مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

‏«بىچارىگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان ئىنسان بە‌ختلىكتۇ‌ر».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 41:‏1‏.‏

ناخشىلار:‏ 35،‏ 50

1.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىر-‏بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

 دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئە‌زالىرى.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىنى خۇ‌ددى قېرىنداشلاردە‌ك ياخشى كۆرىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏16،‏ 21‏)‏.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ ئۇ‌لار ئېتىقادداشلىرى ئۈچۈن چوڭ قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رسىمۇ،‏ ئادە‌تتە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كىچىك ئىشلار بىلە‌ن كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە يۇ‌مشاق مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئۆز سۆزلىرى بىلە‌ن باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ ئۆزگىلە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ بىز ئە‌رشتىكى ئاتىمىزدىن ئۈلگە ئالىمىز.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1‏.‏

2.‏ ئە‌يسا ئاتىسى يە‌ھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالغان؟‏

2 ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە ھە‌ردائىم مۇ‌لايىم مۇ‌ئامىلىدە بولغان.‏ ئۇ:‏ «ئە‌ي جاپاكە‌شلە‌ر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار!‏ ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ «بىچارىگە ياردە‌م» قولىمىزنى سۇ‌نساق،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن ھە‌م ئۆزىمىزمۇ خۇ‌شال بولىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 41:‏1‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋە ۋە‌ز خىزمىتىدە ئۇ‌چرىتىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئائىلە ئە‌زالىرىڭىزغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

3.‏ ئە‌ر كىشى ئايالىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى قانداق نە‌زە‌ردە تۇ‌تالايدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

3 ئائىلە بېشى ئۆيدىكىلىرىگە ئۈلگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏25؛‏ 6:‏4‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بىنائە‌ن،‏ ئە‌ر كىشىلە‌ر ئاياللىرىغا كۆيۈمچان بولۇ‌شى ۋە چۈشىنىشى كېرە‌ك (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7‏)‏.‏ ئايالىنى چۈشىنىدىغان ئە‌ر كۆپ جە‌ھە‌تتىن ئۆز-‏ئارا پە‌رق قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۆزىنى ئايالىدىن ئارتۇ‌ق ھېسابلىمايدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏18‏)‏.‏ ئۇ ئايالنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئايالىنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ كانادادا ياشايدىغان بىر ئايال قېرىندىشىمىز ئۆز يولدىشى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ ھېچقاچان مېنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى ئە‌ھمىيە‌تسىز دە‌پ قارىمايدۇ ۋە «سىز بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولماڭ» دېمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ مېنى زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشاپ،‏ كۆز قارىشىمنى تۈزىتىش كېرە‌ك بولسا،‏ ئۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن شۇ‌نداق قىلىدۇ».‏

ئە‌ر كىشى ئايالىغا ۋاپادارلىقنى ساقلايدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئايالىنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ ۋە يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ

4.‏ ئايالىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئويلايدىغان ئە‌ر كىشى باشقا ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

4 ئۆز ئايالىنى ئويلايدىغان ئە‌ر باشقا ئاياللار بىلە‌ن ئالاقە قىلغاندا ئايالىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ،‏ ھە‌رگىزمۇ باشقا ئاياللارغا كۆز-‏قاش ئويناتمايدۇ ياكى قىزىش كۆرسە‌تمە‌يدۇ يە بولمىسا،‏ ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش پروگراممىلىرى ياكى تور ئارقىلىقمۇ شۇ‌نداق نالايىق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلمايدۇ (‏ئايۇ‌پ 31:‏1‏)‏.‏ ئە‌خلاقسىزلىق مە‌زمۇ‌ن قىلىنغان تور بە‌تلە‌رنى كۆرمە‌يدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئايالىغا ۋاپادار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى سۆيىدۇ ۋە ئۇ يە‌نە يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14؛‏ 97:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ ئايالى ھە‌مراھىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى قانداق نە‌زە‌ردە تۇ‌تالايدۇ؟‏

5 ئە‌ر كىشى ئۆز بېشى بولغان ئە‌يسانى ئۈلگە قىلسا،‏ ئايالىنىڭ ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىشى ئاسانراق بولىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏22—‏25،‏ 33‏)‏.‏ يولدىشى جامائە‌ت ئىشلىرى بىلە‌ن ئالدىراش بولغاندا ياكى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئايالى ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە ۋە مېھرىبان بولۇ‌شقا تىرىشىپ،‏ ھە‌مراھىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ برىتانىيىدىكى بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئايالىم بە‌زىدە مىجە‌زىمنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ،‏ مېنىڭ بىر نە‌رسە ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتتا،‏ ئۇ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏5-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپنى ئىشلىتىپ،‏ مېنى تە‌شۋىشكە سالغان مە‌سىلە مە‌خپىي بولمىسا،‏ ئوي-‏پىكىرلىرىمنى «تارتىپ» چىقىرىش ئۈچۈن مۇ‌ۋاپىق ۋاقىت-‏سائە‌تنى كۈتىدۇ ۋە مە‌ن ئايالىم بىلە‌ن ئە‌ركىن سۆھبە‌تلىشىمە‌ن».‏

