مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ

يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ

‏«سىلە‌ر چوقۇ‌م.‏.‏.‏ زېمىنىڭلاردىكى پۈتكۈل خە‌لققە ئازادلىقنى جاكارلاڭلار».‏‏—‏لاۋى.‏ 25:‏10‏.‏

136-‏ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى.‏ ئۇ كە‌لگە‌ي!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ بە‌زى دۆلە‌رتلە‌ردە نېمىنى تە‌برىكلە‌يدۇ ۋە ئازادلىق يىلى دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏«‏ ئازادلىق يىلى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏ (‏2)‏ لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏ئايە‌تلە‌رگە‏،‏ ئە‌يسا نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان؟‏

 بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە ئادە‌ملە‌ر قانداقتۇ مۇ‌ھىم بىر ۋە‌قە‌نىڭ ئە‌للىك يىللىقىنى تە‌برىكلە‌يدۇ.‏ شۇ بايرام بىر كۈن،‏ بىر ھە‌پتە ياكى ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئۇ‌زاقراق ئۆتكۈزۈلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە تە‌برىكلە‌شلە‌ر ئاخىرلىشىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىقمۇ ئۇ‌زۇ‌نغا بارماي ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ كېتىلىدۇ.‏

2 كېلىڭلار،‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدا بىر يىل تە‌برىكلە‌نگە‌ن ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىپ باقايلى.‏ بۇ بايرام ھە‌ر 50 يىلدا بىر تە‌برىكلە‌نگە‌ن ۋە ئىسرائىللار ئازادلىققا ئېرىشكە‌ن.‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىققىتىمىزگە سازاۋە‌ر؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان چارىسىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏ ئە‌يسامۇ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان‏.‏—‏لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

قۇ‌ل بولغان ئادە‌ملە‌ر ئازادلىق يىلى ئە‌ركىنلىككە چىقىپ،‏ ئائىلىسىگە قايتىپ،‏ ئۆزىنىڭ يېرىگە ئىگە بولالايتتى (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

3.‏ لاۋىيلار 25:‏8—‏12-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئازادلىق يىلىنىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن قانداق پايدىسى بولغان؟‏

3 ئە‌يسانىڭ ئازادلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقى ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م 50-‏يىلنى مۇ‌قە‌ددە‌س يىل دە‌پ بە‌لگىلە‌پ،‏ زېمىنىڭلاردىكى پۈتكۈل خە‌لققە ئازادلىقنى جاكارلاڭلار.‏ بۇ سىلە‌ر ئۈچۈن شادلىق يىلى بولىدۇ.‏ ھە‌ربىرىڭلار ئۆز يە‌ر-‏مۈلكۈڭلارغا قايتۇ‌رۇ‌لىسىلە‌ر ۋە ھە‌ربىرىڭلار ئۆز ئائىلە‌ڭلارغا قايتىسىلە‌ر»‏ (‏لاۋىيلار 25:‏8—‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدە،‏ بىز ئىسرائىللار دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق.‏ ھازىر ئۇ‌لار ئازادلىق يىلىدىن قانداق پايدا ئالغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئىسرائىل كىشى قە‌رزگە بوغۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى قايتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يېرىنى ساتتى دە‌يلى.‏ ئازادلىق يىلى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر ئۇ‌نىڭغا قايتۇ‌رۇ‌لاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ كىشى ‹ئۆز يە‌ر-‏مۈلۈكلىرىگە› قايتىپ،‏ كېيىن ئۇ‌نى ئۆز بالىلىرىغا مىراس قالدۇ‌رالايتتى.‏ ياكى بولمىسا،‏ قە‌رزى كۆپ بولغىنى ئۈچۈن،‏ ئۇ ئامالسىز بالىلىرىنىڭ بىرىنى ياكى ئۆزىنى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان بولسا،‏ ئۇ‌نداق ئادە‌م ئازادلىق يىلى كە‌لگە‌ندە ئۆز ئائىلىسىگە قايتالايتتى.‏ دېمە‌ك،‏ ھېچكىم ئۆمۈر بويى قۇ‌ل بولمايتتى.‏ بۇ چار-‏تە‌دبىردىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە بە‌كمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

4،‏ 5.‏ ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىشىمىز نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

4 ئازادلىق يىلىنىڭ يە‌نە قانداق پايدىسى بولغان؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌يلى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ئاراڭلاردا بىرى نامراتلىشىپ كە‌تمىسۇ‌ن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىڭلار ئۆزى سىلە‌رگە مىراس سۈپىتىدە مۈلۈك قىلىپ بە‌رگە‌ن زېمىندا،‏ يە‌ھۋا جە‌زمە‌ن سىلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ» (‏تە‌كرار.‏ قا 15:‏4‏)‏.‏ بۈگۈن بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز بولسا،‏ مۇ‌تلە‌ق باشقىچە:‏ بايلار بارغانسېرى باي بولىۋاتىدۇ،‏ گادايلار بولسا،‏ تېخىمۇ گادايلىشىۋاتىدۇ.‏

