مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خۇ‌دا سۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ

خۇ‌دا سۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ

2023-‏يىلنىڭ ئايىتى:‏ «سۆزۈڭنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌قىقە‌ت».‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏160‏.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئىشە‌نمە‌يدۇ؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر زادى كىمگە ئىشىنىشنى بىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان كىشىلە‌ر،‏ يە‌نى سىياسە‌تچىلە‌ر،‏ ئالىملار ياكى سودىگە‌رلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان-‏بۆلمە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە گۇ‌مان قىلىدۇ.‏ كىشىلە‌ر دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رگە ئىشە‌نمە‌يدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ قولىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقىمۇ گۇ‌مان بىلە‌ن قارىشى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏

2.‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏160-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز چوقۇ‌م نېمىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 بىز يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە،‏ ئۇ‌نىڭ «ھە‌قىقە‌تنىڭ خۇ‌داسى» ئىكە‌نلىكىگە ۋە ئۇ دائىم بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى نە‌رسىلە‌رنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏5؛‏ يە‌شايا 48:‏17‏)‏.‏ شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان:‏ «سۆزۈڭنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌قىقە‌ت» دېگە‌ن سۆز-‏جۈملىلە‌رگە ئىشىنە‌لە‌يمىز b ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏160-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان بىر ئالىمنىڭ يازغان سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىمىز:‏ «خۇ‌دانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھە‌ر بىر سۆز ھە‌قىقە‌ت ۋە چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشماي قالمايدۇ.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچى كامىل،‏ چۈنكى ئۇ‌لار مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى قىلغان خۇ‌داغا ئىشىنىدۇ».‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بىز باشقىلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئىشە‌نچ قىلىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئىشە‌نچ قىلالىشىمىزنىڭ ئۈچ سە‌ۋە‌بىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ ئۇ‌لار:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنىڭ توغرىلىقى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بېشارە‌تلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ كۈچى بىلە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھاياتى ئۆزگە‌رگە‌نلىكى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ھېچكىم ئۆزگە‌رتە‌لىگە‌ن ئە‌مە‌س

4.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگە‌رگە‌ن دە‌پ ئويلايدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا تە‌خمىنە‌ن 40 ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى قە‌لە‌مگە ئالدۇ‌رغان.‏ بىراق،‏ بۈگۈنكى كۈنگىچە ھېچبىر ئە‌سلى قول يازمىلار يېتىپ كە‌لمىگە‌ن c‏.‏ پە‌قە‌تلا كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوقۇ‌ۋاتقان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌سلى قوليازما تېكىستى بىلە‌ن ئوخشاش ئە‌مە‌س دە‌پ گۇ‌مانلىنىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نى ھېچقاچان ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىگە قانداق ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

ئىبرانىي يازمىلارنى كە‌سپىي كۆچۈرگۈچىلە‌ر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،‏ خۇ‌دا سۆزىدىن كۆچۈرگە‌نلىرى توغرا بولغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن (‏5-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

5.‏ ئىبرانىيچە يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىش خىزمىتى قانداق ئېلىپ بېرىلغان؟‏ مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى كۆچۈرۈشنى بۇ‌يرىغان.‏ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىرىدىن قانۇ‌ننى كۆچۈرۈشنى تە‌لە‌پ قىلغان ۋە لاۋىي قە‌بىلىسىدىكىلە‌رگە بۇ قانۇ‌ننىڭ مە‌زمۇ‌نىنى خە‌لققە ئۆگىتىشنى بۇ‌يرىغان (‏تە‌كرار.‏ قا 17:‏18؛‏ 31:‏24–‏26؛‏ نە‌ھە‌م.‏ 8:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلوندىكى سۈرگۈندىن ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ بىر توپ مە‌خسۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆچۈرىدىغان كىشىلە‌ر ئىبرانىي يازمىلارنى كۆپ قېتىم كۆچۈرۈپ يازغان (‏ئە‌زرا 7:‏6‏)‏.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر ئېھتىياتچان بولغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ كۆچۈرگۈچىلە‌ر پە‌قە‌ت سۆزلە‌رنى ساناپ قالماي،‏ بە‌لكى ھە‌ر بىر ھە‌رىپنى ساناپ،‏ كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىنىڭ توغرا بولۇ‌شىغا كاپالە‌تلىك قىلىشقا تىرىشقان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئىنسانلار نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ كۆچۈرۈش جە‌ريانىدا بە‌زى كىچىك خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان.‏ لېكىن،‏ ئوخشاش تېكىست نۇ‌رغۇ‌ن نۇ‌سخا كۆچۈرۈلۈپ كۆپە‌يتىلگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئاشۇ خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ.‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا؟‏

