مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىغا ئۇ ياخشى بىلە‌ن ياماننى بىلدۈرىدىغان دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى يېسە،‏ ئۆلمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ بۈگۈنكى كۈندە كە‌ڭ تارقالغان «روھ ئۆلمە‌يدۇ»،‏ دېگە‌ن تە‌لىمات توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانمۇ؟‏

ياق.‏ شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىغا يېيىش مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى يېسە،‏ ئۇ‌نىڭ تېنى ئۆلۈپ،‏ روھى باشقا بىر يە‌ردە ياشايدۇ،‏ دە‌پ ئېيتمىغان.‏ ئۇ يىلان ئارقىلىق ھاۋا-‏ئانىغا شۇ دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى يېسە،‏ ھېچقاچان ئۆلمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۇ ھاۋا-‏ئانىغا خۇ‌دادىن مۇ‌ستە‌قىل،‏ ‹ئۆزى بە‌گ،‏ ئۆزى خان› بولۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌رام ياشالايدىغانلىقىنى يوشۇ‌رۇ‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏يارىت.‏ 2:‏17؛‏ 3:‏3—‏5‏.‏

ئە‌گە‌ر ئۆلمە‌يدىغان روھ ھە‌ققىدىكى ساختا تە‌لىم ئېرە‌م بېغىدا پە‌يدا بولمىغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ نە‌دىن كېلىپ چىققان؟‏ بىز بۇ‌نى ئېنىق بىلمە‌يمىز.‏ بىز بىلگە‌ندە‌ك،‏ نۇ‌ھنىڭ زامانىدىكى توپان سۈيىدە يالغان ئىبادە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ۋە ساختا تە‌لىماتلارمۇ يوق قىلىنغان.‏ شۇ چاغدا پە‌قە‌ت ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغان نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلە‌ر ئامان قالغان.‏

دېمە‌ك،‏ ئۆلمە‌يدىغان روھ توغرۇ‌لۇ‌ق ھازىر مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌ۋاتقان تە‌لىم توپان سۈيىدىن كېيىن پە‌يدا بولغان.‏ خۇ‌دا بابىلدا تىللارنى قالايمىقانلاشتۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌ندە،‏ ئادە‌ملە‌ر پۈتكۈل يە‌ر يۈزىگە تارقىلىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى بىلە‌ن شۇ ساختا تە‌لىمنى ئېلىپ كە‌تكە‌ن (‏يارىت.‏ 11:‏8،‏ 9‏)‏.‏ ئۆلمە‌يدىغان روھ ھە‌ققىدىكى تە‌لىم مە‌يلى قاچان پە‌يدا بولمىسۇ‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا تە‌سىر قىلغان ‹يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسى› ئىبلىس شە‌يتان بولغان ۋە ئۇ بۇ تە‌لىمنىڭ كە‌ڭ تارقالغانلىقىدىن بە‌ك خۇ‌شال بولغانلىقى سۆزسىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏.‏