مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

49-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار

ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار

‏«كېلىڭلار،‏ … جىمجىت بىر خايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام ئېلىڭلار».‏‏—‏ماركۇ‌س 6:‏31‏.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏

 سىز ياشايدىغان يۇ‌رتتا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌ردە ئادە‌ملە‌ر ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت سە‌رپ قىلىدۇ.‏ ئىشتىن باشقا كۆتۈرە‌لمە‌ي قالغان كىشىلە‌ر،‏ دە‌م ئېلىش،‏ ئائىلىسى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ (‏ۋە‌ز 2:‏23‏)‏.‏ يە‌نە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ ئىشلە‌شنى ياخشى كۆرمە‌يدۇ ۋە ئىشتىن قېچىپ،‏ ئىشلىمە‌سلىككە باھانە ئىزدە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 26:‏13،‏ 14‏.‏

2،‏ 3.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا ئە‌مگە‌ك قىلىشتا بىزگە قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

2 بۇ دۇ‌نيادىكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلە‌يدۇ،‏ ياكى ئىشتىن قاچىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى تامامە‌ن باشقىچە.‏ يە‌ھۋانىڭ قولى ئىشتىن توختاپ قالمايدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى:‏ «ئاتام تا ھازىرغىچە ئىشلە‌ۋاتىدۇ،‏ مە‌نمۇ ئىشلە‌ۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرى بىلە‌ن ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏17‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سان-‏ساناقسىز روھىي مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ۋە چە‌كسىز ئالە‌م بوشلۇ‌قى،‏ يۇ‌لتۇ‌زلار ۋە سە‌ييارىلە‌رنى ياراتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى كۆپلىگە‌ن گۈزە‌ل ياراتمىلىرىنى كۆرىمىز.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ شۇ‌نچە كۆپتۇ‌ر ئىشلىرىڭ!‏ سە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ھېكمە‌ت بىلە‌ن ياراتتىڭ،‏ يە‌ر يۈزى تولغاندۇ‌ر ئە‌سە‌رلىرىڭ بىلە‌ن سېنىڭ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 104:‏24‏.‏

3 ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىدىن ئۈلگە ئالغان.‏ ئۇ ئاتىسىغا ئاسمان بىلە‌ن يە‌رنى يارىتىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ يېنىدا «ئۇ‌ستا ھۈنە‌رۋە‌ن» بولغان (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏27—‏31‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندىمۇ كۆپ ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ ئىشلە‌ش ئە‌يساغا خۇ‌ددى غىزالىنىشتە‌ك بولغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئۇ‌نى خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏34؛‏ 5:‏36؛‏ 14:‏10‏.‏

4.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسادىن دە‌م ئېلىش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جاپالىق ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت قىلىشى،‏ دە‌م ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ياق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھېچقاچان ھارمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاسمانلار بىلە‌ن يە‌رنى ياراتقاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا «ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالغان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏چىق.‏ 31:‏17‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا يارىتىشنى توختىتىپ،‏ ياراتقانلىرىدىن ھۇ‌زۇ‌رلانغان.‏ گە‌رچە ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندا كۆپ ئىش-‏ئە‌مگە‌ك قىلغان بولسىمۇ،‏ ئۇ دە‌م ئېلىش ۋە دوستلىرى بىلە‌ن ھە‌مداستىخان بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان.‏—‏مە‌تتا 14:‏13؛‏ لۇ‌قا 7:‏34‏.‏

5.‏ كۆپلىگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ھورۇ‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ئىشلە‌مچان بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏19‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئائىلىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌يدىغانسىز.‏ شۇ‌نداقلا مە‌سىھنىڭ ھە‌ممە ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسى تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ سىز يە‌نە دە‌م ئېلىشىڭىز لازىم.‏ بە‌زىدە سىزگە ئىشلە‌ش،‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە دە‌م ئېلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرىش قىيىنمۇ؟‏ بىز قانچە ۋاقىت ئىشلە‌ش ۋە قانچە ۋاقىت دە‌م ئېلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراش

6.‏ ماركۇ‌س 6:‏30—‏34-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئىشقا ۋە دە‌م ئېلىشقا توغرا كۆز قاراشتا بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

