51-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ!
«يەھۋا كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزار».—زەبۇر 34:18.
51-ناخشا يېپىش چىڭ يەھۋاغا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
بەزىدە ھاياتىمىز قىسقا ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە تولغان دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن (ئايۇپ 14:1). شۇڭا، بەزى چاغلاردا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز. يەھۋانىڭ كۆپلىگەن قەدىمقى زاماندىكى خىزمەتچىلىرى شۇنداق ھېس تۇيغۇدا بولغان، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلۈمىنى تىلىگەن (1-پادىشاھ. 19:2—4؛ ئايۇپ 3:1—3، 11؛ 7:15، 16). ئۇلارنىڭ ئىشەنچ باغلىغان خۇداسى يەھۋا قايتا-قايتا ئۇلارنى بەزىلەپ، ئىلھام-مەدەتلەرنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش-ۋەقەلەر بىزگە تەسەللى بېرىدۇ ۋە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ.—رىملىقلار 15:4.
2 بۇ ماقالىدە، قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشكەن يەھۋانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىنىڭ مىساللىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇلار: ياقۇپنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، تۇل ئايال نائومى ۋە ئۇنىڭ كېلىنى رۇت، 73-زەبۇرنى يازغان بىر لاۋىي ۋە ئەلچى پېترۇس. يەھۋا ئۇلارغا قانداق كۈچ-مەدەت بەرگەن؟ ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن بىز شەخسەن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى «يەھۋا كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزار» دېگەنلەرگە ئىشەندۈرىدۇ.—زەبۇر 34:18.
يۈسۈپ رەھىمسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنى باشتىن ئۆتكۈزگەن
3، 4. يۈسۈپ ياش ۋاقتىدا قانداق ئەھۋالغا دۇچار بولغان؟
3 يۈسۈپ 17 ياشقا كىرگەندە، خۇدادىن كەلگەن ئىككى چۈشنى كۆرگەن. بۇ چۈشلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۈسۈپ ئائىلىسى ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يارىت. 37:5—10). بىراق، يۈسۈپ چۈش كۆرگەندىن كېيىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ھاياتى تامامەن ئۆزگەرگەن. ئۇنى ئۆچ كۆرگەن ئاكىلىرى ئۇنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مىسىرلىق ئەمەلدار پوتىفارنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان (يارىت. 37:21—28). يۈسۈپ شۇنچە تىزلا، دادىسىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئوغلىدىن ساختا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان مىسىرلىق ئەمەلدار پوتىفارنىڭ قۇلىغا ئايلانغان.—يارىت. 39:1.
4 كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشقان ئىدى. پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى نومۇسىمغا تەگمەكچى بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن. پوتىفار ئايالىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى تەكشۈرمەي، يۈسۈپنى زىندانغا تاشلاپ، پۇت-قوللىرىغا زەنجىر سېلىپ قويغان (يارىت. 39:14—20؛ زەبۇر 105:17، 18). ياش يۈسۈپ، نومۇسىمغا تەگمەكچى بولدى، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە بۇ ئىش يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىغاندا، ئۇ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. بۇ چوقۇم يۈسۈپنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشكە سەۋەبى بولغان.
5. يۈسۈپ ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يەڭگەن؟
5 يۈسۈپ قۇل بولغان، كېيىن زىندانغا تاشلانغاندا، ئۇ ئۆز ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھېچ نېمە قىلالمىغان. ئەمما، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئورنىغا چۈشۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ ئەمدى قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئەمەس، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنلاشقا دىققىتىنى ئاغدۇرغان. ئەڭ ئاۋۋال، يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا يەھۋا ئەڭ مۇھىم شەخس بولغان. شۇڭا، يەھۋا يۈسۈپنىڭ قولى تەككەن بارلىق ئىشلارنى بەرىكەتلىگەن.—يارىت. 39:21—23.
