مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«بۇ‌لارنى بىلگە‌ن ئىكە‌نسىلە‌ر،‏ ئۇ‌لارغا رىئايە قىلساڭلار بە‌ختلىكسىلە‌ر»‏

‏«بۇ‌لارنى بىلگە‌ن ئىكە‌نسىلە‌ر،‏ ئۇ‌لارغا رىئايە قىلساڭلار بە‌ختلىكسىلە‌ر»‏

‏«مېنىڭ تامىقىم مېنى ئە‌ۋە‌تكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشىنى تاماملاشتۇ‌ر».‏‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏34‏.‏

ناخشىلار:‏ 1،‏ 42

1.‏ بۇ دۇ‌نيادا كە‌ڭ تارقالغان شە‌خسىيە‌تچىلىك بىزگە قانداق يامان تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

 خۇ‌دا سۆزىدىن ئالغان بىلىملىرىمىزگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە تە‌س؟‏ چۈنكى،‏ توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقاچقا،‏ بىزگە كە‌متە‌ر بولۇ‌پ قېلىش قىيىن،‏ سە‌ۋە‌بى كۆپ ئادە‌ملە‌ر «ئۆزىنىلا سۆيىدىغان،‏ پۇ‌لپە‌رە‌س،‏ ماختانچاق،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر» ۋە «ئۆزىنى تۇ‌تالمايدىغان» بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن (‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏3‏)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغانلىقتىن،‏ مۇ‌نداق مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلارنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نداق يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى بار كىشىلە‌ر مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىۋاتقاندە‌ك ۋە ھاياتى مە‌نىلىك،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئۆتىدىغاندە‌ك تۇ‌يۇ‌لىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏1؛‏ 73:‏3‏)‏.‏ بىز ھە‌تتا مۇ‌نداق ئوي-‏خىيالدا بولىدىغاندىمىز:‏ «ئۆزۈمنىڭ ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭ غېمىنى ئويلاشنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن پايدىسى بارمۇ؟‏ كە‌متە‌ر بولسام،‏ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئابرويۇ‌م چۈشۈپ كېتە‌مدۇ؟‏» (‏لۇ‌قا 9:‏48‏)‏.‏ بىز شە‌خسىيە‌تچى بولساق،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ باشقىلاردىن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە پە‌رقلە‌نمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كە‌متە‌رلىكى ھە‌ققىدە ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئالساق،‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشىمىز.‏

2.‏ خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

2 خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇ‌رسە‌ن قىلغان؟‏ توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۈچنى قە‌يە‌ردىن ئالغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۇ‌لار ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏

ئېتىقادنى مە‌ھكە‌م ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

3،‏ 4.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە نېمىلە‌ر ئارقىلىق تە‌لىم بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئېتىقادىمىزنى مە‌ھكە‌م ساقلاش ئۈچۈن بىلىم ئېلىش نېمە ئۈچۈن يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س؟‏

3 يە‌ھـۋا بىزنىـڭ ئىمـان-‏ئېتىقـادىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز ئۈچۈن نېمە زۆرۈر بولسا،‏ شۇ‌نى تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ماتېرىياللىرىمىز،‏ jw.org توربېتى،‏ ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى‏،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلار ئارقىلىق نە‌سىھە‌ت ھە‌م تە‌لىم ئېلىپ تۇ‌رىمىز.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا بىلىم ئېلىشتىن مۇ‌ھىمراق نە‌رسە توغرىسىدا ئېيتقان.‏ ئۇ:‏ «مېنىڭ تامىقىم مېنى ئە‌ۋە‌تكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشىنى تاماملاشتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏34‏.‏

4 ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى تاماق يېيىش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ پايدىلىق تائام تېنىمىزگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھېرىپ قالسىڭىزمۇ،‏ ۋە‌ز ئۇ‌چرىشىشىغا قاتنىشىپ،‏ ۋە‌ز قىلىپ قايتقاندا،‏ ئۆزىڭىزنى خۇ‌شال ھېس قىلغان كۈنىڭىز بولغانمۇ؟‏

