مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

52-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىڭلار

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىڭلار

‏«بالىلار يە‌ھۋادىن مىراستۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3‏.‏

41-‏ناخشا يە‌ھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادە‌ت قىل!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا قانداق ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان؟‏

 يە‌ھۋا بىرىنچى جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنى بالىلىق بولۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكى بىلە‌ن ياراتقان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «بالىلار يە‌ھۋادىن مىراستۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ يېقىن دوستىڭىز سىزگە كۆپ پۇ‌لنى ئىشىنىپ تاپشۇ‌ردى دە‌يلى.‏ سىز ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئىشە‌نگە‌نلىكىدىن بە‌كمۇ خۇ‌شال بولىسىز.‏ لېكىن،‏ بۇ پۇ‌لنى قانداق ساقلاپ قالارمە‌ن،‏ دە‌پ ئە‌نسىرە‌يدىغانسىز.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئە‌ڭ يېقىن دوستىمىز،‏ ئۇ ئاتا-‏ئانىلارغا پۇ‌لدىنمۇ زور قىممە‌ت-‏باھا بىر ھە‌دىيىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئاتا-‏ئانىلارغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا بالىلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ۋە ئۇ‌لارنى بە‌ختلىك قىلىشىنى تاپشۇ‌رغان.‏

2.‏ بىز قايسى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بالىلىق بولۇ‌شى ياكى بولماسلىقى ۋە قاچان بالىلىق بولۇ‌شىنى كىم قارار قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلارنىڭ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان بىرنە‌چچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئە‌ر-‏ئايالنىڭ قارارىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ

3.‏ (‏1)‏ بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى كىم قارار قىلىشى لازىم؟‏ (‏2)‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى پرىنسىپنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى زۆرۈر؟‏

3 بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە،‏ ياشلار ئۆي-‏ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن،‏ تىزراق پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارغا قاچان بالىلىق بولۇ‌سىلە‌ر،‏ دە‌پ بېسىم قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاسىيادا ياشايدىغان بۇ‌رادە‌ر جە‌سېرو:‏ «جامائە‌تتىكى بالا-‏چاقىلىق جۈپلە‌ر پە‌رزە‌نتلىرى يوقلارغا بېسىم قىلىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ جە‌فىرى ئىسىملىك يە‌نە بىر ئاسىيالىق بۇ‌رادە‌ر «بە‌زىلە‌رنىڭ بالىلىرى يوق ئە‌ر-‏ئاياللارغا،‏ سىلە‌رگە قېرىغاندا بىر چىنە چاي قويۇ‌پ بېرىدىغان ئادە‌م بولمايدۇ دە‌يدىغانلىقىنى» بايقىغان.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ر بىر ئە‌ر-‏ئايال بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىشى لازىم.‏ بۇ‌نى قارار قىلىش —‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌سئۇ‌لىيىتى (‏گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ دوستلىرى ۋە ئائىلىسى يېڭىدىن ئۆيلە‌نگە‌ن قىز-‏يىگىتنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى ياش ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى زۆرۈر.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏11‏.‏

4،‏ 5.‏ قىز-‏يىگىت قايسى ئىككى مە‌سىلىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىشى كېرە‌ك ۋە قاچان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

4 ئە‌ر-‏ئايال بالىلىق بولۇ‌شنى قارار قىلسا،‏ ئىككى مۇ‌ھىم سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىشى لازىم.‏ بىرىنچى،‏ قاچان پە‌رزە‌نت كۆرۈمىز؟‏ ئىككىنچى،‏ قانچە پە‌رزە‌نتىمىز بولىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنى قاچان مۇ‌ھاكىمە قىلىش كېرە‌ك؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى سوئال بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

5 قىز-‏يىگىت بالا-‏چاقىلىق بولۇ‌ش مە‌سىلىسىنى توي قىلىشتىن ئىلگىرى قارار قىلسا ياخشىراق بولىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بۇ مە‌سىلىدە ئىككىسىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنىڭ بىر يە‌ردىن چىقىشى بە‌كمۇ مۇ‌ھىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تە‌ييار بولغان-‏بولمىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرە‌ك.‏ ئاتا-‏ئانا بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىش زۆرۈر بولغاچ،‏ بە‌زى جۈپلە‌ر كە‌م دېگە‌ندە بىر-‏ئىككى يىلدىن كېيىن بالىلىق بولۇ‌شنى قارار قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ ۋاقىتتا نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شقا كۆنۈش ۋە بىر-‏بىرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33‏.‏