6. يۈسۈپنىڭ چۈشلىرى ئۇنىڭغا قانداق ئىلھام بەرگەن؟
6 ئۇنىڭدىن باشقا، يۈسۈپ ئىلگىرى كۆرگەن بېشارەتلىك چۈشلىرى ھەققىدە ئويلانغاندا، ئۇنىڭدىن ئىلھام تاپقان. بۇ چۈشلەر ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ھەممە ئىشلار نەق شۇنداق يۈز بەرگەن ئىدى. يۈسۈپ 37 ياش ئەتراپىدا بولغاندا، ئۇنىڭ بېشارەتلىك چۈشلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىغان.—يارىت. 37:7، 9، 10؛ 42:6، 9.
7. 1-پېترۇس 5:10-ئايەتكە ئاساسەن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
7 بىز ئۈچۈن ساۋاق. يۈسۈپ باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئادەملەرنىڭ بىزگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ھەتتا، ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزمۇ بىزگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. بىراق، يەھۋانى قورام تېشىم ھەم نىجاتكارىم دەپ قارىساق، چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەيمىز ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىزنى توختاتمايمىز (زەبۇر 62:6، 7؛ 1-پېتر. 5:10-نى ئوقۇڭ). ئەسكە ئېلىڭ، يەھۋا يۈسۈپكە ئاشۇ بېشارەتلىك چۈشنى كۆرسەتكەندە، ئۇ 17 ياش ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ مىسال يەھۋا ئۆزىنىڭ ياش خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يۈسۈپكە ئوخشاش ياشلار كۆپ. ئۇلارنىڭمۇ يۈسۈپكە ئوخشاش يەھۋاغا بولغان ئېتىقادى كۈچلۈك. ئۇلار داۋاملىق خۇداغا ساداقەتمەن بولغاچ، ھەتتا بەزىبىرلىرى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان.—زەبۇر 110:3.
كۆپ قايغۇ-ھەسرەتلەرنى چەككەن ئىككى ئايال
8. نائومى ۋە رۇتقا نېمە بولغان؟
8 قاتتىق ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن، نائومى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى يەھۇدا زېمىنىدىكى ئۆينى تاشلاپ كېتىپ، موئاب زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. شۇ يەردە، ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلۈپ كېتىپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالغان. ۋاقىت ئۆتۈپ ئىككى ئوغلى موئابلىق ئاياللار رۇت ۋە ئورپا بىلەن توي قىلغان. تەخمىنەن ئون يىلدىن كېيىن، نائومىنىڭ ئوغۇللىرى ئەۋلاد قالدۇرماي ئۆلۈپ كەتكەن (رۇت 1:1—5). بۇ يالغۇز قالغان ئۈچ ئايالنىڭ قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئەلۋەتتە، رۇت ۋە ئورپا قايتىدىن ئۆي-ئوچاقلىق بولالايتتى. ئۇنداقتا، ياشانغان نائومىغا كىم غەمخورلۇق قىلىدۇ؟ نائومى قاتتىق قايغۇغا پېتىپ، مۇنداق دېگەن: «مېنى نائومى دەپ چاقىرماي، مارا دەپ چاقىرىڭلار. چۈنكى، ھەممىگە قادىر بولغۇچى ھاياتىمنى ئاچچىق قىلدى». بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن نائومى ئۆز يۇرتى بەيتلەھەمگە قايتىشنى قارار قىلغان، رۇتمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان.—رۇت 1:7، 18—20.
9. رۇت 1:16، 17، 22-ئايەتلەرگە ئاساسەن، رۇت نائومىغا قانداق يار-يۆلەك بولغان؟
9 نائومىغا كۆرسىتىلگەن مېھىر-مۇھەببەت ئۈمىدنى ئۈزمەسلىككە ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، رۇت نائومى بىلەن قېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن (رۇت 1:16، 17، 22-نى ئوقۇڭ). بەيتلەھەمدە رۇت ئۆزى ۋە نائومى ئۈچۈن ئارپا باشاقلىرىنى يىغىپ جاپالىق ئەمگەك قىلغان. نەتىجىدە، بۇ ياش ئايال باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى نام-ئابرويغا ئېرىشكەن.—رۇت 3:11؛ 4:15.
