51-تەتقىق ماقالىسى
سىز يەھۋا خۇدانى قانچىلىك يېقىن تونۇيسىز؟
«سېنىڭ ئىسىمىڭنى بىلگۈچىلەر ئىشەنچ باغلايدۇ ساڭا، سەن ئۇلارنى تاشلىمايسەن ئەسلا، ئى يەھۋا».—زەبۇر 9:10.
34-ناخشا ئسمىمىزغا ماس ياشايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئانخېلىتونىڭ ئۈلگىسىدىن كۆرگىنىمىزدەك، ھەربىرىمىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئاتا-ئانىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ؟ شۇنداق بولسا، يەھۋا بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئۇلاردىن مىراس ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇماڭ. ئاتا-ئانىمىز مەيلى خۇداغا خىزمەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ھەربىرىمىز يەھۋا بىلەن شەخسىي دوستلۇق مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
2 ئانخېلىتو ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ ئۆسمۈر چېغىدا ئۆزىنى يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن ھېس قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋاغا ئۆيدىكىلىرىم نېمە قىلسا، شۇنى قىلىشنى خالىغانلىقتىنلا خىزمەت قىلاتتىم». لېكىن، ئانخېلىتو خۇدا سۆزىنى ئوقۇش، ئوقۇغانلىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە يەھۋاغا پات-پات دۇئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ يەنە: «مەن كۆيۈمچان ئاتام يەھۋا توغرۇلۇق ئۆزۈم تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئۆگەنگەندىلا، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشىم مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم»،— دەيدۇ. ئانخېلىتونىڭ ئۈلگىسى بىزدە مۇنداق سوئاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن: يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق ئازراق بىر نەرسىنى بىلىش بىلەن ئۇ ھەققىدە چوڭقۇرراق تونۇشقا ئىگە بولۇش ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ يەھۋانى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟
3. يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىش بىلەن ئۇ ھەققىدە چوڭقۇرراق تونۇشقا ئىگە بولۇش ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
3 بىز خۇدانىڭ ئىسىمى، ئېيتقان سۆزلىرى ياكى قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلسەك، يەھۋانى تونۇيمىز، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، بۇنى بىلىش خۇدانى ياخشىراق تونۇيدۇ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز ئاۋۋال ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ئوي-پىكىرلىرىمىز، قارارلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدىن ئۇنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلگەندە، بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
4. مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەر نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟
4 بەزى ئادەملەر خۇداغا خىزمەت قىلغىنىمىز ئۈچۈن بىزنى زاڭلىق قىلىشى ۋە جامائەت يىغىلىشرىغا بېرىشنى باشلىغاندا، ھەتتا بىزگە قارشى چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، بىز يەھۋاغا تايانساق، ئۇ بىزنى ئەسلا تاشلىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئاساسىنى سېلىشنى باشلايمىز. خۇدا بىلەن يېقىنراق تونۇشۇش مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە! مۇسا پەيغەمبەر ۋە داۋۇت پادىشاھقا ئۇخشاش نامۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، مۇنۇ ئىككى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: ئۇلار يەھۋانى قانداق تونۇپ بىلگەن؟ ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
مۇسا پەيغەمبەر «كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى» كۆرگەن
5. مۇسا پەيغەمبەر نېمە قىلىشنى تاللىغان؟
5 مۇسا پەيغەمبەر خۇداغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغان. مۇسا تەخمىنەن 40 ياشتا بولغاندا، «فىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىشنى» رەت قىلىپ، خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار بىلەن بولۇشنى تاللىغان (ئىبرانىي. 11:24). ئۇ يۇقىرى مەنسەپتىن ۋاز كەچكەن. مۇسا مىسىردا قول بولۇۋاتقان ئىسرائىل خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ، مىسرلىقلارنىڭ نەزىرىدە خۇدا، دەپ قارالغان قۇدرەتلىك ھۆكۈمران فىرئەۋننىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. بۇ مۇسانىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىنى كۆرسەتكەن. مۇسا يەھۋا خۇداغا ئىشەنچ باغلىغان. ئۇنىڭ ئېتىقادى يەھۋا بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك دوستلۇقنىڭ ئاساسىي بولغان ئىدى.—پەند. نە 3:5.
6. مۇسانىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
6 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ مۇساغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ھاياتىمىزدا مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشىمىز كېرەك: بىز خۇداغا خىزمەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا بولۇشنى تاللايمىزمۇ؟ بەلكىم، خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بەزى قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىز ياكى يەھۋانى تونۇمايدىغانلارنىڭ قارشىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا تەييار بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تايانساق، ئۇ چوقۇم بىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ!
7، 8. مۇسا نېمىلەر توغرۇلۇق بىلىشنى داۋاملاشتۇرغان؟
7 مۇسا يەھـۋانىـڭ خۇسۇسىيەتلىـرى توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى داۋاملاشتۇرغان. مەسىلەن، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشنى تاپشۇرغاندا، مۇسا ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنمەي، دائىم ئۆزىنى نالايىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىچ ئاغرىتقانلىقىنى كۆرسەتكەن (چىق. 4:10—16). نەتىجىدە، مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئېغىر جازا ھۆكۈم خەۋىرىنى فىرئەۋنگە يەتكۈزەلىگەن. كېيىن، خۇدا ئۆز خەلقىنى ئازاد قىلىپ، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى قىزىل دېڭىزدا يوق قىلغاندا، مۇسا يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرگەن.—چىق. 14:26—31؛ زەبۇر 136:15.
8 ئىسرائىللار مىسىر قۇللۇقىدىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، قايتا-قايتا نالە-پەرياد قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، مۇسا يەھۋا ئۆزى ئازاد قىلغان خەلققە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى (زەبۇر 78:40—43). شۇنداقلا، يەھۋا مۇسانىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سېلىپ، ئىسرائىل خەلقىنى يوق قىلماسلىقنى قارار قىلغاندا، ئۇ يەھۋانىڭ ئاجايىپ كەمتەرلىكىنى كۆرگەن.—چىق. 32:9—14.
9. ئىبرانىيلار 11:27-ئايەتكە ئاساسەن، مۇسا بىلەن يەھۋا خۇدانىڭ مۇناسىۋىتى قانچىلىك يېقىن بولغان؟
9 مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، مۇسا بىلەن خۇدانىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىن بولغان. ھەتتا مۇسا خۇددى ئاسماندىكى ئاتىسىنى كۆرگەندەك بولغان ئىدى (ئىبرانىيلار 11:27-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتابتا مۇسا بىلەن يەھۋانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بەكمۇ يېقىن بولغانلىقى مۇنداق سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن: «يەھۋا مۇسا بىلەن خۇددى بىر كىشى ئۆز دوستى بىلەن سۆزلەشكەنگە ئوخشاش يۈزمۇ-يۈز سۆزلىشەتتى».—چىق. 33:11.
10. يەھۋا خۇدانى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
10 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۋا خۇدانى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭ خىسلەتلىرى توغرۇلۇق بىلىپلا قويماي، يەنە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك. يەھۋانىڭ ئىرادىسى بولسا «ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇپ، قۇتقۇزۇلۇشىدۇر» (1-تىموت. 2:3، 4). خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنىڭ بىر يولى — باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم بېرىش.
11. باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم بەرگەندە، ئۆزۈمىز ئۇنى قانداق ياخشىراق تونۇيمىز؟
11 بىز باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم بەرگەندە، ئۆزۈمىزمۇ ئۇنى ياخشىراق تونۇيالايمىز. مەسىلەن، يەھۋا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىغان ئادەملەرنى تېپىشمىزغا ياردەم بەرگەندە، ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىيدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز (يۇھاننا 6:44؛ ئەلچى. 13:48). مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەر يامان ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ھاياتىنى ئۆزگەرتكەندە، خۇدا سۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرۈپ يېتىمىز (كولوسى. 3:9، 10). خۇدانىڭ ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىزنى ئۇلارغا قايتا-قايتا ئەۋەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىنى كۆرىمىز.—رىملىقلار 10:13—15.
12. چىقىش 33:13-ئايەتتە يېزىلغاندەك، مۇسا يەھۋادىن نېمىنى سورىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
12 مۇسـا يەھـۋا خـۇدا بىلـەن بولغـان مۇناسىۋىتىنى قەدىرلىگەن. خۇدا مۇسانى ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن قۇدرەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋە مۇسا يەھۋانى ياخشى تونۇغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەھۋانى تېخىمۇ يېقىنراق تونۇش ئۈچۈن ياردەم سورىغان (چىقىش 33:13-نى ئوقۇڭ). شۇ چاغدا مۇسانىڭ يېشى 80دىن ئېشىپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىسى توغرۇلۇق يەنە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.
13. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
13 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ يەھۋاغا مەيلى قانچە ۋاقىت خىزمەت قىلمايلى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ھەرقاچان قەدىرلىشىمىز كېرەك. خۇدا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش.
14. خۇدانى يېقىنراق تونۇش ئۈچۈن دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم؟
14 بىرسى بىلەن يېقىن دوست بولۇشنى خالىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن پات-پات سۆزلىشىپ تۇرىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پات-پات دۇئا قىلىڭ ۋە ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز ۋە ئويلىرىڭىزنى ئېيتىشتىن قورقماڭ (ئەفەس. 6:18). تۈركىيىدە ياشايدىغان كرىستا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا ئىچ سىرىمنى تۆكۈپ دۇئا قىلغانسېرى ۋە ئۇنىڭ ياردىمىنى كۆرگەنسېرى، يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم ۋە ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. يەھۋا دۇئالىرىمغا جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۇنى ئاتام ۋە دوستۇمدەك كۆرۈشۈمگە ياردەم بەرگەن».
يەھۋانىڭ كۆڭلىگە ياققان ئادەم
15. يەھۋا داۋۇتنى قانداق ئادەم دەپ ئاتىغان؟
15 داۋۇت پادىـشـاھنىـڭ ئـاتـا-ئـانىسـى ۋە ئۆپ-چۆرىسـىدىـكى ئادەملەرنىـڭ ھەممىسى يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلاتتى. لېكىن، داۋۇت ئۇنىڭ ئائىلىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۇلارغا ئەگەشىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلغان ئەمەس. ئۇ ئۆزى يەھۋا خۇدا بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرگەن ۋە يەھۋا ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدى. يەھۋانىڭ ئۆزى داۋۇتنى «كۆڭلۈمگە ياقىدىغان بىر ئادەم» دەپ ئاتىغان (ئەلچى. 13:22). داۋۇت يەھۋا بىلەن شۇنچىلىك يېقىن مۇناسىۋەتنى قانداق يېتىلدۈرگەن؟
16. داۋۇت يەھۋانىڭ ياراتقانلىرىغا قاراپ نېمىنى ئۆگەنگەن؟
16 داۋۇت مەۋجۇداتلارغا قاراپ، يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگەن. ياش چېغىدا داۋۇت ئاتىسىنىڭ قوي پادىلىرىنى بېقىپ، كۆپ ۋاقتىنى دالادا ئۆتكۈزگەنىدى. بەلكىم، ئۇ شۇ چاغدا يەھۋا خۇدا ياراتقان نەرسىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلاشقا باشلىغان. مەسىلەن، داۋۇت ئاسمانغا قارىغاندا، پەقەت سانسىز يۇلتۇزلارنىلا ئەمەس، ئۇلارنى ياراتقان ياراتقۇچىنىڭ خىسلەتلىرىنى كۆرگەن. داۋۇت مۇنداق يازغان: «ئېگىز ئاسمانلار خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار؛ كۆكلەر ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشلىرىنى نامايان قىلار» (زەبۇر 19:1، 2). داۋۇت ئىنسانلارنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ قانچىلىك دانا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (زەبۇر 139:14). داۋۇت يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا بەكمۇ كىچكىنە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن.—زەبۇر 139:6.
17. مەۋجۇداتلار توغرۇلۇق ئويلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
17 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ مەۋجۇداتلارغا كۆڭۈل قويۇڭ. يەھۋا خۇدا ياراتقان بۇ ئاجايىپ كائىنات بەكمۇ ھەيران قالارلىق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ھەر كۈنى خۇدا ياراتقان ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار ۋە ئادەملەرگە قاراپ ۋە شۇلار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ، يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىۋالىمىز. شۇنداق قىلساق، ھەر كۈنى غەمخور ئاتىمىز يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىمگە ئېرىشىمىز (رىملىقلار 1:20). شۇ چاغدىلا ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ.
