مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بىلە‌ن داۋاملىق باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بىلە‌ن داۋاملىق باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

‏«مۇ‌ھە‌ببە‌ت كىشىنى كۈچە‌يتىپ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ».‏‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏1‏.‏

ناخشىلار:‏ 25،‏ 52

1.‏ ئە‌يسا ئۆلۈمى ئالدىدىكى كېچىسى شاگىرتلىرى بىلە‌ن نېمە ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكە‌ن؟‏

 ئە‌يسا ئۆلۈمى ئالدىدىكى كېچىسى شاگىرتلىرى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە‏،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سۆزىنى تە‌خمىنە‌ن 30 قېتىم تىلغا ئالغان.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،‏—‏دېگە‌نىدى (‏يۇ‌ھاننا 15:‏12،‏ 17‏)‏.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرى ئىكە‌نلىكىنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئېيتقان بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ ئە‌مە‌س،‏ ئە‌ڭ ئېسىل پە‌زىلە‌ت،‏ يە‌نى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌يسا:‏ «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا قىلغان كىشىنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدىن چوڭقۇ‌رراق مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھېچكىمدە يوقتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ر مېنىڭ بۇ‌يرۇ‌غانلىرىمنى ئورۇ‌نلىساڭلار،‏ سىلە‌ر مېنىڭ دوستلىرىم»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏13،‏ 14‏.‏

2.‏ (‏1)‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق پە‌زىلە‌تلىرى بىلە‌ن تونۇ‌لغان؟‏ (‏2)‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە بىز قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟‏

2 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سە‌مىمىي،‏ ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە بىرلىكى،‏ يە‌نى بۇ‌زۇ‌لماس ئىناق-‏ئىتىپاقلىقى بىلە‌ن ئۆزلىرىنىڭ خۇ‌دا خە‌لقى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏10،‏ 11‏)‏.‏ مىللىتى،‏ قە‌بىلىسى،‏ تىلى،‏ كېلىپ چىقىشى ۋە تە‌ربىيىسى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىر-‏بىرىگە سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏ قانداق قىلىپ ھە‌ربىرىمىز باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي بېرىپ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌لە‌يمىز؟‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏1‏.‏

ھازىر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

3.‏ «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار» ئادە‌ملە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

3 ھازىر بىز «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار»دا ياشاۋاتىمىز ۋە ھايات «مۇ‌شە‌ققە‌ت ۋە ھە‌سرە‌تكە تولغاندۇ‌ر» (‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏5؛‏ زە‌بۇ‌ر 90:‏10‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تنىڭ كۆپلۈكىدىن،‏ ئوخشىمىغان دە‌رىجىدە روھىي بېسىمغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ،‏ ھە‌تتا ياشىغۇ‌سىمۇ كە‌لمە‌يدۇ.‏ ھە‌ر يىلى 800000دىن ئوشۇ‌ق ئادە‌م ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌ربىر 40 سېكۇ‌نتتا بىر ئادە‌م ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.‏ ناھايىتى ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ھە‌تتا بە‌زى قېرىنداشلىرىمىزمۇ شۇ‌نداق روھىي بېسىم ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.‏

4.‏ خۇ‌دانىڭ قايسى خىزمە‌تچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ياشىغۇ‌سى كە‌لمىگە‌ن؟‏

4 قە‌دىمدە خۇ‌دانىڭ بە‌زى سادىق خىزمە‌تچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ روھى چۈشۈپ،‏ ياشاشنى خالىمىغانىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جە‌بىر-‏جاپالارنى تارتقان ئايۇ‌پ:‏ «مە‌ن بۇ جاندىن تويدۇ‌م،‏ داۋاملىق ياشاشنى خالىمايمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 7:‏16؛‏ 14:‏13‏)‏.‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن يۇ‌نۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌مدى،‏ ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ جېنىمنى ئالغىن.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشىدۇ‌ر» (‏يۇ‌نۇ‌س 4:‏3‏)‏.‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر ئۈمىدسىزلىككە تولغاندا:‏ «ئە‌مدى بولدى تويدۇ‌م!‏ ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ جېنىمنى ئالغىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏1-‏پادىشاھلار 19:‏4‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا شۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ياخشى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھايات كە‌چۈرۈشىنى خالىغانىدى.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئە‌يىبلىمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھاياتتىن ۋە‌ز كېچىشتە‌ك شۇ‌نداق سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يېڭىپ،‏ داۋاملىق سادىق خىزمە‌تكار بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏

5.‏ بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئالاھىدە مۇ‌ھتاج؟‏

5 بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لار مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە مۇ‌ھتاج.‏ بە‌زىلە‌ر مە‌سخىرىگە ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر خىزمە‌تداشلىرىنىڭ تە‌نقىد قىلىشى ياكى سۆز-‏چۆچە‌ك قىلىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر كېچە-‏كۈندۈز ئىشلە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولغاچ ياكى ئىشىدا كۆپ بېسىمغا ئۇ‌چرىغاچ،‏ ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ.‏ يە‌نە ئائىلىسىدە چوڭ قىيىنچىلىقلىرى بار قېرىنداشلارمۇ كۆپ.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان نىكاھلىق جورىسى قېرىندىشىمىزنى ھە‌ردائىم ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ياكى باشقىچە قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلىدىن كۆپ قېرىنداشلىرىمىز جىسمانىي ياكى روھىي جە‌ھە‌تتىن چارچاپ ھالىدىن كە‌تكە‌چكە،‏ ھە‌تتا ئۆزىنى ھېچكىمگە كېرە‌ك ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارغا كىم ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ

6.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ھازىر ۋە مە‌ڭگۈ سۆيىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىل خە‌لقىگە:‏ «سە‌ن نە‌زە‌رىمدە قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك بولغاچ،‏ سېنى شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈردۈم ۋە سۆيدۈم.‏ … سە‌ن قورقمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بىللىدۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏ (‏يە‌شايا 43:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بىز ھە‌ربىرىمىزنىڭ يە‌ھۋا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق ۋە‌دە بار:‏ «ھە‌ممىگە قادىر بولغۇ‌چى سۈپىتىدە … ئۇ سە‌ندىن خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا تولار».‏—‏سە‌فانىيا 3:‏16،‏ 17.‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قايسى مە‌نىدە كۆيۈمچان ئانىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئوخشاش؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

7 قىيىنچىلىقىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ يە‌ھۋا:‏ «ئۇ سىلە‌رنى ئېمىتىدۇ،‏ ھاپاش قىلىپ يۈدۈپ ماڭىدۇ،‏ قۇ‌چىقىدا ئە‌ركىلىتىدۇ.‏ بىر ئانا بالىسىغا قانداق تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن نە‌رسە،‏ مە‌نمۇ سىلە‌رگە شۇ‌نداق سىلە‌رگە تە‌سە‌للىي بېرىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 66:‏12،‏ 13‏)‏.‏ كۆيۈمچان ئانا بالىسىنى باغرىغا بېسىپ ياكى ئۇ‌نى ئە‌ركىلىتىپ ئويناتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋامۇ سىزنى قاتتىق سۆيىدۇ ۋە ئۆزىڭىزنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىگە ھېچقاچان گۇ‌مان قىلماڭ.‏—‏يە‌رە‌مىيا 31:‏3‏.‏

8،‏ 9.‏ ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزگە قانداق كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ؟‏

8 يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنىڭ يە‌نە بىر ئىسپاتى،‏ مۇ‌نۇ ئايە‌تتە يېزىلغان:‏ «خۇ‌دا دۇ‌نيانى شۇ قە‌دە‌ر سۆيدىكى،‏ ھە‌تتا يالغۇ‌ز ئوغلىنى بە‌ردى؛‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ھە‌ربىر كىشى ھالاك بولماي،‏ بە‌لكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇ‌ن» (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئە‌يسانىڭمۇ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «دە‌رد-‏ئە‌لە‌ممۇ»،‏ «ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تمۇ» «بىزنى مە‌سىھنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدىن» ئايرىۋېتە‌لمە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏—‏رىملىقلار 8:‏35،‏ 38،‏ 39‏.‏

9 بە‌زىدە قىيىنچىلىقلار سە‌ۋە‌بىدىن بىز جىسمانىي ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلىشىشىمىز ياكى يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزدىكى خۇ‌شاللىقنى يوقىتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ بۇ بىزگە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 5:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌تتا تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چراپ قىيىنچىلىق تارتساقمۇ،‏ زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ ئۈمىدسىزلە‌نسە‌كمۇ ياكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە پاتساقمۇ،‏ ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

قېرىنداشلار مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە مۇ‌ھتاج

‏(‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن قېرىنداشلارنى كىم ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

