مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى چۈشىنىدۇ

ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى چۈشىنىدۇ

‏«ئۇ [يە‌ھۋا] قانداق يارىتىلغانلىقىمىزنى بىلە‌ر،‏ تۇ‌پراق ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېسىگە ئالار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏14‏.‏

ناخشىلار:‏ 51،‏ 9

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ ئادە‌ملە‌رگە بولغان مۇ‌ئامىلىسى بۇ دۇ‌نيادىكى ھوقۇ‌ققا ئىگە كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌ئامىلىسىدىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغان كۆپ ئادە‌ملە‌ر خە‌لق ئۈستىدىن رە‌ھىمسىزلىك بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى ئىزىپ خورلايدۇ (‏مە‌تتا 20:‏25؛‏ ۋە‌ز 8:‏9‏)‏.‏ يە‌ھۋا بولسا بىزنى ھېچقاچان خورلىمايدۇ!‏ ئۇ ھە‌ممىگە قادىر ۋە كائىناتتىكى ئە‌ڭ قۇ‌درە‌تلىك شە‌خس بولسىمۇ،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز بىلە‌ن ئېھتىياجلىرىمىزنى چۈشىنىدىغان،‏ ھېسداش ۋە مېھرىبان خۇ‌دا.‏ ئۇ بىزنىڭ ئېقتىدارىمىزنىڭ چە‌كلىك ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزدىن قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14‏.‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ كېلىڭلار،‏ ھازىر ئۈچ مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىرىنچى،‏ يە‌ھۋا ياش سامۇ‌ئىلنىڭ ئالىي روھانىي ئە‌لىگە ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈشى ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئىككىنچى،‏ مۇ‌سا ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىش تاپشۇ‌رۇ‌قىنى رە‌ت قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۈچىنچى،‏ يە‌ھۋا مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ بۇ مىساللاردىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز ۋە ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

يە‌ھۋا ياش سامۇ‌ئىلغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان

3.‏ بىر كۈنى ئاخشىمى سامۇ‌ئىل بىلە‌ن قانداق ئالاھىدە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ بۇ ھە‌ققىدە بىزدە قانداق سوئال پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

3 سامۇ‌ئىل مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا كىچىك چېغىدىن باشلاپ خىزمە‌ت قىلغان (‏1-‏سامۇ‌ئىل 3:‏1‏)‏.‏ بىر كۈنى ئاخشىمى ئالاھىدە بىر ئىش يۈز بە‌رگە‌ن a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏،‏ ‏(‏1-‏سامۇ‌ئىل 3:‏2—‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سامۇ‌ئىل بىرسىنىڭ ئۆز ئىسىمىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ ئۇ ياشانغان ئالىي روھانىي ئە‌لى چاقىرىۋاتىدۇ،‏ دە‌پ ئويلاپ قالغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ سە‌كرە‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌لىنىڭ يېنىغا يۈگرە‌پ بېرىپ:‏ «مېنى چاقىردىڭىزمۇ؟‏ مانا مە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌لى ئۇ‌نىڭغا:‏ «ياق،‏ سېنى مە‌ن چاقىرمىدىم»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌ت يە‌نە ئىككى قېتىم تە‌كرارلانغاندا،‏ ئە‌لى خۇ‌دانىڭ ئۆزى سامۇ‌ئىلنى چاقىرغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ سامۇ‌ئىلغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ ۋە سامۇ‌ئىل ئۇ‌نىڭ گېپىگە كىرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا سامۇ‌ئىلغا ئۆزى سۆزلە‌ۋاتقانلىقىنى دە‌رھاللا ئېيتمىغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ھە‌ققىدە ھېچنېمە يېزىلمىغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا سامۇ‌ئىلنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكتىن،‏ شۇ‌نداق قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

4،‏ 5.‏ (‏1)‏ سامۇ‌ئىل يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏ (‏2)‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏

4 1-‏سامۇ‌ئىل 3:‏11—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە،‏ بالىلار چوڭلارنى،‏ بولۇ‌پمۇ ھوقۇ‌ققا ئىگە كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏چىقىش 22:‏28؛‏ لاۋىيلار 19:‏32‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياش سامۇ‌ئىلنىڭ ئە‌لىگە بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌لىگە ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە قارشى چىقارغان ھۆكۈمىنى ئېيتىش قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ يازمىلاردا سامۇ‌ئىل كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيىنى ئە‌لىگە ئېيتىشتىن قورققانلىقى يېزىلغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا سامۇ‌ئىلنى ئۆزى چاقىرغانلىقىنى ئە‌لىگە ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لى سامۇ‌ئىلنىڭ ئۇ‌نىڭدىن ھېچنە‌رسىنى يوشۇ‌رماي،‏ خۇ‌دانىڭ ئېيتقان ھە‌ممە سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى سورىغان.‏ سامۇ‌ئىل ئە‌لىنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ «ھە‌ممىسىنى ئېيتىپ بە‌ردى».‏

