مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ياشلار،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر

ياشلار،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر

‏«سە‌ن كۆرسىتىپ بېرىسە‌ن ھاياتلىق يولىنى ماڭا».‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏11‏.‏

ناخشىلار:‏ 41،‏ 6

1،‏ 2.‏ تونىنىڭ مىسالىدىن ھاياتنى ئۆزگە‌رتىشكە مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكى قانداق كۆرۈنىدۇ؟‏

 تونى دادىسىز چوڭ بولغانىدى.‏ چوڭ سىنىپتا ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۇ ئوقۇ‌شقا قىزىقمىغان.‏ ئۇ ھە‌تتا ئوقۇ‌شنى تاشلىماقچى بولغان.‏ دە‌م ئېلىش كۈنلىرى تونى كىنوغا بارغان ياكى دوستلىرى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ زوراۋان بولمىغان ۋە نە‌شە چە‌كمىگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق مە‌قسىتى بولمىغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ بىر كۈنى تونى ئىككى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنى ئۇ‌چرىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئۆزىنىڭ گۇ‌مانى ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار تونىغا،‏ «مە‌ۋجۇ‌دات ئۆزىدىن-‏ئۆزى پە‌يدا بولدىمۇ؟‏» ۋە «مە‌ۋجۇ‌داتنىڭ مە‌نبە‌سى —‏ بە‌ش مۇ‌ھىم سوئال» (‏ئىنگىلىزچە)‏ ناملىق كىتابچىلارنى بە‌رگە‌ن.‏

2 تونى گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن ئىككىنچى قېتىم ئۇ‌چراشقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرى تۈپ يىلتىزى بىلە‌ن ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ ئۇ كىتابچىلارنى كۆپ قېتىم ئوقۇ‌غانكى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ ۋاراقلىرى قاتلىشىپ پۇ‌رلىشپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ گۇ‌ۋاھچىلارغا:‏ «خۇ‌دا بار ئىكە‌ن!‏»—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلاپ،‏ ئاستا-‏ئاستا ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشكە باشلىغان.‏ تونى مە‌كتە‌پتە ناچار ئوقاتتى،‏ لېكىن كېيىن ئە‌ڭ ياخشى ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇ‌لغان.‏ مە‌كتە‌پنىڭ مۇ‌دىرى ھە‌يران قالغان.‏ ئۇ تونىغا:‏ «كۆز قاراشلىرىڭ ئۆزگىرىپ كە‌تتى،‏ ئوقۇ‌ش نە‌تىجىلىرىڭمۇ ياخشىلاندى.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن ئارىلاشقانلىقىڭمۇ؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏ تونى «ھە‌ئە» دە‌پ،‏ مۇ‌دىر بىلە‌ن ئۆگە‌نلىرىنى ئورتاقلىشىپ گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن.‏ تونى مە‌كتە‌پنى پۈتۈرۈپ،‏ ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ كۆيۈمچان ئاتىسى يە‌ھۋانى تاپقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇ‌شال!‏—‏زە‌بۇ‌ر 68:‏5‏.‏

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىڭ

3.‏ يە‌ھۋا ياشلارغا قانداق نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ؟‏

3 تونىنىڭ مىسالى،‏ يە‌ھۋا ياشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دا سىزنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىپ،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزگە «ياش ۋاقتىڭدا ئۇ‌لۇ‌غ ياراتقۇ‌چىڭنى يادىڭدا چىڭ تۇ‌تقىن» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تنى بېرىدۇ (‏ۋە‌ز 12:‏1‏)‏.‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س،‏ بىراق مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن سىز ياش چېغىڭىزدىمۇ ۋە چوڭ بولغاندىمۇ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىز.‏ بۇ‌نى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئىسرائىللارنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننى ئىگە‌للىشىگە ۋە داۋۇ‌تنىڭ يوغان جە‌ڭچى جولياتنى يېڭىۋېلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

4،‏ 5.‏ ئىسرائىللارنىڭ قانانلىقلارنى ۋە داۋۇ‌تنىڭ جولياتنى يېڭىۋالغانلىقىدىن قانداق مۇ‌ھىم ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏

4 ئىسرائىل خە‌لقى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننىڭ بوسۇ‌غىسىدا تۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق يول-‏يورۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لارغا جە‌ڭ قىلىشنى ئۆگىنىپ،‏ ياخشى جە‌ڭچلە‌ر بولۇ‌شنى ئېيتتىمۇ؟‏ ياق.‏ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 28:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنى ۋە تايىنىشنىلا تە‌لە‌پ قىلغان (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏7—‏9‏)‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌ت ئىنسانلارغا بىر ئە‌قىلسىزلىقتە‌ك كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ئىسرائىللار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى نە‌سىھە‌ت بولغان.‏ يە‌ھۋا قايتا-‏قايتا ئۆز خە‌لقىنىڭ قانانلىقلارنى يېڭىۋېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏11—‏13‏)‏.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن ئېتىقاد كېرە‌ك،‏ شۇ‌نداق ئېتىقاد دائىم مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ بۇ —‏ ۋاقىت ئۆتسىمۇ ئۆزگە‌رمە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت.‏ ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ كۈچكە ئىگە.‏

5 جوليات كۈچلۈك بىر جە‌ڭچى بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ بويى تە‌خمىنە‌ن ئۈچ مېترچە بولۇ‌پ،‏ ئۇ خە‌تە‌رلىك قوراللار بىلە‌ن جە‌ڭگە تە‌ييارلانغانىدى (‏1-‏سامۇ‌ئىل 17:‏4—‏7‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ داۋۇ‌تتا بولسا،‏ پە‌قە‌ت ئىككى نە‌رسە —‏ تاش ئاتىدىغان سالغا بىلە‌ن يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقاد بار ئىدى.‏ ئېتىقادى يوق ئادە‌م داۋۇ‌تنى ئە‌قىلسىز دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئە‌قىلسىز بولغىنى جوليات ئىدى.‏—‏1-‏سامۇ‌ئىل 17:‏48—‏51‏.‏

6.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

6 ئىلگىرىكى ماقالىدە،‏ بىزنى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قىلىدىغان ۋە ھاياتىمىزنى مە‌نىلىك قىلىدىغان تۆت نە‌رسىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار:‏ روھىي ئېھتىياجىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش،‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ۋە خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىكنى قە‌دىرلە‌ش.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بۇ‌لارنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يە‌نە نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن زە‌بۇ‌رنىڭ 16-‏بابىدىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارغا دىققە‌ت قىلايلى.‏

روھىي ئېھتىياجىڭىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈڭ

7.‏ (‏1)‏ روھىي ئادە‌منى قانداق تە‌سۋىرلە‌يسىز؟‏ (‏2)‏ داۋۇ‌تنىڭ نېسىۋىسى نېمە بولغان ۋە ئۇ ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

7 روھىي ئادە‌م خۇ‌داغا ئىشىنىدۇ ۋە ھە‌ممىگە خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن قاراشقا تىرىشىدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشاشقا بە‌ل باغلىغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 2:‏12،‏ 13‏)‏.‏ بۇ تە‌رە‌پتىن داۋۇ‌ت ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ :‏ ‏«پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزى مېنىڭ نېسىۋە‌م»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏5‏)‏.‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋىتىنى «نېسىۋە‌م» دە‌پ ئاتاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغان ۋە خۇ‌دانى باشپاناھ قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏1‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ «قە‌لبىم شاد-‏خۇ‌رام،‏ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دۇ‌م شادلىققا تولغان» دە‌پ ئېيتالىغان.‏ داۋۇ‌تنى ئە‌ڭ شاد-‏خۇ‌رام قىلغان نە‌رسە —‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقى ئىدى‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏9،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

8.‏ قانداق نە‌رسىلە‌ر ھە‌قىقىي مە‌نلىك ھايات كە‌چۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 باي بولۇ‌شنى نىيە‌ت قىلغان ياكى ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌ت قوغلاشقان ئادە‌ملە‌ر داۋۇ‌ت ئېرىشكە‌ندە‌ك شاد-‏خۇ‌راملىققا ھە‌رگىزمۇ ئېرىشە‌لمە‌يدۇ (‏1-‏تىموتىي 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ كانادادا ياشايدىغان بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌قىقىي قانائە‌ت ئېرىشكە‌ن نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ر بىر ياخشى ھە‌دىيىنى ئاتا قىلىدىغان خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ن نە‌رسىلىرىمىزگە باغلىق» (‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتسىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلسىڭىز،‏ ھاياتىڭىز ھە‌قىقە‌تە‌ن مە‌نىلىك ئۆتىدۇ.‏ ئېتىقادىڭىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يسىز؟‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌شىڭىز،‏ خۇ‌دا ياراتقان نە‌رسىلە‌رنى دىققە‌ت بىلە‌ن كۆزىتىشىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ۋە سىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏—‏رىملىقلار 1:‏20؛‏ 5:‏8‏.‏

9.‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا قانداق يول بېرە‌لە‌يمىز؟‏

