نىكاھ رىشتىسىنى قەدىرلەڭ
«خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىغا قوشقانلارنى ئادەم ئايرىمىسۇن».—ماركۇس 10:9.
ناخشىلار: 36، 25
1، 2. ئىبرانىيلار 13:4-ئايەت بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
ھەممىمىز يەھۋا خۇداغا ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىمىز، سەۋەبى ئۇ شان-شەرەپكە لايىقتۇر. يەھۋامۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەنلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ (1-سامۇئىل 2:30؛ پەندى-نەسىھەت 3:9؛ ۋەھىيلەر 4:11). يەھۋا يەنە بىزنىڭ باشقا ئادەملەرنى، مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھۆرمەتلىشىمىزنى خالايدۇ (رىملىقلار 12:10؛ 13:7). ئەمما، ھۆرمەت بىلەن قارىشىمىز زۆرۈر يەنە ئالاھىدە بىر نەرسە بار. بۇ — نىكاھ رىشتىسى.
2 ئەلچى پاۋلۇس: «ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە داغ تەككۈزمىسۇن»،— دەپ يازغان (ئىبرانىيلار 13:4). پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى بۇيرۇق سۈپىتىدە ئېيتقان. شۇڭا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى نىكاھ رىشتىسىنى ھۆرمەتلىشى ياكى قەدىرلىشى زۆرۈر. سىزمۇ، بولۇپمۇ توي قىلغان بولسىڭىز، نىكاھقا شۇنداق قارامسىز؟
3. ئەيسا نىكاھ ھەققىدە قانداق مۇھىم نەسىھەت بەرگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
3 ئەگەر نىكاھقا ھۆرمەت بىلەن قارىسىڭىز، سىز ماختاشقا سازاۋەر. ئەيسامۇ نىكاھنى ھۆرمەتلىگەن ۋە بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. پەرىسىيلەر ئەيساغا ئاجرىشىش توغرۇلۇق سوئال قويغاندا، ئۇ خۇدانىڭ دەسلەپتە نىكاھ توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن: «شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». ئەيسا مۇنداق دەپ قوشقان: «خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىدا قوشقانلارنى، ئىنسان ئايرىمىسۇن».—ماركۇس 10:2—12-نى ئوقۇڭ؛ يارىتىلىش 2:24.
4. يەھۋانىڭ نىكاھقا باغلىق نىيىتى قانداق بولغان؟
4 خۇدا ئۆزى نىكاھنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە نىكاھ رىشتىسى مەڭگۈلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەيسا ئېتىراپ قىلغان. يەھۋا تۇنجى نىكاھنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئاجراشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئەكسىچە، ئۇنىڭ نىيىتى بويىچە، ئەر-ئايال مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر
5. ئۆلۈمنىڭ پەيدا بولۇشى نىكاھقا قانداق تەسىر قىلغان؟
5 بىلگىنىمىزدەك، ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغاندىن كېيىن، كۆپ نەرسىلەر ئۆزگەرگەن. مەسىلەن، ئادەملەر ئۆلىدىغان بولغان ۋە بۇ نىكاھقىمۇ تەسىر قىلغان. ئەلچى پاۋلۇس بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنڭ ئېرى ياكى ئايالى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قايتا نىكاھ قۇرۇش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.—رىملىقلار 7:1—3.
6. تەۋرات قانۇنىدا خۇدانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە نېمە ئېيتىلغان؟
6 تەۋرات قانۇنىدىن خۇدانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، قانۇن بويىچە بىر ئىسرائىل ئەر كىشى كۆپ ئاياللىق بولالىغان. بۇ ئۆرپ-ئادەت مۇسا قانۇنى بېرىلىشتىن بۇرۇنمۇ كەڭ تارقالغان. ئەمما، قانۇن ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان. ئەگەر ئەر كىشى بىر قۇل ئايالغا ئۆيلىنىپ، كېيىن ئىككىنچى ئايال ئالغان بولسا، ئۇ بىرىنچى ئايالىنى ئوزۇق-تۈلۈكتىن، كىيىم-كېچەكتىن ۋە جىنسىي ئالاقىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەھۋا ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى بۇرۇنقىدەك قوغدىشىنى ۋە ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىنى تەلەپ قىلغان (چىقىش 21:9، 10). بۈگۈنكى كۈندە، بىز تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشىمىساقمۇ، ئۇنىڭدىن يەھۋانىڭ نىكاھنى قەدىرلىگەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنداق قىلىپ، بىزمۇ نىكاھقا ھۆرمەت بىلەن قاراشنى ئۆگىنىمىز.