5.‏ دانا بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

5 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىش دانالىقتۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 107:‏43‏)‏.‏ دانالىققا ئىگە بولساق،‏ بۇ‌نىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سە‌ن ئارزۇ‌لىغان ھە‌رقانداق نە‌رسە ئۇ‌نىڭغا [دانالىققا] تە‌ڭ كېلە‌لمە‌ستۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭغا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دە‌رىخىدۇ‌ر،‏ ئۇ‌نى مە‌ھكە‌م تۇ‌تقانلار بە‌ختلىك دە‌پ ئاتىلار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏13—‏18‏)‏.‏ ئە‌يسا:‏ «بۇ‌لارنى بىلگە‌ن ئىكە‌نسىلە‌ر،‏ ئۇ‌لارغا رىئايە قىلساڭلار بە‌ختلىكسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏17‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ سۆزىگە داۋاملىق قۇ‌لاق سېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىش ۋە ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىش شاگىرتلىرىنىڭ ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لى بولغان.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن ئالغان بىلىملىرىمىزنى داۋاملىق ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىمىزنى داۋاملىق ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ماشىنا رېمۇ‌نت قىلىدىغان ئۇ‌ستىنى مىسالغا ئالايلى.‏ ئۇ‌نىڭ سايمان-‏جابدۇ‌قلىرى،‏ كېرە‌كلىك زاپچاسلىرى ۋە بىلىمى بار.‏ بىراق،‏ ئۇ شۇ‌لارنى ئىشلە‌تكە‌ندىلا ياخشى ئۇ‌ستا بولالايدۇ.‏ ئۇ ئىشىدا نۇ‌رغۇ‌ن يىل تە‌جرىبە توپلىسىمۇ،‏ ياخشى ئۇ‌ستا بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن بىلىمىنى داۋاملىق ئىشلتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ بىلگە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولغان ئىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ مە‌ڭگۈ بە‌ختكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز يە‌ھۋادىن ئالغان بىلىملىرىمىزنى چوقۇ‌م ھە‌ر كۈنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

7.‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

7 بۇ ماقالىدە،‏ بىز كە‌متە‌رلىكنى ساقلاش قىيىن بولىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ قە‌دىمدە خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى كە‌متە‌رلىكنى قانداق ساقلىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ كە‌متە‌رلىك كۆرسىتىشنىڭ تۆت يولىنى بىلىۋالىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نى بىلىپلا قويۇ‌ش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئالغان بىلىملىرىمىزنى ھاياتىمىزدا قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن تۆۋە‌ن كۆرمە‌ڭ

8،‏ 9.‏ ئە‌لچىلە‌ر 14:‏8—‏15-‏ئايە‌تلە‌ردىن پاۋلۇ‌سنىڭ كە‌متە‌رلىكى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

8 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ «ئىرادىسى ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىدۇ‌ر» (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏4‏)‏.‏ سىز ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌مايدىغان ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايسىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ۋە‌ز قىلغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىمى بولغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ ساختا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلغان كىشىلە‌رگىمۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌لارغا ۋە‌ز قىلغاندا پاۋلۇ‌سنىڭ كە‌متە‌رلىكى سىنالغان ئىدى.‏ قانداق؟‏