6 دە‌م ئېلىش ۋە ئىشلە‌شكە تە‌ڭپۇ‌ڭ ياكى توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ تېرىش،‏ ئورۇ‌ش،‏ يىغلاش،‏ كۈلۈش،‏ ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناش ۋە باشقا ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق:‏ «ھە‌ممە ئىشنىڭ ئۆز ۋاقىت-‏سائىتى بار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ۋە‌ز 3:‏1—‏8‏)‏.‏ ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىش ھاياتىمىزنىڭ ئىككى مۇ‌ھىم قىسىمى.‏ ئە‌يسا بۇ ئىككى نە‌رسىدە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىغان.‏ بىر كۈنى ئە‌لچىلە‌ر ۋە‌ز خىزمىتىدىن قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ «تاماقلىنىدىغانغىمۇ ۋاقىت قالمىغانلىقتىن»،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «كېلىڭلار،‏ مە‌ن بىلە‌ن جىمجىت بىر جايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام ئېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن ‏(‏ماركۇ‌س 6:‏30—‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ھە‌ردائىم ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك دە‌م ئالالمىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆزىمۇ،‏ شاگىرتلىرىمۇ دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

7.‏ دە‌م ئېلىش كۈنى توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ننى بىلىش بىزگە قانداق پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏

7 بە‌زىدە بىز دە‌م ئېلىشىمىز ياكى كۈن تە‌رتىۋىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى خۇ‌دا ئۆتمۈشتە ئۆز خە‌لقىگە بە‌رگە‌ن بىر مۇ‌ھىم قانۇ‌ندىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ —‏ ھە‌ر ھە‌پتە دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نمىساقمۇ،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىزگە كۆپ پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏ بىلگە‌نلىرىمىز ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا تە‌ڭپۇ‌ڭ يە‌نى توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

دە‌م ئېلىش كۈنى دە‌م ئېلىش ۋە ئىبادە‌ت قىلىش ۋاقتى بولغان

8.‏ چىقىش 31:‏12—‏15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ مە‌قسىتى نېمە بولغان؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئالتە «كۈندىن»‏ b كېيىن خۇ‌دا يە‌ردە مە‌ۋجۇ‌داتلارنى يارىتىشنى تاماملىغان (‏يارىت.‏ 2:‏2‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئىش-‏ئە‌مگە‌كنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ باشقا ئىشلارنى قىلىشنى توختاتمىغان (‏يۇ‌ھاننا 5:‏17‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئالتە «كۈن» ئىشلە‌پ،‏ يە‌تتىنچى «كۈنى» دە‌م ئالغان ۋە ئىسرائىل خە‌لقىگە ھە‌م ھە‌پتىنىڭ يە‌تتىنچى كۈنى دە‌م ئېلىشنى ئېيتقان.‏ دە‌م ئېلىش كۈنى —‏ پۈتۈنلە‌ي دە‌م ئېلىش كۈنى ۋە يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا مۇ‌قە‌ددە‌س بىر كۈن بولغان ‏(‏چىقىش 31:‏12—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھېچكىمنىڭ،‏ يە‌نى بالىلار،‏ قۇ‌للار ۋە ھە‌تتا ئۆي جانىۋارلىرىنىڭ ئىش قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنمىغان (‏چىق.‏ 20:‏10‏)‏.‏ بۇ كۈن خە‌لقنىڭ روھىي ئىشلارغا كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشىغا پۇ‌رسە‌ت ياراتقان.‏

9.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنىگە قانداق ناتوغرا كۆز قاراشتا بولغان؟‏

9 دە‌م ئېلىش كۈنى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا ياشىغان كۆپلىگە‌ن دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلىش ھە‌ققىدە ھە‌ددىدىن زىيادە قاتتىق تە‌لە‌پ ۋە قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئويدۇ‌رۇ‌پ چىقارغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى ھە‌تتا باشاقلارنى پۇ‌تاش ياكى ئاغرىق كىشىلە‌رنى ساقايتىش قانۇ‌نغا قارشى بولغان (‏ماركۇ‌س 2:‏23—‏27؛‏ 3:‏2—‏5‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى تىڭشىغان كىشىلە‌رگە خۇ‌دا شۇ‌نداق ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏

ئە‌يسانىڭ ئائىلىسى دە‌م ئېلىش كۈنى خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

10.‏ مە‌تتا 12:‏9—‏12-‏ئايە‌تلە‌ردىن‏،‏ ئە‌يسانىڭ دە‌م ئېلىش كۈنىگە بولغان كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

