مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

49-‏تە‌تقىق ماقالىسى

تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد!‏

تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد!‏

‏«خۇ‌دانىڭ … تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمە‌ن».‏‏—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏.‏

12-‏ناخشا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌ڭگۈ ھاياتلىق

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قانداق ئاجايىپ ئۈمىدى بار؟‏

 ئۈمىد ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر نىكاھىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىغا،‏ ساغلام بالىلارنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئېغىر كېسە‌لدىن ساقىيىشقا ئۈمىد باغلايدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغان بىزلە‌رمۇ شۇ‌نى ئۈمىد قىلىمىز.‏ لېكىن،‏ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئە‌ۋزە‌ل،‏ چۈنكى ئۇ مە‌ڭگۈ ياشاشنى ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ تىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «مە‌نمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏)‏.‏ تىرىلىش ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق بىرىنچى بولۇ‌پ ئېيتقان كىشى پاۋلۇ‌س ئە‌مە‌س.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رمۇ شۇ تىرىلىش ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نى ئېسىدە ساقلىيالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نى قايتا تىرىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏—‏ئايۇ‌پ 14:‏7—‏10،‏ 12—‏15‏.‏

3.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15-‏باب‏،‏ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى —‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ تە‌لىملىرىنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ۋە دە‌سلە‌پكى مۇ‌ھىم تە‌لىمى (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏1،‏ 2‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ تىرىلىش توغرىسىدىكى مۇ‌لاھىزىلىرى 1-‏كورىنتلىقلار 15-‏بابتا تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌نىڭ يازغانلىرى چوقۇ‌م بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئىلھام بە‌رگە‌ن.‏ بۇ باب بىزگىمۇ ئىلھام بېرىپ،‏ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

4.‏ يېقىنلىرىمىزنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى ئۆزۈمىزنىڭ ياكى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنىڭ چوقۇ‌م تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ بۇ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارغا ئېيتقان «خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر»نىڭ بىر قىسىمى (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تىرىلىشكە ئىشە‌نمىگە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادى پايدىسىز بولاتتى دېگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏17‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز ئۈمىدىمىزنىڭ ئۇ‌ل ئاساسىدۇ‌ر.‏

5،‏ 6.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

5 پاۋلۇ‌س تىرىلىش توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ ئۈچ ھە‌قىقە‌تنى ئوتتۇ‌رىغا قويغان:‏ (‏1)‏ مە‌سىھ گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلگە‌ن،‏ (‏2)‏ ئۇ دە‌پنە قىلىنغان،‏ ‏(‏3)‏ يازمىلارغا مۇ‌ۋاپىق ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلگە‌ن‏.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6 ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى،‏ تىرىلىشى ۋە دە‌پنە قىلىنىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر مە‌سىھ ھە‌ققىدە:‏ ئۇ «تىرىكلە‌رنىڭ زېمىنىدىن كېسىپ تاشلاندى» ھە‌م «ئۇ‌نىڭغا رە‌زىللە‌ر قاتارىدا بىر قە‌برە بېرىلدى» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌شايا يە‌نە مە‌سىھ ھە‌ققىدە باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خە‌ۋە‌ر قىلىپ،‏ ئۇ «نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھىنى ئۆز ئۈستىگە» ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئە‌يسا تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق بۇ‌نى ئورۇ‌نلىغان (‏يە‌شايا 53:‏8،‏ 9،‏ 12؛‏ مە‌تتا 20:‏28؛‏ رىملىقلار 5:‏8‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى،‏ دە‌پنە قىلىنىشى ۋە تىرىلىشى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئازاد بولۇ‌ش ئۈمىدىمىز ۋە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن مە‌ھكە‌م ئۇ‌ل ئاساس سالغان.‏