5 بۇ خە‌ۋە‌ر ئە‌لى ئۈچۈن يېڭىلىق بولمىغان،‏ چۈنكى بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن «خۇ‌دانىڭ بىر پە‌يغە‌مبىرى» ئە‌لىگە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏1-‏سامۇ‌ئىل 2:‏27—‏36‏)‏.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە دانا خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏

6.‏ خۇ‌دانىڭ ياش سامۇ‌ئىلغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

6 ياشلار،‏ سامۇ‌ئىلنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن يە‌ھۋانىڭ قىيىنچىلىقىڭلار ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭلارنى چۈشىنىدىغانلىقى كۆرۈنۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز تارتىنچاق بولۇ‌پ،‏ چوڭلارغا ۋە‌ز قىلىشتىن خىجىل بولۇ‌شىڭىز ياكى تە‌ڭداشلىرىڭىزدىن پە‌رقلىنىشنى خالىماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8‏)‏.‏ سامۇ‌ئىلغا ئوخشاش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ياشلارنىڭ ئۈلگىلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۆزىڭىز بىلە‌ن تە‌ڭ دېمە‌تلىك ياكى يېشى چوڭراق قېرىنداشلار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ كۆرۈڭ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى يە‌ڭگە‌ندۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىگە كۈتۈلمىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

يە‌ھۋا مۇ‌ساغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان

7،‏ 8.‏ يە‌ھۋا مۇ‌سانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

7 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر 80 ياشتا بولغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ناھايىتى قىيىن بىر ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىر قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد قىلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏چىقىش 3:‏10‏)‏.‏ بۇ مۇ‌سا ئۈچۈن كۈتۈلمىگە‌ن ۋە‌زىپە بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن ئۇ مىدىيان زېمىنىدا 40 يىل پادىچى بولغان.‏ مۇ‌سا يە‌ھۋاغا:‏ «مىسىرنىڭ فىرئە‌ۋنى ئالدىغا بېرىپ،‏ ئىسرائىل ئوغۇ‌للىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالىغۇ‌دە‌ك،‏ مە‌ن كىم ئىدىم؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا مۇ‌سانى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ:‏ «مە‌ن ساڭا يار بولىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رغان (‏چىقىش 3:‏11،‏ 12‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌ساغا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى چوقۇ‌م «سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە قىلغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ مۇ‌سا:‏ «ئۇ‌لار ماڭا ئىشە‌نمىسە،‏ سۆزۈمگە قۇ‌لاق سالمىسىچۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان (‏چىقىش 3:‏18؛‏ 4:‏1‏)‏.‏ بۇ سۆزلىرى بىلە‌ن مۇ‌سا خۇ‌دانىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئېيتقاندە‌ك بولغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا مۇ‌ساغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دا ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا مۆجىزىلە‌رنى قىلىشقا كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا مۇ‌سا شۇ‌نداق كۈچكە ئىگە بولغان بىرىنچى ئىنساندۇ‌ر.‏—‏چىقىش 4:‏2—‏9،‏ 21‏.‏

8 مۇ‌سا بۇ ۋە‌زىپىدىن باش تارتىش ئۈچۈن يە‌نە باھانە ئىزدە‌پ،‏ ئۆزىنىڭ سۆزگە چېۋە‌ر ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتقان.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا:‏ «مە‌ن سۆز قىلغاندا،‏ مە‌ن سە‌ن بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌مدى مۇ‌سا يە‌ھۋاغا ئىشىنىپ،‏ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولغانمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى ئە‌ۋە‌تىشنى سورىغان.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌نىڭغا ئاچچىقى كە‌لسىمۇ،‏ ئۇ مۇ‌سادىن باش تارتمىغان.‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ مۇ‌سانىڭ ئورنىغا سۆزلە‌شنى ھارۇ‌نغا تاپشۇ‌رغان ئىدى.‏—‏چىقىش 4:‏10—‏16‏.‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبانلىقى مۇ‌ساغا ياخشى يولباشچى بولۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى؟‏

