مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ

يە‌ھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ

‏«يە‌ھۋا يۈسۈپ بىلە‌ن بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ئىدى».‏‏—‏يارىت.‏ 39:‏2‏.‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە ھە‌يران قالمايمىز؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 بىز خۇ‌دانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌يران قالمايمىز.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا نۇ‌رغۇ‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈپ كىرىشىمىز كېرە‌ك» (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏22‏)‏.‏ يە‌نە شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ بىز خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسىدا ياشىمىغىچە بە‌زى قىيىنچىلىقلار پۈتۈنلە‌ي ھە‌ل بولمايدۇ.‏ كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا «ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏4‏.‏

2 گە‌رچە يە‌ھۋا بىزنى سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشتىن قوغداپ قالمىسىمۇ،‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ رىمدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئېيتقان سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ ئالدى بىلە‌ن ئۆزى ۋە باشقا قېرىنداشلار دۇ‌چ كېلىۋاتقان بە‌زى سىناقلارنى تىلغا ئالغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىزنى سۆيگۈچىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئۈستىدىن غە‌لبە قىلىۋاتىمىز» (‏رىملىقلار 8:‏35–‏37‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ سىناققا دۇ‌چ كېلىۋاتقان پە‌يتلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ يۈسۈپكە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ۋە سىزگىمۇ قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

تۇ‌يۇ‌قسىز بىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە

3.‏ يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا قانداق تۇ‌يۇ‌قسىز ئۆزگىرىش بولغان؟‏

3 ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ئوغلى يۈسۈپنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ ئاكىلىرى ئۇ‌نىڭغا ھە‌سە‌ت قىلغان ئىدى (‏يارىت.‏ 37:‏3،‏ 4‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ پۇ‌رسە‌ت كۈتۈپ تۇ‌رغان ياقۇ‌پنىڭ ئوغۇ‌للىرى ئۆز ئىنىسىنى مىدىيانلىق سودىگە‌رلە‌رگە سېتىۋە‌تكە‌ن.‏ ئاشۇ سودىگە‌رلە‌ر يۈسۈپنى نە‌چچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىسىرغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇ يە‌ردە فىرئە‌ۋننىڭ قوغدىغۇ‌چىلىرىنىڭ باشلىقى پوتىفارغا يە‌نە بىر قېتىم قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋە‌تتى.‏ يۈسۈپنىڭ ھاياتى ناھايىتى تېزلا ئۆزگە‌رگە‌نىدى.‏ ئۇ دادىسىنىڭ ئە‌ڭ سۆيۈملۈك ئوغلى بولغان،‏ ھازىر مىسىردىكى ئە‌ڭ تۆۋە‌ن دە‌رىجىلىك قۇ‌لغا ئايلىنىپ قالغان!‏—‏يارىت.‏ 39:‏1‏.‏

4.‏ قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بىلە‌ن يۈسۈپنىڭكىدە‌ك سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ھە‌رقانداق كىشى «كۈتۈلمىگە‌ن پە‌يت ۋە كۈتۈلمىگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رگە دۇ‌چ كېلىدۇ» دە‌يدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ يامان ئىشلار ھە‌ر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 9:‏11‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ بە‌زىدە «ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كېلىدىغان» قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بولغىنىمىز ئۈچۈنلا،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېتىقادىمىز سە‌ۋە‌بلىك مە‌سخىرە قىلىنىشىمىز،‏ قارشىلىقلارغا ياكى بولمىسا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىشىمىز مۇ‌مكىن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏12‏)‏.‏ بىراق،‏ بېشىڭىزغا مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلار كە‌لسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ يۈسۈپكە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

ھە‌تتا يۈسۈپ مىسىردا پوتىفارغا قۇ‌ل سۈپىتىدە سېلىتىلغاندىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولغىنىدىن پوتىفار نېمىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن؟‏ (‏يارىتىلىش 39:‏2–‏6‏)‏

