ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
سىز «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلدىكى سانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟
مەسىھ قىلىنغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئۇلارنى ئىشەنچىسى ئۈچۈن قەدىرلەيمىز. ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمىز كېرەك. ئادەملەرنى ئۇلۇغلاشتىن نېرى تۇرۇشىمىز لازىم (يەھۇدا 16). ئۇلاردىن قانداق مەسىھ قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق سورىماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى.—كم01.20 29-ب.
يەھۋا سىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟
سىز تۇغۇلماستىن ئاۋۋال يەھۋا خۇدا سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ يۈرىكىڭىزدە نېمە بارلىقىنى ۋە نېمە ھەققىدە ئويلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز خۇدانى خۇشال قىلىدۇ ياكى رەنجىتىدۇ (1-تارىخ. 28:9؛ پەند. نە 27:11). ئۇ سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.—كم02.20 12-ب.
سۆز قىلىش ۋاقتى ۋە سۈكۈت قىلىش ۋاقتىنىڭ قانداق مىساللىرى بار؟
يەھۋا توغرىسىدا خۇشاللىق بىلەن ئېيتىمىز. ئەگەر كىشىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك، ئاگاھلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئاقساقاللار زۆرۈر بولغاندا، نەسىھەتلەرنى بېرىدۇ. پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە قانداق ۋەز قىلىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ھېچقانداق تەپسىلاتلارنى ئېيتمايمىز. مەخپىي مەلۇماتلارنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقىمىز كېرەك.—كم03.20 20، 21-ب.
ۋەھىي ۋە يوئېل كىتابلىرىدىكى چېكەتكىلەر ھەققىدە پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟
يوئېل 2:20—29-ئايەتلەردە، خۇدا چېكەتكىلەرنى ھەيدىۋېتىشكە ۋە ئۇلار ۋەيران قىلغاننى «قايتۇرۇپ بېرىشكە» ۋەدە قىلغان دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا مۇقەددەس روھىنى تۆكىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەر بابىل ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا ۋە كېيىنرەك ئورۇنلانغان. ۋەھىيلەر 9:1—11-ئايەتلەردە، يەھۋا خۇدانىڭ مەسىھ قىلىنغان خىزمەتچىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار بۇ رەزىل دۇنيا تۈزۈمى ھەققىدە خۇدانىڭ سوت خەۋىرىنى جاسارەت بىلەن جاكارلاپ، بۇ دۇنيانى قوللايدىغان كىشىلەرنى ئازابلىغاندەك بولىدۇ.—كم04.20 3—6-ب.
بۈگۈنكى كۈندە «شىمالىي پادىشاھ» كىم؟
روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى. ئۇلار ۋەز ئىشىنى مەنئىي قىلىش ۋە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئۆچ كۆرۈش ئارقىلىق خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلغان. شىمالىي ۋە جەنۇبىي پادىشاھلار ئۆزئارا كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.—كم05.20 13-ب.
«مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىگە» پەقەت گالاتىيالىقلارغا 5:22، 23-ئايەتلەردە يېزىلغان خىسلەتلەر كىرەمدۇ؟
ياق. خۇدانىڭ روھى يەنە باشقا ئېسىل-پەزىلەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن ھەققانىيلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.—كم06.20 17-ب.
ئۆزىڭىز ھەققىدە زىيادە كۆپ ئويلانماڭ
تورلارغا چىقىرىۋاتقان ئىزاھاتلار، رەسىملەر ۋە فىلىملەر كەمتەر ئەمەس، ماختانچاق ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.—كم07.20 6، 7-ب.
سىز ئادەم تۇتقۇچى بولۇشقا تەييارمۇ؟
بېلىق تۇتقۇچىلار بېلىقلار كۆپ بولىدىغان ۋاقىتنى ۋە جاينى ۋە توغرا قورال-سايمانلارنى تاللايدۇ. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىماستىن جەسۇرلۇق بىلەن ئىشلەيدۇ. بىزمۇ ۋەز قىلغاندا شۇنداق قىلالايمىز.—كم09.20 5-ب.
بىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خۇدانى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرىمىز؟
ئۆگەنگۈچىلەرنى مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇشقا ۋە ئوقۇغانلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ مۇلاھىزە قىلىشىغا دەۋەت قىلىڭ. يەنە ئۇلارغا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىڭ.—كم11.20 4-ب.
پاۋلۇسنىڭ «مەسىھ سەۋەبلىك ھەممىسى ھايات بولىدۇ»، دېگەن سۆزى كىملەرگە قارىتىلغان؟—1-كورىنت. 15:22.
ئەلچى پاۋلۇس ھەر بىر ئادەم تىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئۇ «مەسىھ بىلەن بىرلىكتە»، يەنى مەسىھ قىلىنغانلار ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.—كم12.20 5، 6-ب.
«بۇ ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدە» مەسىھ قىلىنغانلارغا نېمە بولىدۇ؟—1-كورىنت. 15:51، 52.
ئۇلار ھەمدە ئەيسا مەسىھ بىرلىكتە «تۆمۈر كالتەك بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرىدۇ».—كم12.20 12، 13-ب.