10 ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ھۇ‌دىي شاگىرتلىرى مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نغانلىقتىن،‏ دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلغان c‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە شە‌نبە،‏ يە‌نى دە‌م ئېلىش كۈنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشنىڭ خاتا ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «دە‌م ئېلىش كۈنى ياخشى ئىش قىلىش قانۇ‌نغا ئۇ‌يغۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېنىق ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 12:‏9—‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا دە‌م ئېلىش كۈنى باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى قانۇ‌نغا زىت دە‌پ ھېسابلىمىغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتىنى روشە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى شۇ كۈنى كۈندىلىك ئىشلىرىنى قويۇ‌پ،‏ دە‌م ئالغاچ،‏ بار دىققىتىنى روھىي ئىشلارغا ئاغدۇ‌رالىغان.‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ ئە‌يسانىڭ ئائىلىسىمۇ دە‌م ئېلىش كۈنىدە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ بۇ‌نى ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ردىن بىلىمىز:‏ «ئۇ [ئە‌يسا] ئۆزى چوڭ بولغان شە‌ھە‌ر ناسىرە‌گە باردى.‏ ئۆز ئادىتى بويىچە،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى ئىبادە‌تخانىغا كىردى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇ‌ردى».‏—‏لۇ‌قا 4:‏15—‏19‏.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏

11.‏ ئە‌يسا ئە‌مگە‌ك قىلىشتا كىمدىن ياخشى ئۈلگە ئالغان؟‏

11 يۈسۈپ ئە‌يساغا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌دانىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏55،‏ 56‏)‏.‏ يۈسۈپ چوڭ بىر ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىگە‌ن.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى كۆرۈپ چوڭ بولغان.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ ئە‌يسا كېيىنرە‌ك شاگىرتلىرىغا:‏ «ئىشچى ئۆز ئىش ھە‌ققىگە لايىقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏لۇ‌قا 10:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئە‌يسا جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلىشنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئايە‌تلە‌ر بار؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ جاپالىق تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىشنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئە‌يسانىڭ ئىسمى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرى توغرۇ‌لۇ‌ق گۇ‌ۋاھلىق بېرىش بولسىمۇ،‏ ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ سالونىكىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ ھېچكىمگە «ئېغىرچىلىق سالماسلىق ئۈچۈن،‏ كېچە-‏كۈندۈز جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت تارتىپ» ئىشلىگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏8؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ ئايە‌تلە‌ردە چېدىر ياساش ئىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پاۋلۇ‌س كورىنت شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ ئاكۋىلا ۋە پرىسكىلانىڭ ئۆيىدە تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە چېدىر ياساش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان ئىدى.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ «كېچە-‏كۈندۈز» ئىشلىگە‌ن دېگە‌ن سۆزى،‏ ئۇ‌نىڭ توختىماي ئىشلىگە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بە‌زىدە،‏ مە‌سىلە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنى،‏ ئۇ ئىشىدىن توختاپ،‏ ئارام ئالاتتى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ شۇ كۈنى دە‌م ئالىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا ۋە‌ز ئېيتىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 13:‏14—‏16،‏ 42—‏44؛‏ 16:‏13؛‏ 18:‏1—‏4‏.‏

13.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىگە‌ن بولسىمۇ،‏ دائىم «مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌ت بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل» بولغان،‏ يە‌نى ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏رىملىقلار 15:‏16؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 11:‏23‏)‏.‏ ئۇ باشقىلارنىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئاكۋىلا بىلە‌ن پرىسكىلانى «مە‌سىھ ئە‌يسا ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلغان خىزمە‌تداشلىرىم» دە‌پ ئاتىغان (‏رىملىقلار 12:‏11؛‏ 16:‏3‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادداشلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ر دائىم رە‌بنىڭ ئىشى بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭلار» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 9:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى بۇ سۆزنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان:‏ «كىمكى ئىشلە‌شنى خالىمىسا،‏ تاماق ھە‌م يېمىسۇ‌ن».‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏10‏.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ يۇ‌ھاننا 14:‏12-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

14 بۈگۈنكى كۈندە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش —‏ ۋە‌ز قىلىش ھە‌م شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌نىڭدىنمۇ زور ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 14:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش مۆجىزىلە‌رنى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتمىغان.‏ بە‌لكى،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك جايلاردا،‏ كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە ۋە كۆپرە‌ك ۋاقىت ۋە‌ز قىلالايدۇ.‏