5 يارىتىلىش 39:‏2–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ پوتىفار يۈسۈپنىڭ ئىنتايىن قابىلىيە‌تلىك ۋە ئىشچان يىگىت ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ ئۇ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنىمۇ بىلگە‌ن.‏ پوتىفار،‏ «يە‌ھۋا يۈسۈپ بىلە‌ن بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق» بولغانلىقىنى بىلگە‌ن b‏.‏ ئاخىرىدا،‏ شۇ مىسىرلىق كىشى يۈسۈپنى ئۆزىنىڭ خىزمە‌تچىسى قىلىپ تاللىغان.‏ ئۇ‌نى ئۆز ئۆيىدىكى بارلىق ئىشلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ پوتىفارنىڭ ئائىلىسى روناق تېپىپ راۋاجلانغان.‏

6.‏ يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئە‌ھۋالىغا قارىتا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏

6 شۇ ۋاقىتتىكى ۋە‌زىيە‌تنى يۈسۈپنىڭ ئورنىدا تۇ‌رۇ‌پ كۆرۈشكە تىرىشىڭ.‏ ئۇ ھە‌ممىدىن بە‌كرە‌ك نېمىگە ئېھتىياجلىق بولغان؟‏ پوتىفارنىڭ ئۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىشى ياكى ئۇ‌نى مۇ‌كاپاتلىشىنى خالىغانمۇ؟‏ يۈسۈپ بە‌لكىم ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىپ،‏ ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىشنى خالىغان.‏ گە‌رچە يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئۆيىدە كۆپلىگە‌ن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نىلا قۇ‌ل ئىدى ۋە ئۇ‌نىڭ خوجايىنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايتتى.‏ يە‌ھۋا پوتىفارغا تە‌سىر قىلىپ،‏ يۈسۈپنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرمىگە‌ن.‏ يۈسۈپنىڭ ۋە‌زىيىتى بولسا تېخىمۇ يامانلىشىپ كە‌تكە‌ن.‏

يارىنىڭ ئۈستىگە تۇ‌ز چېچىش

7.‏ يۈسۈپنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق تېخىمۇ يامانلىشىپ كە‌تكە‌ن؟‏ (‏يارىتىلىش 39:‏14،‏ 15‏)‏

7 يارىتىلىش 39-‏بابتىكى ئۈزۈندىلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغان ۋە ئۇ‌نى كۆپ قېتىم ئازدۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ يۈسۈپ ھە‌ر قېتىم ئۇ‌نىڭ ئازدۇ‌رۇ‌شلىرىنى رە‌ت قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئايال قاتتىق غە‌زە‌پلىنىپ،‏ يۈسۈپنى ئۆزىنىڭ نومۇ‌سىغا تە‌گدى دە‌پ قارا چاپلىغان ‏(‏يارىتىلىش 39:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پوتىفار بۇ‌نى ئاڭلىغاندا،‏ يۈسۈپنى زىندانغا تاشلاتقان ۋە يۈسۈپ ئاشۇ يە‌ردە بىرقانچە يىل قاماقتا بولغان (‏يارىت.‏ 39:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئاشۇ زىندان قانداق ئىدى؟‏ يۈسۈپ تىلغا ئالغان «زىندان» دېگە‌ن ئىبرانىيچە سۆزنى يە‌نە «قۇ‌دۇ‌ق» ياكى «چوڭقۇ‌ر ئازگال» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ.‏ بۇ ئە‌تراپىنى قاراڭغۇ‌لۇ‌ق قاپلىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆزىنى ئۈمىدسىز ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (‏يارىت.‏ 40:‏15‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت يۈسۈپنىڭ قوللىرى كىشە‌نلىنىپ،‏ بوينىغا ھە‌م تۆمۈر زە‌نجىرلە‌ر سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 105:‏17،‏ 18‏)‏.‏ يۈسۈپنىڭ ئە‌ھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ كە‌تكە‌ن،‏ ئۇ ئىشە‌نچىلىك بىر قۇ‌ل بولۇ‌شتىن ئە‌رزىمە‌س بىر مە‌ھبۇ‌سقا ئايلانغان.‏

8.‏ سىناقلار تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا،‏ بىز نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