6.‏ قىيىن ۋاقىتلاردا ياشاۋاتقاچقا،‏ بە‌زى ئە‌ر-‏ئاياللار نېمە قىلىشنى قارار قىلغان؟‏

6 خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى نۇ‌ھنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بە‌ل باغلىغان.‏ بۇ ئۈچ جۈپ دە‌رھاللا بالىلىق بولمىغان (‏يارىت.‏ 6:‏18؛‏ 9:‏18،‏ 19؛‏ 10:‏1؛‏ 2-‏پېتر.‏ 2:‏5‏)‏.‏ ئە‌يسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ بىزنىڭ «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ھېچ گۇ‌مان يوق (‏مە‌تتا 24:‏37؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بە‌زى ئە‌ر-‏ئاياللار خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ ھازىر بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلىشقان.‏

بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى ۋە قانچە پە‌رزە‌نت كۆرۈشنى قارار قىلغاندا،‏ دانا ئە‌ر-‏ئايال «خىراجىتىنى ھېسابلاپ» چىقىدۇ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

7.‏ لۇ‌قا 14:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ر ۋە پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپلار ئە‌ر-‏ئايالغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

7 بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى ۋە قانچە پە‌رزە‌نت كۆرۈشنى قارار قىلغاندا،‏ دانا ئە‌ر-‏ئايال «خىراجىتىنى ھېسابلاپ» چىقىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 14:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پە‌رزە‌نتلىرىنى قاتارغا قوشقان تە‌جرىبىلىك ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بالا چوڭ قىلىش ئۈچۈن پە‌قە‌ت پۇ‌ل ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌شۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىشى بە‌ك مۇ‌ھىم:‏ ئائىلىمىزنى قامداش ئۈچۈن ھە‌ر ئىككىمىز ئىشلىشىمىز كېرە‌ك بولامدۇ؟‏ ئە‌ڭ كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ر ئىككىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىر يە‌ردىن چىقامدۇ؟‏ ئىككىلىمىز ئىشلىسە‌ك،‏ بالىلىرىمىزغا كىم قارايدۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە كىم تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ بۇ سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئە‌ر-‏ئايال پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5-‏ئايە‌تتىكى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىدۇ.‏

كۆيۈمچان ئە‌ر كىشى ئايالىغا قولىدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بېرىدۇ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8.‏ ئە‌ر-‏ئايال قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ ۋە كۆيۈمچان ئە‌ر كىشى نېمە قىلىدۇ؟‏

8 بالا ھە‌م دادىسىنىڭ،‏ ھە‌م ئاپىسىنىڭ ئۇ‌نىڭغا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقتىنى بۆلۈشىگە مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌ڭا،‏ بالىلار كە‌ينى-‏كە‌ينىدىن تۇ‌غۇ‌لسا،‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ھە‌ربىر بالىسىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرىشى قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ كىچىك بالىلىرى بار بىرنە‌چچە ئە‌ر-‏ئايال نېمە قىلىشنى بىلمىگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئاپىسى دائىم ھېرىپ-‏چارچاپ يۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تە‌تقىق قىلىش،‏ دائىم ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىش ۋە دۇ‌ئا قىلىشىغا تە‌سىر قىلامدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن يىغىلىشلارنىڭ مە‌زمۇ‌نلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاش ۋە شۇ‌لاردىن پايدا ئېلىش قىيىن بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ كۆيۈمچان ئە‌ر كىشى ئايالىغا قولىدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشلاردىمۇ،‏ ئۆيىدىمۇ بالىلارغا قارايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتىن پايدا ئېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ۋە ئائىلە ئە‌زالىرى بىلە‌ن دائىم ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىپ تۇ‌رىدۇ.‏

بالىلارغا يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىتىش

9،‏ 10.‏ بالىلارنىڭ يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلالايدۇ؟‏

9 ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنى بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىدىن قانداق قوغدىيالايدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرە‌يلى.‏

