«شاد-خۇرام خۇدا»غا خىزمەت قىلىدىغانلار بەختلىك!
«خۇداسى يەھۋا بولغان خەلق نەقەدەر بەختلىكتۇر!»—زەبۇر 144:15.
ناخشىلار: 38، 21
1. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن شاد-خۇرام؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى — شاد-خۇرام كىشىلەر. ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىدا، چوڭ يىغىلىشلاردا ۋە جەم بولغان ھەرقانداق جايدا بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، خۇشال-خۇرام بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە خۇشال-خۇرام؟ بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى — ئۇلار «شاد-خۇرام خۇدا» يەھۋانى بىلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىدۇ (1-تىموتىي 1:11؛ زەبۇر 16:11). يەھۋا — بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى. شۇڭا ئۇ بىزنىڭمۇ بەختلىك بولۇشىمىزنى خالايدۇ ۋە شاد-خۇرام بولۇشىمىزغا كۆپ سەۋەپ بېرىدۇ.—تەكرار قانۇن 12:7؛ ۋەز 3:12، 13.
2، 3. (1) خۇشال-خۇرام بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) بۈگۈنكى كۈندە بەختلىك بولۇش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 سىزچۇ؟ سىز بەختلىكمۇ؟ بەختلىك ئادەم ئۆزىنى ياخشى سېزىپ شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، ھاياتىدىن مەمنۇن بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ھەقىقىي بەختكە ئىگە بولالايدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇنداقتا، بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇش نېمە ئۈچۈن بەكمۇ قىيىن؟
3 بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، مەسىلەن، يېقىنىمىز ۋاپات بولغاندا ياكى جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، ئائىلىمىز ھالاك بولغاندا، يە بولمىسا بىز ئىشتىن بوشىتىلغاندا، خۇشال-خۇراملىقنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا جېدەل-ماجىرا تۈپەيلىدىن ئۆيۈمىزدە تىنچلىق بولمىغاندا، خىزمەتداشلىرىمىز ياكى سىنىپداشلىرىمىز بىزنى زاڭلىق قىلغاندا، بىز زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە ياكى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغاندا، شاد-خۇرام بولۇش ناھايىتى تەس. ياكى بولمىسا سالامەتلىكىمىزنىڭ ناچارلىشى، سوزۇلما كېسەلگە ياكى چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما، شاد-خۇرام ۋە يالغۇز ھۆكۈمرانىمىز ئەيسا مەسىھ ئادەملەرگە تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارغا خۇشاللىقنى ئاتا قىلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى (1-تىموتىي 6:15؛ مەتتا 11:28—30). تاغدىكى تەلىمىدە ئۇ بەختلىك بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى پەزىلەتلەرنى تىلغا ئالغان. بىز شۇ پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرسەك، شەيتاننىڭ دۇنياسىدا باشتىن كەچۈرىدىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، بەختلىك بولالايمىز.
يەھۋا خۇداسىز بەختلىك بولالمايمىز
4، 5. بەختكە ئېرىشىش ۋە شاد-خۇرام بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
4 ئەيسانىڭ تاغدىكى تەلىمىدە ئېيتقان دەسلەپكى سۆزلىرى ناھايىتى مۇھىم. ئۇ: «روھىي جەھەتتە ئۆزىنىڭ خۇداغا مۇھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر»،— دېگەن (مەتتا 5:3). ئەگەر روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى چۈشەنسەك، بىز خۇدا ھەققىدە بىلىمگە ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن يولباشچىلىقىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىمىزنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش، خۇداغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىبادەتنى ھاياتىمىزدىكى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. بۇلارنى قىلساق، شاد-خۇراملىققا ئېرىشىمىز. بۇنىڭدىن باشقا پات-ئارىدا خۇدانىڭ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئېتىقادىمىز مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇنداقلا خۇدا سۆزىدىكى شاد-خۇرام ئۈمىد بىزگە ئىلھام بېرىدۇ.—تىتۇس 2:13.
