مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ياشلار،‏ ياراتقۇ‌چىڭلار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شۇ‌ڭلارنى خالايدۇ!‏

ياشلار،‏ ياراتقۇ‌چىڭلار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شۇ‌ڭلارنى خالايدۇ!‏

‏«ئۇ ئېسىل نىممە‌تلىرى بىلە‌ن سېنى ئۆمۈر بويى قانائە‌ت تاپقۇ‌زار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏5‏.‏

ناخشىلار:‏ 11،‏ 4

1،‏ 2.‏ كېلە‌چە‌ككە باغلىق قارار قوبۇ‌ل قىلغاندا ياراتقۇ‌چىڭىزنى تىڭشاش نېمە ئۈچۈن دانالىقتۇ‌ر؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏

 ياش بولسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌ك توغرىسىدا كۆپ مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئاڭلايدىغانسىز.‏ مۇ‌ئە‌للىملە‌ر،‏ تۇ‌غقانلار ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر كۆپ پۇ‌ل تېپىشىڭىز ئۈچۈن ئالىي بىلىم يۇ‌رتلىرىدا بىلىم ئېلىشىڭىز كېرە‌ك دە‌پ ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا سىزنى تامامە‌ن باشقا يولنى تاللاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ سىزنىڭ كېلە‌چە‌كتە جان بېقىپ،‏ ئۆزىڭىزنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ (‏كولوسىلىقلار 3:‏23‏)‏.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا سىزنىڭ ياش چېغىڭىزدا كېلە‌چىكىڭىزگە تە‌سىر قىلىدىغان مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقىرىشىڭىز كېرە‌كلىكىنىمۇ چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ سىزگە يول-‏يورۇ‌ق كۆرسىتىدىغان پرىنسىپلارنى بېرىدۇ ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىپ ياشىشىڭىزغا ياردە‌ملىشىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

2 يادىڭىزدا بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ (‏يە‌شايا 46:‏10؛‏ مە‌تتا 24:‏3،‏ 36‏)‏.‏ يە‌ھۋا سىزنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.‏ سىزنى نېمە خۇ‌شال قىلىپ،‏ نېمە خاپا قىلىدىغانلىقى ئۇ‌نىڭغا مە‌لۇ‌م.‏ ئىنسانلارنىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ياخشى بولۇ‌پ كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىسا،‏ شۇ‌لارنى دانا مە‌سلىھە‌تلە‌ر دە‌پ ئېيتىش قىيىن.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏21‏.‏

دانالىقنىڭ بىردىنبىر مە‌نبە‌سى —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا

3،‏ 4.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنىڭ يامان مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏

3 يامان مە‌سلىھە‌تلە‌ر قە‌دىمدىن تارتىپ يىلتىز تارتىپ كۆكلىگە‌ن.‏ ئىنسانلارغا ئە‌ڭ بىرىنچى يامان مە‌سلىھە‌تنى شە‌يتان بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا ھايات يولىنى ئۆزلىرى تاللىسا،‏ بە‌ختلىكىرە‌ك بولىدۇ دە‌پ ئېيتقان (‏يارىتىلىش 3:‏1—‏6‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ شە‌يتان پە‌قە‌ت ئۆزىنىلا ئويلىغان!‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ھە‌م ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلاتلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىنى خالىغان.‏ ئە‌مما،‏ شە‌يتان ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلچىمۇ ياخشىلىق قىلمىغان.‏ ئە‌سلىدە،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌ممە نە‌رسىنى يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىغا رە‌پىقە،‏ ھاۋا-‏ئانىغا ھە‌مراھ ۋە ھە‌ر ئىككىسىگە بىر-‏بىرىنى سۆيۈش قابىلىيىتىنى سوۋغات قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا چىرايلىق باغ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌ن ۋە مە‌ڭگۈ ياشاش ئىمكانىيىتىنى ھە‌دىيە قىلغان.‏

4 بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلماي،‏ ھايات بە‌رگۈچى خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى ئۈزگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنارلىق بولغان.‏ ئۈزۈلگە‌ن گۈلگە ئوخشاش،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئاستا-‏ئاستا قېرىپ،‏ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھى تۈپە‌يلىدىن ئە‌ۋلاتلىرى،‏ شۇ جۈملىدىن بىزمۇ،‏ ئازاب چېكىۋاتىمىز (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالماي،‏ ئۆز دېگىنىنى قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 2:‏1—‏3‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا قارشى چىققان ئادە‌مدە «ھېچقانداق دانالىق» يوقتۇ‌ر.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏30‏.‏