6.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار كۆچۈرۈلۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ندە،‏ يۈز بە‌رگە‌ن خاتالىقلارنى قانداق تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ؟‏

6 بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئالىملار خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشە‌نچىلىك بىر ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنىدۇ.‏ بۇ‌نى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 100 كىشى ئوخشاش بىر بە‌ت تېكىستنى كۆچۈردى دە‌يلى،‏ بىر كىشى كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىسىدا بىر كىچىك خاتالىقنى ئۆتكۈزدى.‏ بۇ خاتالىقنى تېپىپ چىقىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌لى —‏ بۇ نۇ‌سخىنى باشقىلارنىڭ كۆچۈرگە‌ن نۇ‌سخىلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قە‌دىمقى قوليازما كۆچۈرمە نۇ‌سخىلىرىنى بىر-‏بىرىگە سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئالىملار بە‌زى خاتالىقلارنى،‏ چۈشۈپ قالغان يە‌رلە‌رنى تېپىپ چىقالايدۇ.‏

7.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قوليازما كۆچۈرۈلمىلىرى قانچىلىك توغرا؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ قە‌دىمقى قوليازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتكۈچىلە‌ر ئۇ‌نى توغرا كۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپالىق ئە‌مگە‌كلە‌رنى قىلغان.‏ بۇ نۇ‌قتىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئىبرانىيچە يازمىلارنىڭ ئە‌ڭ قە‌دىمقى تولۇ‌ق قوليازما كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىسى مىلادى 1008 ياكى 1009-‏يىلغا يېتىپ كە‌لگە‌ن،‏ ئۇ لېنىنگراد قوليازمىسى دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يېقىنقى زاماندا كۆپلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قە‌دىمقى قوليازمىلىرى ۋە بە‌زى ئۇ‌ششاق پارچىلىرى تېپىلغان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار لېنىنگراد قوليازمىسىدىن 1000 يىل ئاۋۋالقى دە‌ۋرگە تە‌ۋە.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر شۇ قە‌دىمقى قوليازما بىلە‌ن لېنىنگراد قوليازمىسى ئارىسىدا 1000 يىل پە‌رق بولغاچ،‏ لېنىنگراد قوليازمىسى ئۇ‌نىڭدىن ئىلگىرىكى زامانغا تە‌ۋە قوليازمىغا ئوخشىمايدۇ دە‌پ قارىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رق چوڭ بولمىغان.‏ ئىلگىرىكى قوليازمىلارنى كېيىنرە‌ك تېپىلغان قوليازمىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان ئالىملار بە‌زىبىر سۆزدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نى،‏ يە‌نى ئۇ‌چۇ‌رلارنىڭ ئۆزگە‌رمە‌ي ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.‏

8.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ گرېكچە يازمىلىرىنىڭ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى بىلە‌ن بە‌زى قە‌دىمقى ئە‌دە‌بىي ئە‌سە‌رلە‌رنىڭ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى قانداق سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان؟‏

8 قە‌دىمقى ئىبرانىي قوليازمىلارنى كۆچۈرگۈچىلە‌رگە ئوخشاش دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئىلگىرى گرېك تىلدا يېزىلغان 27 كىتابنى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتكە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئاشۇ‌لارنى جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمىتىدە ئىشلە‌تكە‌ن.‏ بىر ئالىم گرېكچە يازمىلارنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرىنى شۇ زاماندىكى باشقا ئە‌دە‌بىي ئە‌سە‌رلە‌رنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ شۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن:‏ «گرېكچە يازمىلارنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرىنىڭ سانى كۆپ ۋە مە‌زمۇ‌نى تولۇ‌ق ساقلانغان».‏ «يېڭى ئە‌ھدىنىڭ ئاناتومىيىسى» ناملىق كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «شۇ‌نىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇ‌كى،‏ ئىشە‌نچىلىك گرېكچە يازمىلارنىڭ زامانىۋىي تە‌رجىمىسىدىكى مە‌زمۇ‌نلارنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ قە‌دىمدە شۇ يازمىلارنى قە‌لە‌مگە ئالغانلار ئىپادىلىگە‌ن مە‌زمۇ‌ن بىلە‌ن ھېچقانداق چوڭ پە‌رقى يوق».‏