10 يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سوراڭ.‏ شىمشوننىڭ ئاتا-‏ئانىسى،‏ مانۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مانۇ‌ھ ئايالىنىڭ ئوغۇ‌ل تۇ‌غىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋادىن بالىسىنى تە‌ربىيىلە‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق يول-‏يورۇ‌ق سورىغان.‏

11.‏ ھاكىملار 13:‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىلار مانۇ‌ھنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

11 بوسنىيا ۋە گېرسېگوۋىنادا ياشايدىغان نىخاد ۋە ئالما ئىسىملىك ئە‌ر-‏ئايال مانۇ‌ھتىن ئۈلگە ئالغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مانۇ‌ھقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياخشى ئاتا-‏ئانا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىشىنى سورىدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن،‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللار،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ئارقىلىق جاۋاب بە‌رگە‌ن».‏—‏ھاكىملار 13:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

12.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م بالىلىرىغا قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 ئۈلگىڭىز بىلە‌ن ئۆگىتىڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئېيتقان گە‌پ-‏سۆزلىرىڭلارنىڭ بالىلارغا قىلدىغان تە‌سىرى كۈچلۈك،‏ ئە‌مما ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭلار ئۇ‌لارغا تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م بالىلىرىغا،‏ شۇ جۈملىدىن ئە‌يساغا،‏ ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يۈسۈپ ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئۆيىدىكىلىرىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ياخشى كۆرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏تە‌كرار.‏ قا 4:‏9،‏ 10‏)‏.‏ گە‌رچە،‏ قانۇ‌ندا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن «ھە‌ر يىلى» يېرۇ‌سالىمغا ئائىلىسىنى بىرگە ئېلىپ بېرىش تە‌لە‌پ قىلىنمىسىمۇ،‏ يۈسۈپ ئائىلىسى بىلە‌ن بارغانىدى (‏لۇ‌قا 2:‏41،‏ 42‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ زاماندا ياشىغان بە‌زى ئائىلە باشلىقلىرى پۈتۈن ئائىلىسى بىلە‌ن شۇ‌نداق سە‌پە‌رگە چىقىشنى بە‌ك جاپالىق،‏ كۆپ پۇ‌ل ۋە ۋاقىت تە‌لە‌پ قىلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ يۈسۈپ روھىي نە‌رسىلە‌رنى قە‌دىرلىگە‌ن ۋە بالىلىرىغىمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مە‌ريە‌م ھە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوبدان بىلگە‌ن.‏ ئۇ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن بالىلىرىغا خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگە‌تكە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏

13.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايال يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌مدىن قانداق ئۈلگە ئالغان؟‏

13 يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان نىخاد ۋە ئالما،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منى ئۈلگە قىلىشنى خالىغان.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئوغلىغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆگىتىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئوغلىمىزغا يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاشنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكە‌نلىكىنى ئۆز ئۈلگىمىز بىلە‌ن كۆرسىتىشكە تىرىشتۇ‌ق».‏ نىخاد يە‌نە:‏ «بالىڭىزنىڭ قانداق ئادە‌م بولۇ‌شىنى خالىسىڭىز،‏ ئۆزىڭىز شۇ‌نداق ئادە‌م بولۇ‌ڭ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن ئاتا-‏ئانا بالىلىرىنىڭ كىم بىلە‌ن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇ‌ھىم؟‏

14 بالىلىرىڭىزغا ياخشى دوستلارنى تاللاشقا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئاتا-‏ئانا ھە‌ر ئىككىسى بالىلارنىڭ دوستلىرى كىم ۋە ئۇ‌لار ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ،‏ دېگە‌نلە‌ردىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ دېمە‌ك،‏ ئاتا-‏ئانا پە‌رزە‌تنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە يانفون ئارقىلىق كىم بىلە‌ن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ دوستلىرى بالىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏33‏.‏