5 بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە ياشىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قۇ‌للارنى ئازاد قىلىش،‏ قە‌رزلە‌رنى كە‌چۈرۈش ۋە يە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌شقا يول ئاچقان ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌نغا ئە‌مە‌ل قىلمايمىز (‏رىملىقلار 7:‏4؛‏ 10:‏4؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏15‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىزنى گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان چارىسىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏

ئە‌يسا ئە‌ركىنلىكنى جاكارلىغان

6.‏ ئىنسانىيە‌ت قانداق قۇ‌للۇ‌قتىن ئازاد بولۇ‌شقا مۇ‌ھتاج؟‏

6 ھە‌ممىمىز رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىنلىككە چىقىشقا مۇ‌ھتاج.‏ يە‌نى،‏ بۇ گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقى.‏ بىز گۇ‌ناھكار بولغاچ،‏ قېرىيمىز،‏ ئاغرىيمىز ھە‌م ئۆلۈمىز.‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌ينە‌ككە قارىغاندا ياكى دوختۇ‌رغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭ راست ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا بىز گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا،‏ قاتتىق قايغۇ‌رىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌لى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «مە‌ن نېمانچە بىچارە ئادە‌ممە‌ن!‏ كىم مېنى بۇ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان تېنىمدىن قۇ‌تقۇ‌زار؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 7:‏23،‏ 24‏.‏

7.‏ يە‌شايا ئە‌ركىنلىك توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئېيتقان؟‏

7 بە‌ختكە يارىشا،‏ خۇ‌دا بىزنى گۇ‌ناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن،‏ بىر چارە-‏تە‌دبىر ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا يە‌رگە كېلىشتىن 700 يىل ئىلگىرى،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىللارنىڭ ئازادلىق يىلىدا ئېرىشكە‌ن ئە‌ركىنلىكىدىنمۇ ئالاھىدە زور كېلە‌چە‌كتىكى بىر ئە‌ركىنلىك توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋانىڭ روھى ئۈستۈمدە،‏ چۈنكى يە‌ھۋا مېنى ياۋاشلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە مە‌سىھ قىلدى.‏ ئۇ مېنى كۆڭلى ئازار يېگە‌نلە‌رنىڭ يارىلىرىنى تېڭىشقا،‏ تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنغانلارنىڭ ئازاد قىلىندىغانلىقىنى‏،‏ … جاكارلاشقا ئە‌ۋە‌تتى» (‏يە‌شايا 61:‏1‏)‏‏.‏ كىم بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئورۇ‌نلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

8.‏ يە‌شايانىڭ ئە‌ركىنلىك ھە‌ققىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرى كىمگە قارىتا ئېيتىلغان؟‏

8 مۇ‌شۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئە‌يسا يە‌ردىكى خىزمىتىنى باشلىغاندا ئورۇ‌نلىنىشقا باشلىغان.‏ ئۇ ئۆز يۇ‌رتى بولغان ناسىرە شە‌ھىرىدە ئىبادە‌تخانىغا بېرىپ،‏ شۇ يە‌ردە جە‌م بولغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا يە‌شايانىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇ‌پ بە‌رگە‌ن.‏ «يە‌ھۋانىڭ روھى ئۈستۈمدە،‏ چۈنكى ئۇ مېنى كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئۈچۈن مە‌سىھ قىلدى.‏ تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنغانلارنىڭ ئازاد قىلىندىغانلىقىنى،‏ قارغۇ‌لارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش،‏ ئېزىلگە‌نلە‌رنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋە يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل يىلىنى ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تتى».‏ ئە‌يسا بۇ سۆزلە‌رنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 4:‏16—‏19‏)‏.‏ ئە‌يسا بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان؟‏

ئازادلىققا بىرىنچى بولۇ‌پ كىملە‌ر ئېرىشكە‌ن؟‏

ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق جاكارلىماقتا (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر نېمىدىن ئازاد بولۇ‌شنى ئۈمىد قىلغان؟‏