9.‏ يە‌شايا 40:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏

9 نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ردىن بۇ‌يان نۇ‌سخا كۆپە‌يتكۈچىلە‌ر كۆپ تە‌ر تۆكۈپ،‏ ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى كۆچۈرگە‌چ،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ توغرا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئىمكانىيىتىمىز بولدى d‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئۆز سۆزىنىڭ توغرا يېتىپ كېلىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ‏(‏يە‌شايا 40:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر بە‌لكىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۇ‌چۇ‌رلارنىڭ ئۆزگە‌رمە‌ي،‏ بىزگىچە يېتىپ كە‌لگە‌نلىكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بە‌زى دە‌لىللە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر ئىشە‌نچىلىك

Left: C. Sappa/DeAgostini/Getty Images; right: Image © Homo Cosmicos/Shutterstock

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر بۇ‌رۇ‌نمۇ،‏ ھازىرمۇ ئە‌مە‌لگە ئېشىپ كېلىۋاتىدۇ (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ f

10.‏ 2-‏پېترۇ‌س 1:‏21-‏ئايە‌تنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان بىر بېشارە‌تنى مىسالغا كە‌لتۈرۈڭ (‏رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏.‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نۇ‌رغۇ‌نلىغان بېشارە‌تلە‌ر يېزىلىپ،‏ نە‌چچە يۈز يىلدىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان.‏ تارىخىي دە‌لىل-‏ئىسپاتلار ئاشۇ بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن ھە‌يران بولمايمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌نلىكىنى بىلىمىز ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قە‌دىمقى بابىلون شە‌ھىرىنىڭ ۋە‌يران بولۇ‌شى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 8-‏ئە‌سىردە،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن ھە‌يۋە‌تلىك بابىلون شە‌ھىرىنىڭ باشقىلار تە‌رىپىدىن ئىشغال قىلىنىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بېشارە‌ت ئېيتقان.‏ يە‌شايا بۇ شە‌ھە‌رگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىسىمى قورە‌ش بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ شە‌ھە‌رنى قانداق بويسۇ‌ندۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان ئىدى (‏يە‌شايا 44:‏27–‏45:‏2‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌شايا بابىلون شە‌ھىرىنىڭ پۈتۈنلە‌ي ۋە‌يران بولۇ‌پ،‏ ئادە‌م ياشىمايدىغان خارابىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يە‌شايا 13:‏19،‏ 20‏)‏.‏ بېشارە‌تتە ئېيتىلغان ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 539-‏يىلى،‏ بابىلون شە‌ھىرى مىدىيا بىلە‌ن پارس تە‌رىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.‏ ھازىر بۇ شە‌ھە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىر دۆۋە تاش خارابىسى قالدى.‏ ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ ئېلېكترونلۇ‌ق نە‌شىرى،‏ 03-‏دە‌رس،‏ 5-‏ئابزاستىكى‏،‏ «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بابىلوننىڭ ۋە‌يران بولۇ‌شى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغان‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

11.‏ دانىيال 2:‏41–‏43-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌ت،‏ بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى پە‌قە‌ت ئۆتمۈشتىكى ئىش ئە‌مە‌س.‏ بىز بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈۋاتىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى توغرىسىدىكى بېشارىتىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى ‏(‏دانىيال 2:‏41–‏43-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بېشارە‌ت شۇ‌نى ئېنىق كۆرسىتىدۇ‌كى:‏ ئە‌نگلىيە ۋە ئامېرىكا خۇ‌ددى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق بولۇ‌پ،‏ ئىككى قېتىملىق دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا غە‌لبە قىلىپ قالماي،‏ ھازىرمۇ داۋاملىق غايە‌ت زور ھە‌ربىي كۈچكە ئىگە.‏ يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ ئاشۇ دۆلە‌تنىڭ پۇ‌قرالىرى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇ‌قىنى ۋە خە‌لقنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى قوغداش ياكى مۇ‌ستە‌قىللىك تە‌لە‌پ قىلىش ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق شۇ دۆلە‌تلە‌رنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى ئىچىدىن ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ دۇ‌نيادىكى سىياسە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىدىغان بىر مۇ‌تە‌خە‌سسىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيادا سودا-‏سانائىتى تە‌رە‌ققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلە‌تلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكىدە‌ك سىياسىي جە‌ھە‌تتىن بۆلۈنۈپ كە‌تكە‌ن دۆلە‌ت يوق».‏ دۇ‌نيا كۈچىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئە‌نگلىيىدىمۇ يېقىنقى يىللاردا سىياسىي بۆلۈنۈشلە‌ر تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏ چۈنكى،‏ كىشىلە‌ر ياۋرۇ‌پا ئىتتىپاقىدىكى دۆلە‌تلە‌ر بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئوخشاش بىر پىكىردە بولالماي بۆلۈنۈپ كە‌تتى.‏ بۇ بۆلۈنۈشلە‌ر ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچىنىڭ ھە‌رىكە‌تكە كېلىشنى كە‌سكىن قارار قىلىشىغا توسالغۇ بولۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر بىزنى نېمىگە قايىل قىلىدۇ؟‏