15.‏ ئاتا-‏ئانىلار جېسسىنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

15 ئاتا-‏ئانا كومپيۇ‌تېر ياكى يانفونلارنى ياخشى چۈشە‌نمىسە،‏ نېمە قىلالايدۇ؟‏ فىلىپىندا ياشايدىغان جېسسى ئىسىملىك بىر ئاتا:‏ «بىز ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلارنىڭ تىلىنى بىلمە‌يتتۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ بۇ بىزنى بالىلىرىمىزنى ئۇ‌لار دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن خە‌تە‌رلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شتىن توختاتمىدى»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ جېسسى ئلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلارنى ياخشى بىلمىسىمۇ،‏ بالىلىرىغا ئۇ‌لارنى قوللىنىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «مە‌ن بالىلىرىمنى ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلارنى يېڭى تىل ئۆگىنىش،‏ يىغىلىشلارغا تە‌ييارلىق قىلىش ۋە ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۈندىدىم».‏ ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىز بىلە‌ن ®jw.org تور بېكىتىنىڭ «‏ئۆسمۈرلە‌ر‏»،‏ دېگە‌ن سە‌ھىپىسىدىكى ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىش ۋە سۈرە‌تلە‌رنى تورغا چىقىرىش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌ھاكىمە قىلدىڭىزمۇ؟‏ بالىلىرىڭىز بىلە‌ن «‏كىم خوجايىن:‏ سىز ياكى ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىڭىز؟‏‏» ۋە «‏ئىجتىمائىي تورلار‏» دېگە‌ن فىلىملە‌رنى كۆردۈڭىزمۇ b‏؟‏ بۇ مە‌لۇ‌ماتلار بالىلىرىڭىزغا ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلاردىن دانالىق بىلە‌ن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 13:‏20‏.‏

16.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلغان ۋە بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏

16 نۇ‌رغۇ‌ن ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا ياخشى ئۈلگە بولىدىغان قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا تىرىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كوتى دى-‏ئىۋۇ‌ئېردا ياشايدىغان ندېنى ۋە بومېن پات-‏پات رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئۆيىدە قۇ‌نۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلغان ئىدى.‏ ندېنى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ ئوغلىمىزغا بە‌ك ياخشى تە‌سىر قىلغان ئىدى.‏ ئۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان.‏ ھازىر بولسا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ ئورۇ‌نباسارى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ».‏ سىزمۇ بالىلىرىڭىزنىڭ شۇ‌نداق دوستلىرى بولۇ‌شىغا كۆڭۈل بۆلە‌مسىز؟‏

17،‏ 18.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌شنى قاچان باشلىشى كېرە‌ك؟‏

17 بالىلارنى بوۋاق چېغىدىن تە‌ربىيىلە‌ڭ.‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىغا تە‌لىم-‏تە‌ربىيىنى قانچە بالدۇ‌رراق باشلىسا،‏ شۇ‌نچە ياخشى (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏6‏)‏.‏ چوڭ بولغاندا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلغان تىموتىينىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ تىموتىينىڭ ئانىسى ئە‌ۋنىكە بىلە‌ن مومىسى لوئىدە ئۇ‌نى «بوۋاق چېغىدىن» تە‌ربىيىلىگە‌ن.‏—‏2-‏تىموت.‏ 1:‏5؛‏ 3:‏15‏.‏

18 جان-‏كلود ۋە پىس دېگە‌ن كوتى دى-‏ئىۋۇ‌ئېرلىق يە‌نە بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ئالتە بالىسىنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىگە يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار ئە‌ۋنىكە بىلە‌ن لوئىدە‌دىن ئۈلگە ئالغان.‏ جان-‏كلود ۋە پىس مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز خۇ‌دا سۆزىنى بالىلىرىمىزغا سىڭدۈرۈشنى بوۋاق چېغىدىن،‏ يە‌نى ئۇ‌لار تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي باشلىدۇ‌ق».‏—‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏6،‏ 7‏.‏

19.‏ خۇ‌دا سۆزىنى بالىلارغا «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

19 خۇ‌دا سۆزىنى بالىلارغا «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» دېگىنىمىز،‏ بالىلارغا بىرنە‌رسىنى قايتا-‏قايتا ئېيتىش ئارقىلىق ئېسىگە سېلىش ۋە تە‌لىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار كىچىك بالىلىرى بىلە‌ن دائىم ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى كېرە‌ك.‏ بە‌زىدە ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا بىر نە‌رسىنى قايتا-‏قايتا ئېيتىشتىن زېرىكىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئاتا-‏ئانىلار بۇ‌نى بالىلىرىغا خۇ‌دا سۆزىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشقا ياردە‌م بېرىشنىڭ پۇ‌رسىتى دە‌پ قارىشى كېرە‌ك.‏

