ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
2019-يىلنىڭ «كۈزىتىش مۇنارى» ژورنالىرىغا ئاساسلانغان تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟
خۇدانىڭ: «ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ»،— دېگەن ۋەدىسى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (يەشايا 54:17)
يەھۋا بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھۇجۇمىدىن ھىمايە قىلىدۇ (يەشايا 25:4، 5). دۈشمەنلىرىمىز بىزگە مەڭگۈ زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ (كم01.19 6، 7-ب.).
خۇدانىڭ قانانىيلار ۋە تەرسا ئىسرائىللارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئادالەتلىكى ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
خۇدا ھېچكىمى يوق ئاياللار بىلەن بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى جاۋابقا تارتقان. ئۆزىگە ئىتائەت ھەم باشقىلاغا ئادىل مۇئامىلە قىلغانلارنى بەرىكەتلىگەن (كم02.19 22، 23-ب.).
يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس بىرسى دۇئا قىلسا، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
شۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىپ، جىم-جىت تۇرىمىز. بىز نە ئۈنلۈك ئاۋازدا، نە ئۈنسىز «ئامىن» دېمەيمىز. بىراق، ئىچىمىزدە ئۆز دۇئايىمىزنى ئېيتساق بولىدۇ (كم03.19 31-ب.).
بالىلارنى جىنسىي خورلاش قانچىلىك ئېغىر گۇناھ؟
بالىنى جىنسىي خورلاش — بالىغا، جامائەتكە، ھۆكۈمەتكە ۋە خۇداغا قارشى قىلىنغان ئېغىر گۇناھ. دۆلەت قانۇنىدا تەلەپ قىلىنسا، ئاقساقاللار بۇ جىنايى قىلمىش توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ (كم05.19 9، 10-ب.).
ئوي-پىكىرنى ئۆزگەرتىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟
بۇنىڭ ئۈچ ئۇسۇلى بار: دۇئا قىلىپ يەھۋا بىلەن سۆزلىشىڭ؛ چوڭقۇر ئويلىنىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ؛ ياخشى دوستلارنى تاللاڭ (كم06.19 11-ب.).
زىيانكەشلىككە ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىڭ. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇڭ ۋە دائىم دۇئا قىلىڭ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ. ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان ئايەتلەرنى ۋە يەھۋانى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى يادلاۋېلىڭ (كم07.19 2—4 ب.).
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟
ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى چۈشىنىش، سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇشىمىز كېرەك. ئادەتتە، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سۆزلىرىمىز ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز كۆپرەك تەسىر قىلىدۇ (كم08.19 15—17 ب.).
ئەيسا بىزگە تاپشۇرغان ئىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزىدۇ؟ (مەتتا 11:28)
بىزنىڭ ئەڭ ياخشى يېتەكچىلىرىمىز، ئەڭ ياخشى دوستلىرىمىز ۋە ئەڭ ياخشى ئىشىمىز بار (كم09.19 23-ب.).
يەھۋا خۇدا ھەرىكەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ھەم ئارزۇ-ئىستەك ھەم كۈچ قۇدرەتنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ (فىلىپى. 2:13)
بىز خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن مۇلاھىزە قىلغاندا، خۇدا بىزگە ھەم ئارزۇ-ئىستەك ھەم كۈچ قۇدرەتنى بېرەلەيدۇ. يەھۋا خۇدا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بىزنىڭ قابىلىيەتلىرىمىزنى ئاشۇرالايدۇ (كم10.19 21-ب.).
مۇھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال بىز قايسى بەش قەدەمنى قىلىشىمىز كېرەك؟
دانالىق سوراپ دۇئا قىلىڭ. ئېنىق مەقسەتلەرنى قويۇڭ. مۇمكىنچىلىكلىرىڭىز چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئۆز نىيەتلىرىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. چوڭقۇر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. (كم11.19 27—29 ب.).
«روھ ئۆلمەيدۇ»، دېگەن تەلىمات شەيتان ھاۋا-ئانىغا ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا پەيدا بولغانمۇ؟
ياق. شەيتان ھاۋا-ئانىغا ئۇنىڭ تېنى ئۆلۈپ، روھى باشقا بىر يەردە ياشايدۇ، دەپ ئېيتمىغان. ئۇ ھېچقاچان ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا توپان سۈيىدە ساختا تەلىماتلارمۇ يوق قىلىنغان. بەلكىم، ئۆلمەيدىغان روھ توغرۇلۇق تەلىم خۇدا بابىل مۇنارىنى قۇرغان ئادەملەرنى «پۈتكۈل يەر يۈزىگە» تارقىتىۋەتكەندىن ئاۋۋال پەيدا بولغان (كم12.19 15-ب.).