ھەققانىيلار يەھۋانى ئويلاپ خۇشاللىق تاپىدۇ
سەكسەندىن ئاشقان دىئانا ئىسىملىك قېرىنداش ئاخىرقى بىرنەچچە يىل داۋامىدا قايغۇدىن بېشىنى كۆتۈرەلمىگەن. ئالسگېيمېر (دېۋەڭلىك) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يولدىشى ياشانغانلاردىن خەۋەر ئالىدىغان جايدا نەپىسىدىن توختىغان. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆزى بولسا، سۈت بېزى راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. لېكىن، قېرىنداشلار ئۇنى جامائەتتە ياكى ۋەز خىزمىتىدە كۆرگەندە، ئۇنىڭ دائىم خۇشال بولغانلىقىنى بايقايدۇ.
جون 43 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ بۇ خىزمەتنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكى، ھەتتا باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭغا ئاغرىقچان تۇققىنىغا قاراش ئۈچۈن خىزمىتىنى توختىتىشقا توغرا كەلگەن. جون بۇرادەرنى تونۇغان قېرىنداشلار ئۇنى چوڭ يىغىلىشلاردا كۆرگەندە، ئۇنىڭ مۇشۇ كەمگىچە خۇشال-خۇرام ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
دىئانا ۋە جونغا خۇشاللىقنى يوقاتماسلىققا نېمە ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟ ئادەم نېمە سەۋەبتىن خۇشاللىقىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن؟ قېرىنداشقا ياخشى كۆرگەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ خۇشال بولۇپ قېلىشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ: «يەھۋا ھەققانىيلار ئۈچۈن شاد-خۇراملىق … بۇلار» (زەبۇر 64:10). ئەگەر دائىم خۇشال بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ۋاقىتلىق خۇشاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسەك، شۇندىلا بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيمىز.
ۋاقىتلىق خۇشاللىق
بەزى نەرسىلەر ھەردائىم خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئەر-ئايال، بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا ياكى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئادەم خۇشال بولىدۇ. بۇ نەرسىلەر كۆپ خۇشاللىق ئەكېلىدۇ. چۈنكى نىكاھ، پەرزەنت ۋە ياراتقۇچىمىزغا خىزمەت قىلىش شان-شەرىپى — يەھۋا بەرگەن سوۋغاتلار.—يارىتىلىش 2:18، 22؛ زەبۇر 127:3؛ 1-تىموتىي 3:1.
ئەمما، بەزى نەرسىلەر ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىق ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ. چۈنكى، بەكمۇ ئەپسۇس بەزى بىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى ۋاپاسىزلىق قىلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن (ھەزەكىيال 24:18؛ ھوشىيا 3:1). ئېھتىمال بالىلار ئاتا-ئانىسىنى تىڭشىماي، ھەتتا جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ. مەسىلەن، سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان ۋە داۋۇت بەتشەبا بىلەن گۇناھ قىلغانلىقتىن، ئائىلىسىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغان (1-سامۇئىل 8:1—3؛ 2-سامۇئىل 12:11). شۇنداق ۋەزىيەتلەر ئۇلارغا خۇشاللىق ئەمەس، دەرد-ئەلەم ئەكەلگەن.
بەزىدە تەشكىلاتتىكى ۋەزىپىمىزنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا سالامەتلىكىمىزنىڭ ناچارلىشى، ئائىلىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئۆزگۈرۈشى ياكى تەشكىلاتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ۋەزىپىسىنى توختاتقان قېرىنداشلار شۇ شاد-خۇرام كۈنلەرنى سېغىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
كۆرگىنىمىزدەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئەكېلىدۇ. ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، شاد-خۇراملىقنى ساقلاپ قېلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە، مۇمكىن! مەسىلەن، سامۇئىل، داۋۇت ۋە باشقا ئادەملەر قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ، شاد-خۇراملىقنى يوقاتمىغان.
دائىم شاد-خۇرام بولۇش
ئەيسا ھەقىقىي شاد-خۇراملىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال، ئۇ ھەردائىم يەھۋانىڭ ھۇزۇرىدا شادلانغان ئىدى (پەندى-نەسىھەت 8:30). بىراق، يەرگە كەلگەندە، ئۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداپ، خۇشاللىق تاپقان (يۇھاننا 4:34). ئۇ توغرۇلۇق شۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «ئۇ ئۆزىنى كۈتۈۋاتقان خۇشاللىق ئۈچۈن ئازاب تۈۋرۈكىدە بەرداشلىق بەردى» (ئىبرانىيلار 12:2). ئۇنداقتا، ئەيسا ھەقىقىي شاد-خۇراملىق ھەققىدە ئېيتقان ئىككى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
بىر كۈنى 70 شاگىرتى ۋەز خىزمىتىدىن كېيىن ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن. ئۇلار قىلغان خىزمەتلىرى ۋە ھەتتا جىنلارنى قوغلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولغانىدى. لېكىن، ئەيسا ئۇلارغا: «سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى ئىسىمىڭلارنىڭ ئاسماندا يېزىلغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇڭلار»،— دېدى (لۇقا 10:1—9، 17، 20). دەرھەقىقەت، يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىش ھەرقانداق ئالاھىدە بىر ۋەزىپىدىن كۆپرەك شاد-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
باشقا بىر ۋەزىيەتتە، ئەيسا خەلققە سۆز قىلغاندا، ئۇنىڭ تەلىمىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر يەھۇدىي ئايال سېنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك لۇقا 11:27، 28). ئەلۋەتتە، پەرزەنتلىرىدىن پەخىرلەنگەن ئاتا-ئانا خۇشال بولىشىدۇ. لېكىن، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ئارتۇق خۇشال-خۇراملىق يوق!
