مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏29-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرى،‏ بە‌زى ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى تارىخىي كىتابلارنىڭ بىرىدىمۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ يېزىلمىغان.‏

بۇ ئايە‌ت كۆپلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرىدە،‏ قانداق تە‌رجىمە قىلىنغانلىقى بە‌زى ئادە‌ملە‌رنى ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمى بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا كە‌ڭ تارقالغان،‏ دېگە‌ن ئويغا كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بۇ‌نداق تە‌رجىمىلە‌رنىڭ بىرى:‏ «ئە‌گە‌ر ئۆلگە‌نلە‌ر پە‌قە‌ت تىرىلىپ قوپمىسا،‏ نېمىشقا بە‌زىلە‌ر ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟‏»—‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌شقە‌ر نە‌شىرى.‏

لېكىن،‏ ھازىر ئىككى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ گرېگورى لوكۋۇ‌د ئىسىملىك ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بىرسى ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن كۆز قاراشنىڭ تارىختا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بارلىقىغا ھېچقانداق دە‌لىل-‏ئىسپاتلار يوق.‏ ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغان،‏ گوردون د.‏ فى ئىسىملىك پروفېسسور مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ‌نداق چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىنىڭ مىساللىرى تارىختا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يوق.‏ ئىنجىلدىمۇ بۇ تىلغا ئېلىنمىغان.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ ياكى ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي پە‌يدا بولغان ھېچبىر چېركاۋلارنىڭمۇ بۇ‌نداق قىلغانلىقىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھېچقانداق ئىسپاتلار يوق».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ ئۇ‌لارنى … سۇ‌غا چۆمدۈرۈڭلار.‏ … بۇ‌يرىغان ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۇ‌لارغا ئۆگىتىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قى يېزىلغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئادە‌م چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدا بىلىم ئېلىشى ۋە ئۇ‌لارغا ئىشىنىپ،‏ بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ گۆردە ياتقان ئۆلۈكلە‌ر بۇ‌لارنى قىلالمىغان،‏ بىرمۇ تىرىك ئېتىقادچى ئۇ‌لار ئۈچۈن بۇ‌نى قىلالمايتتى.‏—‏ۋە‌ز 9:‏5،‏ 10؛‏ يۇ‌ھاننا 4:‏1؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 1:‏14—‏16‏.‏

پاۋلۇ‌س نېمە دېمە‌كچى بولغان ئىدى؟‏

بە‌زى كورىنتلىقلار ئۆلگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى رە‌ت قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏12‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س شۇ كورىنتلىقلارغا ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشى ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ قانداق؟‏ ئۇ ئۆزى:‏ «ھە‌ر كۈنى ئۆلۈمگە دۇ‌چ كېلىۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ تېخى ھايات ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆلۈم خە‌تىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىكىگە قارىماي،‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش ئۆلۈمىدىن كېيىن ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏30—‏32،‏ 42—‏44‏.‏

كورىنتلىقلار بۇ‌نى چۈشىنىشى كېرە‌ككى،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌ش دېمە‌ك،‏ بۇ ئۇ‌لار ھە‌ر كۈنى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ ۋە ئاسماندا ياشاشقا تىرىلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە بولۇ‌ش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىگە ئورتاق بولۇ‌ش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ (‏رىملىقلار 6:‏3‏)‏.‏ ئۇ‌لار بۇ سىمۋوللۇ‌ق چۆمۈلدۈرۈلۈشى سە‌ۋە‌بلىك ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى ئۆلۈمنى ۋە ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.‏

ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈپ ئىككى يىلدىن كۆپرە‌ك ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ ئىككى ئە‌لچىسىگە:‏ «مە‌ن قوبۇ‌ل قىلىۋاتقان چۆمۈلدۈرۈش بىلە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇ‌ل قىلالامسىلە‌ر؟‏»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 10:‏38،‏ 39‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكى ئۆلۈمگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە دېمە‌كچى بولغان.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا:‏ «ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشىمىز»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏رىملىقلار 8:‏16،‏ 17؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ.‏

خۇ‌لاسىلىسە‌ك،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىنى مۇ‌نداق تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ:‏ «تىرىلىش بولمىسا،‏ ھازىر ئۆلۈش ئۈچۈن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ نېمە ئە‌ھمىيىتى بار؟‏ ئۆلگە‌نلە‌ر راستىنلا تىرىلىپ تۇ‌رمىسا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار ھازىر ئۆلۈش ئۈچۈن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟‏»‏