مېھرىبانلىق گەپ-سۆزدە ھەم ئىش-ھەرىكەتتە كۆرۈنىدۇ
باشقىلار بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىغاندا، قەلبىمىز خۇشاللىققا تولىدۇ. ئۇلارنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلغاندا، تەسەللىي تاپىمىز. بىز باشقىلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى خالايمىز. ئۇنداقتا، بۇ گۈزەل پەزىلەتنى ئۆزىمىز قانداق راۋاجلاندۇرالايمىز؟
مېھرىبان كىشى باشقىلارغا چىن يۈرەكتىن غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە بۇنى گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ. ئۇ پەقەت سىلىق-سىپايىلىك كۆرسىتىپلا قويمايدۇ. بەلكى ئۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەنلىكتىن، ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مېھرىبانلىق — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدۇر (گالاتىيالىقلار 5:22، 23). يەھۋا بىزنىڭ مېھرىبان بولۇشىمىزنى خالايدۇ. كېلىڭلار، ھازىر يەھۋا خۇدانىڭ ۋە ئەيسا مەسىھتىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئالايلى.
يەھۋا ھەممىگە مېھرىبان
يەھۋا، ھەتتا «شۈكۈر ئېيتمايدىغانلار ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىباندۇر» (لۇقا 6:35). مەسىلەن، «خۇدا قۇياشنى ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا نۇر چاچقۇزىدۇ؛ يامغۇرنىمۇ ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا ياغدۇرىدۇ» (مەتتا 5:45). يەھۋانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ھەتتا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرمۇ، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە مەلۇم دەرىجىدە ھاياتىدا خۇشاللىق تاپىدۇ.
يەھۋانىڭ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا قىلغان ياخشىلىقىدىن، ئۇنىڭ زور مېھرىبانلىق ئۈلگىسىنى كۆرەلەيمىز. گۇناھ قىلغاندىن كۆپ ئۆتمەي، «ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى». بىراق، يەر لەنەتكە ئۇچراپ، ئۇنىڭدا «يەردىن تىكەنلەر ۋە يانتاقلار» ئۆسكەن. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا ئېرەم بېغىنىڭ سىرتىدا ياشاش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاسرايدىغان كىيىمگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، يەھۋا ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرستىپ، «تېرىلەردىن ئۇزۇن كىيىملەرنى قىلىپ»، ئۇلارنى كىيىندۈرۈپ قويغان.—يارىتىلىش 3:7، 17، 18، 21.
يەھۋا «يامانلارغا ۋە ياخشىلارغا» مېھرىبانلىق قىلسىمۇ، سادىق خىزمەتچىلىرىگە ئالاھىدە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا ئىسرائىللار يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويغانلىقتىن، بىر پەرىشتە ئەنسىرىگەن ئىدى. يەھۋا بۇ پەرىشتىنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئۇنىڭغا «چىرايلىق ۋە تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر» بىلەن سۆزلىگەن (زەكەرىيا 1:12، 13). يەھۋا ئىلياس پەيغەمبەرگىمۇ يۇمشاق مۇئامىلە قىلغان. بىر ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر قاتتىق چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلغان ۋە ھەتتا يەھۋادىن جېنىنى ئېلىشىنى سورىغان. يەھۋا ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئىلياسنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ،، يەھۋا سادىق خىزمەتچىسىنى ئۇ يالغۇز ئەمەسلىگە ئىشەندۈرگەن. بۇ ئىلياسقا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ بەرگەن (1-پادىشاھلار 19:1—18). سىزنىڭچە، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كىم مېھرىبانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرسەتكەن؟
ئەيسا ئىنتايىن مېھرىبان بولغان
ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ئادەملەر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ھېچقاچان قوپال بولمىغان ياكى باشقىلارنى ئۆز دېگىنىنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ باشقىلارنىڭ مەتتا 11:28—30). ئۇ بەك مېھرىبان بولغاچ، ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن، ئادەملەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان. ئەيسانىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن، ئۇ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويدۇرغان، كېسىلىنى ساقايتقان ۋە ئاتىسى توغرىسىدا كۆپ تەلىملەرنى ئۆگەتكەن.—ماركۇس 6:34؛ مەتتا 14:14؛ 15:32—38.