10 بىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋا جامائە‌ت ئارقىلىقمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ قېرىنداشلارنى سۆيسە‌ك،‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏ قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن،‏ بىز بار كۈچىمىزنى سالىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏19—‏21‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش،‏ داۋاملىق بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار ۋە بىر-‏بىرىڭلارنى كۈچە‌يتىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏11‏)‏.‏ بۇ پە‌قە‌ت ئاقساقاللارنىڭلا ۋە‌زىپىسى ئە‌مە‌س.‏ ھە‌ربىرىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏رىملىقلار 15:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11 جامائە‌تتە ئېغىر روھىي چۈشكۈنلۈك بىلە‌ن ئاغرىۋاتقان ياكى قاتتىق غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە پاتقان قېرىنداشلار تىببىي ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 5:‏31‏)‏.‏ ئاقساقاللار ۋە باشقا قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ تىببىي ياردە‌م بېرىدىغان دوختۇ‌رلار ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشە‌نسىمۇ،‏ ئۇ‌لار چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن قېرىنداشلارغا كۈچ ۋە تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يدۇ.‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر قېرىنداش «روھى چۈشكۈنلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرىڭلار.‏ ئاجىزلارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ڭلار،‏ ھە‌ممە ئادە‌مگە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تنى ئىشلىتە‌لە‌يدۇ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏14‏)‏.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.‏ ئۇ‌لار چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە،‏ بىز ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ سۆزلىرىمىز بىلە‌ن ئىلھام بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ سىز باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىشكە تىرىشامسىز؟‏ بۇ جە‌ھە‌تتىن تېخىمۇ ياخشىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

12.‏ جامائە‌تنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن تە‌سە‌للىي ئالغان قېرىنداشنىڭ مىسالىنى ئېيتىپ بېرىڭ.‏

12 ياۋرۇ‌پادا ياشايدىغان بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە ئۆز-‏ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھە‌ققىدە ئويلايمە‌ن.‏ لېكىن،‏ مېنى قوللايدىغان ياردە‌مچىلىرىم بار.‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئۇ‌لار ھە‌رقاچان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ تە‌سە‌للي بېرىدۇ.‏ روھىي چۈشكۈنلۈك بىلە‌ن ئاغرىغانلىقىمنى پە‌قە‌ت بىرنە‌چچىسى بىلسىمۇ،‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌ددى مېنىڭ ئاتا-‏ئانامغا ئوخشاش.‏ ئۇ‌لار ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ كېچىنى كېچە،‏ كۈندۈزنى كۈندۈز دېمە‌ي،‏ ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ‌نداق ياردە‌م بېرىشكە ھە‌ركىمنىڭ مۇ‌مكىنچىلىكى يوق.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ قېرىنداشلارنى قوللاش ھە‌ممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ b‏.‏—‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ يوللىرى

13.‏ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 ياخشى تىڭشىغۇ‌چى بولۇ‌ڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏)‏.‏ بىز باشقىلارنى ھېسداشلىق بىلە‌ن تىڭشىساق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىمىز.‏ چۈشكۈن ھالدا بولغان ئادە‌منى چۈشىنىش ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلە‌ن سوئال سوراڭ.‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىڭىز ھە‌تتا چىرايىڭىزدىنمۇ كۆرۈنىدۇ.‏ ئۇ سۆزلىگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ سۆزىنى بۆلمە‌ڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرىنى ئېيتىپ،‏ ئىچ-‏باغرىدىكى تۆكە‌لە‌يدۇ.‏ ياخشى تىڭشىغۇ‌چى بولسىڭىز،‏ ئادە‌منىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى چۈشىنە‌لە‌يسىز ۋە ئۇ سىزگە ئىشىنىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌مۇ سىزنىڭ سۆزۈڭىزنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ياردىمىڭىزنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار بولىدۇ.‏ سىز باشقىلارغا سە‌مىمىي غە‌مخورلۇ‌ق قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن زور تە‌سە‌للى بولالايسىز.‏

14.‏ بىز نېمە ئۈچۈن تە‌نقىد قىلىشتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 تە‌نقىد قىلماڭ.‏ قايغۇ‌غا پاتقان ئادە‌منى تە‌نقىد قىلساق،‏ ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ يامان سېزىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش تە‌س بولىدۇ.‏ «ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇ‌ددى قىلىچ سانجىغاندە‌ك بولار،‏ لېكىن دانانىڭ تىلى شىپادۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18‏)‏.‏ غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقان ئادە‌منى سۆزۈمىز بىلە‌ن ئە‌تە‌ي رە‌نجىتمىسە‌كمۇ،‏ ئويلىماي ئېيتقان سۆزۈمىز ئۇ‌نىڭ قە‌لبىگە ئازار بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نى چۈشىنىش ۋە تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏مە‌تتا 7:‏12‏.‏