10. يەھۋا رۇت بىلەن نائومىغا ئوخشاش مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسەتكەن؟
10 يەھۋا نائومى بىلەن رۇتقا ئوخشاش مۇھتاجلىقتا قالغانلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىسرائىللىقلارغا غەمخورلۇقنى كۆرسىتىدىغان قانۇن بەرگەن. ئۇ ئۆز خەلقىگە كەمبەغەللەرنىڭ باشاقلارنى يىغىۋېلىشى ئۈچۈن، ئورما ئورۇغاندا، ئېتىز قىرلىرىدىكى باشاقلارنى قالدۇرۇپ قويۇش ھەققىدە قانۇن چۈشۈرگەن (لاۋى. 19:9، 10). شۇڭا، رۇت بىلەن نائومى تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان. ئۇلار ھالال ئەمگەك قىلىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
11، 12. بوئاز رۇت بىلەن نائومىنى قانداق بەختلىك قىلغان؟
11 رۇت ئاشلىق يىغقان ئېتىزنىڭ ئىگىسى بوئاز ئىسىملىك بىر باي كىشى ئىدى. بوئاز رۇتنىڭ ئۆز قېينانىسى نائومىغا كۆرسەتكەن ۋاپادارلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەك تەسىرلەنگەن، شۇڭا ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلە جەمەتىنىڭ مىراس يېرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، رۇتنى ئاياللىققا ئالغان (رۇت 4:9—13). ئۇلار ئوبىد ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن، ئۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ بوۋىسى بولغان ئىدى.—رۇت 4:17.
12 نائومى كىچىك ئوبىدنى باغرىغا باسقاندا، ئۇنىڭ يەھۋاغا قانچىلىك مىننەتدار بولغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ كۆرۈڭ! ئەمما، ئەڭ ياخشى خۇش خەۋەر ئۇلارنى تېخى ئالدىدا كۈتمەكتە. ئۇلار تىرىلگەندە، ئوبىد ۋەدە قىلىنغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغانلىقىنى بىلگەندە، قانچىلىك خۇشاللىققا چۆمىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ!
13. رۇت بىلەن نائومىنىڭ مىسالىدىن قانداق مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز؟
13 بىز ئۈچۈن ساۋاق. سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندە، كۆڭلۈمىز يېرىم بولۇشى، ھەتتا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم، قىيىنچىلىقلاردىن بېشىمىزنى كۆتۈرەلمەي قالىمىز. شۇنداق ۋاقىتلاردا، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تايىنىپ، ئېتىقادداشلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز مۇھىم. ئەلۋەتتە، يەھۋا بىزدە قىيىنچىلىقلار بولمايدۇ، دەپ ۋەدە بەرمىگەن. خۇدا شۇ ۋاقىتتا نائومىغا ئۇنىڭ ئېرى ۋە بالىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. ئەمما، يەھۋا روھىي ئائىلىمىزنىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئارقىلىق بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.—پەند. نە 17:17.
خۇدانىڭ يولىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالغان بىر لاۋىي
14. نېمە ئۈچۈن بىر لاۋىي چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن؟
14 زەبۇر 73-بابنىڭ يازغۇچىسى لاۋىي ئەۋلادىدىن بولغان بىرى ئىدى. شۇڭا، ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىشتەك شان-شەرەپلىك ۋەزىپىگە ئىگە بولغان. ئەمما، ھاياتىدىكى مەلۇم بىر پەيتتە ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ رەزىل ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ يامانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى گۈللەپ، راۋاج تاپقىنىغا كۆرەلمەسلىك قىلىشنى باشلىغان (زەبۇر 73:2—9، 11—14). قارىماققا، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل كۆرۈنگەن، ئۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى باياشات، راھەت-پاراغەتكە تولغان، غەم-قايغۇسى يوق دەپ ئويلىغان. بۇلارنى كۆرگەن زەبۇر يازغۇچىسى، قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ھەتتا ئۇ مۇنداق دېگەن: «دېمەك مەن قەلبىمنى بىكاردىن-بىكار پاك تۇتۇپتىمەن، بىگۇناھ تۇرۇپ، بىھۇدە قوللۇرۇمنى يۇيۇپ يۈرۈپتىمەن». ئەمەلىيەتتە، ئۇ خۇدا يولىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالغانىدى.
