مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقمىزنى يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقمىزنى يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

‏«بۇ‌نى مېنى ئە‌سلە‌پ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قىلىڭلار»‏‏.‏‏—‏لۇ‌قا 22:‏19‏.‏

8-‏ناخشا خاتىرىلە‌ش كېچىسى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ر يىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىمىز؟‏

 تە‌خمىنە‌ن 2000 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ھاياتىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربان قىلىپ،‏ بىزنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان.‏ ئۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىدە ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئۆزىنى ئە‌سلە‌پ تۇ‌رۇ‌شىنى بۇ‌يرىغان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار نان ۋە شارابنى قوللىنىپ،‏ ئاددىي بىر خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمنى ئۆتكۈزۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏23–‏26‏.‏

2 بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بۇ‌يرىقىغا بويسۇ‌نىمىز،‏ چۈنكى بىز ئۇ‌نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز (‏يۇ‌ھاننا 14:‏15‏)‏.‏ ھە‌ر يىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى بىر قانچە ھە‌پتىدە بىز مە‌سىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىمىز.‏ يە‌نە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن كۆپرە‌ك ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىپ،‏ مۇ‌شۇ ئالاھىدە يىغىلىشقا كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنى تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌نە ھېچقانداق توسقۇ‌نلۇ‌ققا قارىماستىن،‏ شۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بىز بۇ ماقالىدە مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى خاتىرىلە‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قايسى ئۈچ جە‌ھە‌تتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ ئە‌يسا كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش،‏ (‏2)‏ باشقىلارنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش،‏ (‏3)‏ ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش.‏

ئە‌يسا كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش

4.‏ ھە‌ر يىلى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىدىكى نۇ‌تۇ‌قتا قايسى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ قىممە‌تلىك بە‌رىكە‌ت ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏لۇ‌قا 22:‏19،‏ 20‏)‏

4 ھە‌ر يىلى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىدا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان بىر نۇ‌تۇ‌قنى ئاڭلايمىز.‏ بۇ نۇ‌تۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن:‏ ئىنسانىيە‌ت نېمە ئۈچۈن تۆلە‌مگە مۇ‌ھتاج؟‏ بىر ئىنساننىڭ جېنىنى پىدا قىلىشى قانداقلارچە شۇ‌نچە كۆپ ئادە‌ملە‌رنى گۇ‌ناھتىن كە‌چۈرۈمگە ئېرىشتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏ نان ۋە شاراب نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ كىملە‌ر بۇ يىغىلىشتا نان ۋە شارابقا ئېغىز تە‌ككۈزىدۇ؟‏ ‏(‏لۇ‌قا 22:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ نۇ‌تۇ‌ق بىزنىڭ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتىكى ھايات ۋە بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 35:‏5،‏ 6؛‏ 65:‏17،‏ 21–‏23‏)‏.‏ بىز بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ ئىنتايىن قىممە‌تلىك بە‌رىكە‌ت ئىكە‌نلىكىگە سە‌ل قارىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مىلياردلىغان ئىنسانلار شۇ‌لارنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئىنتايىن قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌يدۇ.‏ يە‌نە ئە‌يسا دە‌سلە‌پتە كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نى خاتىرىلىمە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق؟‏

5.‏ ئە‌يسانىڭ كۆپىنچە ئە‌لچىلىرى ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ كىشىلە‌ر مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌شكە باشلىغان؟‏

5 ئە‌يسانىڭ كۆپىنچە ئە‌لچىلىرى ئۆلگە‌ندىن كېيىن ساختا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائە‌تكە سوقۇ‌نۇ‌پ كىرىۋالغان (‏مە‌تتا 13:‏24–‏27،‏ 37–‏39‏)‏.‏ ئۇ‌لار شاگىرتلارنى ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن ئە‌گە‌شتۈرۈش ئۈچۈن «ھە‌قىقە‌تنى بۇ‌رمىلايدىغان سۆزلە‌رنى» قىلىشقان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏29،‏ 30‏)‏.‏ ساختا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تارقاتقان خاتا تە‌لىملە‌رنىڭ بىرى —‏ ئە‌يسا ئۆزىنى «پە‌قە‌ت بىرلا قېتىم قۇ‌ربانلىققا» بە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ تە‌لىمى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تامامە‌ن زىت بولغان (‏ئىبرانىي.‏ 9:‏27،‏ 28‏)‏.‏ ئە‌يسا بىرلا قېتىم ئۆزىنى تە‌غدىم قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھىنى ئۆزىگە ئالغان.‏ ئۇ‌لار دائىم،‏ ھە‌تتا ھە‌ر كۈنى،‏ چېركاۋغا يىغىلىپ،‏ «مىسا قۇ‌ربانلىقى سۇ‌نۇ‌ش»‏ b دە‌پ ئاتىلىدىغان بىر يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ.‏ باشقا چېركاۋلار مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى بۇ‌نداق پات-‏پات خاتىرىلىمىسىمۇ،‏ بىراق كۆپىنچە ئۆزىنى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌يدىغانلار مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ زادى نېمە مە‌نىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلمە‌يدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر بە‌لكىم،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى ھە‌قىقە‌تە‌ن مېنى گۇ‌ناھتىن ئازاد قىلالامدۇ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق گۇ‌مانلىق سوئالنى سورايدۇ؟‏ بە‌زىدە،‏ ئۇ‌لار بە‌لكىم تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدىغان كىشىلە‌رنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قانداق كۆز قاراشتا بولىدۇ؟‏