7، 8. (1) تەكرار قانۇن 24:1دە ئاجرىشىشقا باغلىق قانداق قانۇن يېزىلغان؟ (2) يەھۋا خۇدا ئاجرىشىشقا قانداق قارايدۇ؟
7 تەۋرات قانۇنىدا ئاجرىشىش توغرۇلۇق نېمە ئېيتىلغان؟ يەھۋا ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، قانۇن بويىچە بىر ئىسرائىل ئەر كىشى ئايالىنىڭ «نامۇۋاپىق ئىشىنى بايقاپ»، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشالىغان (تەكرار قانۇن 24:1-نى ئوقۇڭ). قانۇندا «نامۇۋاپىق ئىش» نېمە ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان. لېكىن، بۇ پەقەت ئەرزىمەسلا سەۋەب ئەمەس، ئەخلاقسىزلىق ياكى بەك ئېغىر قىلمىش بولۇشى شەرت ئىدى (تەكرار قانۇن 23:14). بەك ئەپسۇسكى، ئەيسانىڭ زامانىدا كۆپلىگەن يەھۇدىيلار ئايالى بىلەن «ھەرقانداق ئىشنى سەۋەب قىلىپ» ئاجراشقان (مەتتا 19:3). ئەلۋەتتە، بىز شۇنداق كۆز قاراشتىن نېرى تۇرۇشنى خالايمىز.
8 مالاكى پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا كۆپلىگەن ئىسرائىللىقلار بىرىنچى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان ياش ئاياللارغا ئۆيلەنگەن. بىراق، خۇدا ئاجرىشىشقا بولغان كۆز قارىشىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۇ: «مەن تالاق قىلىشنى ئۆچ كۆرىمەن»،— دەپ ئېيتقان (مالاكى 2:14—16). خۇدا ئەر كىشى «ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز خوتۇنى بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئۇلار بىر تەن بولىدۇ» دېگەندىن كېيىن، نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمىگەن (يارىتىلىش 2:24). ئەيسامۇ: «خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىدا قوشقانلارنى، ئىنسان ئايرىمىسۇن»،— دەپ نىكاھقا دەل ئاتىسىغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.—مەتتا 19:6.
ئاجرىشىش ئۈچۈن بىردىن-بىر سەۋەب
9. ئەيسانىڭ ماركۇس 10:11، 12-ئايەتلەردىكى سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
9 بەزى كىشىلەر: «مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق سەۋەب بىلەن ئاجرىشىپ، قايتىدىن نىكاھ قورالايدۇ؟»، دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئايالنى تالاق قىلىپ، باشقا ئايال بىلەن توي قىلسا، ئۇ زىنا قىلغان ۋە ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئايال ئېرىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگكەن بولسا، ئۇمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ» (ماركۇس 10:11، 12؛ لۇقا 16:18). ئەيسا نىكاھنى ھۆرمەتلىگەن ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى خالىغان. ئەگەر ئەر كىشى ۋاپادار ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، باشقىسىغا ئۆيلەنسە، ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. ئايال كىشىمۇ ۋاپادار ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ، قايتىدىن تۇرمۇشقا چىقسا، ئۇمۇ زىنا قىلىدۇ. چۈنكى، بىرى ئۆز جۈپتى بىلەن ئاجراشسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھ رىشتىسى ئۈزۈلدى دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلار تېخىغىچە «بىر تەن» بولۇپ قالىدۇ. ئەيسا ئېيتقاندەك، ئەر كىشى ۋاپادار ئايالى بىلەن ئاجراشسا، ئايالىمۇ زىنا قىلىش خەۋپى ئاستىدا بولىدۇ. ئەيسا بۇنىڭ بىلەن نېمە دېمەكچى بولغان؟ مەسىلەن، قەدىمدە ئايال كىشى ماددىي تەرەپتىن قىينالماسلىق ئۈچۈن قايتىدىن تۇرمۇشقا چىقىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ زىنا قىلىش بىلەن باراۋەر بولاتتى.
10. ئاجرىشىشنىڭ ۋە قايتىدىن نىكاھ قۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى نېمە؟
10 ئەيسا ئاجرىشىشنىڭ پەقەت بىرلا سەۋەبى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 19:9). ئەيسا شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىرنى تاغدىكى تەلىمىدە ئوتتۇرغا قويغان (مەتتا 5:31، 32). ھەر ئىككىلا پەيتتە، ئەيسا «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق» توغرۇلۇق ئېيتقان. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق — زىنانى، پاھىشۋازلىقنى، نىكاھتا بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى، ئوخشاش جىنىسلىق كىشىلەر ۋە ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۆيلەنگەن ئەر كىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسا، ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش-ئاجراشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاجرىشىشنى قارار قىلسا، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا نىكاھ رىشتىسى ئۈزۈلىدۇ.