9 بە‌زىدە خۇ‌دا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش بىزنى تۈزىتىش ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ.‏ داۋۇ‌ت تۈزىتىش ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈپ:‏ «ماڭا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمە‌ن.‏ ھە‌تتا كېچىدە تۈزىتە‌ر مېنى قە‌لبىمدىكى ئوي-‏پىكىرلىرىم»،‏ —‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏7‏)‏.‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ئۇ‌نىڭغا تە‌سىر قىلىشىغا،‏ يە‌نى ياخشى ئادە‌م بولۇ‌شىغا ۋە ئۆزگىرىشىگە يول بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئارزۇ‌يىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ئادە‌م بولالايسىز.‏ كرىستىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شە‌خسىي ئۆگىنىشتە ئوقۇ‌غانلىرىم ھە‌ققىدە ئويلىغىنىمدا،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى مە‌ن ئۈچۈن يېزىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلىمە‌ن!‏»‏

10.‏ يە‌شايا 26:‏3-‏ئايە‌تتىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 روھىي ئادە‌م بولسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيا ۋە ئۇ‌نىڭ كېلە‌چىكىگە قارايسىز.‏ يە‌ھۋا سىزگە ئالاھىدە بىلىم ۋە دانالىق بېرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ سىزنىڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىڭىزنى،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزنى ۋە كېلە‌چە‌ككە ئىشە‌نچ بىلە‌ن قارىشىڭىزنى خالايدۇ ‏(‏يە‌شايا 26:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئامېرىكىدا ياشايدىغان يە‌شۇ‌ئا ئىسىملىك ياش قېرىنداش مۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن:‏ بىر كىشى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولسا،‏ نېمىنىڭ مۇ‌ھىم،‏ نېمىنىڭ مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.‏

ياخشى دوستلارنى تاللاڭ

11.‏ داۋۇ‌ت دوستلارنى تاللىغاندا،‏ نېمىگە دىققە‌ت قىلغان؟‏

11 زە‌بۇ‌ر 16:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ داۋۇ‌ت ياخشى دوستلارنى قانداق تېپىشنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست بولغان ۋە بۇ ئۇ‌نىڭغا كۆپ خۇ‌شاللىق ئاتا قىلغانىدى.‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌لارنى «مۇ‌قە‌ددە‌س بە‌ندىلە‌ر» دە‌پ ئاتىغان،‏ چۈنكى ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏ يە‌نە بىر زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى دوستلارنى تاللاش ھە‌ققىدە داۋۇ‌تقا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «مە‌ن بارچە سە‌ندىن ئە‌يمىنىپ قورقىدىغانلار ۋە بۇ‌يرۇ‌قلىرىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىدىغانلارنىڭ دوستىمە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏63)‏.‏ ئاۋۋالقى ماقالىدە ئوقۇ‌غىنىمىزدە‌ك،‏ سىزمۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌ندىغان دوستلارنى تاپالايسىز.‏ دوستلارنىڭ يېشى ئوخشاش ياشتا بولۇ‌شى شە‌رت ئە‌مە‌س.‏

12.‏ داۋۇ‌ت بىلە‌ن يوناتان نېمە ئۈچۈن ياخشى دوستلار بولالىغان؟‏

12 داۋۇ‌ت پە‌قە‌ت تە‌ڭتۇ‌شلىرى بىلە‌ن دوست بولمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا كىملە‌ر بولغانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ يوناتان ئېسىڭىزغا كېلىدىغاندۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ئە‌ڭ يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌رنىڭ بىرى داۋۇ‌ت بىلە‌ن يوناتاننىڭ دوستلۇ‌قى بولغان.‏ لېكىن،‏ سىز يوناتان داۋۇ‌تتىن تە‌خمىنە‌ن 30 ياش چوڭ ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌نمۇ؟‏ ئۇ‌لار نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ياخشى دوست بولغان؟‏ ئۇ‌لارنىڭ دوستلۇ‌قى خۇ‌داغا بولغان ئېتىقاد ۋە بىر-‏بىرىگە بولغان ھۆرمە‌تكە ئاساسلانغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى بىلە‌ن جە‌ڭ قىلغاندا كۆرسە‌تكە‌ن باتۇ‌رلۇ‌قى ۋە بىر-‏بىرىنىڭ باشقا ياخشى سۈپە‌تلىرىنى ھە‌م قە‌دىرلىگە‌ن.‏—‏1-‏سامۇ‌ئىل 13:‏3؛‏ 14:‏13؛‏ 17:‏48—‏50؛‏ 18:‏1‏.‏

13.‏ كۆپرە‌ك دوستلارنى قانداق قىلىپ تاپالايسىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