غېمىنى يەپ: «ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي»،— دېگەن (ئەيسا ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنگەن ۋە غەمخورلۇق قىلغان. ئادەملەر ئۇنىڭغا قولايسىز ۋاقىتتا كەلگەندىمۇ، ئەيسا ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغان (لۇقا 9:11 ،10). خۇن ئېقىش كېسىلىدىن ئازاب چەككەن ئايال بىلەن بولغان ۋەقەنى ئەسكە ئالايلى. ئۇ ساقىيىشنى خالىغانلىقتىن، ئەيسانىڭ كىيىمىگە قول تەككۈزگەن. لېكىن بۇ ھەرىكەت تەۋرات قانۇنىغا قارشى بولغان، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ ئايال ناپاك ئىدى (لاۋىيلار 15:25—28). شۇ چاغدا ئەيسا نېمە قىلغان؟ ئۇ ئاچچىقلانماي، شۇ ئايالغا قوپال سۆزلىمىگەن. ئەيسا ئۇنىڭ قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، 12 يىلدىن بۇيان ئازاب چەككەنلىكىگە ئىچى ئاغرىپ، مۇنداق دېگەن: «قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى. تىنچ-ئامان قايت، ئېغىر كېسىلىڭدىن ساقىيىپ كەتكىن» (ماركۇس 5:25—34). ھەقىقەتەن، ئەيسا بەكمۇ مېھرىبان بولغان!
مېھرىبان كىشى ياردەم بېرىشكە تەييار
بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدەك، مېھرىبان بولساق، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار بولىمىز. بۇنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئەيسا سامارىيىلىك كىشى ھەققىدە مىسال كەلتۈرگەن. بىر يەھۇدىي كىشىنى قاراقچىلار ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا يولنىڭ چېتىگە تاشلاپ كېتىپتۇ. يەھۇدىيلار بىلەن سامارىيىلىكلەر بىر-بىرىگە ئۆچ بولسىمۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سامارىيىلىك كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ. شۇڭا، ئۇ ئۇنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. سامارىيىلىك كىشى مېھمانخانىنىڭ غوجايىنىغا پۇل تۆلەپ، ھەتتا ئارتۇق چىقىمىنى تۆلەشكە كېلىشىپتۇ.—لۇقا 10:29—37.
مېھرىبانلىق پەقەت ئىشلاردىن ئەمەس، ياخشى ئويلىنىپ ئېيتىلغان ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدىغان سۆزلەردىنمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا: «ئادەمنىڭ كۆڭلىدە غەم بولسا، شۇنىڭدىن ئېزىلەر، لېكىن ياخشى سۆز كۆڭۈلنى كۆتۈرەر»،— دەپ ئېيتىلغان (پەندى-نەسىھەت 12:25). مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتقاندا، ئۇلارنى خۇشال-خۇرام قىلالايمىز a (ئىزاھاتقا قاراڭ). بىز يېقىملىق سۆزلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. غەمخورلۇقىمىز ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈچ بېرىدۇ.—پەندى-نەسىھەت 16:24.
مېھرىبانلىقنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
خۇدا ئادەملەرنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتقانلىقتىن، ھەممىمىز مېھرىبان بولالايمىز (يارىتىلىش 1:27). مەسىلەن، رىم يۈزبېشى يۇلىيۇسقا ئەلچى پاۋلۇسنى رىمغا ئېلىپ بېرىش تاپشۇرۇلغان. ئۇنى سىدون شەھىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ پاۋلۇسقا «ئادەمگەرچىلىك قىلىپ، دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى غەملىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى» (ئەلچىلەر 27:3). پاۋلۇس ۋە باشقا ئادەملەر كېمە ئاپىتىگە ئۇچرىغان چاغدا، مالتادىكى كىشىلەر ئۇلارغا «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەمگەرچىلىك كۆرسىتىپ»، ئىسسىنىشى ئۈچۈن ھەتتا گۈلخان يېقىپ بەرگەن (ئەلچىلەر 28:1، 2). بۇ ئادەملەر ھەقىقەتەن مېھرىبانلىق قىلغان. دېمەك، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئاندا-ساندا ئەمەس، دائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
خۇدا مېھرىبانلىق بىزنىڭ مىجەز-خولقىمىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى خالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا بىزنى مېھرىبانلىق بىلەن «كىيىنىڭلار» دەپ نەسىھەت بەرگەن (كولوسلىقلارغا 3:12). ئەمما، ھەردائىم مېھرىبان بولۇش ئاسان ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ خىجىلچان، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق ياكى مەنمەنچى بولۇش مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. بىزنى رەنجىتكەن ئادەمگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس. لېكىن، دۇئادا يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراپ، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشساق، ئۇ بىزگە مېھرىبان ئادەم بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.—1-كورىنتلىقلار 2:12.