15. زەبۇر 73:16—19، 22—25-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىر لاۋىي چۈشكۈنلۈكنى قانداق يەڭگەن؟
15 زەبۇر 73:16—19، 22—25-نى ئوقۇڭ. ئۇ لاۋىي «خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىغا» كىرگەن. شۇ يەردە، ئېتىقادداشلىرى ئارىسىدا بولۇپ، تىنچ-خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ، ئۆز ئەھۋالى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلالىغان. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىنى ۋە خۇدادىن ئايرىۋېتىدىغان خەتەرلىك يولغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان. ئۇ يەنە گۇناھ قىلغۇچىلارنىڭ تېيىلغاق يەردە تۇرغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يىقىلىپ پارە-پارە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئەمدى ئۇنىڭ ھەسەتخورلۇقتىن ۋە چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ يەھۋا خۇداغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇنداق قىلغىنىدا، كۆڭلى قايتا ئورنىغا چۈشۈپ، خۇشاللىق تاپقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزىدە [يەھۋادىن] باشقا ئىنتىزار بولىدىغان ھېچكىمىم يوق».
16. لاۋىينىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
16 بىز ئۈچۈن ساۋاق. ھېچقاچان رەزىل ئادەملەرنىڭ گۈللىنىپ راۋاج تاپقاندەك كۆرۈنگەن ھاياتىغا ئىچ تارلىق قىلمايلى. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى ئالدامچى، خۇددى كۆڭلەڭگىدەك تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇلار مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ (ۋەز 8:12، 13). ئەگەر ئۇلارغا ئىچ تارلىق قىلسىڭىز، چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ، روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كېتىسىز. رەزىللەرنىڭ گۈللەنگەندەك كۆرۈنگەن ھاياتىغا ھەسەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، شۇ لاۋىي كىشىدەك ئىش تۇتۇڭ. يەھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بەرگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاۋاتقان ئادەملەر بىلەن قويۇق ئارىلىشىڭ. ئەگەر يەھۋانى ھەممە نەرسىدىن بەكرەك ياخشى كۆرسىڭىز، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىسىز ھەم «ھەقىقىي ھايات» يولدىن تېيىلىپ، چىقىپ كەتمەيسىز.—1-تىموت. 6:19.
پېترۇسنىڭ ئاجىزلىقى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن
17. پېترۇسنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىگە نېمىلەر سەۋەبلەر بولغان؟
17 ئەلچى پېترۇس جانلىق، جۇشقۇن بىر ئادەم بولغان. بىراق، ئۇ بەزىدە ھېسسىياتىنى تېز ئىپادىلەپ، ئويلانماي سۆز قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئېيتقان سۆزلىرىگە ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلاتتى. مەسىلەن، ئەيسا ئەلچىلىرىگە ئازاب تارتىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئېيتقاندا، پېترۇس ئۇنى ئەيىبلىگەندەك سۆز قىلىپ: «بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئەسلا كەلمەيدۇ»،— دېگەن (مەتتا 16:21—23). ئەيسا پېترۇسنى تۈزەتكەن. كېيىن بىر توپ ئادەم ئەيسانى تۇتۇشقا كەلگەندە، پېترۇس ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا باش روھانىينىڭ خىزمەتكارىنىڭ قۇلىقىنى چېپىۋەتكەن (يۇھاننا 18:10، 11). ئەيسا پېترۇسنى يەنە تۈزەتكەن. پېترۇس ئەيساغا، سىزنى باشقا ئەلچىلەر تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن ھەرگىزمۇ تاشلاپ كەتمەيمەن دەپ ماختانغان (مەتتا 26:33). لېكىن، پېترۇس ئۆزى ئويلىغاندەك كۈچلۈك بولمىغان. دەل شۇ كۈنى كەچتە ئۇ قورقۇنچ سەۋەبلىك، ئۇستازى ئەيسادىن ئۈچ قېتىم تېنىپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن (مەتتا 26:69—75). ئۇ ئەيسا مېنى چوقۇم كەچۈرمەيدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