8 يە‌ھۋاغا شۇ‌نچە يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغىنىڭىزغا قارىماي،‏ ۋە‌زىيە‌ت تېخىمۇ يامانلىشىپ،‏ قاتتىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋا بىزنى شە‌يتان باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان بۇ دۇ‌نيادىكى سىناقلاردىن قوغداپ قالمايدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نسىڭىز بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا بېشىڭىزدىن ئۆتكە‌ن بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇ‌رىدۇ ۋە سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏مە‌تتا 10:‏29–‏31؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏6،‏ 7‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ مۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىدۇ:‏ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن» (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5‏)‏.‏ گە‌رچە ۋە‌زىيىتىڭىزدە ھېچبىر ئۈمىد يوقتە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ يۈسۈپنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ھە‌تتا يۈسۈپ زىنداندا بولغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولغان ۋە ئۇ بارلىق مە‌ھبۇ‌سلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويۇ‌لغان (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ يۈسۈپ تۈرمىدىكى مە‌زگىلدە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏يارىتىلىش 39:‏21–‏23‏)‏

9 يارىتىلىش 39:‏21–‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌تتا مۇ‌شۇ قاراڭغۇ زىنداندىكى مە‌زگىلدە،‏ يە‌ھۋا يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ قانداق؟‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشكىنىگە ئوخشاش،‏ زىندان باشلىقىنىڭمۇ ئىشە‌نچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ زىندان باشلىقى يۈسۈپنى باشقا مە‌ھبۇ‌سلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «زىندان باشلىقى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغان ھېچبىر ئىشتىن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلمايتتى».‏ ھازىر يۈسۈپ نېمە قىلىشنى ئويلىسا،‏ شۇ‌نى قىلالايتتى.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن كۈتۈلمىگە‌ن ئاجايىپ چوڭ بىر ئۆزگىرىش!‏ بىر ئە‌مە‌لدارنىڭ ئايالىنىڭ نومۇ‌سىغا تېگىشكە ئۇ‌رۇ‌نغان دە‌پ ئە‌يىبلە‌نگە‌ن جىنايە‌تچىنىڭ بۇ‌نداق مۇ‌ھىم خىزمە‌تكە قويۇ‌لۇ‌شى قانداقمۇ مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏ يارىتىلىش 39:‏23-‏ئايە‌ت بۇ‌نىڭغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ «يە‌ھۋا يۈسۈپ بىلە‌ن ئىدى،‏ ئۇ نېمىلا قىلمىسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق قىلاتتى».‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولمىدى،‏ دە‌پ ھېس قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

10 ئۆزىڭىزنى يۈسۈپنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ شۇ ۋاقىتتىكى ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈشكە يە‌نە بىر قېتىم تىرىشىپ بېقىڭ.‏ يالغان ئە‌يىبلىنىپ،‏ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولغان دە‌پ قارامسىز؟‏ شۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ نېمىگە ئە‌ڭ ئېھتىياجلىق بولغان؟‏ زىندان باشلىقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشمۇ؟‏ يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئاقلىنىپ،‏ ئازاد بولۇ‌شىنى خالىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ ھە‌تتا تۈرمىدىن چىققان باشقا بىر جىنايە‌تچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن فىرئە‌ۋندىن ئىلتىماس قىلىپ،‏ ئۇ‌نى بۇ قاراڭغۇ تۈرمىدىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلغان (‏يارىت.‏ 40:‏14‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ كىشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ‌نى فىرئە‌ۋنگە ئېيتمىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ يە‌نە ئىككى يىلدىن كۆپرە‌ك زىنداندا قالغان (‏يارىت.‏ 40:‏23؛‏ 41:‏1،‏ 14‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا داۋاملىق ئۇ‌نىڭ ئىشلىرىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏ قانداق؟‏

11.‏ يە‌ھۋا يۈسۈپكە قانداق ئالاھىدە قابىلىيە‌تنى بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىدا قانداق مۇ‌ھىم رول ئوينىغان؟‏