11. جورىسى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسىمۇ، نېمە سەۋەبتىن بەزىلىرى ئاجراشماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن؟
11 ئەيسا بىر كىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسا، ۋاپادار جورىسى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشى كېرەك دەپ ئېيتمىغان. مەسىلەن، بەزىدە ئايال كىشى زىنا قىلغان يولدىشى بىلەن داۋاملىق ياشاشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. نېمە سەۋەبتىن؟ ئۇ ھەمراھىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇنى كەچۈرۈپ، نىكاھ رىشتىسىنى بىللە مۇستەھكەملەشكە تەييار بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا، ئۇ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ، قايتىدىن تۇرمۇشقا چىقمىسا، بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى ئېھتىمال. مەسىلەن، ئۇ ماددىي ۋە جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائەتلەندۈرىدۇ؟ ئۇ يالغۇزسىراپ قالمامدۇ؟ ئاجرىشىش بالىلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ بالىلارنى ھەقىقەتتە تەربىيىلەش قىيىن بولۇپ كەتمەمدۇ؟ (1-كورىنتلىقلار 7:14). ئېنىقكى، بىگۇناھ تەرەپ ئاجرىشىشنى قارار قىلسا، ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.
12، 13. (1) ھوشىيانىڭ نىكاھىسىدا نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ (2) ھوشىيا نېمە ئۈچۈن گومەرنى قايتا قوبۇل قىلغان ۋە بىز ئۇنىڭ نىكاھىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 ھوشىيا پەيغەمبەرنىڭ مىسالىدىن، خۇدانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى توغرۇلۇق كۆپ نەرسىنى بىلىشكە بولىدۇ. خۇدا ھوشىياغا «پاھىشە ئايالنى» ۋە «زىنادىن پەرزەنتلەرنى» تۇغۇپ بېرىدىغان گومەر ئىسىملىك ئايالغا قىزغا ئۆيلىنىشنى ئېيتقانىدى. ئۇلار نىكاھ قۇرغاندىن كېيىن، «ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى» (ھوشىيا 1:2، 3). كېيىنرەك، گومەر ئېھتىمال باشقا ئەر كىشىدىن بىر قىز ۋە بىر ئوغۇل تۇغقان. گومەر بىرنەچچە قېتىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسىمۇ، ھوشىيا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشمىغان. ئاخىرى، ئۇ ھوشىيانى تاشلاپ، قۇل بولۇپ قالغان. بىراق، ھوشىيا ئۇنى قايتۇرۇۋالغان (ھوشىيا 3:1، 2). يەھۋا ھوشىيانىڭ مىسالى ئارقىلىق باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىپ، ۋاپاسىزلىق قىلغان ئىسرائىل خەلقىنى كۆپ قېتىم كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئېلىشقا بولىدۇ؟
13 ئەگەر نىكاھلىق جورىسى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسا، بىگۇناھ تەرەپ مۇھىم قارار چىقىرىشى كېرەك. ئەيسا ئېيتقاندەك، بىگۇناھ تەرەپتە ئاجرىشىش ۋە قايتىدىن نىكاھ قۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما، ئۇ گۇناھ قىلغان جورىسىنى كەچۈرۈشنى قارار قىلسا، بۇ ناتوغرا بولمايدۇ. ھوشىيا گومەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن باشقا ئەر كىشىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ھوشىيا بىر مەزگىل ئايالىغا يېقىنلاشمىغان (ھوشىيا 3:3). ئەمما، كېيىنرەك ھوشىيا ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان. بۇ مىسال بىلەن يەھۋا خەلقىنى قايتا قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى (ھوشىيا 1:11؛ 3:3—5). بۇ مىسالدىن بۈگۈنكى كۈندە نىكاھ ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەگەر بىگۇناھ تەرەپ گۇناھ قىلغان جورىسى بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولسا، بۇ ئۇنى كەچۈرگەنلىكىنىڭ بەلگۈسى (1-كورىنتلىقلار 7:3، 5). بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاجرىشىشقا ھېچ ئاساس بولمايدۇ. كەچۈرگەندىن كېيىن، نىكاھقا خۇدانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قاراش ئۈچۈن ئەر-ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، نىكاھنى ھۆرمەتلەڭ
14. 1-كورىنتلىقلار 7:10، 11-ئايەتلەرگە ئاساسەن، نىكاھتا نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
14 ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى نىكاھقا، يەھۋا بىلەن ئەيساغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك. ئەمما، بىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، بەزىدە بۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز (رىملىقلار 7:18—23). شۇ سەۋەبتىن، بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتتە بەزى ئەر-ئاياللارنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. ئەلچى پاۋلۇس «ئايال ئۆز ئېرىدىن ئايرىلىپ كەتمىسۇن» دەپ يازسىمۇ، بەزىدە شۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن.—1-كورىنتلىقلار 7:10، 11-نى ئوقۇڭ.