كۆپ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ گۇ‌ۋاھلىقى

7،‏ 8.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

7 بىزنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى بىلە‌ن باغلىنىشلىق.‏ شۇ‌ڭا،‏ تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن بىز ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئە‌يسانى تىرىلدۈرگە‌نلىكىگە ئىشە‌نچىمىز كامىل بولۇ‌شى زۆرۈر؟‏

8 تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن گۇ‌ۋاھچىلار نۇ‌رغۇ‌ن بولغان (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏5—‏7‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرگە‌نلە‌ر تىزىملىكىدە،‏ پېترۇ‌س (‏كىفاس)‏ بىرىنچى بولۇ‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏ بىر توپ شاگىرتلار پېترۇ‌سنىڭ تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرگە‌نلىكىنى دە‌لىللىگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏33،‏ 34‏)‏.‏ كېيىن،‏ 12 ئە‌لچى تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرگە‌ن دېگە‌ن.‏ مە‌تتا 28:‏16—‏20-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئاندىن مە‌سىھ جە‌لىلىيىدە 500دىن ئوشۇ‌ق قېرىنداشلارغا كۆرۈنگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ كېيىن،‏ تىرىلگە‌ن ئە‌يسا ئىلگىرى ئۇ‌نىڭغا مە‌سىھ دە‌پ ئىشە‌نمىگە‌ن ئىنىسى ياقۇ‌پقا كۆرۈنگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 7:‏5‏)‏.‏ ياقۇ‌پ تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرگە‌ندىن كېيىنلا ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 55-‏يىلى ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە گۇ‌ۋاھ بولغانلار تېخى ھايات ئىدى،‏ شۇ‌ڭا ھە‌ر بىر گۇ‌مان قىلغان ئادە‌م بۇ گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن سۆزلىشە‌لە‌يتتى.‏

9.‏ ئە‌لچىلە‌ر 9:‏3—‏5-‏ئايە‌تلە‌ردىن ئوقۇ‌غاندە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە پاۋلۇ‌س يە‌نە قانداق قوشۇ‌مچە ئىسپات كە‌لتۈرگە‌ن؟‏

9 كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسا پاۋلۇ‌سقا كۆرۈنگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏8‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س (‏سائۇ‌ل)‏ دە‌مە‌شققە يول يولغا چىققاندا،‏ تىرىلگە‌ن ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا ئاسماندىن سۆزلىگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 9:‏3—‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكى ئە‌پسانە ئە‌مە‌سلىكىنىڭ يە‌نە بىر ئىسپاتى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 26:‏12—‏15‏.‏

10.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىسى ئۇ‌نى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏

10 پاۋلۇ‌سنىڭ گۇ‌ۋاھلىقى بە‌زىلە‌رنى قىزىقتۇ‌رغان،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ بۇ‌رۇ‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ندە،‏ باشقىلارنىمۇ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرۈشكە تىرىشقان.‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئېيتقاندا،‏ قامچىلانغان،‏ زىندانغا سولانغان ۋە كېمە ھادىسىگە ئۇ‌چرىغان (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏9—‏11؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 11:‏23—‏27‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئۆز ئىشە‌نچىسىنى قوغداش ئۈچۈن،‏ ھە‌تتا ئۆلۈشكە تە‌ييار بولغان.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بە‌رگە‌ن گۇ‌ۋاھلىقى ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ بۇ تىرىلىشكە بولغان ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىمە‌مدۇ؟‏

پاۋلۇ‌س ناتوغرا كۆز قاراشلارنى تۈزە‌تكە‌ن

11.‏ كورىنت شە‌ھىرىدە بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ تىرىلىشكە بولغان كۆز قارىشى نېمە ئۈچۈن ناتوغرا بولغان؟‏

