ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
مۇقەددەس كىتابتا بىرەر مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، كەم دېگەندە ئىككى گۇۋاھچى بولۇشى كېرەكلىكى يېزىلغان (سانلار 35:30؛ تەكرار. قا 17:6؛ 19:15؛ مەتتا 18:16؛ 1-تىموت. 5:19). لېكىن، قانۇن بويىچە، كىشى «دالادا» توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگكەن ۋە قىز ۋارقىرىغان بولسا، ئەر كىشى زىنا قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن، بىراق قىز بىگۇناھ ھېسابلانغان. بۇ جىنايەتنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ئەر كىشى گۇناھكار، لېكىن قىز ئەيىبسىز بولغان؟
تەكرار قانۇن 22:25—27-ئايەتلەردىكى ئۈزۈندىدە، گۇناھكار ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ئەر كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغان. بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى قىزنىڭ گۇناھكار ياكى بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش بولغان. ئالدى-كەينىدىكى ئايەت مەزمۇنىغا كۆڭۈل بۆلەيلى.
ئاۋۋالقى ئايەتلەردە، «شەھەردە» قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكەن ئەر كىشى ھەققىدە يېزىلغان. ۋەدىلىشىپ قويغان قىز توي قىلغان دەپ ھېسابلانغاچقا، نومۇسىغا تەگكەن ئەر زىنا قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن. خورلۇققا ئۇچرىغان قىزچۇ؟ ئۇ «شەھەردە تۇرۇپ، ۋارقىرىمىغان». ئەگەر ئۇ ۋاقىرىغان بولسا، باشقىلار ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرەلەيتتى. لېكىن، ئۇ ۋاقىرىمىغانلىقتىن، ئۇمۇ زىنا قىلغان ھېسابلانغان. شۇڭا، ھەر ئىككىلىسى گۇناھكار بولغان.—تەكرار. قا 22:23، 24.
بۇنىڭدىن باشقا ۋەزىيەت تەسۋىرلەنگەن كېيىنكى قانۇندا: «ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىشىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ، ئۇنى قۇتقۇزغىدەك كىشى تېپىلمىغان».—تەكرار. قا 22:25—27.
شۇنداق ۋەزىيەتتە سوتچىلار قىزنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن، چۈنكى ۋارقىرىغان بولسىمۇ، «قىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم يوق ئىدى». شۇ سەۋەبتىن، قىز زىنا قىلغان، دەپ ئەيىبلەنمىگەن. ئەمما، ئەر كىشى «باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر قىزنى» «تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا»، قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكىنى ۋە زىنا قىلغىنى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.
شۇڭا، بۇ قانۇن خورلانغان قىزنىڭ بىگۇناھلىقى توغرۇلۇق بولغان بولسىمۇ، ئەر كىشىنى جىنسىي زورلۇق ۋە زىنا قىلغان گۇناھكار دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. سوتچىلارنىڭ مەسىلىنى ‹تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرگەنلىكى› ۋە يەھۋا كۆپ قېتىم قايتىلىغان ئېنىق قانۇنلار ۋە پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ، قارار چىقارغانلىقىدىن گۇمان قىلمايمىز.—تەكرار. قا 13:14؛ 17:4؛ چىق. 20:14.