5.‏ خۇ‌دا بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئىشە‌نگە‌ن؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌ت نېمىنى ئىسپاتلىدى؟‏

5 يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئە‌ۋلاتلىرى ئارىسىدىن،‏ ياشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ چىقىپ،‏ ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏17،‏ 18؛‏ 110:‏3‏)‏.‏ ياشلار يە‌ھۋا ئۈچۈن ئالتۇ‌ندە‌ك قىممە‌ت!‏ سىز ئۇ‌لارنىڭ بىرى بولسىڭىز،‏ خۇ‌دا بېرىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ردىن خۇ‌شاللىق تېپىپ،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىڭىز سۆزسىز ‏(‏زە‌بۇ‌ر 103:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏22‏)‏.‏ بىز بۇ بە‌رىكە‌تلە‌رنىڭ تۆتىنى كۆرۈپ چىقىمىز:‏ روھىي ئوزۇ‌ق،‏ ياخشى دوستلار،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌ر ۋە ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىك.‏

روھىي ئوزۇ‌ق

6.‏ نېمە ئۈچۈن بىز روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشىمىز كېرە‌ك ۋە يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 بىز روھىي ئوزۇ‌ققا مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س ھايۋاناتلاردىن پە‌رق قىلىمىز —‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىز ھە‌ققىدە بىلىشكە مۇ‌ھتاج (‏مە‌تتا 4:‏4‏)‏.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ بىز زېرە‌كلىك،‏ دانالىق ۋە شاد-‏خۇ‌راملىققا ئىگە بولىمىز.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بە‌رگە‌ن ۋە ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئارقىلىق روھىي ئوزۇ‌ق بە‌رمە‌كتە (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ ماتېرىياللىرىمىزنى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق دە‌پ ئاتىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئۇ‌لار ئېتىقادىمىزنى ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ بىز مول روھىي ئوزۇ‌قتىن بە‌ھرىلىنىمىز.‏—‏يە‌شايا 65:‏13،‏ 14‏.‏

7.‏ خۇ‌دا بېرىۋاتقان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق ئارقىلىق سىز دانالىق ۋە پە‌م-‏پاراسە‌تكە ئېرىشىسىز ۋە ئۇ‌لار سىزنى كۆپ ۋە‌زىيە‌تتە قوغدايدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10—‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانالىق ۋە پە‌م-‏پاراسە‌ت سىزگە ساختا تە‌لىملە‌رگە،‏ جۈملىدىن ياراتقۇ‌چى يوق،‏ دېگە‌ن يالغان پىكىرگە،‏ ئىشە‌نمە‌سلىككە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بۇ سۈپە‌تلە‌ر سىزنى پۇ‌ل-‏مال،‏ بايلىق بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ،‏ دېگە‌ن يالغانچىلىقتىن ھىمايە قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار سىزگە زىيان كە‌لتۈرىدىغان ھە‌ۋە‌سلە‌ر بىلە‌ن ئادە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا كۈچ بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ دانالىق ۋە پە‌م-‏پاراسە‌تكە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلە‌ن تىرىشىڭ.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋانىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئە‌ڭ ياخشىسىنى سىزگە بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏8؛‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏.‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن ھازىر خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىڭىز كېرە‌ك ۋە بۇ سىزگە كېلە‌چە‌كتە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8 پات-‏ئارىدا شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى دۇ‌نيا پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىنىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قوغداپ،‏ بىزگە كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە يە‌يدىغان نېنىمىزنى،‏ بېرىدۇ (‏ھاباققۇ‌ق 3:‏2،‏ 12—‏19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىر خۇ‌داغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىڭىز كېرە‌ك (‏2-‏پېترۇ‌س 2:‏9‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كېلىشىڭىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش:‏ «مە‌ن ھە‌مىشە يە‌ھۋانى يادىمدا تۇ‌تىمە‌ن.‏ ئۇ ئوڭ يېنىمدا تۇ‌رغاچ،‏ ئە‌سلا تە‌ۋرە‌نمە‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏8‏.‏

ئە‌ڭ ياخشى دوستلار

9.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 6:‏44-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا نېمە قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانى بىلمە‌يدىغانلار ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش ئوتتۇ‌رىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏

9 يە‌ھۋانى بىلمە‌يدىغان بىرى بىلە‌ن تونۇ‌شتىڭىز دە‌يلى.‏ سىز ئۇ كىشى ھە‌ققىدە نېمە بىلىسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ سىزگە ئۇ‌نىڭ ئىسىمى مە‌لۇ‌م ۋە سىز ئۇ‌نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى تە‌سۋىرلىيە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىدىغان كىشىنى ئۇ‌چراتقىنىڭىزدا،‏ ئە‌ھۋال تامامە‌ن باشقىچە بولىدۇ.‏ سىز بۇ كىشىنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ قە‌لبىدە ياخشى بىر پە‌زىلە‌تنى كۆرۈپ،‏ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شقا جە‌لپ قىلغانلىقىنى بىلىسىز ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏44-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مە‌دە‌نىيىتى مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ سىز ئۇ ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلىسىز.‏ ئۇ‌نىڭغىمۇ سىز توغرىسىدا كۆپ نە‌رسە مە‌لۇ‌م!‏

يە‌ھۋا سىزنىڭ سادىق دوستلارغا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى نىشان قىلىشىڭىزنى خالايدۇ (‏9—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدە قانداق ئورتاق نە‌رسە بار ۋە بۇ سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

10 سىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بىلە‌ن تونۇ‌شقاندا،‏ ئاراڭلاردا ئورتاق نە‌رسىلە‌ر كۆپ ئىكە‌نلىكىنى بىلىسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئانا تىلىڭىز پە‌رق قىلىسمۇ،‏ ئىككىڭلار ئارىسىدا ئورتاق بىر تىل بار،‏ يە‌نى ھە‌قىقە‌تنىڭ ‹ساپ بىر تىلدا› سۆزلە‌يسىلە‌ر (‏سە‌فانىيا 3:‏9)‏.‏ دېمە‌ك،‏ سىز ھە‌م شۇ كىشى خۇ‌داغا ئىشىنىپ،‏ ئوخشاش ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر بويىچە ياشايسىلە‌ر ھە‌م كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىڭلارمۇ بىر.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا ئىشىنىشكە ۋە مە‌ڭگۈ ئۈزۈلمە‌يدىغان دوستلۇ‌ق رىشتىلىرىنى باغلاشقا ئاساس بار.‏

11 يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلسىڭىز،‏ سىز سۆزسىز دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ياشايدىغان ئە‌ڭ ياخشى دوستلارنى تاپالايسىز.‏ سىز ئۇ‌لارنى تېخى تونۇ‌مىسىڭىزمۇ،‏ ياخشى دوستلىرىڭىز بار ئىكە‌نلىكىنى بىلىسىز!‏ شۇ‌نداق ئاجايىپ بە‌رىكە‌ت بىزدىن باشقا كىمدە بار؟‏

ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌ر

12.‏ قانداق ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا بولىدۇ؟‏

12 ۋە‌ز 11:‏9—‏12:‏1نى ئوقۇ‌ڭ.‏ سىزنىڭ قانداق مە‌قسە‌تلىرىڭىز بار؟‏ بە‌لكىم،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌شقا ياكى جامائە‌تتە ياخشى جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويغانسىز.‏ ياكى بولمىسا،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۈنۈملۈكرە‌ك پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتقانسىز.‏ ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رگە‌نلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز ياكى بۇ‌نى باشقىلار بايقىسا،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىسىز!‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ سىز ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11‏.‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشنى مە‌قسە‌ت قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغان ياخشى؟‏

13 يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولسا،‏ سىز خۇ‌شاللىق تېپىپ،‏ مە‌نلىك ھايات كە‌چۈرۈسىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ ھە‌ردائىم رە‌بنىڭ ئىشى بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭلار.‏ شۇ‌نى بىلىڭلاركى،‏ رە‌ببىمىزنىڭ يولىدا قىلغان ئە‌جىر-‏مېھنىتىڭلار بىھۇ‌دە كە‌تمە‌يدۇ‏» (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58‏)‏.‏ بىراق،‏ ئادە‌م مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشىشنى مە‌قسە‌ت قىلسا،‏ يە‌نى بايلىقنى ياكى نام-‏ئاتاقنى كۆزلىسە،‏ ئۇ ھە‌قىقىي بە‌ختلىك بولالمايدۇ.‏ ھە‌تتا ئۇ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانسىمۇ،‏ ھاياتى ئە‌ھمىيە‌تسىز بولىدۇ (‏لۇ‌قا 9:‏25‏)‏.‏ بىز سۇ‌لايمان پادىشاھتىن ساۋاق ئالالايمىز.‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏

14.‏ سۇ‌لايماننىڭ ۋە‌قە‌سىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

14 تارىختىكى ئە‌ڭ باي ۋە شان-‏شە‌ۋكە‌تلىك كىشى سۇ‌لايمان پادىشاھ بۇ‌نىڭ راستلىقىنى تە‌كشۈرمە‌كچى بولغان.‏ ئۇ ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى سىناپ باق،‏ ئۇ‌نىڭدىن قانداق پايدا چىقىدىغانلىقىنى كۆرگىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ۋە‌ز 2:‏1—‏10‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ ھە‌شە‌مە‌تلىك سارايلارنى سالغان ۋە ئۈزۈمزارلارنى بە‌رپا قىلىپ،‏ گۈزە‌ل باغلارنى ياسىغان.‏ شۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نى بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتۈردىمۇ؟‏ سۇ‌لايمان قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ:‏ «ھە‌ممىسى بىمە‌نلىك ۋە شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندە‌ك ئىش»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن:‏ «ھېچقانداق بىر پايدىلىق ئىش يوق ئىكە‌ن» دە‌پ،‏ خۇ‌لاسە چىقارغانىدى (‏ۋە‌ز 2:‏11‏)‏.‏ سۇ‌لايماننىڭ ۋە‌قە‌سىدىن سىزمۇ شۇ‌نداق ساۋاق ئالدىڭىزمۇ؟‏

15.‏ سىزگە نېمە ئۈچۈن ئېتىقاد كېرە‌ك ۋە زە‌بۇ‌ر 32:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئېتىقادنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

15 بە‌زى ئادە‌ملە‌ر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ بۇ‌رنىغا يېمىگىچە ساۋاق ئالمايدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولۇ‌شىڭىزنى خالىمايدۇ.‏ خۇ‌دا سىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئىتائە‌ت قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن ئېتىقاد كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ ئېتىقادىڭىزغا تايىنىپ قارار قىلسىڭىز،‏ بۇ‌نىڭغا ھە‌رگىز ئۆكۈنمە‌يسىز.‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىز ‹ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى› ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ (‏ئىبرانىيلار 6:‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستھە‌كە‌ملە‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ ھاياتىڭىزدا توغرا قارارلارنى قوبۇ‌ل قىلىسىز ۋە ئاسماندىكى ئاتىڭىزنىڭ نېمىنىڭ سىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىك

16.‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئە‌ركىنلىكىمىزنى قە‌دىرلىشىمىز ۋە ئۇ‌نى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 پاۋلۇ‌س:‏ «يە‌ھۋا روھتۇ‌ر.‏ قە‌يە‌ردە يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بار بولسا،‏ ئۇ يە‌ردە ئە‌ركىنلىك باردۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏2-‏كورىنتلىقلار 3:‏17‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌ركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزنىمۇ ئە‌ركىنلىكنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ ياراتقان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئە‌ركىنلىكىڭىزدىن دانالىق بىلە‌ن پايدىلىنىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ چاغدا بۇ سىزنى قوغدايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ تە‌ڭتۇ‌شلىرىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلاردىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدۇ،‏ ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرىدۇ ياكى خە‌تە‌رلىك تە‌نتە‌ربىيە تۈرلىرى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىپ،‏ ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ‌لار ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رگە ياكى زە‌ھە‌رلىك چېكىملىكلە‌رگە خۇ‌مار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ دە‌سلە‌پتە بۇ نە‌رسىلە‌ر قىزىقارلىق كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق نە‌تىجىدە،‏ ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولۇ‌ش،‏ خۇ‌مار بولۇ‌ش،‏ ھە‌تتا ئۆلۈپ كېتىشتە‌ك يامان ئاقىۋە‌تكە ئېلىپ كېلىدۇ (‏گالاتىيالىقلار 6:‏7،‏ 8‏)‏.‏ شۇ‌نداق ياشلار ئە‌ركىن ياشاۋاتىمىز دە‌پ ئويلىسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار ئە‌ركىن ئە‌مە‌س.‏—‏تىتۇ‌س 3:‏3‏.‏

17،‏ 18.‏ (‏1)‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىش قانداقلارچە بىزنى ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا بىزگە قارىغاندا كۆپرە‌ك ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان؟‏