6.‏ 1872-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار قانداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن؟‏

6 19-‏ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىدا،‏ چارلز تېيىز راسسېل ۋە باشقىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىشقا باشلىغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ قىممىتى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنى قانداق خاتىرىلە‌ش كېرە‌كلىكى توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىشنى خالىغان ئىدى.‏ 1872-‏يىلىغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئاساس قىلىپ بىر خۇ‌لاسىگە كە‌لدى.‏ ئە‌يسا ھە‌قىقە‌تە‌ن پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن تۆلە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ بۇ بايقىغانلىرىنى يوشۇ‌رۇ‌پ قويمىغان.‏ ئە‌كسىنچە كىتاب،‏ ژۇ‌رناللار،‏ گېزىتلار ئارقىلىق خە‌لققە ئاشكارىلىغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار دە‌رھال بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ھە‌ر يىلى بىر قېتىم مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.‏

7.‏ شۇ دە‌سلە‌پكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

7 نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئىلگىرى ئاشۇ بىر توپ ئە‌گە‌شكۈچىلە‌ر تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈنمۇ پايدىسى بار.‏ قانداق پايدىسى بار؟‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىشى بىلە‌ن كۆزۈمىز ئېچىلىپ،‏ مە‌سىھنىڭ قۇ‌ربانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ بىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قانداق ئە‌ھمىيىتى بارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىپ يە‌تتۇ‌ق (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بىز يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۈمىدى بارلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ بە‌زىلە‌رنىڭ ئاسماندا ئۆلمە‌يدىغان ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدى بار.‏ يە‌نە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ۋە مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ بىز ئۈچۈن شۇ‌نچە زور ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىش بىزنى يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏18؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىلگىرىكى ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلارغا ئوخشاش بىزمۇ ئە‌يسا مە‌سىھ كۆرسە‌تكە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا باشقىلارنى تە‌كلىپ قىلىمىز.‏

باشقىلارنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش

خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ تە‌كلىپنامىسىنى تارقىتىش پائالىيىتىگە تولۇ‌ق قاتنىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ (‏8—‏10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

8.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى باشقىلارنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

8 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان كىشىلە‌رنى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ 1881-‏يىلىدا،‏ ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ ئالىگىنى شە‌ھىرىدە بىر قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە جە‌م بولۇ‌شقان.‏ 1940-‏يىلى،‏ 3-‏ئايدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رايونىدىكى قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنى تە‌كلىپ قىلسا بولىدىغانلىقى خە‌ۋە‌ر قىلىنغان.‏ 1960-‏يىلى،‏ بە‌يتە‌ل تۇ‌نجى قېتىم جامائە‌تلە‌رنى بېسىپ چىقىرىلغان تە‌كلىپنامىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشنىڭ مىلياردلىغان تە‌كلىپنامىلىرى تارقىتىلدى.‏ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سە‌رپ قىلىمىز؟‏

9،‏ 10.‏ باشقىلارنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنىڭ كىملە‌ر ئۈچۈن پايدىسى بار؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏

9 باشقىلارنى بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىشىمىزنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ بىز بۇ يىغىلىشقا تۇ‌نجى قېتىم قاتناشقان كىشىلە‌رنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قانداق بە‌دە‌ل تۆلىگە‌نلىكىنى ئۆگىنىشىنى خالايمىز ‏(‏يۇ‌ھاننا 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىدا كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌لبىگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىپ،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىشىنى ۋە ئاخىرىدا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏

10 بىز يە‌نە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتقان كىشىلە‌رنى شۇ يىغىلىشقا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏ شۇ ئارقىلىق بىز خۇ‌دانىڭ ھېلىھە‌م ئۇ‌لارنى ئىنتايىن سۆيىدىغانلىقىنى ئۇ‌لارغا ئە‌سلىتىمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى تە‌كلىپىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىپ يىغىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى كۆرۈپ خۇ‌شال بولىمىز.‏ بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۇ‌لارغا ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان ۋاقىتتا قانچىلىك خۇ‌شاللىق تاپقانلىقىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏ مونىكانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى c‏.‏ ئۇ 2019-‏يىلى تاجسىمان ۋىرۇ‌س تارقالغان مە‌زگىللە‌ردە قايتىدىن ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان.‏ 2021-‏يىلىدىكى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ قېتىمقى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى مە‌ن ئۈچۈن بە‌كمۇ ئالاھىدە بولدى.‏ 20 يىلدىن بۇ‌يان مە‌ن تۇ‌نجى قېتىم باشقىلارغا ۋە‌ز ئېيتىپ،‏ ئۇ‌لارنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلدىم.‏ مە‌ن پۈتۈن كۈچۈم بىلە‌ن بۇ خىزمە‌تكە كىرىشتىم.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مە‌ن ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن مىننە‌تدارمە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏1–‏4‏)‏.‏ باشقىلار تە‌كلىپىمىزنى قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن-‏قىلمىسۇ‌ن،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن باشقىلارنى تە‌كلىپ قىلىشقا تىرىشىمىز.‏ چۈنكى،‏ چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى يە‌ھۋانىڭ بە‌كمۇ قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏

11.‏ يە‌ھۋا باشقىلارنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌پ كېلىۋاتىدۇ؟‏ (‏ھاگاي 2:‏7‏)‏

11 يە‌ھۋا كىشىلە‌رنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى مول بە‌رىكە‌تلىدى.‏ 2021-‏يىلى،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌سنىڭ تارقىلىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز چە‌كلىمىگە ئۇ‌چرىشىغا قارىماي،‏ 21367603 كىشى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتناشتى.‏ بۇ قاتناشقانلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇ‌نيادىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئومۇ‌مىي سانىنىڭ ئىككى يېرىم ھە‌سسىسىگە باراۋە‌ر.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان ھە‌ر بىر ئادە‌م،‏ يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئە‌مە‌س (‏لۇ‌قا 15:‏7؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا ئىنسانلارنى تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا سە‌مىمىي كىشىلە‌رنى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ‏.‏—‏ھاگاي 2:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش

خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

12.‏ نېمە مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇ‌رىۋېتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

12 ئە‌يسا مە‌سىھ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقىنىمىزدا،‏ ھە‌ر خىل قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بېشارە‌ت قىلغانىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ قارشىلىقى،‏ زىيانكە‌شلىك،‏ ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ كېسە‌للىكلە‌ر ۋە باشقىلار (‏مە‌تتا 10:‏36؛‏ ماركۇ‌س 13:‏9؛‏ لۇ‌قا 21:‏10،‏ 11‏)‏.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ر مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇ‌رىۋېتىدۇ.‏ قېرىنداشلار بۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىۋاتىدۇ ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ؟‏

13.‏ ئارتېم تۈرمىدە مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغىنى ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌نى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن؟‏

13 تۈرمە.‏ ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلار قولىدىن كېلىشىچە مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.‏ ئارتېم ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ 2020-‏يىلدىكى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زگىللە‌ردە،‏ ئۇ 17 كۋادرات مېتىر چوڭلۇ‌قتىكى بىر تۈرمە كامېرىغا سولانغانىدى.‏ بۇ كامېرىدا بە‌زىدە تۆت ياكى بە‌ش ئادە‌م بولغان.‏ ئۇ تۈرمىدە قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ بە‌زى كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى تاپالىغان ۋە ئۆزى ئۈچۈن خاتىرىلە‌ش نۇ‌تۇ‌قىنى ئېيتماقچى بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر كامېرىدا بولغان مە‌ھبۇ‌سلار دائىم تاماكا چېكىپ،‏ ئە‌خلاقسىز سۆزلە‌رنى قىلاتتى.‏ ئۇ مۇ‌شۇ‌نداق شارائىتتا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئۇ‌لاردىن پە‌قە‌ت بىر سائە‌ت تاماكا چە‌كمە‌ي،‏ يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلماي تۇ‌رۇ‌شنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ ھە‌يران قالارلىق يېرى،‏ ئۇ‌لار خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگە‌ندە،‏ تاماكا چە‌كمە‌سلىككە قوشۇ‌لغان.‏ ئارتېم يە‌نە ئۇ‌لاردىن بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى ھە‌ققىدە بىلىشنى خالايدىغان-‏خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ،‏ بىراق ئارتېمنىڭ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن ۋە نۇ‌تۇ‌قىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭدىن نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللارنى سورىغان.‏

