىق بىلىمىزكى،‏ «ھە‌ققانىي ئادە‌منىڭ دۇ‌ئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇ‌ر».‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏16‏.‏

9.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئىپادىلە‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى قايسى؟‏

9 بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌لارغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىمىز.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلۈشىگە رازى بولغان ئىكە‌ن،‏ بىزمۇ بىزگە قارشى گۇ‌ناھ قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھېچقايسىمىز ئە‌يسا بىر تە‌مسىلىدە تىلغا ئالغان رە‌زىل قۇ‌لغا ئوخشاش بولۇ‌پ قېلىشنى خالىمايمىز.‏ خوجايىنى ئۇ‌نىڭ شۇ‌نچە كۆپ قە‌رزىنى بىكار قىلىۋە‌تكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ قۇ‌ل باشقا بىر قۇ‌لدىن ئازراق قە‌رزنى كە‌چۈرۈم قىلمىغان (‏مە‌تتا 18:‏23–‏35‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌تتىكى مە‌لۇ‌م بىر قېرىنداش بىلە‌ن ئاراڭلاردا كېلىشمە‌سلىك يۈز بە‌رسە،‏ مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن تە‌شە‌ببۇ‌سكار بولۇ‌پ،‏ ئاراڭلاردىكى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشكە ھە‌رىكە‌ت قىلالامسىز؟‏ (‏مە‌تتا 5:‏23،‏ 24‏)‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگىڭىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز.‏

10،‏ 11.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈسىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1،‏ 2‏)‏

10 ئاقساقاللار يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈسىنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى —‏ ئە‌يسانىڭ قويلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئە‌لچى پېترۇ‌سقا ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ پېترۇ‌س ئە‌يسادىن ئۈچ قېتىم تانغاندىن كېيىن،‏ بە‌لكىم ئۇ ئە‌يسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌ستىن:‏ «يۇ‌ھاننا ئوغلى سىمۇ‌ن،‏ مېنى سۆيە‌مسە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ پېترۇ‌س ئۆزىنىڭ ئۇ‌ستازىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشقا تە‌ييار بولغان.‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سقا:‏ «قويلىرىمنى ئوتلات»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 21:‏15–‏17‏)‏.‏ پېترۇ‌س ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن مە‌سىھنىڭ قويلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌يسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏

11 مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى بىرقانچە ھە‌پتىدە،‏ ئاقساقاللار ئۆزۈڭلارنىڭ مە‌سىھنىڭ پېترۇ‌سقا قىلغان سۆزلىرىنى مۇ‌ھىم دە‌پ قارايدىغانلىقىڭلارنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىلە‌ر؟‏ سىلە‌ر ۋاقىت چىقىرىپ،‏ پادىلارنى يوقلاش ۋە پائالىيە‌تسىز يۈرگە‌ن ئېتىقادچىلارنى يە‌ھۋانىڭ قوينىغا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ڭلار،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈڭلارنى كۆرسىتىسىلە‌ر (‏ھە‌زە‌ك.‏ 34:‏11،‏ 12‏)‏.‏ سىلە‌ر يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلە‌رگە ۋە خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا يېڭىدىن قاتناشقانلارغا كۆڭۈل بۆلە‌لە‌يسىلە‌ر ۋە ئاشۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌ش ئېھتىمالى بار كىشىلە‌رنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايسىلە‌ر.‏

مە‌سىھكە بولغان سۆيگىمىز بىزنى جاسارە‌تلىك بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش بىزگە جاسارە‌ت بېرىدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 16:‏32،‏ 33‏)‏

12 ئە‌يسا ئۆلۈمىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىسى شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دۇ‌نيادا سىلە‌رنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت كۈتۈۋاتىدۇ.‏ ئە‌مما جاسارە‌تلىك بولۇ‌ڭلار.‏ مە‌ن بۇ دۇ‌نيا ئۈستىدىن غە‌لبە قىلدىم» ‏(‏يۇ‌ھاننا 16:‏32،‏ 33-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسانىڭ جاسارە‌ت بىلە‌ن دۈشمە‌نلىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌شىغا ۋە ئۆلۈمىگە قە‌دە‌ر ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ يە‌ھۋاغا تايانغان ئىدى.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ يە‌ھۋادىن ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى ئۆتۈنگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 17:‏11‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ بىزگە جاسارە‌ت بېرىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقانداق دۈشمە‌نلىرىمىزدىنمۇ كۈچلۈك (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە نە‌رسىنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا تايانساق،‏ قورقۇ‌نچىمىزنى يېڭىپ،‏ جاسارىتىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

13.‏ ئاراماتىيالىق يۈسۈپ جاسارىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

13 ئاراماتىيالىق يۈسۈپنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكە‌ن كىشى بولۇ‌پ،‏ ئالىي كېڭە‌شمىنىڭ،‏ يە‌نى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئالىي سوتىنىڭ بىر ئە‌زاسى ئىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ۋاتقاندا،‏ يۈسۈپ ئۆز جاسارىتىنى كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ گە‌رچە يۈسۈپ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىگە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۆزىنىڭ ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى باشقىلاردىن يوشۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 19:‏38‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئارىسىدىكى نام-‏شۆھرىتى ۋە ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسا ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ جاسارە‌تلىك بولغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يۈسۈپ جاسارە‌ت بىلە‌ن پىلاتۇ‌سنىڭ ئالدىغا بېرىپ،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌سىتىنى سورىدى» (‏ماركۇ‌س 15:‏42،‏ 43‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئە‌يسا مە‌سىھنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏

14.‏ ئە‌گە‌ر ئىنسانلاردىن قورقسىڭىز نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

14 سىزمۇ خۇ‌ددى يۈسۈپكە ئوخشاش ئىنسانلاردىن قورققانمۇ؟‏ مە‌كتە‌پتە ياكى ئىش ئورنىدا ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى دە‌پ تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شتىن خىجىل بولامسىز؟‏ باشقىلار مە‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئويلايدۇ دە‌پ ئە‌نسىرە‌پ،‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ياكى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئارقىغا سۆرە‌مسىز؟‏ ھە‌رگىزمۇ قورقۇ‌نچ ھېس قىلىپ،‏ توغرا ئىشنى قىلىشتىن توختاپ قالماڭ.‏ داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن جاسارە‌ت بېرىشنى ئۆتۈنۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ،‏ تېخىمۇ جاسارە‌تلىك بولىسىز.‏—‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13‏.‏

شاد-‏خۇ‌راملىق بىزنى بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ

15.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌شاللىقى ئۇ‌لارنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏ (‏لۇ‌قا 24:‏52،‏ 53‏)‏

15 ئە‌يسا ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ئىنتايىن ئازابلانغان ئىدى.‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌لارنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ ئۇ‌لار ئە‌ڭ ياخشى كۆرگە‌ن دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدى پۈتۈنلە‌ي يوقالغاندە‌ك ھېس قىلغان (‏لۇ‌قا 24:‏17–‏21‏)‏.‏ لېكىن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۇ‌لارغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا ئۆزىنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى ئۇ‌لارغا چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە شاگىرتلىرىغا مۇ‌ھىم بىر خىزمە‌تنى تاپشۇ‌رغان (‏لۇ‌قا 24:‏26،‏ 27،‏ 45–‏48‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ،‏ 40 كۈن ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئۇ‌لارنىڭ قايغۇ-‏ھە‌سرىتى زور شاد-‏خۇ‌راملىققا ئايلانغان.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئۇ‌ستازىنىڭ ھايات ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى بىلىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا چۆمگە‌ن ئىدى.‏ خۇ‌شاللىقى ئۇ‌لارنى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شكە ئۈندىگە‌ن‏.‏—‏لۇ‌قا 24:‏52،‏ 53-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئە‌لچى.‏ 5:‏42‏.‏

16.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

16 بىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ پە‌قە‌ت مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى بىر قانچە ھە‌پتىلە‌ردىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يىل بويى يە‌ھۋاغا شاد-‏خۇ‌راملىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ئائىلىۋى ئىبادە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ئىش ئورنىدىكى ۋاقتىنى ياخشى پىلانلايدۇ.‏ يە‌نە بە‌زى قېرىنداشلار جامائە‌ت ئۈچۈن كۆپرە‌ك ئىش قىلىش ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىش ئۈچۈن،‏ باشقىلار چوقۇ‌م زۆرۈر دە‌پ قارىغان بە‌زى ماددىي نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ ھاياتىمىزدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ ئۇ بىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 10:‏22؛‏ مە‌تتا 6:‏32،‏ 33‏.‏

مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ شە‌خسە‌ن سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ مۇ‌شۇ يىلدىكى ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە نېمە قىلىشنى قە‌تئىي قارار قىلدىڭىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 4-‏ئاپرېل،‏ سە‌يشە‌نبە كۈنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز.‏ بىراق،‏ ئاشۇ ۋاقىتقىچە ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى،‏ ئۇ ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە داۋاملىق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە مۇ‌شۇ‌نداق قىلىشنىڭ پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمە‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» B12 قوشۇ‌مچە ئىزاھىتىدىن،‏ «ئە‌يسانىڭ يە‌ردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھە‌پتىسى» ناملىق جە‌دۋە‌لدە كۆرسىتىلگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رنى ئوقۇ‌ش ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ مىننە‌تدارلىقىڭىزنى،‏ سۆيگىڭىزنى،‏ جاسارىتىڭىزنى ۋە خۇ‌شاللىقىڭىزنى ئاشۇ‌رىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈزۈندىلىرىنى ئىزدە‌پ كۆرۈڭ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ چىن كۆڭلۈڭىزدىن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌للىرى بارلىقىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىڭ.‏ شۇ‌ن دىلا خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزنى ئە‌يسانىڭ ئۇ‌نتۇ‌مايدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يسىز.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏19‏.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە،‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى،‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسىنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نداق قىلىش بىزنى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئە‌مە‌لىي كۆرسىتىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بىز يە‌نە قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈش،‏ جاسارە‌ت كۆرسىتىش ۋە ۋە‌ز خىزمىتىدىن خۇ‌شاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئۆگىنىمىز.‏