15.‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن قانداق بىباھا سوۋغىتىمىز بار؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن تە‌سە‌للىي بېرىڭ (‏رىملىقلار 15:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ «سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە «تە‌سە‌للى مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دا» بە‌رگە‌ن بىباھا سوۋغاتتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى سۆزلە‌ر بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىزدە «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى» (‏باشقا تىلدا)‏ ۋە «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىش يېتە‌كچىسى» (‏باشقا تىلدا)‏ بار.‏ بۇ قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز كېرە‌كلىك ماتېرىياللارنى ۋە ئايە‌تلە‌رنى تېپىپ،‏ ئۇ‌لارنى قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتە‌لە‌يمىز.‏

16.‏ قايغۇ‌غا پاتقان ئادە‌منى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر كېرە‌ك؟‏

16 مېھرىبان ۋە مۇ‌لايىم بولۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا «رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتا ۋە بارچە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دادۇ‌ر» ۋە ئۇ خىزمە‌تچىلىرىگە «رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت» كۆرسىتىدۇ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3—‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏؛‏ لۇ‌قا 1:‏78؛‏ رىملىقلار 15:‏13‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالغانلىقتىن،‏ ئۆزىمۇ ھېسداشلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «سىلە‌رگە خۇ‌ددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇ‌لايىم ئانىدە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلدۇ‌ق.‏ شۇ چاغدا،‏ سىلە‌رگە سۆيگۈ رىشتىسى بىلە‌ن شۇ‌نداق باغلانغان ئىدۇ‌قكى،‏ بىز سىلە‌رگە خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرىنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكىم ئۆز جانلىرىمىزنى ھە‌م بېرىشكە رازى بولدۇ‌ق.‏ چۈنكى،‏ سىلە‌رگە بە‌ك ئامراق بولغانىدۇ‌ق» (‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8‏)‏.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ مېھرىبان بولساق،‏ خۇ‌دا بىز ئارقىلىق قېرىندىشىمىز دۇ‌ئاسىدا سورىغان تە‌سە‌للىنى بېرە‌لە‌يدۇ.‏

17.‏ قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنى خالىساق،‏ ئۇ‌لاردىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

17 ئېتىقادداشلاردىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلماڭ.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلاردىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلسىڭىز،‏ خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م بولىسىز (‏ۋە‌ز 7:‏21،‏ 22‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزدىن قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزمۇ بىر-‏بىرىمىزگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏2،‏ 32‏)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋاغا پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلمايۋاتقاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى بولغۇ‌مىز ياكى ئۇ‌لارنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغىمىز كە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختايلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏—‏گالاتىيالىقلار 6:‏4‏.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن بىز بىر-‏بىرىمىزنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى خالايمىز؟‏

18 يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك (‏گالاتىيالىقلار 2:‏20‏)‏.‏ بىز قېرىنداشلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌لايىم مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز لازىم.‏ «تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-‏بىرىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قوغدايلى» (‏رىملىقلار 14:‏19‏)‏.‏ بىز جە‌ننە‌تتىكى ھاياتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمىز.‏ شۇ چاغدا نە ئاغرىق،‏ نە ئۇ‌رۇ‌ش بولمايدۇ.‏ ئىنسانلار ئادە‌م-‏ئاتىدىن مىراس ئالغان گۇ‌ناھتىن ئازاد بولىدۇ،‏ يە‌نە ئۆلۈم بولمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ زىيانكە‌شلىكلە‌ر،‏ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۈمىدسىزلىكلە‌ر تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىنىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌كە‌ممە‌للىككە ئېرىشىدۇ.‏ ئاخىرقى سىناقتا سادىق بولۇ‌پ قالغانلارنى خۇ‌دا پە‌رزە‌نتلىرى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار «خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى ئىگە بولىدىغان شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولىدۇ» (‏رىملىقلار 8:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار!‏ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نيا كە‌لگىچە،‏ بىر-‏بىرىمىزنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رايلى.‏

b ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھە‌ققىدە ئويلىغانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ «ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ژۇ‌رنىلىدىكى ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌سىڭىز بولىدۇ:‏ (‏2014-‏يىل ئاپرېل سانى‏)‏،‏ (‏2012-‏يىل يانۋار سانى‏)‏،‏ (‏2001-‏يىل 22-‏ئۆكتە‌بىر سانى‏)‏.‏