15.‏ ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

15 ئىشلە‌يدىغان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «خىزمە‌تداشلىرىم مېنى ئىشلە‌مچان ئادە‌م دە‌پ تونامدۇ؟‏ ماڭا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتتۈرۈمە‌نمۇ ۋە ئۇ‌نى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دۇ‌م بىلە‌ن قىلىمە‌نمۇ؟‏» بۇ سوئاللارغا «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رسىڭىز،‏ خۇ‌جايىنىڭىز ياكى باشلىقىڭىز سىزگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز ئىشتىكىلە‌رنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە جە‌لپ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ھە‌ققىدە ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «مە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمە‌نمۇ؟‏ كىشلە‌ر بىلە‌ن بىرىنچى قېتىم سۆزلىشىشكە ياخشى تە‌ييارلىق قىلىمە‌نمۇ؟‏ قىزىقىشنى كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌مگە كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمە‌ي،‏ قايتا يولۇ‌قىمە‌نمۇ؟‏ مە‌ن ھە‌رخىل شە‌كىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە‌ز خىزمىتىگە دائىم قاتنىشىپ تۇ‌رىمە‌نمۇ؟‏» بۇ سوئاللارغىمۇ «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بېرە‌لىسىڭىز،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدىن زور خۇ‌شاللىق تاپىسىز!‏

سىزنىڭ دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏

16.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌رنىڭ دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشى نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز قارىشىدىن قانداق پە‌رقلىق بولغان؟‏

16 ئە‌يسا ئۆزىنىڭمۇ،‏ شاگىرتلىرىنىڭمۇ بە‌زىدە دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ شۇ زاماندا ياشىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى باي كىشىگە ئوخشايدۇ.‏ باي كىشى ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «راھە‌تلىنىپ،‏ يە‌پ-‏ئىچكىن،‏ كۆڭلۈڭنى خۇ‌ش قىلغىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏19؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىچە،‏ دە‌م ئېلىش ۋە ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشلار بولغان.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرى بولسا،‏ ئە‌كسىنچە،‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويمىغان.‏

ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌ش بىزنى روھلاندۇ‌رۇ‌پ ۋۇ‌جۇ‌دىمىزغا كۈچ قوشۇ‌دىغان ئىشلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

17.‏ ئىشلىمە‌ي دە‌م ئالغاندا،‏ ۋاقتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟‏

17 بىزمۇ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئىشتىن دە‌م ئالغاندا،‏ پە‌قە‌ت ھاردۇ‌ق چىقىرىش ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ ۋە‌ز قىلىش ھە‌م جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت چىقىرىمىز.‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بۇ ئىشلارنى بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ھە‌تتا دە‌م ئېلىپ ساياھە‌ت قىلغاندا بولسۇ‌ن،‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولمايلى،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌يمىز.‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏2‏.‏

18.‏ پادىشاھىمىز ئە‌يسا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟‏

18 پادىشاھىمىز ئە‌يسا قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى كۈتمە‌يدۇ،‏ ئۇ ئىشلە‌شكە ۋە دە‌م ئېلىشقا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە بىز ئۇ‌نىڭغا بە‌كمۇ مىننە‌تدار!‏ (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏15‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ يېتە‌رلىك دە‌م ئېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ بىزنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىمىزنى ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا پائال قاتنىشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ بىزنى گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقىدىن قانداق ئازاد قىلىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە دە‌م ئېلىش ۋە ئىشلە‌شكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ.‏ ھازىر ئىسرائىل خە‌لقى ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنىنى مىسال قىلىپ،‏ ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدىكى «‏خۇ‌دا يە‌رنى ئالتە كۈننىڭ ئىچىدە ياراتقانلىقىغا ئىشىنە‌مسىلە‌ر؟‏‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ (‏بىز ھە‌ققىدە >‏ كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار)‏.‏

c شاگىرتلىرى دە‌م ئېلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ننى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ دە‌م ئېلىش كۈنى ئاخىرلاشمىغىچە ئە‌يسانىڭ تېنىنى يە‌رلە‌شكە تە‌ييارلاشنى توختىتىپ قويغانلىقىدىن كۆرۈنگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 23:‏55،‏ 56‏.‏

d سۈرە‌تتە:‏ يۈسۈپ ئائىلىسى بىلە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنى ئىبادە‌تخانىغا كېتىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌پلا قالماستىن،‏ ئىشلىمە‌ي دە‌م ئالدىغان چاغدا،‏ ھە‌تتا ساياھە‌ت قىلغاندىمۇ،‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىدۇ.‏