11 يۈسۈپ زىنداندا بولغاندا،‏ يە‌ھۋا فىرئە‌ۋنگە ئىككى قېتىم چۈش كۆرگۈزگە‌ن.‏ فىرئە‌ۋننىڭ كۆڭلى پە‌رىشان بولۇ‌پ،‏ ئاشۇ چۈشلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى بىلمە‌كچى بولغان.‏ ئۇ يۈسۈپنىڭ چۈشلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى ئۆرۈيە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ دە‌رھال يۈسۈپنى چاقىرتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ يۈسۈپ چۈشنىڭ مە‌نىسىنى يېشىپ بېرىپلا قالماي،‏ يە‌نە فىرئە‌ۋنگە ئىنتايىن دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ فىرئە‌ۋن يە‌ھۋانىڭ يۈسۈپ بىلە‌ن بىللە ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ،‏ يۈسۈپنى مىسىرنىڭ ئاشلىقىنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويغان (‏يارىت.‏ 41:‏38،‏ 41–‏44‏)‏.‏ كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بە‌رگە‌ن،‏ بۇ پە‌قە‌ت مىسىر زېمىنىغىلا ئە‌مە‌س،‏ يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى ياشاۋاتقان قانان زېمىنىدىكى كىشىلە‌رگىمۇ تە‌سىر قىلغان.‏ يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادىنىڭ ھاياتى قوغداپ قېلىنغان.‏

12.‏ يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

12 يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا يۈز بە‌رگە‌ن بۇ ئاجايىپ ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ پوتىفارنىڭ دە‌ل يۈسۈپكە دىققە‌ت-‏نە‌زىرىنى قارىتىشىغا كىم سە‌ۋە‌بچى بولغان؟‏ يە‌نە زىندان باشلىقىنىڭ ئە‌رزىمە‌س مە‌ھبۇ‌س يۈسۈپنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قېلىشىغا كىم سە‌ۋە‌بچى بولغان؟‏ كىم فىرئە‌ۋنگە شۇ‌نداق چۈش كۆرگۈزگە‌ن ۋە يۈسۈپكە چۈشلە‌رنى ئۆرۈپ بېرىش قابىلىيىتىنى بە‌رگە‌ن؟‏ يۈسۈپنىڭ مىسىرنىڭ ئاشلىق باشقۇ‌رغۇ‌چىسى بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىش قارارىنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟‏ (‏يارىت.‏ 45:‏5‏)‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يۈسۈپنىڭ ھە‌ممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا يە‌ھۋا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ گە‌رچە يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇ‌نىڭغا رە‌ھىمسىزلارچە مۇ‌ئامىلە قىلغان بولسىمۇ،‏ بىراق يە‌ھۋا ئاخىرىدا ۋە‌زىيە‌تنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا قوللانغان.‏

يە‌ھۋا سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13.‏ يە‌ھۋا بىز دۇ‌چ كېلىدىغان ھە‌ر بىر ۋە‌زىيە‌تكە قول تىقىپ ئارىلىشامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 يۈسۈپ توغرىسىدىكى ۋە‌قە‌دىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌ھۋا بىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌ر بىر ۋە‌زىيە‌تكە ئارىلىشامدۇ؟‏ ئۇ ھاياتىڭىزدىكى ھە‌ر بىر ئىشقا ئارىلىشىپ،‏ يۈز بە‌رگە‌ن يامان ئىشلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇ‌رامدۇ؟‏ ياق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ كۆز قاراشنى قوللىمايدۇ (‏ۋە‌ز 8:‏9؛‏ 9:‏11‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى بىلىپ تۇ‌رىدۇ ۋە ياردە‌م تىلىسە‌ك،‏ يالۋۇ‌رۇ‌شلىرىمىزغا قۇ‌لاق سالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏15؛‏ 55:‏22؛‏ يە‌شايا 59:‏1‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ قانداق؟‏

14.‏ بىز سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 دە‌ل ۋاقتىدا تە‌سە‌للى ۋە ئىلھام بېرىش يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان بىر ئۇ‌سۇ‌لى (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك،‏ تۈركمە‌نىستاندا ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقان ئە‌زىز ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ.‏ «مە‌ن سوتقا چىققان كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ ماڭا بىر بۇ‌رادە‌ر يە‌شايا 30:‏15-‏ئايە‌تنى كۆرسە‌تتى،‏ ئايە‌تتە شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ ماڭا تايانساڭلار،‏ كۈچلۈك بولىسىلە‌ر».‏ شۇ ئايە‌ت تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ بارچە ئىشلاردا يە‌ھۋاغا تايىنىشىمغا ياردە‌م بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌ت ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش مە‌ن تۈرمىدە ئولتارغاندا،‏ باشتىن-‏ئاخىرى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ يە‌ھۋا سىزگە دە‌ل ۋاقىت-‏سائىتىدە تە‌سە‌للى ۋە ئىلھام بە‌رگە‌نمۇ؟‏