دېگەن. بىراق، ئەيسا جاۋاب بېرىپ: «خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار بەختلىكتۇر!»— دېگەنىدى (يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلغانلىقىمىزنى بىلگەندە، ھەقىقىي شاد-خۇراملىققا ئېرىشىمىز. سىناقلار بىزنى خۇش قىلمىسىمۇ، ئەمما بىزنى شاد-خۇراملىقتىن ئايرىيالمايدۇ. سىناقلاردا ساداقەتمەن بولۇپ قالساق، بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزغا خۇشاللىق قوشۇلىدۇ (رىملىقلار 5:3—5). يەھۋا ئۇنىڭغا تايانغان خىزمەتچىلىرىگە مۇقەددەس روھ بېرىدۇ. خۇشاللىق — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدۇر (گالاتىيالىقلار 5:22). بۇ بىزگە زەبۇر 64:10-ئايەتتىكى: «يەھۋا ھەققانىيلار ئۈچۈن شاد-خۇراملىق … بولار» دېگەن سۆزلەرنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
دىئانا ۋە جون قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان. دىئانا مۇنداق دەيدۇ: «كىچىك بالا ئاتا-ئانىسىدىن پاناھ ئىزدىگەندەك، مەنمۇ يەھۋادىن پاناھ ئىزدەيمەن». ئۇ يەنە: «يەھۋا مېنى بەرىكەتكە ئېرىشتۈرۈپ، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماي، خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ»،— دېگەن. جون ۋەزىپىسىدىن توختىغان بولسىمۇ شاد-خۇراملقىنى يوقاتماي، ۋەز خىزمەتتە قىزغىن بولۇپ قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «1998-يىلى خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىدە دەرس بېرىشنى باشلىدىم ۋە شۇنىڭدىن بېرى شەخسىي ئۆگىنىشكە بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت بۆلدۈم». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالى ئىككىسىگە ئۆزگۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولمىغان، چۈنكى ئۇلار يەھۋا نېمىنى تاپشۇرسا، شۇنى قىلىشقا تەييار بولغان. ئۇ يەنە: «شۇنداق قىلغىنىمىزغا قىلچىمۇ پۇشايمان قىلمايمىز»،— دېگەن.
زەبۇر 64:10-دىكى سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى كۆپ قېرىنداشلار ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكىدىكى بەيتەلدە 30 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. بۇ ئەر-ئايال مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. ئۇلار: «ياخشى كۆرگەن بىر نەرسىدىن ئايرىلغاندا، قايغۇرۇش ئادەتتىكى ئەھۋال، بىراق بۇ قايغۇ مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ»،— دەيدۇ. ئۇلار دەرھال جامائەت بىلەن ۋەز قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئەر-ئايال يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئېنىق نەرسىلەر توغرۇلۇق دۇئا قىلدۇق. دۇئالىرىمىزغا جاۋاب ئالغاندا، بىز ئىلھام ئېلىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. بىز كەلگەندىن كۆپ ئۆتمەي، جامائەتتىكى بەزى قېرىنداشلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدى ۋە بىز ئىككى ئادەم بىلەن ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. ئىككىلىسى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈۋاتىدۇ».
«مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق»
ئەلۋەتتە، دائىم خۇشال بولۇش ئاسان ئەمەس. كۆڭلىمىز چۈشىدىغان ۋاقتىمىز بولىدۇ. ئەمما، يەھۋا خۇدا بىزگە زەبۇر 64:10-ئايەتتىكى سۆزلەر ئارقىلىق ئىلھام بېرىدۇ. كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندىمۇ ساداقەتمەن بولۇپ قالساق، ھەرقانداق ۋەزىيەتتە يەھۋا ‹بىزنىڭ شاد-خۇراملىقىمىز بولار›. يەھۋا «يېڭى ئاسمانلار بىلەن يېڭى يەرنى» تىلغا ئېلىپ قىلغان ۋەدىسى ئەمەلگە ئېشىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز. شۇ چاغدا، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل بولۇپ، خۇدانىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن «مەڭگۈ خۇشال-خۇراملىق» تاپىدۇ.—يەشايا 65:17، 18.
مۇشۇنداق ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: تەن-سالامەتلىكىمىز ياخشى، ھەر كۈنى ئويغانغاندا كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۆتمۈشتە كۆڭلىمىزنى چۈشەرگەن نەرسىلەر قايتا ئەسكە ئېلىنمايدۇ. يەھۋا: «ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ»، دەپ ۋەدە قىلىدۇ. ئەيسا 12 ياشتىكى قىزنى تىرىلدۈرگەندە، «ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، شاد-خۇراملىققا چۈشۈشتى»؛ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى قارشى ئالغاندا، بىزمۇ شۇنداق شاد-خۇراملىققا تولىمىز (ماركۇس 5:42). نەتىجىدە، يەر يۈزىدە ھەربىر ئادەم ھەققانىي بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ «يەھۋا .. شاد-خۇراملىق» بولار.