5 ھاياتىمىزدا مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، شاد-خۇرام بولۇپ قېلىش ئۈچۈن، بىز داۋاملىق يەھۋا بىلەن دوستلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز مۇھىم. ئەلچى پاۋلۇس: «رەببىمىز يولىدا ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە ئېيتىمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار»— دەپ يازغان (فىلىپىلىكلەر 4:4). يەھۋانىڭ يېقىن دوستى بولۇش ئۈچۈن بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق كېرەك. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «بەختلىكتۇر دانالىقنى تاپقان ھەم ئەقىل-ئىدراكقا ئېرىشكەن ئىنسان!» ۋە «ئۇنىڭغا[دانالىققا] ئىگە بولغانلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، ئۇنى مەھكەم تۇتقانلار بەختلىك دەپ ئاتىلار».—پەندى-نەسىھەت 3:13، 18.
يەھۋانىڭ روھى سىزگە مەسىھىيلەرگە خاس پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىشكە ۋە شاد-خۇرام بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ
6. شاد-خۇراملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
6 شاد-خۇراملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىمىمىزنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ئەيسا بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، «بۇنى بىلىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭلار، بەختلىكسىلەر»،— دېگەن (يۇھاننا 13:17؛ ياقۇپ 1:25-نى ئوقۇڭ). روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرۈش ۋە شاد-خۇراملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. لېكىن، بىزنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان نەرسىلەر شۇنچە كۆپ تۇرسا، قانداق قىلىپ بەختلىك بولالايمىز؟ كېلىڭلار، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تاغدىكى تەلىمىدە ئېيتقان بەزى سۆزلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
بىزنى شاد-خۇرام قىلىدىغان پەزىلەتلەر
7. قايغۇرۇۋاتقانلار قانداق قىلىپ بەختلىك بولالايدۇ؟
7 «غەم-قايغۇغا پاتقانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار تەسەللىگە ئېرىشىدۇ» (مەتتا 5:4). ‹غەم-قايغۇغا پاتقان ئادەم قانداقمۇ بەختلىك بولالايدۇ؟› دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئايەتتە، ئەيسا غەم-قايغۇ قىلىۋاتقان ھەممە كىشىلەر ھەققىدە ئېيتمىغان. ھازىر كۆپلىگەن رەزىل ئادەملەرمۇ قايغۇرىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار «ئاخىرقى زامان» دەپ ئاتالغان «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار»دا ياشاۋاتىدۇ (2-تىموتىي 3:1). بىراق، ئۇلار خۇدا ھەققىدە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنىلا ئويلايدۇ. يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرمىگەچكە، ئۇلار بەختسىز كىشىلەردۇر. ئەيسا «غەم-قايغۇغا پاتقانلار» دەپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتقان. ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ خۇدانى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ياشىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قايغۇرماقتا. يەنە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دۇنيادا بولۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرۈپ قايغۇغا پاتماقتا. يەھۋا ھەقىقىي قايغۇرۇۋاتقان بۇ كىشىلەرنى بايقاپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا شاد-خۇراملىق بىلەن مەڭگۈ ھاياتنى سوۋغات قىلىدۇ.—ھەزەكىيال 5:11؛ 9:4-نى ئوقۇڭ.
8. مۇلايىم بولۇش بەختكە ئېرىشىشىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8 «مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار يەر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ» (مەتتا 5:5). مۇلايىم بولۇش بەختكە ئېرىشىشىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئادەملەر بەك قوپال ۋە غەزەپكە تولغان. شۇڭلاشقا، كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار تۇغۇلماقتا. ئەمما، ھەقىقەتنى تونۇغاندا، شۇنداق ئادەملەر ئۆزگىرىپ، «يېڭى تەبىئەتنى» كىيىدۇ. ھازىر ئۇلار «مېھىر-شەپقەت، مېھرىبانلىق، كەمتەرلىك، مۇلايىملىق ۋە سەۋر-تاقەتكە» كىيىنىپ، شۇلارنى ھاياتىدا نامايان قىلىدۇ (كولوسىلىقلار 3:9—12). بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا سۆزىدە ۋەدە قىلىنغاندەك، ئۇلار كەلگۈسىدە «يەر يۈزىگە ئىگە بولار».—زەبۇر 37:8—10، 29.