17 خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىش ئۆزىمىز ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق.‏ بۇ سالامە‌تلىكىمىزگە ياخشى تە‌سىر قىلىدۇ ۋە بىزنى ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7—‏11‏)‏.‏ ئە‌ركىنلىكىڭىزدىن دانالىق بىلە‌ن پايدىلانسىڭىز،‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خۇ‌دانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل قانۇ‌ن-‏پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلسىڭىز،‏ خۇ‌داغا ۋە ئاتا-‏ئانىڭىزغا ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ ئاتا-‏ئانىڭىز سىزگە كۆپرە‌ك ئىشىنىپ،‏ كۆپرە‌ك ئە‌ركىنلىك بېرىدۇ.‏ پات-‏ئارىدا،‏ يە‌ھۋا سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى،‏ يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان «خۇ‌دا پە‌رزە‌نتلىرى ئىگە بولىدىغان شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە»،‏ يە‌نى ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏—‏رىملىقلار 8:‏21‏.‏

18 ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىدا شۇ‌نداق ئە‌ركىنلىك بولغان.‏ ئېرە‌م بېغىدا خۇ‌دا ئۇ‌لارغا پە‌قە‌ت بىر قانۇ‌ننى بە‌رگە‌ن:‏ يە‌نى ئۇ‌لارنىڭ بىر دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىنى مە‌نئىي قىلغانىدى (‏يارىتىلىش 2:‏9،‏ 17‏)‏.‏ سىزنىڭچە،‏ بۇ قانۇ‌ن ئادالە‌تسىز ۋە ئە‌مە‌ل قىلىش قىيىن بولغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ ئويلاپ بېقىڭ،‏ ئادە‌ملە‌ر قانچىلىك كۆپ قانۇ‌نلارنى چىقىرىپ،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا بىرلا قانۇ‌ننى بە‌رگە‌ن.‏

19.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا ئە‌ركىن بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏

19 يە‌ھۋا —‏ ناھايىتى دانا خۇ‌دا.‏ ئۇ بىزگە كۆپ قانۇ‌نلارنى بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ئۆگىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نىڭ پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈشكە ئۈندە‌يدۇ (‏رىملىقلار 12:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا تاغدىكى تە‌لىمىدە ئادە‌ملە‌رنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى (‏مە‌تتا 5:‏27،‏ 28‏)‏.‏ يېڭى دۇ‌نيادا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئە‌يسا بىزگە ياخشى بىلە‌ن يامانغا ئۆزىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ (‏ئىبرانىيلار 1:‏9‏)‏.‏ بىزنىڭ ئە‌قىل-‏ھوشىمىز بىلە‌ن سالامە‌تلىكىمىز مۇ‌كە‌ممە‌ل بولىدۇ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە،‏ بىز يە‌نە يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لمايمىز ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌للىك سە‌ۋە‌بلىك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌كمە‌يمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ بىز يە‌ھۋا ۋە‌دە قىلغان «شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە» ئېرىشىپ،‏ ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز!‏

20.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا ئە‌ركىنلىكىنى قانداق قوللىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ سىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟‏

20 شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يېڭى دۇ‌نيادا ئە‌ركىنلىكىمىزنىڭ چە‌كلىرى بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىزدە خۇ‌داغا ۋە باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ بىز بۇ چە‌كلە‌ردىن چىقمايمىز.‏ بىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ركىنلىكى چە‌كسىز بولسىمۇ،‏ ئۇ ھە‌ممىنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن قىلىدۇ.‏ ئۇ بىزگىمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7،‏ 8‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالساقلا،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

21.‏ (‏1)‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏2)‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

21 سىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە بە‌رىكە‌تلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارمۇ؟‏ ئۇ سىزگە روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق،‏ ئە‌ڭ ياخشى دوستلار،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌ر ۋە كېلە‌چە‌كتە ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدىنى ۋە يە‌نە باشقا ئاجايىپ سوۋغاتلارنى بە‌ردى (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏5‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز داۋۇ‌تنىڭ زە‌بۇ‌ر 16:‏11-‏ئايە‌تتىكى‏:‏ «سە‌ن كۆرسىتىپ بېرىسە‌ن ھاياتلىق يولىنى ماڭا،‏ تولۇ‌پ تاشقاندۇ‌ر ھۇ‌زۇ‌رۇ‌ڭ شاد-‏خۇ‌راملىققا،‏ مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌ت باردۇ‌ر ئوڭ قولۇ‌ڭدا»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىدىغانسىز.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ بىز زە‌بۇ‌رنىڭ 16-‏بابىدىكى باشقا قىممە‌تلىك ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ھە‌م مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ سىزگە ئە‌ڭ ياخشى ھايات يولىدا مېڭىشقا ياردە‌م بېرىدۇ!‏