11 گرېتسىيىنىڭ كورىنت شە‌ھىرىدىكى بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ تىرىلىشكە بولغان كۆز قارىشى ناتوغرا ئىدى.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا «تىرىلىش يوق» دە‌پ ئېيتقان (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏12‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ گرېتسىيىنىڭ يە‌نە باشقا شە‌ھىرى ئافىنادىكى پە‌يلاسوپلار ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكى توغرىسىدىكى تە‌لىمنى مە‌سخىرە قىلغان ئىدى.‏ بۇ‌نداق كۆز قاراش بە‌زى كورىنتلىقلارغا،‏ ھە‌تتا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىدىكىلە‌رگە تە‌سىر قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏18،‏ 31،‏ 32‏)‏.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ تىرىلىش ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە بولمايدۇ دە‌پ ئويلىغان،‏ يە‌نى ئۇ‌لار گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌منى «ئۆلۈك»،‏ گۇ‌ناھلىرى كە‌چۈرۈلگە‌ن كىشىنى «تىرىك» دە‌پ ھېسابلىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ تىرىلىشكە ئىشە‌نمىگە‌نلىكىگە مە‌يلى نېمە سە‌ۋە‌ب بولسۇ‌ن،‏ ئىشە‌نچىسى بىكار بولغان.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى تىرىلدۈرمىگە‌ن بولسا،‏ تۆلە‌م تۆلە‌نمىگە‌نبولاتتى ۋە ھە‌ممىسى شۇ پېتىچە گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ قالاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ كىم تىرىلىشكە ئىشە‌نمىسە،‏ ئۇ‌لاردا ھېچقانداق ئۈمىد يوق.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏13—‏19؛‏ ئىبرانىي.‏ 9:‏12،‏ 14‏.‏

12.‏ مە‌سىھنىڭ تىرىلىشى ئىلگىرىكى تىرىلىشلە‌رگە قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە،‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏18،‏ 22-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 پاۋلۇ‌س تىرىلگە‌ن مە‌سىھنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ مە‌سىھنىڭ تىرىلىشى ئۇ‌نىڭدىن ئىلگىرىكى تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ تىرىلىشىگە قارىغاندا،‏ ئالاھىدە بولغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ قايتىدىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ ئە‌يسا ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل بولغان.‏ ئۇ قايسى مە‌نىدە تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل بولغان؟‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى روھىي شە‌خس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلگە‌ن ۋە ئاسمانغا بىرىنچى بولۇ‌پ كۆتۈرۈلگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏20؛‏ ئە‌لچى.‏ 26:‏23؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏18،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

كىم قايتا ھايات بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رقنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

13 قانداق قىلىپ بىر ئادە‌منىڭ ئۆلۈمى مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رگە ھايات بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س بۇ‌نىڭغا ئېنىق جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ سە‌ۋە‌بىدىن ئىنسانىيە‌ت نېمىگە دۇ‌چار بولغانلىقى بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيە‌ت نېمىگە ئېرىشكە‌نلىكى ئارىسىدىكى پە‌رقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆلۈم بىر ئادە‌م» ئارقىلىق پە‌يدا بولغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلغىنىدا،‏ ئۆزىنى ۋە ئە‌ۋلادلىرىنى جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تكە دۇ‌چار قىلغان.‏ ئىتائە‌تسىزلىكنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى مۇ‌شۇ كە‌مگىچە كۆرۈۋاتىمىز.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ئۆز ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ،‏ ئاجايىپ كېلە‌چە‌ككە ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌لاھىزە قىلىپ:‏ «ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىپ قوپۇ‌شى ھە‌م بىر ئادە‌منىڭ [ئە‌يسانىڭ] ۋاستىسى بىلە‌ن بولىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ممىسى ئۆلگىنىدە‌ك،‏ مە‌سىھ سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ممىسى ھايات بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏21،‏ 22‏.‏

14.‏ ئادە‌م ئاتا تىرىلدۈرۈلە‌مدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