12 ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئاشقان نۇ‌رغۇ‌نلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارە‌تلىرى بىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى كېلە‌چە‌كتە ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ بىزمۇ خۇ‌ددى يە‌ھۋاغا مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلغان زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش ھېس قىلىمىز:‏ «سېنىڭ نىجاتىڭغا تە‌شنا جېنىم،‏ چۈنكى،‏ سۆزۈڭ مېنىڭ ئۈمىدىم» (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏81‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق مېھرىبانلىق بىلە‌ن بىزگە «كېلە‌چە‌ك ۋە ئۈمىد» بېرىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11‏)‏.‏ بىزنىڭ كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىز ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىسىگە باغلىق.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى قىزىقىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ سۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى داۋاملىق ئاشۇ‌رايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھېكمە‌تلىك سۆزلە‌ر مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ

13.‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏66،‏ 138-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنىڭ يە‌نە بىر ئىسپاتى نېمە؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئىشە‌نچ قىلالىشىمىزنىڭ يە‌نە بىر ئىسپاتى —‏ ئۇ‌نىڭدىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلغاندا،‏ كىشىلە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈش ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏66،‏ 138-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىلگىرى ئاجرىشىش ئالدىدا تۇ‌رغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللانغاچ،‏ قايتا يارىشىۋېلىپ،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بالىلىرىمۇ مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌ن ئائىلىدە چوڭ بولۇ‌پ،‏ ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلغان.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏22–‏29‏.‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدىغانلىقىنى مىسال ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىڭ.‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش،‏ ھە‌تتا خە‌تە‌رلىك جىنايە‌تچىلە‌رنىڭمۇ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ھازىر جېك ئىسىملىك بىرىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى e‏.‏ ئۇ ئىنتايىن ياۋۇ‌ز بىرى بولغاچ،‏ تۈرمىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئارىسىدىكى خە‌تە‌رلىك بىرى دە‌پ قارالغان.‏ بىراق،‏ ئۇ بىر قېتىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە قاتناشقان.‏ ئۇ تە‌تقىق ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ‌رادە‌رنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىنى كۆرۈپ،‏ قاتتىق تە‌سىرلە‌نگە‌ن ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغان.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللانغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىدا ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىدا زور ئۆزگىرىشلە‌ر بولغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا لايىق بولغان ۋە كېيىن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ قىزغىنلىق بىلە‌ن باشقا جىنايە‌تچىلە‌رگە پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلغان ھە‌مدە تۆت كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈنى جېك ئاللىقاچان ئۆزگە‌رگە‌ن بىر ئادە‌م ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئادۋوكاتى شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «جېك مە‌ن 20 يىل بۇ‌رۇ‌ن تونۇ‌غان ئادە‌م ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىسى ئۇ‌نى ئۆزگە‌رتتى».‏ گە‌رچە جېكنىڭ ئۆلۈم جازاسى يە‌نىلا ئىجرا قىلىنغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ مىسالى بىزنىڭ خۇ‌دا سۆزىگە ۋە ئۇ‌نىڭ كىشىلە‌رنى ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رتىش كۈچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.‏—‏يە‌شايا 11:‏6–‏9‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرى ئارقا كۆرۈنۈشى بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردە‌م بە‌ردى (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى قانداق پە‌رقلىق قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