18. زەبۇر 18-بابتىن كۆرگىنىمىزدەك، داۋۇت نېمىنى چۈشەنگەن؟
18 داۋۇت يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەن. مەسىلەن، داۋۇت قويلارنى شىردىن ۋە ئېيىقتىن قوغدىغان چاغدا، يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشكە كۈچ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بەكمۇ يوغان جەڭچى جولياتنى يېڭىۋالغان چاغدىمۇ، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەن (1-سام. 17:37). شۇنداقلا داۋۇت ئىچى تار سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ يۈرگەندە، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەن (زەبۇر 18). داۋۇت تەكەببۇر بولغان بولسا، بۇ نەرسىلەرنى ئۆز كۈچۈم بىلەن قىلدىم، دەپ ماختىناتتى. لېكىن، داۋۇت كەمتەر بولغاچ، يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى كۆرگەن.—زەبۇر 138:6.
19. داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
19 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراپلا قويماي، ئۇنىڭ بىزگە قاچان ۋە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر كەمتەر بولساق، قولىمىزدىن ھەممە نەرسە كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە يەھۋا خۇدا كۈچىمىز يەتمىگەن نەرسىلەردە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. يەھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرگەنسېرى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز مۇستەھكەملىنىدۇ. يەھۋاغا كۆپ يىللار خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان فىجىدا ياشايدىغان ئىساك ئىسىملىك بۇرادەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «ئويلاپ باقسام، يەھۋا ماڭا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندىن تا ھازىرغىچە، ھەمىشە ياردەم بېرىپ كەلگەن. يەھۋا مېنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىك خۇدادۇر».
20. داۋۇتنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
20 داۋۇت يەھۋانىڭ خىسلەتلىرىنى ئۈلگە قىلغان. يەھۋا بىزنى ئۇنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئۈلگە ئالىدىغان قابىلىيەت بىلەن ياراتقان (يارىت. 1:26). بىز يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە قىلالايمىز. داۋۇتمۇ ئاسماندىكى ئاتىسىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالالىغان. بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. داۋۇت بەتشەبا بىلەن زىنا قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ يەھۋاغا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا قارىماستىن، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن ئىدى (2-سام. 11:1—4، 15). چۈنكى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن. ئۇ يەھۋا خۇدا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغاچقا، ئىسرائىل خەلقى داۋۇتنى بەك ياخشى كۆرگەن ۋە يەھۋا ئۇنى باشقا پادىشاھلار ئۈچۈن ئۈلگە قىلغان.—1-پادىشاھ. 15:11؛ 2-پادىشاھ. 14:1—3.
21. ئەفەسلىكلەر 4:24 ۋە 5:1-ئايەتلەرگە ئاساسەن، «خۇدانى ئۈلگە» قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
21 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىز «خۇدانى ئۈلگە» قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، ئۆزۈمىزمۇ پايدا ئالىمىز ۋە يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىۋالىمىز. يەھۋانىڭ خىسلەتلىرىنى ئۈلگە قىلساق، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.—ئەفەسلىكلەر 4:24؛ 5:1-نى ئوقۇڭ.
يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشكە ئىنتىلىڭ
22، 23. يەھۋا توغرۇلۇق بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللانساق، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
22 يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئۆزىنى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ۋە مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق تونۇشتۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا مۇسا ۋە داۋۇتقا ئوخشاش خۇدانىڭ كۆپلىگەن ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ۋە بىز ئۇلاردىن ئۈلگە ئالالايمىز. يەھۋا ئۆز تەرىپىدىن ھەرىكەت قىلغان ۋە بىزمۇ ئۆز تەرىپىمىزدىن ھەرىكەت قىلىشىمىز، يەنى ئۇنى تونۇش ئۈچۈن كۆز، قۇلاق ۋە قەلبلىرىمىزنى ئېچىشىمىز كېرەك.
23 خۇدايىمىز يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشنى ھېچقاچان توختاتمايمىز (ۋەز 3:11). ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ توغرۇلۇق قانچىلىك بىلىش ئەمەس، بىلگەنلىرىمىزنى قانداق ئىشلىتىش. ئەگەر بىلىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللانساق ۋە ئاسماندىكى ئاتىمىزدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشساق، ئۇ بىزگە داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ (ياقۇپ 4:8). خۇدا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۇنى ئىزدىگەنلەرنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a نۇرغۇن ئادەملەر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، ئۇنى ھەقىقىي تونۇمايدۇ. يەھۋانى يېقىن تونۇش دېگىنىمىز نېمە؟ بىز مۇسا پەيغەمبەر ۋە داۋۇت پادىشاھدىن يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرۇلۇق قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب تاپايلى.