14 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س «ئادە‌م-‏ئاتا سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ممىسى»‏ ئۆلىدۇ دە‌پ،‏ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ پاۋلۇ‌س ئادە‌م-‏ئاتا ئە‌ۋلاتلىرىغا گۇ‌ناھنى ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌للىكنى مىراس قىلىپ قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر ئۆلىدىغانلىقىنى تە‌كىتلىمە‌كچى بولغانىدى (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ھايات بولىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بولمايدۇ.‏ مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھىنى يۇ‌يمايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م بولۇ‌پ،‏ بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ خۇ‌داغا بويسۇ‌نمىغان.‏ «ئىنسان ئوغلى» كېلە‌چە‌كتە سوت قىلىدىغان «ئۆچكىلە‌ر» مە‌ڭگۈگە يوق قىلغىنىدە‌ك ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ،‏ ئۇ تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ.‏—‏مە‌تتا 25:‏31—‏33،‏ 46؛‏ ئىبرانىي.‏ 5:‏9‏.‏

ئە‌يسا ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تۇ‌نجى بولۇ‌پ تىرىلگە‌ن (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

15.‏ ‏«ھە‌ممىسى ھايات بولىدۇ»،‏ دېگە‌نلە‌ر كىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

15 پاۋلۇ‌سنىڭ ‏«مە‌سىھ سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ممىسى ھايات بولىدۇ» دېگە‌ن سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏22‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ خېتى ئاسماندا ياشاشقا تىرىلدۈرۈلۈشنى ئۈمىد قىلغان كورىنتتىكى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن يېزىلغان.‏ بۇ ئېتىقادچىلار ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق خۇ‌دا تە‌رىپىدىن پاك قىلىنىپ،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س خە‌لقى بولۇ‌شقا چاقىرىلغان.‏ پاۋلۇ‌س ‏«مە‌سىھنىڭ ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىغا كە‌تكە‌ن شاگىرتلىرى»‏ توغرۇ‌لۇ‌ق گە‌پ قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏2؛‏ 15:‏18؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 5:‏17‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يازغان باشقا خېتىدە،‏ پاۋلۇ‌س:‏ «ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئۆلۈمنىڭ تە‌مىنى تېتىپ،‏ مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلە‌شكە‌ن بولساق،‏ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش تىرىلىشنى باشتىن كە‌چۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىشىشىمىز شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏رىملىقلار 6:‏3—‏5‏)‏.‏ ئە‌يسا روھ سۈپىتىدە تىرىلىپ،‏ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش «مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلە‌شكە‌ن» بارلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارمۇ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرىلىدۇ.‏

16.‏ مە‌سىھنىڭ «تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل» بولۇ‌شى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

16 پاۋلۇ‌س مە‌سىھنىڭ «ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل» بولۇ‌پ تىرىلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە يازغان.‏ لازارغا ئوخشاش نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر يە‌ردە تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئىدى،‏ بىراق ئە‌يسا بولسا،‏ تۇ‌نجى بولۇ‌پ ئاسمانغا روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلگە‌ن ۋە مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌نى ئىسرائىللارنىڭ خۇ‌داغا تە‌غدىم قىلغان تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ «تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل» بولۇ‌شى،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭمۇ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئە‌يساغا ئە‌گىشىدۇ.‏ ئۆز ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارمۇ خۇ‌ددى ئە‌يساغا ئوخشاش تىرىلدۈرىلىدۇ.‏

17.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئاسماندىكى مۇ‌كاپىتىنى قاچان ئالالايدۇ؟‏

17 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارغا خېتىنى يازغاندا،‏ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ تىرىلىشى تېخى باشلانمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ھە‌ر بىرى ئۆز نۆۋىتى بىلە‌ن تىرىلىدۇ:‏ مە‌سىھ تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل،‏ ئاندىن كېيىن مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا‏،‏ ئۇ‌نىڭغا مە‌نسۇ‌پ بولغانلار تىرىلىدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏23؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 4:‏15،‏ 16‏)‏.‏ بۈگۈن بىز بېشارە‌ت قىلىنغان مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا ياشاۋاتىمىز.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا مە‌سىھ قىلىنغانلار ئاسماندىكى مۇ‌كاپاتنى ئېلىش ۋە «[مە‌سىھكە] ئوخشاش تىرىلىشنى باشتىن كە‌چۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن» بىرلىشىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏

چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان ئۈمىد!‏

18.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏24—‏26-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ دە‌سلە‌پكى تىرىلىشتىن كېيىن،‏ يە‌نە قانداق تىرىلىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

18 بىراق،‏ مە‌سىھ بىلە‌ن ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى يوق سادىق خىزمە‌تچىلە‌رچۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پاۋلۇ‌س ۋە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بارلار ‏«دە‌سلە‌پكى تىرىلىشكە» ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏فىلىپى.‏ 3:‏11‏)‏.‏ بۇ سۆز-‏ئىبارە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن يە‌نە باشقا تىرىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ ئايۇ‌پنىڭ كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرىغا ماس كېلىدۇ (‏ئايۇ‌پ 14:‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌ر،‏ ھاكىمىيە‌تلە‌ر ھە‌م كۈچلە‌رنى يوق قىلغاندا،‏ «ئۇ‌نىڭغا مە‌نسۇ‌پ بولغانلار» ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە ئاسماندا بولىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ ئاخىرقى دۈشمە‌ن —‏ ئۆلۈم يوق قىلىنىدۇ.‏ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌ر ھە‌رگىزمۇ ئۆلمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق ئۈمىدى يوقلارغا نېمە بولىدۇ؟‏‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏24—‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

19.‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادە‌ملە‌ر نېمىنى كۈتمە‌كتە؟‏

19 يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادە‌ملە‌ر نېمىنى كۈتمە‌كتە؟‏ ئۇ‌لار پاۋلۇ‌سنىڭ «خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمە‌ن» دېگە‌ن سۆزلىرىگە ئۈمىد باغلىماقتا (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنىڭ بىرىمۇ ئاسماندا ياشىيالمايدۇ،‏ شۇ‌ڭا بۇ سۆزلە‌ر كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىش يە‌ردە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز كېلە‌چە‌ككە ئىشە‌نچ بىلە‌ن كۆز تىكىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

20.‏ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز بىزگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟‏

20 تىرىلىش بولىدىغانلىقىغا ھېچ گۇ‌مان قىلمايمىز!‏ يە‌ردە ياشاش ئۈچۈن تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشاشتە‌ك گۈزە‌ل كېلە‌چىكى بار.‏ بىز مۇ‌شۇ ۋە‌دىگە تولۇ‌قى بىلە‌ن ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ ئۈمىد بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئە‌يسا ۋە 144000 ھۆكۈمرانلار 1000 يىل پادىشاھلىق قىلىۋاتقاندا،‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادە‌ملە‌ر تىرىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ 1000 يىللىق پادىشاھلىقىدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كە‌تسە‌ك،‏ بىز كېلە‌چە‌كتە تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.‏ ئۈمىدىمىز ئاقلانماي قالمايدۇ (‏رىملىقلار 5:‏5‏)‏.‏ بۇ‌نى بىلىش،‏ خۇ‌داغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15-‏بابتىن تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى بىلىۋالىمىز.‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a1-‏كورىنتلىقلار 15-‏بابتا تىرىلىشكە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌لغان.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ تە‌لىم بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ھازىر مۇ‌شۇ ۋە باشقا مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا بىرىنچى بولۇ‌پ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بە‌زى شاگىرتلىرى توماس،‏ ياقۇ‌پ،‏ لىدىيا،‏ يۇ‌ھاننا،‏ مە‌ريە‌م ۋە پاۋلۇ‌سمۇ ئە‌يساغا قوشۇ‌لىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر كۆپ يىللار بىللە خىزمە‌ت قىلغان سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلغان.‏ ئۇ ئايالىنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