مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مىننە‌تدار بولۇ‌ڭلار

مىننە‌تدار بولۇ‌ڭلار

سىز ئۆزىڭىزنى مىننە‌تدار ئادە‌م دە‌پ ھېسابلامسىز؟‏ ھە‌ربىرىمىز بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزنىڭ زامانىمىزدا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ «ناشۈكۈر» بولىدىغانلىقى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغان (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏2‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز مىننە‌تدارلىقنى بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چراتقانسىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ ھە‌ممىسى ئۇ‌لار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشى ياكى بىر نە‌رسە بېرىشى كېرە‌ك ۋە ئۇ‌لار شۇ‌نىڭغا لايىق،‏ رە‌ھمە‌ت ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق دە‌پ قارايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ قېشىدا بولۇ‌شنى ياقتۇ‌رمايدىغانسىز.‏

لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى:‏ «مىننە‌تدار بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ چاقىرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ‹ھە‌ممە نە‌رسە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىشىمىز› لازىم (‏كولوسى.‏ 3:‏15؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏18‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مىننە‌تدارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۆزۈمىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ھازىر بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مىننە‌تدارلىق ۋە ئۆزۈمىزگە بولغان ئىجابىي كۆز قاراش

دائىم مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ بۇ ئۆزۈمىزگە ئىجابىي ياكى توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ باشقىلارغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىدىغان كىشى ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىدۇ ۋە مىننە‌تدارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭمۇ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقنى بىلدۈرۈش بىزنىمۇ،‏ باشقىلارنىمۇ خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ؟‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىرسى سىز ئۈچۈن بىر نە‌رسىنى قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارسا،‏ دېمە‌ك سىزنى لايىق دە‌پ قارىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىكتۇ‌ر.‏ شۇ كىشى سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ سىز ئۇ‌لارنىڭ غە‌مخورلۇ‌قىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى بە‌ختلىك ھېس قىلىسىز.‏ رۇ‌تمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ بوئاز رۇ‌تقا مە‌ردلىك كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ بوئازنىڭ شۇ‌نداق غە‌مخورلۇ‌قىدىن رۇ‌ت ئۆزىنى ئىنتايىن بە‌ختلىك سە‌زگە‌ن.‏—‏رۇ‌ت 2:‏10—‏13‏.‏

خۇ‌داغا مىننە‌تدار بولۇ‌ش ياكى شۈكۈر ئېيتىش ئالاھىدە مۇ‌ھىم.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بە‌زىدە خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ۋە بېرىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي سوۋغاتلار ھە‌ققىدە ئويلايسىز (‏تە‌كرار.‏ قا 8:‏17،‏ 18؛‏ ئە‌لچى.‏ 14:‏17‏)‏.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دانىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يۈزە‌كى ئويلاپلا قويماي،‏ يېقىنلىرىڭىزغا ۋە سىزگە بە‌رگە‌ن كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌ر ئۈستىدىن كۆپرە‌ك چوڭقۇ‌ر ئويلاشقا ۋاقىت بۆلۈڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مە‌ردلىكى ھە‌ققىدە ئويلىساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ،‏ ئۇ بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9‏.‏

لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌ردلىكى ۋە بە‌رىكە‌تلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپلا قويماي،‏ يە‌ھۋانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 100:‏4،‏ 5‏)‏.‏ مىننە‌تدارلىقىنى ئىزھار قىلىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى خۇ‌شال ھېس قىلىدۇ.‏

مىننە‌تدارلىق دوستلۇ‌ق رىشتىلىرىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ

مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بۇ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ھە‌ممىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى قە‌دىرلىشىنى خالايمىز.‏ سىز بىرسىگە چىن يۈرە‌كتىن رە‌ھمە‌ت ئېيتقاندا،‏ شۇ ئادە‌م بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن دوستلىشىپ كېتىسىز (‏رىملىقلار 16:‏3،‏ 4‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ مىننە‌تدار ئادە‌ملە‌ر باشقىلارغا دائىم ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ باشقىلار سىزنىڭ ئۇ‌لارغا مېھرىبان ئىكە‌نلىكىڭىزنى بايقىغاندا،‏ ئۇ‌لارمۇ سىزگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.‏ ئە‌يسا دېگە‌ندە‌ك،‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر».‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏.‏

كالىفورنىيە ئۇ‌نىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت ئېمونسنىڭ ئېيتىشىچە،‏ مىننە‌تدار بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز بىر-‏بىرىمىزگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زىدە بىز بېرىمىز،‏ باشقا چاغلاردا بولسا بىزگە بېرىلىدۇ.‏ راست،‏ ھاياتىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىغا باغلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىزنى ئېھتىياجلىق ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ ياكى تىببىي ياردە‌م كۆرسىتىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 12:‏21‏)‏.‏ مىننە‌تدار كىشى باشقىلارنىڭ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ سىزنىڭ باشقىلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟‏

مىننە‌تدارلىق ۋە ھاياتقا بولغان كۆز قاراش

مىننە‌تدارلىق كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ بۇ سە‌لبىي ئە‌مە‌س،‏ ئىجابىي نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئادە‌منىڭ ئە‌قلىنى سۈزگۈچ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئۇ بىزگە ئۆپ-‏چۆرىمىزدىكى بە‌زى نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌تنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈپ،‏ باشقىلىرىغا ئېرە‌ن قىلماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مىننە‌تدار بولسىڭىز،‏ ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا ئە‌مە‌س،‏ ياخشى نە‌رسىلە‌رگە كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رالايسىز.‏ قانچە مىننە‌تدار بولغانسېرى،‏ ياخشى نە‌رسىلە‌رگە شۇ‌نچە ياخشى تە‌رە‌پنى كۆرىدىغان بولىسىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ تېخىمۇ مىننە‌تدار بولالايسىز.‏ بار دىققىتىڭىزنى مىننە‌تدار بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان نە‌رسىلە‌رگە قاراتسىڭىز،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ «رە‌ببىمىز يولىدا ھە‌مىشە شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالالايسىز.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏4‏.‏

مىننە‌تدارلىق سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن نېرى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھە‌م مىننە‌تدار بولۇ‌ش،‏ ھە‌م كۆرە‌لمە‌سلىك قىلىش،‏ خاپا بولۇ‌ش ياكى ئاچچىقلىنىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قە‌لبىدە مىننە‌تدارلىق بار ئادە‌ملە‌ر مال-‏دۇ‌نياغا ئانچە قىزىقمايدۇ.‏ ئۇ‌لار كۆپرە‌ك مال-‏دۇ‌نياغا ئېرىشىشكە تىرىشماي،‏ ئە‌كسىنچە قولدا بارىغا مىننە‌تدار بولىدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏12‏.‏

بە‌رىكە‌تلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاڭ

بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغاچقا،‏ شە‌يتان بىزنىڭ دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى قايغۇ‌رۇ‌پ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ ئۇ سىزنىڭ نارازىلىق روھىنى كۆرسىتىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداق يامان روھىي كە‌يپىياتتا بولسىڭىز،‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش قىيىن بولىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مىننە‌تدارلىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىلىرى ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا بىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نگە‌ندە،‏ قە‌لبىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇ‌ش سۈپىتدە،‏ سىز بە‌لكىم بۇ ماقالىدە مىننە‌تدارلىق توغرىسىدا يېزىلغانلارغا قوشۇ‌لىسىز.‏ لېكىن،‏ ھە‌ممىشە مىننە‌تدار بولۇ‌ش ۋە ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاش ئاسان ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىسىز.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ مىننە‌تدار بولۇ‌ش قولۇ‌ڭىزدىن كېلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ نېمىلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاشقا ھە‌ر كۈنى ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ تېخىمۇ مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىسىز.‏ شۇ چاغدا سىز پە‌قە‌ت ئۆز قىيىنچىلىقلىرى ھە‌ققىدە ئويلايدىغان كىشىلە‌رگە قارىغاندا،‏ ئۆزىڭىزنى بە‌ختلىكرە‌ك ھېس قىلالايسىز.‏ خۇ‌دانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان ۋە روھىڭىزنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ھە‌ر كۈنى مىننە‌تدار بولۇ‌شنىڭ ئىككى-‏ئۈچ سە‌ۋە‌بىنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.‏

تە‌تقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە،‏ ئادە‌ملە‌ر باشقىلارغا پات-‏پات مىننە‌تدارلىق بىلدۈرسە،‏ مېڭىسىنىڭ ئىشلە‌ش ئىقتىدارىنى ئاشۇ‌رىدىكە‌ن،‏ شۇ ئارقىلىق ھاياتقا ئىجابىي كۆز قاراش بىلە‌ن قاراشقا باشلايدىكە‌ن.‏ مىننە‌تدار ئادە‌م بە‌ختلىك ئادە‌م.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا سىزگە تۆككە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ،‏ ياخشى ۋە‌قە‌لە‌رنى ئە‌ستە ساقلاپ قويۇ‌ڭ ۋە ھە‌رقاچان مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ.‏ ياخشى ئىشلارغا پە‌رۋاسىز يۈرمە‌ي،‏ يە‌ھۋاغا «ھە‌ممە نە‌رسە ئۈچۈن شۈكۈر» ئېيتىڭ.‏ —‏1-‏تارىخ.‏ 16:‏34؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏18‏.‏