18. ئەيسا پېترۇسنىڭ چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەسلىكىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
18 پېترۇس چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇ خاتالاشقاندىن كېيىن، ئۆزىگە كېلىپ باشقا ئەلچىلەر بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان (يۇھاننا 21:1—3؛ ئەلچى. 1:15، 16). ئۇنىڭ ئۆزىگە كېلىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ بىرىنچىدىن، ئەيسا ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى، پېترۇسنىڭ ئېتىقادى ئاجىزلاشماسلىقى توغرىسىدا قىزغىن دۇئا قىلغان. ئۇ يەنە پېترۇس توۋا قىلىپ، تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى قېرىنداشلىرىنى مۇستەھكەملەشكە دەۋەت قىلغان. ئەيسانىڭ چىن يۈرەكتىن قىلغان دۇئاسىغا يەھۋا جاۋاب بەرگەن. كېيىنرەك، بەلكىم ئەيسا شەخسەن پېترۇسقا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن (لۇقا 22:32؛ 24:33، 34؛ 1-كورىنت. 15:5). بىر قېتىم ئەلچىلەر كېچىچە ھېچقانداق بېلىق تۇتالماي قايتقان ئىدى. ئەيسا تاڭ سەھەردە ئەلچىلەرگە كۆرۈنۈپ، پېترۇسنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشىگە مۇمكىنچىلىك بەرگەن. ئەيسا قەدىرلىك دوستىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى تاپشۇرغان.—يۇھاننا 21:15—17.
19. ئۆزۈمىزنى ھېچ يارىماس دەپ ئويلىغاندا، زەبۇر 103:13، 14-ئايەتلەر قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
19 بىز ئۈچۈن ساۋاق. ئەيسانىڭ پېترۇسقا قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى ۋە ئاتىسىنىڭ ئېسىل-پەزىلەتلەرنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، بىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە، مەن ھېچ يارىماس دەپ ئۆزۈمىزگە ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئېسىمىزدە تۇتايلى، شەيتان دەل شۇنداق ئويلىشىمىزنى خالايدۇ. ئەكسىنچە، يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى چۈشىنىشى ۋە كەچۈرۈشىنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشىمىز لازىم. بىزنى خاپا قىلىدىغانلارغىمۇ، خۇددى يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.—زەبۇر 103:13، 14-نى ئوقۇڭ.
20. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
20 يۈسۈپ، نائومى، رۇت، بىر لاۋىي كىشى ۋە پېترۇسنىڭ مىساللىرى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى: «يەھۋا كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر» (زەبۇر 34:18). ئۇ بىزگە سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ۋە كۆڭلىمىزنىڭ چۈشكۈن بولۇشىغا يول قويىدۇ. ئەمما، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندە، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ (1-پېتر. 1:6، 7). كېلەركى ماقالىدە، ئېغىر ئەھۋال ياكى گۇناھ تۈپەيلى كۆڭلى سۇنغانلارنى يەھۋانىڭ قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
a يۈسۈپ، نائومى، رۇت، بىر لاۋىي ۋە ئەلچى پېترۇسنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشكەن ۋاقىتلىرى بولغان. ھازىر يەھۋا ئۇلارغا قانداق تەسەللى ۋە كۈچ-مەدەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن ۋە خۇدانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارغا قىلغان ياردىمىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: نائومى، رۇت ۋە ئورپا ئەرلىرى ئۆلگەچ، قايغۇغا پېتىپ ئۈمىدسىزلىنىۋاتىدۇ. كېيىنرەك نائومى، رۇت ۋە بوئاز ئوبىد تۇغۇلغىنىغا خۇشال بولۇۋاتىدۇ.