6.‏ بالىلارغا باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ۋە مېھرىبان بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىتە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ‌نىڭدىن بالىلار قانداق پايدا ئالىدۇ؟‏

6 ئاتا-‏ئانىلار بىر-‏بىرىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا دىققە‌ت بۆلسە،‏ بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىغا باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ۋە مېھرىبان بولۇ‌شنى ئۆگىتىشى لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىغا يىغىلىش زاللىرىدا يۈگۈرە‌شكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرسە بولىدۇ.‏ يە بولمىسا،‏ دوستلار بىلە‌ن جە‌م بولغاندا،‏ ئاۋۋال چوڭلارنىڭ تاماق ئېلىۋېلىشىغا يول بېرىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تسە بولىدۇ.‏ ھە‌ممىمىز جامائە‌تتىكى ئاتا-‏ئانىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ بالىلار ياخشى بىر ئىشنى قىلغاندا،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچقاندا،‏ ئۇ‌لارنى ماختاش كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بالىلار خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر» دېگە‌ن ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىدۇ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35‏.‏

جامائە‌تتىكىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

7.‏ ئە‌يسا گاس-‏گاچا كىشىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

7 بىر كۈنى ئە‌يسا ئون شە‌ھە‌ر رايونىدا بولغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر «ئۇ‌نىڭ ئالدىغا گاس ۋە تىلى ئېغىر بىر ئادە‌منى ئېلىپ كە‌لدى» (‏ماركۇ‌س 7:‏31—‏35‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى ساقايتقان.‏ لېكىن،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قىلمىغان؟‏ بۇ كىشى پاڭ بولغاچقا،‏ ئۇ ئۆزىنى كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا قولايسىز ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى چۈشىنىپ،‏ «ئۇ ئادە‌منى كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن بىر چە‌تكە ئېلىپ چىقىپ»،‏ ئۇ‌نى شۇ يە‌ردە ساقايتقان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز مۆجىزىلە‌رنى قىلالمايمىز،‏ ئە‌مما بىز قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌ش ئۈچۈن،‏ بىر-‏بىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنايلى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئىبرانىيلار 10:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسا ھە‌م گاس ھە‌م گاچا كىشىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ بىز ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن ياخشى ئۈلگە-‏ھە!‏

بىزنىڭ ئادە‌ملە‌رگە بولغان مېھرىبانلىقىمىز ۋە غە‌مخورلىقىمىز مۇ‌لايىم،‏ يېقىشلىق سۆزلىرىمىزدىن كۆرۈنۈشى كېرە‌ك

8،‏ 9.‏ ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بە‌رمە‌يدىغانلارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلالايمىز؟‏ (‏مىساللارنى كە‌لتۈرۈڭ)‏

8 ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بە‌رمە‌يدىغانلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بە‌لگۈسى —‏ كۆپ نە‌تىنجە يارىتىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بە‌رمە‌يدىغانلارغا ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى يىغىلىشلارغا ئاپىرىش ھە‌م ۋە‌ز خىزمىتىگە ئېلىپ چىقىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ بىز ئۈچۈن قولايسىز بولسىمۇ ياكى ئۇ‌لار باشقىلارغا ئوخشاش كۆپ ۋە‌ز قىلالمىسىمۇ،‏ بىز ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىمىز (‏مە‌تتا 13:‏23‏)‏.‏ مېيىپ ھارۋىسى بىلە‌ن يۈرىدىغان مايكىل قېرىنداش ئۆيدىكىلىرىنىڭ ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ممىسى ماڭا ياردە‌م بە‌رگە‌چكە،‏ مە‌ن يىغىلىشلارنىڭ ھە‌ممىسىگە دېگۈدە‌ك قاتنىشىپ،‏ ھە‌ردائىم ۋە‌ز قىلىمە‌ن.‏ مە‌ن بولۇ‌پمۇ ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلىشقا ئامراق».‏