15،‏ 16.‏ تورىنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 بىز دائىم دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلار ئۆتۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىنلا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ تورى ئىسىملىك بىر قېرىنداش شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئوغلى 6 يىل راك كېسىلىگە قارشى كۈرە‌ش قىلىپ،‏ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ تورى ئىنتايىن ئازابلىنىپ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌نىڭدىنمۇ ئارتۇ‌ق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت يوقمىكىن،‏ بارلىق ئاتا-‏ئانىلار پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ شۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى مە‌ن چە‌كسە‌م بوپتىكە‌ن دە‌پ ئويلايدۇ».‏

16 بىراق،‏ بۇ ئاچچىق سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ تورى كېيىنرە‌ك يە‌ھۋانىڭ ئاشۇ سىناق پە‌يتىدە ئۆزىگە بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئە‌سلىسە‌م،‏ مە‌ن ئوغلۇ‌منىڭ كېسە‌ل بولغان ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ماڭا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرىمە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ماسوننىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ،‏ ئۇ ئۇ‌نى يوقلاپ كە‌لگە‌نلە‌ر بىلە‌ن كۆرۈشە‌لمە‌يتتى.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ قېرىنداشلار ئىككى سائە‌ت ماشىنا بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلىپ،‏ يىراقتىن دوختۇ‌رخانىغا يوقلاپ كېلە‌تتى.‏ دوختۇ‌رخانىدا ھە‌مىشە قېرىنداشلار بار ئىدى،‏ ئۇ‌لار ھە‌ر ۋاقىت ياردە‌م قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌راتتى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرە‌تتى.‏ ئە‌ڭ قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ،‏ ھېچبىر نە‌رسىمىز كە‌م بولمىدى».‏ تورىنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن،‏ ئۇ ماسونغىمۇ شۇ‌نداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏«‏ يە‌ھۋا دە‌ل بىز مۇ‌ھتاج بولغان نە‌رسىنى بە‌ردى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىنى ئۇ‌نۇ‌تماڭ

17،‏ 18.‏ سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ۋە ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏5‏)‏

17 زە‌بۇ‌ر 40:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ تاغقا چىققۇ‌چىلارنىڭ مە‌قسىتى —‏ تاغ چوققىسىغا يېتىپ بېرىش.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار بە‌زىدە يولدا توختاپ،‏ گۈزە‌ل مە‌نزىرىلە‌رنى تاماشا قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قىيىنچىلىققا بە‌رداشلىق بېرىۋاتقاندا،‏ دائىم توختاپ،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ ھە‌ر كۈنى كە‌چتە ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «بۈگۈن مە‌ن يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتىنى كۆردۈممۇ؟‏ گە‌رچە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلار يە‌نىلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا مېنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىمگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ؟‏» ھە‌ر كۈنى قىلغان ئىشلىرىڭىزغا قاراپ،‏ يە‌ھۋا قايسى بىر ئىشىڭىزنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ.‏

18 بە‌لكىم،‏ سىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلارنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىۋاتقان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن (‏فىلىپى.‏ 4:‏6‏)‏.‏ بۇ بە‌ك ئورۇ‌نلۇ‌ق،‏ سىزنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز يە‌نە ھازىر ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماڭكى،‏ ئۇ بىزنى كۈچلە‌ندۈرىدۇ ۋە بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋانىڭ سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ سىز قىيىن سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌ددى يۈسۈپكە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏—‏يارىت.‏ 41:‏51،‏ 52‏.‏

27-‏ناخشا يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ڭلار

a بىز قىيىن بىر سىناقنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ندە،‏ بە‌لكىم ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولمىدى دە‌پ قارىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقىمىز ھە‌ل قىلىنغاندا،‏ بىز ئىشىمىزدا ئۇ‌تۇ‌ق قازانغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ يۈسۈپ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىشلار بىزگە مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئۆگىتىدۇ.‏ سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقان پە‌يتلە‌ردىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يۈسۈپنىڭ قۇ‌للۇ‌قتا بولغان ۋە‌زىيىتىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن بىرقانچە ئايە‌ت بار،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بىرنە‌چچە يىل ئىچىدە يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