14.‏ تارقىلىشچان ۋىرۇ‌سقا قارىماي خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى قانداق تىرىشچانلىقنى كۆرسە‌تتى؟‏

14 2019-‏يىلىدىكى تاجسىمان يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلى.‏ تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى گە‌رچە يۈزمۇ-‏يۈز بىرلىكتە مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ،‏ بىراق بۇ ئۇ‌لارنىڭ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈشىگە توسالغۇ بولالمىغان d‏.‏ ئىنتېرنېت بار يە‌رلە‌ردە جامائە‌تلە‌ر ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىنتېرنېت يوق جايلاردىكى كىشىلە‌ر قانداق قىلغان؟‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە يە‌رلىك بە‌يتە‌للە‌ر تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئارقىلىق خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ نۇ‌تۇ‌قىنى تارقىتىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌زى بە‌يتە‌للە‌ر بۇ نۇ‌تۇ‌قنى 500دىن كۆپرە‌ك تىلدا فىلىمغا ئېلىپ،‏ يىراق جايلاردىكى قېرىنداشلارغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ ئارقىلىق يىراق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلە‌رمۇ مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشالىغان.‏

15.‏ سۇ‌زاننا ئىسىملىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئايالنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئائىلىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقى.‏ بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن ئائىلىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئە‌ڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سۇ‌زاننا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتاتتى.‏ 2021-‏يىلى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى،‏ سۇ‌زاننا ئۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتقان قېرىنداشقا ئۆيىدىكىلىرى قارشى چىققاچقا،‏ ئۆزىنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ قېرىندىشىمىز سۇ‌زانناغا لۇ‌قا 22:‏44-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشىمىز،‏ يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىمىزدىن ئىشىنىپ،‏ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك».‏ ئە‌تىسى،‏ سۇ‌زاننا نان ۋە شارابنى تە‌ييارلىغان ھە‌مدە jw.org تور بېكىتىدىن ئە‌تىگە‌نلىك ئىبادە‌ت ئۈچۈن تە‌ييارلانغان ئالاھىدە پروگراممىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ كۈنى كە‌چتە،‏ ئۇ يالغۇ‌ز ئۆز بۆلمىدە تېلېفون ئارقىلىق خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتناشقان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ سۇ‌زاننا ئۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشقا مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «تۈنۈگۈن سىز ماڭا ئىنتايىن چوڭ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌ردىڭىز.‏ مە‌ن بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن،‏ قولۇ‌مدىن كە‌لگە‌ن ھە‌ممىسىنى قىلدىم.‏ قالغان ئىشلارنى يە‌ھۋا ئۆزى قىلدى.‏ مە‌ن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خۇ‌شال ۋە مىننە‌تدار بولغانلىقىمنى تىل بىلە‌ن ئىپادىلىيە‌لە‌يمە‌ن».‏ سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋا سىزگىمۇ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

16.‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رىملىقلار 8:‏31،‏ 32‏)‏

16 ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارچە ئىشلىرىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگىنىمىزدە،‏ ئۇ چوقۇ‌م بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ ‏(‏رىملىقلار 8:‏31،‏ 32-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز بۇ يىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلاپ،‏ شۇ خاتىرىلە‌شنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى بىر قانچە ھە‌پتىدە،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرايلى.‏

149-‏ناخشا تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز

a ‏2023-‏يىلى،‏ 4-‏ئاپرېل،‏ سە‌يشە‌نبە كۈنى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلە‌ر مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر تۇ‌نجى قېتىم كېلىدۇ،‏ يە‌نە بە‌زى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتقان قېرىنداشلارمۇ قاتنىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن كېيىن بۇ يىغىلىشقا بىرىنچى قېتىم كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زىلە‌ر بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌لار بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ.‏ مە‌يلى ۋە‌زىيىتىڭىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسىڭىز،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م بۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏

b مۇ‌شۇ بىر توپ كىشىلە‌ر مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلىگە‌ندە،‏ نان ۋە شاراپ مە‌سىھنىڭ تېنى ۋە قېنىغا ئۆزگىرىدۇ دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ تېنى ۋە قېنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ھە‌ر قېتىم بۇ مۇ‌راسىمغا قاتناشقاندا قۇ‌ربانلىق قىلىنىدۇ دە‌پ قارايدۇ.‏

c بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d ‏«2021-‏يىللىق مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى» ناملىق ماقالىنى jw.org تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ 1960-‏يىللاردىن باشلاپ،‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ تە‌كلىپنامىلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.‏ ھازىر بېسىپ چىقىرىلغان ۋە ئېلېكترونلۇ‌ق نۇ‌سخىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈش —‏ قېرىنداشلار جامائە‌تتە سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بە‌رگە‌ن مە‌زگىللە‌ردە مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