9 بىرىنچى قېتىملىق ۋە‌ز قىلىش سە‌پىرىدە،‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابا لىسترا شە‌ھىرىگە بارغان.‏ شۇ يە‌ردىكى لىكائونچە سۆزلە‌يدىغان كىشىلە‌ر پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابانى ئادە‌م قىياپىتىدە كە‌لگە‌ن زېئوس بىلە‌ن ھېرمېس دېگە‌ن يالغان ئىلاھلىرى،‏ دە‌پ قارىغانىدى.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابا شان-‏شۆھرە‌تكە ئىگە بولۇ‌ش ئازدۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ ئۇ‌لار كۆرە‌ڭلە‌پ كە‌تكە‌نمۇ؟‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن بارغان ئىككى شە‌ھە‌ردە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلىقتىن،‏ بۇ‌نى تە‌سە‌للىي ئېلىشنىڭ پۇ‌رسىتى دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ خە‌لقنىڭ ئۇ‌لارغا كۆرسە‌تكە‌ن دىققىتى كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىشىغا يول ئاچىدۇ،‏ دە‌پ ھېسابلىغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ‌لار نارازىلىق بىلدۈرۈپ:‏ «نېمىشقا بۇ‌نداق قىلىۋاتىسىلە‌ر؟‏ بىزمۇ سىلە‌رگە ئوخشاش ئاجىز ئىنسان!‏»—‏ دە‌پ ۋارقىرىغان.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏8—‏15‏.‏

10.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابا نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى لىكائونچە سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ردىن ئۈستۈن دە‌پ ھېسابلىمىغان؟‏

10 پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابا «بىزمۇ سىلە‌رگە ئوخشاش ئاجىز ئىنسان!‏»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ ئۆزلىرىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى ئېيتماقچى بولغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار لىكائونچە سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ردە‌ك ساختا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلمىغان.‏ خۇ‌دا پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابانى ياتئە‌ل خە‌لقىگە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مايلانغان ۋە ئاجايىپ ئۈمىدكە ئېرىشكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇ‌تمىغان.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بارنابا ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ‌لارمۇ ئاسماندىكى ھاياتقا ئىگە بولۇ‌ش ئۈمىدىگە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

11.‏ ۋە‌ز قىلغاندا پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش كە‌متە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟‏

11 بۇ ۋە‌قە‌دىن پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش كە‌متە‌ر بولۇ‌شنىڭ بىر يولىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە تاپشۇ‌رغان ۋە‌ز ئىشى ياكى ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن قىلىۋاتقان باشقا ئىشلار تۈپە‌يلى ئۆزۈمىزنى ئۆزگىلە‌ردىن ئۈستۈن سانىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئۆزۈمىزدىن:‏ «ماڭا ۋە‌ز قىلىشقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن رايوندىكى ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايمە‌ن؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رنى ئۆزۈمدىن تۆۋە‌ن كۆرىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.‏ بە‌زى گۇ‌ۋاھچىلار ھە‌تتا كۆپچىلىك تۆۋە‌ن كۆرىدىغان خە‌لقلە‌رنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى شۇ كىشىلە‌ردىن ئۈستۈن ھېسابلىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشى ئۈچۈن ھە‌ربىر ئادە‌منى چۈشىنىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏

باشقىلارنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ دۇ‌ئا قىلىڭ

12.‏ ئېپافراس چىن يۈرە‌كتىن قېرىنداشلارنىڭ غېمىنى يېگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ «بىز بىلە‌ن ئوخشاش قىممە‌تلىك ئىمان-‏ئېتىقادقا ئېرىشكە‌ن» قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش (‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏1‏)‏.‏ ئېپافراس ئىسىملىك قېرىنداش بۇ جە‌ھە‌تتىن بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.‏ پاۋلۇ‌س رىمدا ئۆيدە نازارە‌ت ئاستىدا بولغاندا،‏ كولوسى شە‌ھىرىدىكى قېرىنداشلارغا ئېپافراس ھە‌ققىدە مۇ‌نداق يازغان:‏ ئۇ «ھە‌ردائىم جان-‏دىلى بىلە‌ن دۇ‌ئالارنى قىلىۋاتىدۇ» (‏كولوسىلىقلار 4:‏12‏)‏.‏ ئېپافراس قېرىنداشلارنىڭ شارائىتىنى ياخشى بىلگە‌ن ۋە چىن يۈرە‌كتىن ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى يېگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئېپافراسمۇ «زىندانغا سولانغان» دە‌پ ئېيتقان.‏ دېمە‌ك،‏ ئېپافراسمۇ قىيىن ئە‌ھۋالدا بولغان (‏فىلىمون 23‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ غېمىنى يە‌پ،‏ قولىدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م قىلىشقا تىرىشقان.‏ ئېپافراس قېرىنداشلار توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ.‏ مۇ‌نداق دۇ‌ئالارنىڭ كۈچى زور.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏11؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏16‏.‏