بىزگە مېھرىبانلىق يېتىشمەيدىغانلىقىنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟ ئۆزىمىزدىن مۇنداق دەپ سوراشقا بولىدۇ: «باشقىلارنى مەتتا 7:12). يەھۋادىن ياردەم سورىسىڭىز، ئۇ مېھرىبان ئادەم بولۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىڭىزگە بەرىكىتىنى بېرىدۇ.—لۇقا 11:13.
دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈمەنمۇ؟ قاچان ئاخىرقى قېتىم قېرىندىشىم ياكى دوستۇم بولمىغان ئادەمگە مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم؟» ئۆپ-چۆرىمىزدىكى ئادەملەر، بولۇپمۇ جامائەتتىكى قېرىنداشلار، بىلەن يېقىنراق تونۇشۇشقا مەقسەت قويساق بولىدۇ. شۇنداق قىلساق، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. باشقىلار سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ (مېھرىبانلىق باشقىلارنى جەلپ قىلىدۇ
ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ ياخشى خىزمەتچىسى بولۇشقا ياردەم بەرگەن خىسلەتلەرنىڭ ئارىسىدا مېھرىبانلىقنى تىلغا ئالغان (2-كورىنتلىقلار 6:3—6). پاۋلۇس سۆزلىرى ھەم ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، غەمخورچان بولغاچقا، ئادەملەر ئۇنى ياخشى كۆرگەن (ئەلچىلەر 28:30، 31). شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ مېھرىبانلىقىمىزمۇ ئادەملەرنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىشى مۇمكىن. ھەممىسىگە، ھەتتا كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان ئادەملەرگىمۇ مېھرىبان بولساق، بۇ ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلار كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن (رىملىقلار 12:20). بەلكىم، ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشنى خالايدىغاندۇ.
جەننەتتە ھەممە ئادەملەر بىر-بىرىگە مېھرىبان بولىدۇ. تىرىلگەن ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم مېھرىبانلىقنىڭ نۇرىغا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنى باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھرى-شەپقەتسىز ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن خۇدا پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. جەننەتتە پەقەت باشقىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە مېھرىبان ئادەملەر ياشايدۇ (زەبۇر 37:9—11). شۇ ۋاقىتتا بىخەتەر ۋە تىنچ-خاتىرجەم ھايات كەچۈرىدىغان زامان كېلىدۇ. ئەمما، شۇ ئاجايىپ ۋاقىت كەلگىچە، قانداق قىلىپ مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن؟
مېھرىبانلىقنىڭ پايدىسى
مۇقەددەس كىتابتا: «سادىق سۆيگۈ [مېھرىبانلىق] كۆرسەتكەن كىشى ئۆزىگە پايدا كەلتۈرەر»،— دەپ ئېيتىلغان (پەندى-نەسىھەت 11:17). مېھرىبان ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ھەم كىشىلەر ئۇنىڭغىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ: « سىلەر قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ كىشىلەرگە بەرسەڭلار، باشقىلارمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ سىلەرگە بېرىدۇ»،— دېگەن (لۇقا 6:38). شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھرىبان ئادەملەرگە دوست تېپىش ۋە دوستلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئاسان بولىدۇ.
پاۋلۇس ئەفەستىكى جامائەتكە: «بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولۇڭلار. … بىر-بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كەچۈرۈڭلار»،— دەپ يازغان (ئەفەسلىكلەر 4:32). جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە رەھىمدىل بولۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىشكە تىرىشسا، جامائەت مۇستەھكەملىنىپ، ئىناق-ئىتتىپاق بولىدۇ. بىز قېرىنداشلارغا ھېچقاچان يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان چاق-چاقلارنى، رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتمايمىز، ئۇلارنى تەنقىد قىلمايمىز ۋە سۆز-چۆچەك تارقاتمايمىز. ئۇنىڭ ئورنىغا دەردكە دەرمان بولىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىمىز (پەندى-نەسىھەت 12:18). نەتىجىدە، جامائەت يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.
مېھرىبانلىق — گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدىن كۆرۈنىدۇ. مېھرىبان بولساق، كۆيۈمچان ۋە مەرد خۇدايىمىز يەھۋادىن ئۈلگە ئالىمىز (ئەفەسلىكلەر 5:1). بۇ جامائىتىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە باشقىلارنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋانىڭ خەلقى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلايلى!
a «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ كېيىنكىسى ياخشىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.