15 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئە‌مە‌لىي قوللانغاچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بىرلىك ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق بار (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 1:‏10‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر مىللىتى ۋە سىياسىي كۆزقارىشى ياكى جە‌مئىيە‌تتىكى تۇ‌تقان ئورنى ئوخشىمىغاچ،‏ بۆلۈنۈپ كە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ بىز ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىقنى ساقلاۋاتىمىز.‏ بۇ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدىكى بۇ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى كۆرگە‌ن جېين ئىسىملىك بىر يىگىت بۇ‌نىڭدىن قاتتىق تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ئافرىقىدىكى بىر دۆلە‌تتە چوڭ بولغان.‏ ئىچكى ئۇ‌رۇ‌ش يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ بىر ئارمىيىگە قاتناشقان،‏ بىراق،‏ كېيىن باشقا بىر دۆلە‌تكە قېچىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ئۇ‌چراتقان.‏ جېين شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌قىقىي دىنغا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنىڭ سىياسە‌تكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش يوقلىقىنى ئۆگە‌ندىم.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىنى سۆيىدۇ.‏ ئىلگىرى مە‌ن ھاياتىمنى بىر دۆلە‌تنى قوغداشقا بېغىشلىغان ئىدىم،‏ لېكىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ھاياتىمنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىدىم».‏ جېين ھاياتىنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىدىن پە‌رقلىق ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلە‌رگە قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ھازىر ئۇ‌چراتقان ھە‌ر بىر ئادە‌مگە كىشىلە‌رنى ئىناق-‏ئىتتىپاقلاشتۇ‌رىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى ھە‌ققىدە ۋە‌ز ئېيتىدۇ.‏ مە‌يلى قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشى بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ ياشىسا،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏ بۇ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە پۈتۈنلە‌ي ئىشىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك بىر دە‌لىل-‏ئىسپاتى.‏

خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقە‌ت سۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ

16.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

16 بۇ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقاندا،‏ ھە‌قىقە‌تكە بولغان ئىشە‌نچىمىزمۇ تېخىمۇ كۆپ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ كىشىلە‌ر ئوي-‏پىكرىمىزگە گۇ‌مان ئۇ‌رۇ‌قىنى چېچىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ توغرىلىقى ياكى بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى يېتە‌كلە‌شكە تە‌يىنلىگە‌ن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل ھە‌ققىدە گۇ‌مان پە‌يدا قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ سۆزىنىڭ ھە‌مىشە توغرا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ ئېتىقادىمىز بۇ‌نداق ھۇ‌جۇ‌ملارغا قارشى تۇ‌رالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏112‏)‏.‏ باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌ش ۋە ئۇ‌لارنى شۇ ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشاشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شتىن نومۇ‌س ھېس قىلمايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏46‏)‏.‏ ھە‌مدە بىز زىيانكە‌شلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئە‌ڭ قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ «سە‌ۋرچانلىق ۋە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق» بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏11؛‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏143،‏ 157‏.‏

17.‏ بۇ يىللىق ئايە‌ت بىزگە نېمىنى ئە‌سكە‌رتىدۇ؟‏

17 يە‌ھـۋانىڭ بىـزگە ھە‌قىقـە‌تنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن مىننە‌تدارمىز!‏ ئاشۇ ھە‌قىقە‌ت ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە بۇ بارغانسېرى قالايمىقانچىلىق كۆپىيىپ كېتىۋاتقان دۇ‌نيادا قانداق ياشاش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ بىزگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئېرىشتۈرىدىغان گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئۈمىدىنى بېرىدۇ.‏ 2023-‏يىللىق ئايە‌ت،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رسۇ‌ن!‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏160‏.‏

143-‏ناخشا زۇ‌لمە‌ت دۇ‌نيادىكى نۇ‌ر

a ‏2023-‏يىللىق ئايە‌ت ئۈچۈن:‏ «سۆزۈڭنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌قىقە‌ت» دېگە‌ن بىر جۈملە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان سۆزلە‌ر تاللاندى (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏160‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ سىز ھە‌م بۇ سۆزلە‌رگە ئىشىنىسىز.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە ئىشە‌نچىلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ سە‌مىمىي كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئىشىنىشىگە ۋە ئۇ‌نىڭدىكى كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىدىغان ئۈچ دە‌لىل-‏ئىسپاتنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتە ئىشلىتىلگە‌ن ‏«ئۇ‌ل ئاساسى»‏ دېگە‌ن ئىبرانىيچە سۆزىنىڭ مە‌نىسى جە‌مئىي،‏ پۈتۈنلە‌ي ۋە ئومۇ‌مىي.‏

c ‏«قوليازما» دېگە‌ن سۆز قە‌دىمقى زاماندا يېزىلغان ھۆججە‌تنى بىلدۈرىدۇ.‏

d مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆزگە‌رتىلمىگە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ jw.org تور بېكىتىگە كىرىپ «ئىزدە‌ش» دېگە‌ن يە‌رگە «‏تارىخ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب‏» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى يېزىڭ.‏

e بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

f سۈرە‌تتە:‏ خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قى بىلە‌ن ھە‌يۋە‌تلىك قە‌دىمقى بابىلون شە‌ھىرى خارابىلىككە ئايلانغان.‏

g سۈرە‌تتە:‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن ۋە‌قە —‏ باشقىلارغا قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ بىر يىگىت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تىنچ ياشاشنى ئۆگىنىپ،‏ باشقىلارنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