13 يە‌ھۋاغا ئىشىنىدىغان ۋە ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ،‏ بىزمۇ داۋۇ‌ت بىلە‌ن يوناتانغا ئوخشاش خۇ‌شال بولالايمىز.‏ خۇ‌داغا كۆپ يىللاردىن بېرى خىزمە‌ت قىلىدىغان كىئېرا:‏ «مە‌ن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا تۇ‌رىدىغان،‏ كېلىپ چىقىشى ۋە مە‌دە‌نىيىتى ھە‌رخىل ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست»،‏ دە‌يدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق دوست بولسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزنى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ئېتىقادچىلار بىلە‌ن بىر ئائىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرىسىز.‏

ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

14.‏ (‏1)‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بە‌زى ياشلار مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

14 زە‌بۇ‌ر 16:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ داۋۇ‌ت خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىدا ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ مە‌قسە‌ت قويۇ‌شتا داۋۇ‌تتىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى يادىڭىزدا تۇ‌تسىڭىز،‏ مە‌نلىك ھايات كە‌چۈرۈسىز.‏ ستىۋېن ئىسىملىك ئە‌ر قېرىنداش مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌قسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قول يە‌تكۈزگە‌ندە ۋە ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رگە‌نلىكىمنى كۆرگە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىمە‌ن».‏ ھازىر باشقا دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان گېرمانىيىلىك ياش قېرىنداش بولسا:‏ «قېرىغىنىمدا مە‌ن ھاياتىمغا قاراپ،‏ پە‌قە‌ت ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىغانلىقىمنى كۆرۈشنى خالىمايمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ سىز ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لامسىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قابىلىيە‌تلىرىڭىز بىلە‌ن تالانتلىرىڭىزنى خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش ۋە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ (‏گالاتىيالىقلار 6:‏10‏)‏.‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئۇ دۇ‌ئايىڭىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى سۆزسىز.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏22؛‏ 5:‏14،‏ 15‏.‏

15.‏ قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏«‏ قانداق ياخشى مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا بولىدۇ؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

15 قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىز بولىدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يىغىلىشلاردا ئۆز سۆزىڭىز بىلە‌ن جاۋاب بېرىش،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ياكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش ئۈچۈن باشقا تىلنى ئۆگە‌نسىڭىز بولىدۇ.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىدىغان باراك ئىسىملىك يىگىت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە تۇ‌رۇ‌پ،‏ بار كۈچۈمنى يە‌ھۋاغا بېرىۋاتقانلىقىمنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ قە‌لبىمدە ئالاھىدە شاد-‏خۇ‌راملىق پە‌يدا بولىدۇ.‏ باشقا ھېچقانداق ئىشتىن شۇ‌نداق خۇ‌شاللىق تاپالمايمە‌ن».‏

خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىكنى قە‌دىرلە‌ڭ

16.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌ن-‏پرىنسىپلىرىغا قانداق كۆز قاراشتا بولغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

16 زە‌بۇ‌ر 16:‏2،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئالدىنقى ماقالىدىن ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌ن-‏پرىنسىپلىرىغا ماس ياشىساق،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىمىز.‏ بىز ياخشىلىقنى سۆيۈشنى ۋە يامانلىقتىن نە‌پرە‌تلىنىشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق (‏ئاموس 5:‏15‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌نىڭدا بار ياخشى نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ھە‌رقاچان ياخشىلىق قىلىدۇ.‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دادىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ۋە يە‌ھۋا ياخشى كۆرگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۆچ كۆرگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۇ‌مۇ ئۆچ كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى —‏ بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلىش.‏ بۇ‌تلارغا ئىبادە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئۆز ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىنى يە‌رگە ئۇ‌رغان ۋە يە‌ھۋاغا تە‌ئە‌للۇ‌ق شان-‏شە‌رە‌پنى باشقا بىرسىگە ياكى بىرە‌ر نە‌رسىگە بېرىۋە‌تكە‌نگە ئوخشاش بولىدۇ.‏—‏يە‌شايا 2:‏8،‏ 9؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏.‏

17،‏ 18.‏ (‏1)‏ داۋۇ‌ت ساختا ئىبادە‌تنىڭ ئاقىۋىتى ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بۈگۈنكى كۈندە نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئادە‌ملە‌رنىڭ «دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرى كۆپىيىپ كېتە‌ر؟‏»‏