9 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر تىلغا ئالغان ۋە ئە‌يسا ئىبادە‌تخانىدا ئوقۇ‌غان ئە‌ركىنلىك ياكى ئازادلىققا ئادە‌ملە‌ر بىرىنچى ئە‌سىردە ئېرىشىشكە باشلىغان.‏ ئە‌يسا:‏ «سىلە‌ر ئاڭلىغان بۇ ئايە‌ت بۈگۈن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى»،‏—‏ دە‌پ جاكالىغاندا،‏ بۇ‌نىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان (‏لۇ‌قا 4:‏21‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىرە‌ر سىياسىي ئىسلاھاتنى كۈتۈپ،‏ ئە‌زگۈچى رىم ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇ‌شقا تە‌شنا بولغان.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى «بىز ئۇ‌نى ئىسرائىلنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان كىشى دە‌پ ئۈمىد بىلە‌ن كۈتۈپ كە‌لگە‌نىدۇ‌ق»،‏ دېگە‌ن ئىككى كىشىدە‌ك ھېس قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 24:‏13،‏ 21‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى رىم ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈندىمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى «قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە» بېرىشكە چاقىرغان ‏(‏مە‌تتا 22:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا شۇ ۋاقىتتا ئادە‌ملە‌رنى نېمىدىن ئازاد قىلغان؟‏

10.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ نېمىلە‌ردىن ئازاد بولۇ‌شىغا يول ئاچقان؟‏

10 ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنى ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كە‌لگە‌ن.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى ئېغىر يۈكتە‌ك ئېزىدىغان دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ تە‌لىماتلىرىدىن ئازاد بولۇ‌شىغا يول ئاچقان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى ۋە ساختا تە‌لىملىرىگە قۇ‌ل بولغان (‏مە‌تتا 5:‏31—‏37؛‏ 15:‏1—‏11‏)‏.‏ خە‌لققە روھىي يول-‏يورۇ‌ق بېرىۋاتىمىز،‏ دېگە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا ئۆزلىرى روھىي جە‌ھە‌تتىن «قارغۇ» بولغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى رە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ خۇ‌دانى تونۇ‌پ يە‌تمىگە‌ن ۋە شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرى كە‌چۈرۈلمىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 9:‏1،‏ 14—‏16،‏ 35—‏41‏)‏.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ۋە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق كە‌متە‌ر كىشىلە‌رنىڭ ساختا تە‌لىملە‌ردىن قانداق ئازاد بولالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏22؛‏ 2:‏23—‏3:‏5‏.‏

11.‏ ئە‌يسا يە‌نە نېمىدىن ئازاد بولۇ‌شقا يول ئاچقان؟‏

11 ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئىنسانىيە‌تنىڭ گۇ‌ناھ قۇ‌للىقىدىن ئازاد بولۇ‌شقا پۇ‌رسە‌ت ياراتقان.‏ ئە‌يسا بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن،‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلغان ۋە ئۆز ئىشە‌نچىسىنى ئە‌مە‌لىيىتىدە كۆرسە‌تكە‌نلە‌رنىڭ گۇ‌ناھىنى خۇ‌دا كە‌چۈرۈم قىلىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏12—‏18‏)‏.‏ ئە‌يسا:‏ «ئوغۇ‌ل سىلە‌رنى ئازاد قىلسا،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىن بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏36‏)‏.‏ بۇ ئە‌ركىنلىك قە‌دىمقى ئىسرائىلدىكى ئازادلىق يىلى ئېرىشىشكە بولىدىغان ئە‌ركىنلىكتىن نە‌قە‌دە‌ر زور بولغان!‏ ئازادلىق يىلى قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىن بولغان كىشى كېيىن قايتا قۇ‌ل بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما مە‌يلى قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ ئۇ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.‏

12.‏ ئە‌يسا جاكارلىغان ئازادلىق يىلىنىڭ پايدىسىنى كىملە‌ر بىرىنچى بولۇ‌پ كۆرگە‌ن؟‏

12 مىلادى 33-‏يىلىنىڭ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا سادىق ئە‌ر ۋە ئاياللار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئۆز بالىلىرى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ كېلە‌چە‌كتە ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىلدۈرە‌تتى (‏رىملىقلار 8:‏2،‏ 15—‏17‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا جاكارلىغان ئازادلىققا ئېرىشكە‌ن دە‌سلە‌پكى ئادە‌ملە‌ر ئىدى.‏ شۇ ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار ئە‌مدى يە‌ھۇ‌دىي دىن رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ ساختا تە‌لىملىرى ۋە خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىدىن ئازاد بولدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئۆلۈمگە يېتە‌كلە‌يدىغان گۇ‌ناھتىن ئازادلىققا چىقتى دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا باشلانغان سىمۋوللۇ‌ق ئازادلىق يىلى ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرىدا ئاياقلىشىدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىت كە‌لگىچە قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ؟‏