9. (1) ئەيسانىڭ يۇۋاش كىشىلەر «يەرنىڭ مىراسخورلىرى بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) «ھەققانىيلىقنى خالاپ تەشنا بولغانلار» نېمە ئۈچۈن بەختلىك بولالايدۇ؟
9 ئەيسا يۇۋاش كىشىلەر «يەر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ» دېگەندە، ئۇ نېمىنى نەزەردە تۇتقان؟ مەسىلەن، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا روھانىيلار ۋە پادىشاھلار سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، «يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ» (ۋەھىيلەر 20:6). يەردە ياشاش ئۈمىدى بار باشقا ئادەملەر بولسا، جەننەتتە مەڭگۈ ياشىغاندا، ئۇلار «يەر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ». ئۇلار مۇكەممەل بولۇپ، تىنچلىق ۋە بەختتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەيسا مەسىھ قىلىنغانلار ۋە يەردە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەر ھەققىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئادالەتكە تەشنا بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ» (مەتتا 5:6). يەھۋا ھەممە رەزىللىكنى يوق قىلغاندا، ھەققانىيلىققا تەشنا بولغانلارنىڭ ئارزۇسى قانائەت تاپىدۇ (2-پېترۇس 3:13). يېڭى دۇنيادا ھەققانىي ئادەملەر ئەمدى ھېچقاچان رەزىللەرنىڭ رەزىل ئىشلىرىدىن قايغۇرمايدۇ. ئۇلار مەڭگۈ بەختلىك بولىدۇ.—زەبۇر 37:17.
10. رەھىمدىل بولۇش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
10 «كەچۈرۈمچان بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلارمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» (مەتتا 5:7). كەچۈرۈمچان ئادەم باشقىلارغا مۇلايىملىق، رەھىم-شەپقەتلىك ۋە ھېسداشلىق كۆرسىتىدۇ، يەنى ئازاب چەككەنلەرگە ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئەمما، كەچۈرۈمچانلىق پەقەت بۇ رەھىم-شەپقەت ھېس تۇيغۇسىدا بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مۇقەددەس كىتابقا ماس، كەچۈرۈمچان ياكى رەھىمدىل بولۇش باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
11. مېھرىبان سامارىيىلىك ھەققىدىكى تەمسىلدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
11 لۇقا 10:30—37-نى ئوقۇڭ. ئەيسانىڭ مېھرىبان سامارىيىلىك كىشى ھەققىدە ئېيتقان تەمسىلىدە مېھرىبان ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. سامارىيىلىك كىشى ئازاب چەككەن ئادەمنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان. ھېسداشلىق ئۇنى شۇ ئادەمگە ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ تەمسىلنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا: «بارغىن، سەنمۇ شۇنداق قىلغىن»،— دېگەنىدى. شۇڭا، بىز ئۆزىمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «مەنمۇ شۇنداق قىلىمەنمۇ؟ مېھرىبان سامارىيىلىككە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىمەنمۇ؟ ئازاب چەككەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن؟ مەسىلەن، جامائەتتىكى ياشانغان قېرىنداشلار، تۇل ئاياللار ياكى ئاتا-ئانىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان بالىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ «روھى چۈشكۈنلەرگە» تەسەللى بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن؟»—1-سالونىكالىقلار 5:14؛ ياقۇپ 1:27.
12. نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈمچان بولۇش بىزنى بەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؟
12 نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈمچان بولۇش بىزنى بەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؟ چۈنكى، باشقىلارغا كەچۈرۈمچان بولغاندا، ئەيسا ئېيتقاندەك، بىز باشقىلارغا بېرىشتىن كېلىدىغان بەختنى ھېس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىزمۇ خۇشال بولىمىز (ئەلچىلەر 20:35؛ ئىبرانىيلار 13:16-نى ئوقۇڭ). داۋۇت پادىشاھ مېھرىبان ئادەم ھەققىدە: «يەھۋا ئۇنى قوغداپ، ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار، يەر يۈزىدە ئۇ بەختلىك ئىنسان دەپ ئاتىلار»،— دەپ ئېيتقان (زەبۇر 41:1، 2). ئەگەر بىز باشقىلارغا كەچۈرۈمچان بولۇپ، رەھىم-شەپقەت كۆرسەتسەك، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىمىز ۋە مەڭگۈ بەختلىك بولالايمىز.—ياقۇپ 2:13.
«قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!»
13، 14. نېمە ئۈچۈن قەلبىمىزنىڭ پاك بولغانلىقى مۇھىم؟
13 ئەيسا: «قەلبى پاك بولغانلار بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ»، — دېگەن (مەتتا 5:8). قەلبى پاك ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئوي-پىكىرلىرىمىز بىلەن ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىز پاك ياكى تازا بولۇشى كېرەك. ئەگەر يەھۋانىڭ ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى خالىساق، بۇنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۇھىم.—2-كورىنتلىقلار 4:2-نى ئوقۇڭ؛ 1-تىموتىي 1:5.
14 قەلبى پاك كىشىلەر يەھۋا بىلەن دوست بولالايدۇ. يەھۋا: «ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيغانلار بەختلىكتۇر»،— دەپ ئېيتقان (ۋەھىيلەر 22:14). ئۇلار قايسى مەنىدە كىيىملىرىنى يۇيىدۇ؟ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن، بۇ ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇپ، ئۆلمەس ھايات ۋە مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەردە ياشاش ئۈمىدى بار زور بىر توپ خالايىق ئۈچۈن بۇ ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھەققانىي دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇلار كىيىملىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاقارتقانلار»،— دەپ يېزىلغان.—ۋەھىيلەر 7:9، 13، 14.
15، 16. قەلبى پاكلار قايسى مەنىدە «خۇدانى كۆرىدۇ»؟
15 يەھۋا: «مېنى كۆرگەن ھېچبىر كىشى تىرىك قالمايدۇ»،— دېگەن (چىقىش 33:20). ئۇنداقتا، قەلبى پاك ئادەملەر قانداقلارچە «خۇدانى كۆرىدۇ»؟ «كۆرۈش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى «تەسەۋۋۇر قىلىش»، «چۈشىنىش» ياكى «بىلىش» دېگەننىمۇ بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دېمەك، «خۇدانى كۆرۈش» دېگىنىمىز ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى سۆيۈشتۇر (ئەفەسلىكلەر 1:18). ئەيسا يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل تۈردە ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭا، ئۇ مۇنداق ئېيتالىغان: «مېنى كۆرگەن كىشى ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ».—يۇھاننا 14:7—9.
16 شۇنىڭ بىلەن، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خۇدانىڭ ياردەم قولىنى ھېس قىلغاندا ئۇنى كۆرەلەيمىز (ئايۇپ 42:5). شۇنداقلا بىز يەھۋانىڭ قەلبى پاك ۋە سادىق خىزمەتچىلىرىگە ۋەدە قىلغان بەرىكەتلىرىنى كۆرەلەيمىز. مايلانغان مەسىھىيلەر تىرىلدۈرۈلۈپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەندە، يەھۋانى ئۇدۇل مەنىدە كۆرىدىغان بولىدۇ.—1-يۇھاننا 3:2.
قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن بەختلىك بولالايمىز
17. تىنچلىقپەرۋەرلەر نېمە ئۈچۈن بەختلىك؟
17 ئەيسا: «تىنچلىقپەرۋەرلەر نەقەدەر بەختلىك!»،— دەپمۇ ئېيتقان (مەتتا 5:9). تىنچلىقپەرۋەر، يەنى تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان ئادەم بولساق، بەختلىك بولالايمىز. ياقۇپ مۇنداق يازغان: «تىنچلىق ئورناتقۇچىلار تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى يىغىدۇ» (ياقۇپ 3:18). ئەگەر جامائەتتە ياكى ئائىلىڭىزدە بىرسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىن بولسا، يەھۋادىن شۇ ئادەم بىلەن يارىشىشقا ياردەم بېرىشنى يالۋۇرۇپ سوراڭ. شۇ چاغدا يەھۋا سىزگە مۇقەددەس روھىنى بېرىدۇ ۋە بۇ روھ سىزگە مەسىھىيلەرگە خاس پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىشكە ۋە خۇشال-خۇرام بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەيسا بىرىنچى بولۇپ تىنچلىققا ئىنتىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سەن قۇربانگاھقا قۇربانلىقىڭنى ئېلىپ كەلگەندە، بىر قېرىندىشىڭنىڭ سەندىن خاپا ئىكەنلىكى يادىڭغا كەلسە، قۇربانلىقىڭنى قۇربانگاھ ئالدىدا قويۇپ، بېرىپ ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋالغىن. ئاندىن كېلىپ قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن».—مەتتا 5:23، 24.