ئاتا-‏ئانىلار ھە‌ربىر بالىسىنى قانداق تە‌ربىيىلە‌شنى قارار قىلىشى كېرە‌ك (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

20.‏ زە‌بۇ‌ر 127:‏4-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى بالا تە‌ربىيىلە‌شتە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

20 بالىلىرىڭىزنى ياخشى بىلىڭ.‏ زە‌بۇ‌ر 127-‏بابتا‏،‏ بالىلار ئوقيا ئوقلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 127:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئوقلار ھە‌ر تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن،‏ ھە‌رخىل شە‌كىلدە،‏ چوڭ-‏كىچىكلىكتە ياسالغاندە‌ك،‏ بالىلارمۇ بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاتا-‏ئانىلار ھە‌ربىر بالىسىغا قانداق تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنى بىلىشى كېرە‌ك.‏ ئىسرائىلىيىدە ياشايدىغان بىر جۈپ ئىككى بالىسىنى قاتارغا قوشۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ بىر جۈپ بالىلىرىغا تە‌لىم-‏تە‌ربىيىنى قانداق ئۈنۈملۈك سىڭدۈرە‌لىگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ربىر بالىمىز بىلە‌ن ئايرىم-‏ئايرىم ئۆگىنە‌تتۇ‌ق».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ربىر ئائىلىنىڭ ۋە‌زىيىتى ئوخشاش ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا ھە‌ر ئائىلىدە باش بولغان ئە‌ر بالىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا ئۆگىنىشنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.‏

يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

21.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاتا-‏ئانىلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

21 بە‌زىدە ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن بالىلىرىنى تە‌ربىيلە‌ش ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بالىلارنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھە‌دىيىسى ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ ئۇ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ دۇ‌ئالىرىنى دائىم تىڭشايدۇ ۋە دۇ‌ئالىرىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ماتېرىياللىرىمىز ۋە جامائە‌تتىكى باشقا تە‌جرىبىلىك ئاتا-‏ئانىلارنىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ.‏

22.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ ياخشى نە‌رسىلە‌ر نېمە؟‏

22 بە‌زىلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بالىنى قاتارغا قوشۇ‌ش ئۈچۈن 20 يىل ۋاقىت كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ ئاتا-‏ئانا ھە‌رقاچان ئاتا-‏ئانا بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىغا بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ ياخشى نە‌رسىلە‌ر —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ ۋاقىت ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تە‌لىم.‏ ھە‌ربىر بالا تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە ئوخشىمايدىغان ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بالىلار ئاسىيادا ياشايدىغان جوئاننا مانىڭ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتا-‏ئانام بە‌رگە‌ن تە‌ربىيە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېنى توغرا يولغا سېلىپ،‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن.‏ ئۇ‌لار مېنى پە‌قە‌ت بۇ دۇ‌نياغا كە‌لتۇ‌رۇ‌پلا قالماي،‏ ماڭا مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈشنى ئۆگە‌تتى» (‏پە‌ند.‏ نە 23:‏24،‏ 25‏)‏.‏ مىليونلىغان ئېتىقادداشلىرىمىز ھە‌م شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا.‏

9-‏ناخشا ئالقىشلاڭ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى!‏

a ئە‌ر-‏ئايال بالا-‏چاقىلىق بولۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏ بالىلىق بولۇ‌شنى قارار قىلسا،‏ قانچە بالىسى بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى قانداق ئۆگىتە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ بىرنە‌چچە ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ مىسالىنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

b شۇ‌نداقلا 2018-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ن ئېيىدا نە‌شىر قىلىنغان «مە‌سىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز —‏ يىغىلىش قوللانمىسى» «ئىجتىمائىي تورلار.‏ ئاۋايلاڭ —‏ تۇ‌زاقلار!‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئە‌ر-‏ئايال پە‌رزە‌نت كۆرۈشنىڭ خۇ‌شاللىقلىرى ۋە مە‌سئۇ‌لىيىتىنى تارازىغا سېلىپ،‏ بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى مۇ‌ھاكىمە قىلماقتا.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بالىلىرىنىڭ يېشى ۋە قابىلىيە‌تلىرى ھە‌ر تۈرلۈك بولغاچقا،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئۇ‌لارغا ئايرىم-‏ئايرىم تە‌لىم بە‌رمە‌كتە.‏