يە‌نە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر ئە‌ركىنلىككە چىقىدۇ

13،‏ 14.‏ ئە‌يسا جاكارلىغان ئازادلىق يىلىنىڭ پايدىسىنى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلاردىن باشقا يە‌نە كىملە‌ر كۆرە‌لە‌يدۇ؟‏

13 بۈگۈنكى كۈندە ھە‌رخىل مىللە‌تتىن چىققان مىليونلىغان سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌ر ‹باشقا قويلارغا› كىرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتى بار.‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ئۈمىد بارمۇ؟‏

14 ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئىگە بولغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن گۇ‌ناھلىرىڭىزنى كە‌چۈرۈشنى سورىيالايسىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ۋە پاك ۋىجدانغا ئېرىشىسىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا ساختا تە‌لىملە‌ردىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ يېتىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئازاد قىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 8:‏32‏)‏.‏ بىز نېمە دېگە‌ن بە‌ختلىك ئادە‌ملە‌ر!‏

15.‏ بىز قانداق ئە‌ركىنلىكنى ۋە بە‌رىكە‌تلە‌رنى كۈتىۋاتىمىز؟‏

15 بىز كېلە‌چە‌كتە بۇ‌نىڭدىنمۇ چوڭ ئازادلىققا مۇ‌يە‌سسە‌ر بولىمىز.‏ پات ئارىدا ئە‌يسا ساختا دىنلارنى،‏ رە‌زىل ۋە ئادالە‌تسىز ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغان «زور بىر توپ خالايىق»نى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 14‏)‏‏.‏ ئىنتايىن كۆپ ئادە‌ملە‌ر تىرىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھىنىڭ تە‌سىرىدىن پۈتۈنلە‌ي ئازاد بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولىدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏.‏

16.‏ ئىنسانىيە‌ت كېلە‌چە‌كتە قانداق ئازادلىققا ئېرىشىدۇ؟‏

16 ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق دە‌ۋرىدە ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە قە‌دىمقى زاماندىكى ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ئازادلىق يىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ۋە ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۇ‌رۇ‌ش بولىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرى گۇ‌ناھتىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌للىككە يېتىدۇ.‏

يېڭى دۇ‌نيادا بىز پايدىلىق ۋە قانائە‌ت قىلارلىق ئىشلارنى قىلىشتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز (‏17-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

17.‏ يە‌شايا 65:‏21—‏23-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ھە‌ققىدە قانداق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر يېزىلغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدە قانداق ھايات بولىدىغانلىقى يە‌شايا 65:‏21—‏23-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىز يېڭى دۇ‌نيادا «ئالما پىش،‏ ئاغزىمغا چۈش» دە‌پ ئىشلىمە‌ي ياتىمىز دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى كۆڭۈلنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغان پايدىلىق ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندا،‏ «يارىتىلغان پۈتكۈل مە‌ۋجۇ‌دات چىرىپ كېتىش قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دا پە‌رزە‌نتلىرى ئىگە بولىدىغان شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولىدۇ».‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏رىملىقلار 8:‏21‏.‏

18.‏ نېمـە ئۈچـۈن كېلە‌چە‌كتـە شاد-‏خـۇ‌رام ھايـات كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

18 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ھە‌م ئىشلە‌شكە،‏ ھە‌م دە‌م ئېلىشقا ۋاقتى بولۇ‌شىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغىنىدە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ كېلە‌چە‌كتىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز يېڭى دۇ‌نيادىمۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىمىز.‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ھازىرمۇ،‏ يېڭى دۇ‌نيادىمۇ بىزنى شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلالايمىزكى،‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‏ ھە‌ممىمىز خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆزىمىز قانائە‌ت تاپقۇ‌دە‌ك سادىق خىزمە‌ت قىلىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە ياشايمىز.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يە‌ھۋا قە‌دىمدە ئىسرائىل خە‌لقىنى ئە‌ركىنلىككە ياكى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر چارە-‏تە‌دبىرنى بە‌لگىلىگە‌ن.‏ بۇ ئازادلىق يىلى ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلمىساقمۇ،‏ ئە‌مما ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىز ئۈچۈن ئە‌ھمىيە‌تلىك.‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن چارە-‏تە‌دبىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى بىزمۇ كۆرە‌لە‌يمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ قۇ‌ل بولغان ئادە‌ملە‌ر ئازادلىق يىلى ئە‌ركىنلىككە چىقىپ،‏ ئائىلىسىگە قايتىپ،‏ ئۆزىنىڭ يېرىگە ئىگە بولالايتتى.‏