18، 19. نېمە ئۈچۈن مەسىھىيلەر قارشىلىققا قارىماستىن خۇشال بولالايدۇ؟
18 «مەن ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاقارىتى، زىيانكەشلىكى ۋە تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق تۆھمەتلىرىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!» ئەيسا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن ئېيتقان؟ ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «خۇشال-خۇرام بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار، چۈنكى ئاسماندا سىلەرنى زور مۇكاپات كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان» (مەتتا 5:11، 12). بىرىنچى ئەسىردە ئالىي كېڭەش ئەلچىلەرنى قامچىلاپ، ۋەز قىلىشنى مەنئىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار شۇ يەردىن خۇشال بولۇپ چىققان. ئەلۋەتتە، ئۇلار قامچىلانغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئەيسانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن «خورلۇققا ئۇچراشقا لايىق بولالىغىنى ئۈچۈن، خۇشال-خۇرام» بولغان.—ئەلچىلەر 5:41.
19 بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ خەلقى ئەيسانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن ئازاب چەككەندە، بۇنىڭغا سەۋرچان بولۇپ خۇشاللىقىنى ساقلايدۇ (ياقۇپ 1:2—4-نى ئوقۇڭ). ئەلچىلەرگە ئوخشاش، بىزمۇ ئازاب چەككەنلىكىمىزگە ياكى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەنلىكىمىزگە خۇشال بولمايمىز. بىراق يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالساق، ئۇ قىيىنچىلىققا سەۋر-تاقەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. ھېنرىك دورنىك ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. 1944-يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇلار مەھبۇسلار لاگېرىغا ئەۋەتىلگەن. قارشى چىققۇچىلار ئۇلار ھەققىدە: «ئۇلارنى ھېچقانداق بىر نەرسىنى قىلىشقا قايىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئازاب چەككەنلىكى ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ»،— دەپ ئېيتقان. ھېنرىك مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، مەن ئازاب چېكىشنى خالىمىغان ئىدىم. لېكىن، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن قىيىن ئەھۋالدا باتۇر بولغانلىقىمغا خۇشال بولدۇم. قىزغىن دۇئالىرىم مېنى يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. يەھۋا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى».
20. شاد-خۇرام خۇدايىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىش نېمە ئۈچۈن بىزنى خۇشال قىلىدۇ؟
20 ئەگەر شاد-خۇرام خۇدانىڭ قەلبىنى خۇشال قىلساق، زىيانكەشلىك ياكى ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلسەكمۇ، بىرەر ئاغرىققا گىرىپتار بولساقمۇ ياكى قېرىساقمۇ، شاد-خۇراملىقنى يوقاتمايمىز (1-تىموتىي 1:11). شۇنىڭ بىلەن، «يالغان ئېيتالمايدىغان» خۇدايىمىز بىزگە مول بەرىكەتلەرنى تۆكىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاچ، ئۆزىمىزنى خۇشال-خۇرام ھېس قىلىمىز (تىتۇس 1:2). يەھۋا ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى ئەسكە ھەم ئالمايمىز. ئەمەلىيەتتە، بىز جەننەتتىكى ھاياتنىڭ قانچىلىك ئاجايىپ بولىدىغانلىقىنى ۋە بىز ئۆزىمىزنى قانچىلىك بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز! ھەئە، بىز «تىنچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە، شاد-خۇرام ھايات» كەچۈرىمىز.—زەبۇر 37:11.