17 قە‌دىمقى زاماندا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ساختا دىننىڭ بىر قىسىمى بولغان (‏ھوشىيا 4:‏13،‏ 14‏)‏.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ساختا دىنلارنى ياخشى كۆرگە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ‌لار جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالغانىدى.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئىبادە‌ت ئۇ‌لار بە‌ختكە ئېرىشتۈرە‌لىگە‌نمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ داۋۇ‌ت ساختا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلغانلار توغرىسىدا «دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرى كۆپىيىپ كېتە‌ر» دېگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لار شۇ ئىلاھلارغا ھە‌تتا بالىلىرىنى قۇ‌ربانلىق قىلغان!‏ (‏يە‌شايا 57:‏5‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ رە‌ھىمسىزلىكىدىن نە‌پرە‌تلە‌نگە‌ن (‏يە‌رە‌مىيا 7:‏31‏)‏.‏ سىز شۇ ۋاقىتتا ياشىغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغان ئاتا-‏ئانىڭىزغا قانچىلىك مىننە‌تدار بولاتتىڭىز!‏

18 بۈگۈنكى كۈندە،‏ كۆپ دىنلار جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنى،‏ شۇ جۈملىدىن ئوخشاش جىنىسلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى،‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك نە‌رسە دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرىدىغان كىشىلە‌ر ئۆزىنى ئە‌ركىن ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لىيە‌تتە «دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرى كۆپىيىپ كېتە‌ر» (‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏18،‏ 19‏)‏.‏ سىز بۇ‌نىڭ بىلە‌ن كېلىشە‌مسىز؟‏ ئە‌زىز ياشلار،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا قۇ‌لاق سېلىڭلار.‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىش ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭلار.‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتى بە‌ك ئېغىر ئىكە‌نلىكىنى ۋە قىسقىغىنە ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنىڭ كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئە‌كېلىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭلار (‏گالاتىيالىقلار 6:‏8‏)‏.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان يە‌شۇ‌ئا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىزنىڭ تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىز بار.‏ بىراق،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزدىن ناتوغرا پايدىلىنىش ھە‌رگىز قانائە‌تكە ئېرىشتۈرە‌لمە‌يدۇ».‏

19،‏ 20.‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىدىغان ياشلار قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ؟‏

19 ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر تە‌لىمىم بويىچە ئىش كۆرسە‌ڭلار،‏ مېنىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلە‌ر.‏ سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ يېتىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئازاد قىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 8:‏31،‏ 32‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا مىڭ شۈكۈر،‏ ئۇ بىزنى يالغان دىندىن،‏ روھىي قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن ۋە خۇ‌راپاتلىقلاردىن ئازاد قىلغان.‏ كېلە‌چە‌كتە بولسا،‏ بىز «خۇ‌دا پە‌رزە‌نتلىرى ئىگە بولىدىغان شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولىمىز» (‏رىملىقلار 8:‏21‏)‏.‏ مە‌سىھنىڭ سۆزلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلسىڭىز،‏ سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئە‌ركىنلىكتىن قانائە‌ت تاپالايسىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ سىز ‹ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ يېتسىز›!‏ بۇ دېگىنىمىز پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌تنى بىلىپ قويۇ‌شنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭغا ماس ياشاشنى بىلدۈرىدۇ.‏

20 ياشلار،‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىكنى قە‌دىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىڭلار.‏ شۇ چاغدا گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ككە يېتە‌كلە‌يدىغان قارارلارنى چىقىرالايسىلە‌ر.‏ بىر ياش قېرىنداش مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ياش چېغىڭىزدا ئە‌ركىنلىكىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقارغاندا،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌ۋاپىق خىزمە‌ت تېپىش ۋە توي قىلىش ياكى يالغۇ‌ز ئۆتۈش ھە‌ققىدە ئويلىغاندا ياردە‌م بېرىدۇ».‏

21.‏ «ھە‌قىقىي ھاياتقا» قانداق ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

21 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ دۇ‌نيادا ھايات كە‌چۈرۈش بە‌كمۇ ياخشى بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌زاققا سوزۇ‌لمايدۇ.‏ ئە‌تە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېچبىر ئىنسان بىلمە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏13،‏ 14‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ «ھە‌قىقىي ھاياتقا»،‏ يە‌نى مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا قارارلارنى چىقىڭ (‏1-‏تىموتىي 6:‏19‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھېچكىمنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ.‏ بۇ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ قارارى.‏ يە‌ھۋانىڭ «نېسىۋە‌م» بولۇ‌شىنى خالايمە‌ن دېسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا كۈندىن-‏كۈنگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ ۋە ئۇ بېرىۋاتقان بە‌رىكە‌تلە‌رنى قە‌دىرلە‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏5‏)‏.‏ يە‌ھۋا سىزگە زور خۇ‌شاللىق ۋە مە‌ڭگۈلۈك شاد-‏خۇ‌راملىقنى سوۋغا قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن!‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏11‏.‏