تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسىز؟
ھەر كۈنى بىر تەرجىمىھالنى ئوقۇيدىغان ئەر-ئايال مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھېكايىلەر كۆپ ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن ئوقۇيمىز! قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىلىرى بىزنىڭمۇ ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە سادىق بولۇپ قالالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ». ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولغان باشقا قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەرجىمىھاللار تەسەللى بېرىدۇ، ئىش-ھەرىكەتكە دەۋەت قىلىدۇ ۋە كۆڭۈلگە ئارام بېرىدۇ. قېرىنداشلار ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ۋە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. بۇ ۋەقەلەر كۆپرەك ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە بالىلىرىمنى يەھۋاغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشقا ئۈندىشىمگە ياردەم بېرىدۇ».
تەرجىمىھاللار يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇش، ئاجىزلىقلىرىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئېغىر سىناقلارغا خۇشاللىق بىلەن بەرداشلىق بېرىش ۋە ئاخىرغىچە سادىق قېلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ تەرجىمىھاللارنى قانداق تاپالايسىز؟
jw.org تور بېكىتىمىزدىن ياكى «JW Library» پروگراممىسىدىن «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى» ناملىق ماقالىلەرنى ئىزدەڭ.
«يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى» «كۈزىتىش مۇنارى تور كۇتۇپخانىسى» ياكى «كۈزىتىش مۇنارى كۇتۇپخانىسى»دىن ئىزدەڭ.