9 كۆپلىگە‌ن بە‌يتە‌للە‌ردە ياشىنىپ قالغان ياكى ئىمكانىيىتى يار بە‌رمە‌يدىغان سادىق قېرىنداشلار بار.‏ بە‌يتە‌لدىكى ئاقكۆڭۈل يېتە‌كچى ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى يە‌پ،‏ خە‌ت يېزىش ۋە تېلېفون ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ 86 ياشتىكى بىل قېرىنداش يىراق رايونلاردىكى ئادە‌ملە‌رگە خە‌ت يازىدۇ.‏ ئۇ:‏ «ئادە‌ملە‌رگە خە‌ت يېزىش ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىش پۇ‌رسىتى بىز ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمىز»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ 90 ياشقا كىرگە‌ن نە‌نسى قېرىندىشىمىز بولسا،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خە‌ت يېزىش مېنىڭ ئۈچۈن پە‌قە‌ت ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئامالى ئە‌مە‌س.‏ بۇ —‏ خىزمە‌تنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىم تۈرى.‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش كېرە‌ك!‏» 1921-‏يىلى تۇ‌غۇ‌لغان ئېتىل قېرىنداش:‏ «ئاغرىمايدىغان كۈنۈم يوق،‏ بە‌زى كۈنلىرى كىيىنىشكىمۇ چامىم يە‌تمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تكە قىزىققان بىرنە‌چچە كىشى بىلە‌ن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ تۇ‌رۇ‌شتىن خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏ 85 ياشتىكى باربارا قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سالامە‌تلىكىم ناچار بولغاچقا،‏ باشقىلاردە‌ك ۋە‌ز قىلالمايمە‌ن.‏ بىراق،‏ مە‌ن ئادە‌ملە‌رگە تېلېفون ئارقىلىق گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يمە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىڭ بىر تە‌شە‌ككۈر!‏» شۇ بە‌يتە‌لدىكى ئە‌زىز ياشانغان قېرىنداشلار تە‌خمىنە‌ن بىر يىلنىڭ ئىچىدە 1228 سائە‌ت ۋە‌ز قىلغان،‏ 6265 پارچە خە‌ت يازغان،‏ 2000دىن كۆپرە‌ك ئادە‌مگە تېلېفون قىلغان ۋە 6315 ماتېرىيالنى تارقاتقان!‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ چىقارغان كۈچىدىن بە‌كمۇ خۇ‌رسە‌ن بولغان!‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11‏.‏

10.‏ قېرىنداشلارنىڭ يىغىلىشلاردىن مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

10 جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ.‏ قېرىنداشلارغا يىغىلىشلاردىن مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى —‏ قېرىنداشلارغا كاشىلا قىلماسلىق ئۈچۈن يىغىلىشلارغا ئۆز ۋاقتىدا كېلىش.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا كۈتۈلمىگە‌ن ئىشلار تۈپە‌يلىدىن كېچىكىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بىز دائىم كېچىكىپ كە‌لسە‌ك،‏ بۇ قېرىنداشلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌غىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىزنى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا تە‌كلىپ قىلغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏مە‌تتا 18:‏20‏)‏.‏ يىغىلىشىلارغا ئۆز ۋاقتىدا كېلىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌يلى!‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلار 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏40-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپنى ئورۇ‌نلىشى كېرە‌ك؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «ھە‌ممە ئىشلار ئە‌دە‌ب ۋە تە‌رتىپ بىلە‌ن بولسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌قىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏40‏)‏.‏ سە‌ھنىگە چىقىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌چرىشىشنى ئۆز ۋاقتىدا تۈگە‌تسە،‏ بۇ كۆرسە‌تمىگە قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت كېلە‌ركى نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىگۈچىگە ئە‌مە‌س،‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ممە قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يىغىلىش كېچىكىپ ئاياقلاشسا،‏ قېرىنداشلار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بە‌زى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇ‌س ياكى پويىزلارغا ئۈلگۈرۈشى كېرە‌ك.‏ بە‌زىلە‌رنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س جۆرىسى كە‌چ قالماي،‏ تېزراق يېتىپ كە‌لسىكە‌ن دە‌پ كۈتۈپ ئولتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە ۋە ھۆرمىتىمىزگە سازاۋە‌ر؟‏ (‏«‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك قېرىنداشلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌ڭ‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

12 ئاقساقاللار جامائە‌تتە ھە‌م ۋە‌ز خىزمىتىدە كۆپ تە‌ر تۆككە‌نلىكتىن،‏ بىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە ۋە ھۆرمىتىمىزگە سازاۋە‌ر ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭىزدىن مىننە‌تدارسىز.‏ سىز ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئۇ‌لارغا چىن كۆڭلۈڭىزدىن بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ «ئۇ‌لار خۇ‌داغا ھېساب بە‌رگە‌چ،‏ جانلىرىڭلار ئۈچۈن ھوشيار بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ».‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17‏.‏

ۋە‌ز خىزمىتىدە ئۇ‌چراتقان كىشىلە‌رگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ

13.‏ ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌يسا ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «يانچىلغان قومۇ‌شنى ئۇ سۇ‌ندۇ‌رمايدۇ،‏ تۈتە‌پ ئۆچە‌ي دە‌پ قالغان پىلىكنى ئۆچە‌رمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 42:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتقان.‏ ئۇ «ئېزىلگە‌ن قومۇ‌ش» ياكى «پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇ‌رغان چىراغقا» ئوخشاش ئاجىز ۋە چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق ۋە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ھە‌تتا بالىلارمۇ ئە‌يساغا بىمالال يېقىنلاشقانىدى (‏ماركۇ‌س 10:‏14‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرە‌كلىرىنى كۆرە‌لمە‌يمىز ۋە ئۇ‌لارنى نە‌ق ئە‌يسادە‌ك ئۆگىتە‌لمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ ۋە‌ز قىلغاندا ئۇ‌چراتقان كىشىلە‌ر بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىش،‏ قاچان ۋە قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

14.‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىش ھە‌ققىدە نېمە ئۈچۈن ئويلىشىمىز لازىم؟‏

14 ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۈگۈنكى كۈندە تاش يۈرە‌ك تىجارە‌تچىلە‌ر،‏ سىياسىيونلار ۋە دىنىي ئۇ‌ستازلار سە‌ۋە‌بلىك مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر قىينىلىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 9:‏36‏)‏.‏ نە‌تىجىدە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۈمىدسىزلىككە تولۇ‌پ،‏ ھېچكىمگە ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ ئۇ‌لارغا بولغان مېھرىبانلىقىمىز ۋە كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىمىز مۇ‌لايىم،‏ يېقىشلىق سۆزلىرىمىزدىن كۆرۈنۈشى كېرە‌ك.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ماھىرلىق بىلە‌ن قوللانغانلىقىمىزدىن ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لارغا سە‌مىمىي قىزىقىش ۋە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىمىز ئۈچۈن تىڭشايدۇ.‏

15.‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنىڭ قانداق مۇ‌مكىنچىلىكلىرى بار؟‏

15 ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلغاندا ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنىڭ كۆپ مۇ‌مكىنچىلىكلىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا سوئال قويغاندا،‏ مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆز قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ۋە‌ز قىلغان تېررىتورىيىدە كۆپ ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى تارتىنچاق ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى خىجىل قىلىدىغان سوئاللارنى قويمىغان.‏ «خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلە‌مسىز؟‏» ياكى «خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏» دېگە‌ن سوئاللارنى قويۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى بارلىقىنى بىلىۋالدىم،‏ سىزگە كۆرسىتە‌ي دېگە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نداق ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ھە‌ممىلا جايدا قوللىنىشقا بولمايدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىدىن پە‌رق قىلىدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌دە‌نىيىتى ھە‌م پە‌رقلىق.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ۋە‌ز قىلغان جايلاردىكى ئادە‌ملە‌رگە ھە‌رقاچان مېھرىبانلىق ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى ياخشى تونۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏

16،‏ 17.‏ ئادە‌ملە‌رگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن:‏ (‏1)‏ قايسى ۋاقىتتا ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە ياخشى بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت سۆزلىشىش كېرە‌ك؟‏

16 ئادە‌ملە‌رگە قايسى ۋاقىتتا كېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئۆيمۇ ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى كۈتمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارغا سۆزلىشىش قولايلىق بولغان ۋاقىتتا كېلىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنىڭ تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادە‌ملە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنلىرىدە كۆپرە‌ك ئۇ‌خلاشنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌تىگە‌ندە كوچىدا،‏ ئادە‌ملە‌ر كۆپ يە‌رلە‌ردە ۋە‌ز قىلسىڭىز ياكى سۆزلىشىشكە مۇ‌مكىنچىلىكى بار قىزىققۇ‌چىلارغا قايتا يولۇ‌قسىڭىز بولىدۇ.‏

17 قانچە ۋاقىت سۆزلىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئادە‌ملە‌ر بە‌ك ئالدىراش بولغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالماي،‏ قىسقا سۆزلىشىشىمىز لازىم (‏1-‏كورىنتلىقلار 9:‏20—‏23‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارنىڭ قولى بوش ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىسا،‏ كېلە‌ركى قېتىم ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلىشىشكە كۆپرە‌ك ۋاقتىنى چىقىرىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىلىرى،‏ دە‌پ ئاتالغان،‏ ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسىتىشكە تىرىشساق،‏ بىز «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» بولالايمىز.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا بىز ئىشلىتىپ كىمدۇ-‏بىرىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌ر!‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7،‏ 9‏.‏

18.‏ باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولىمىز؟‏

18 كېلىڭلار،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزغا،‏ جامائە‌تتىكىلە‌رگە ھە‌م ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئۇ‌چرىتىدىغان ئادە‌ملە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلايلى!‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولىمىز.‏ زە‌بۇ‌ر 41:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بىچارىگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان ئىنسان بە‌ختلىكتۇ‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋا قۇ‌تقۇ‌زار.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قوغداپ،‏ ئۇ‌نىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار.‏ يە‌ر يۈزىدە ئۇ بە‌ختلىك ئىنسان دە‌پ ئاتىلار».‏