13.‏ دۇ‌ئا قىلغاندا ئېپافراستىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟‏

13 سىز كىملە‌رنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ دۇ‌ئا قىلالايسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌تتىكى دوستلىرىڭىز ياكى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايسىز.‏ ئۇ‌لار بىرە‌ر قىيىن قارار چىقىرىش ئالدىدا تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئازدۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ۋاتقاندۇ.‏ سىز jw.org تور بېكىتىدىكى «ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغانلار» دېگە‌ن ماقالىدە ئىسىمى يېزىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ (‏تور بېكىتىمىزدىكى خە‌ۋە‌رلە‌ر >‏ قانۇ‌نىي دە‌ۋا ئىشلىرى دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ)‏.‏ شۇ‌نداقلا يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تتە ۋە ئۇ‌رۇ‌شنى باشتىن كە‌چۈرۈپ ئامان قالغان ۋە ئىقتىساد تە‌رە‌پتىن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا مۇ‌ھتاج قېرىنداشلار ئىنتايىن كۆپ!‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ بىز پە‌قە‌ت ئۆزىمىزنىڭلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ شۇ‌نداق دۇ‌ئالارنى ئاڭلايدىغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏

‏«ئاڭلاشقا» ئالدىراڭ

14.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى ئە‌ڭ ياخشى تىڭشىغۇ‌چى دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

14 كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ باشقىلارنى زېھىن قويۇ‌پ تىڭشاش.‏ ياقۇ‌پ 1:‏19-‏ئايە‌تتە‏،‏ بىز «ئاڭلاشقا» ئالدىرىشىمىز كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏ يە‌ھۋا —‏ ئە‌ڭ ياخشى تىڭشىغۇ‌چى (‏يارىتىلىش 18:‏32؛‏ يە‌شۇ‌ئا 10:‏14‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چىقىش 32:‏11—‏14-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ بۇ سۆھبە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ يە‌ھۋاغا مۇ‌سانىڭ ئوي-‏پىكرىنى بىلىش كېرە‌ك بولمىسىمۇ،‏ ئۇ مۇ‌ساغا ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى ئېيتىشقا پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن،‏ باشقىلار ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن تىڭشاشنى ياكى ئۇ‌نىڭ مە‌سلىھىتى بويىچە قىلىشنى خالىمىسىچۇ؟‏!‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىگە ئىشە‌نچ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغان ھە‌ربىر ئادە‌منى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشايدۇ.‏

15.‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ باشقىلارغا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىبراھىم،‏ راھىلە،‏ مۇ‌سا،‏ يە‌شۇ‌ئا،‏ مانۇ‌ھ،‏ ئىلياس ۋە ھىزقىيادە‌ك ئاددىي ئادە‌ملە‌رنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن تىڭشىغان بولسا،‏ مە‌نمۇ قېرىنداشلارنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تىڭشاپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ ئۆي-‏پىكىرىگە ماس ئىش قىلىپ كۆرۈشۇ‌م كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ جامائە‌تتە ياكى ئائىلە‌مدە كىمگە كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلە‌لە‌يمە‌ن؟‏ بۇ‌نى قانداق قىلسام بولىدۇ؟‏»—‏يارىتىلىش 30:‏6؛‏ ھاكىملار 13:‏9؛‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏22؛‏ 2-‏تارىخنامە 30:‏20‏.‏

يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

داۋۇ‌ت:‏ «ئۇ‌نى مە‌يلىگە قويۇ‌ۋە‌تكىن»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ سىزچۇ ئۇ‌نىڭ ئورنىدا بولسىڭىز،‏ نېمە قىلاتتىڭىز؟‏ (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ شىمىي داۋۇ‌تنى ھاقارە‌تلىگە‌ندە ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

16 ئە‌گە‌ر بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ باشقىلار بىزگە يامان مۇ‌ئامىلە قىلغاندا،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالايمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏2‏)‏.‏ 2-‏سامۇ‌ئىل 16:‏5—‏13-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏‏،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ سائۇ‌ل پادىشاھنىڭ شىمىي دېگە‌ن تۇ‌ققىنى داۋۇ‌ت بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تكارلىرىنى ھاقارە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا تاش ئاتقان.‏ داۋۇ‌ت شىمىينى توختىتالايتتى،‏ بىراق شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ھاقارە‌تلىرىگە چىدىغان.‏ داۋۇ‌تنىڭ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى زە‌بۇ‌رنىڭ ئۈچىنچى بابىدىن تاپالايمىز.‏

17.‏ داۋۇ‌تقا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە بىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

17 داۋۇ‌ت پادىشاھ زە‌بۇ‌ر كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىنى ئوغلى ئابشالوم ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان چاغدا يازغانىدى.‏ شىمىيمۇ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا داۋۇ‌تقا قارشى چىققان.‏ بىراق،‏ داۋۇ‌ت سە‌ۋرچانلىقىنى ساقلىغان.‏ قانداقلارچە؟‏ داۋۇ‌ت زە‌بۇ‌ر 3:‏4-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئۈنلۈك ئاۋازدا يە‌ھۋانى چاقىرىمە‌ن،‏ ئۇ ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س تېغىدىن جاۋاب بېرە‌ر».‏ باشقىلار بىزگە قارشى چىقىپ،‏ يامانلىق قىلغاندا،‏ بىزمۇ داۋۇ‌تقا ئوخشاش دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ ۋاقىتتا يە‌ھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ.‏ بىرلىرى سىزگە يامان مۇ‌ئامىلە قىلغاندا،‏ ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالامسىز ياكى چىن قە‌لبىڭىزدىن كە‌چۈرە‌لە‌مسىز؟‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە چوقۇ‌م ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏

ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ دانالىق

18.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىساق،‏ قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىمىز؟‏

18 يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا نېمىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلىپ،‏ شۇ‌نىڭغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ دانا بولىمىز ھە‌م ئۇ‌نىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشىمىز.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏7-‏ئايە‌تتە‏:‏ «دانالىق ئە‌ڭ مۇ‌ھىمدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بىلىم دانالىقنىڭ ئۇ‌ل ئاساسىي بولسىمۇ،‏ ئە‌مما دانالىق ھە‌ربىر چىقارغان قارىمىز بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ھە‌تتا چۈمۈلىلە‌ر قىشقا ئوزۇ‌ق يىغىپ،‏ دانالىقىنى كۆرسىتىدۇ،‏ دە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏24،‏ 25‏)‏.‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن دانالىققا ئىگە بولغان مە‌سىھ،‏ ئاتىسىنى دائىم خۇ‌رسە‌ن قىلغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 1:‏24؛‏ يۇ‌ھاننا 8:‏29‏)‏.‏ بىزمۇ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا قارار چىقىرىپ ۋە ئۇ‌نىڭغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئارقىلىق كە‌متە‌رلىكنى ھە‌م دانالىقنى كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ ‏(‏مە‌تتا 7:‏21—‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسىڭىز،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنى يە‌ھۋاغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىلگە‌نلىرىمىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلە‌ن سە‌ۋرچانلىق كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ ھازىر ۋە مە‌ڭگۈ بە‌ختكە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