15، 16. (1) قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئەر-ئايال نېمە قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (2) نىكاھلىق جورىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلمىسا، نىكاھتا قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا، بۇ نەسىھەتنى قانداق قوللىنىشقا بولىدۇ؟
15 پاۋلۇس شۇ ئەر-ئاياللارنىڭ ئايرىم ياشىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. بىراق، بىز مەسىلىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. چۈنكى، ئەگەر يولدىشى ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسا، ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشالايتتى ۋە قايتىدىن تۇرمۇشقا چىقالايتتى. لېكىن، بۇ ۋەزىيەتتە پاۋلۇس ئېرىدىن ئايرىلىپ ياشىغان ئايال كىشى توغرىسىدا: «ئۇ [ئايال] توي قىلماي يالغۇز ياشىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن»،— دېگەنىدى. سەۋەبى، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلار يەنىلا نىكاھتا باغلانغان ئەر-ئايال بولغان. پاۋلۇس ئېيتقاندەك، جورىسىنىڭ بىرى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسا، ئەر-ئايال نىكاھىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسمىسۇن، يارىشىۋېلىشى، يەنى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، بىرگە ياشاشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۇلار ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ. ئاقساقاللار ئەر ياكى ئايال تەرەپتە تۇرماي، يازمىلاردىن ئەمەلىي نەسىھەت بېرىدۇ.
16 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جورىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان بولسىچۇ؟ نىكاھىدا قىيىنچىلىقلار بولسا، ئۇلار ئايرىم ياشىسا بولامدۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى — ئەر ياكى ئايالنىڭ زىنا قىلىشىدۇر. ئەمما، يازمىلاردا ئايرىم ياشاشنىڭ سەۋەبلىرى كەلتۈرۈلمىگەن. پاۋلۇس: «بىر ئايالنىڭ ئېرى ئىمانداش بولمىسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن ياشاشنى خالىسا، ئۇ ئېرىدىن ئايرىلىپ كەتمىسۇن»،— دەپ يازغان (1-كورىنتلىقلار 7:12، 13). بۇ نەسىھەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
17، 18. بەزى ئېتىقادچىلار نېمە ئۈچۈن قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ جورىسى بىلەن قېلىشنى قارار قىلىدۇ؟
17 بەزىدە يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان ئەرنىڭ ئايالىغا تۇتقان مۇئامىلسىدىن بىرگە ياشاشقا كېلىشمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەر زوراۋانلىق قىلىپ، ئايالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۇ ئايالى بىلەن بالا-چاقىسىنى تەمىنلەشتىن باش تارتىشى ياكى ئايالىنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇ قىلىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتتە ئېرىنىڭ كۆز قارىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئايالى بەلكىم ئېرى ئۇنىڭ بىلەن ياشاشنى خالىمايدۇ، دەپ قاراپ ئېرىدىن ئايرىلىپ ياشاشىشى مۇمكىن. بىراق، دەل شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتتە، يەنە باشقا ئېتىقادچىلار نىكاھلىق جورىسى بىلەن قېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا چىداپ، نىكاھ رىشتىسىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
18 ئايرىلىپ ياشىغان ئەر-ئايال خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا يەنىلا «بىر تەن» بولۇپ قالىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇلار ئايرىلىپ ياشىسا، ھەر ئىككىسى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ رىشتىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنە بىر سەۋەبنى تىلغا ئالغان: «ئىمانداش بولمىغان ئەر ئۆز ئايالى ئارقىلىق مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئىمانداش بولمىغان ئايال ئېرى ئارقىلىق مۇقەددەس بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، لېكىن ئەمدى ئۇلار مۇقەددەستۇر» (1-كورىنت. 7:14). قىيىن ۋەزىيەت بولسىمۇ، بەزى ئېتىقادچىلار يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان نىكاھلىق جورىسى بىلەن قېلىشنى قارار قىلىدۇ. كېيىنرەك، نىكاھلىق جورىسى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلار شۇنداق قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولىدۇ.—1-كورىنتلىقلار 7:16-نى ئوقۇڭ؛ 1-پېترۇس 3:1، 2.
19. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىدە، بەختلىك ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئەر-ئاياللار نېمە ئۈچۈن كۆپ؟
19 ئەيسا ئاجرىشىش توغرىسىدا ۋە پاۋلۇس ئايرىلىپ ياشاش توغرىسىدا نەسىھەت بەرگەن. ھەر ئىككىلىسى نىكاھنى ھۆرمەتلىگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائەتلىرىدە، نىكاھى بەختلىك بولۇپ، خۇشال ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئەر-ئايال كۆپ. بەلكىم، سىزنىڭمۇ جامائىتىڭىزدە ئايالىنى سۆيىدىغان سادىق ئەرلەر ۋە ئېرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغان ئاياللار بار. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى نىكاھنى ھۆرمەتلەشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ: «ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالى بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ يۈرگەن مىليونلىغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن بىزمۇ خۇشال بولىمىز!—ئەفەسلىكلەر 5:31، 33.