9 بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىگە قادىر بولغاچقا،‏ مۇ‌سانى قورقۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بۇ ۋە‌زىپىنى ئۆز ئۈسىتىگە ئېلىشقا مە‌جبۇ‌رلىيالايتتى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نداق قىلماي،‏ ئە‌كسىچە سە‌ۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنىڭ كە‌متە‌ر خىزمە‌تچىسىگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شقا ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ بۇ مۇ‌ساغا تە‌سىر قىلدىمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ مۇ‌سا ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ئاجايىپ يولباشچىسى بولغان.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ باشقىلارغا يۇ‌مشاق مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشقان.‏—‏سانلار 12:‏3‏.‏

باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغاندا،‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالامسىز؟‏ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق پايدا ئالىمىز؟‏

10 بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىز ئائىلە بېشى،‏ ئاتا-‏ئانا ياكى ئاقساقال بولسىڭىز،‏ سىز ھوقۇ‌ققا ئىگە.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن سىز يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئايالىڭىز،‏ بالىلىرىڭىز ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ھە‌م ئۇ‌لارغا مېھرىبان ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شىڭىز بە‌ك مۇ‌ھىم (‏كولوسىلىقلار 3:‏19—‏21؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏1—‏3‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ سىزگە يېقىنلىشىش ۋە سىز بىلە‌ن پاراڭلىشىش باشقىلار ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا سىز ئۇ‌لارغا ئىلھام بېرە‌لە‌يسىز (‏مە‌تتا 11:‏28،‏ 29‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ سىز ئۇ‌لارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏7‏.‏

كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك،‏ ئە‌مما غە‌مخور قۇ‌تقازغۇ‌چى

11،‏ 12.‏ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشى ئۈچۈن يە‌ھۋا نېمە قىلغان؟‏

11 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1513-‏يىلى مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ سانى 3 مىليوندىن كۆپرە‌ك بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بالىلار،‏ ياشانغانلار،‏ ئاجىز ۋە ئاغرىق ئادە‌ملە‌رمۇ بولغان.‏ مۇ‌نداق كۆپ خە‌لق غە‌مخورلۇ‌ق قىلدىغان ۋە ئە‌ھۋالىنى چۈشىنىدىغان يولباشچىغا مۇ‌ھتاج ئىدى.‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا ئارقىلىق نە‌ق شۇ‌نداق يولباشچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئىسرائىللار ئۆز يۇ‌رت-‏كانىمىز دە‌پ ھېسابلىغان شۇ جاينى تاشلاپ كېتىشتىن ھېچ قورقمىغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 78:‏52،‏ 53‏.‏

12 ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشى ئۈچۈن يە‌ھۋا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ خە‌لقنى مىسىردىن «ئە‌سكە‌رلە‌ردە‌ك ناھايىتى تە‌رتىپلىك» چىقارغان (‏چىقىش 13:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نداق تە‌شكىللە‌نگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يتتى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى «كۈندۈزى بۇ‌لۇ‌ت» ۋە «كېچىسى ئوت نۇ‌رى» ئارقىلىق يېتە‌كلە‌پ،‏ ھىمايە قىلغانلىقىنى ۋە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌سلە‌تكە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏14‏)‏.‏ خە‌لق مۇ‌نداق تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج بولغان،‏ چۈنكى ئالدىدا ئۇ‌لارنى ئالاھىدە بىر ۋە‌قە كۈتۈپ تۇ‌راتتى.‏

قىزىل دېڭىزنىڭ يېنىدا يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13،‏ 14.‏ (‏1)‏ قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ مىسىرلىقلاردىن ئاللىقاچان كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

13 چىقىش 14:‏19—‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئۆزىڭىزنى ئىسرائىل خە‌لقى بىلە‌ن بىرگە بولۇ‌ۋاتقاندە‌ك تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ كە‌ينىڭىزدە فىرئە‌ۋننىڭ قوشۇ‌نلىرى،‏ ئالدىڭىزدا بولسا قىزىل دېڭىز،‏ سىز خۇ‌ددى تۇ‌زاققا چۈشكە‌ندە‌ك.‏ لېكىن،‏ شۇ چاغدا خۇ‌دا ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا باشلايدۇ:‏ خە‌لقنىڭ ئالدىدا تۇ‌رغان بۇ‌لۇ‌ت تۈۋرىگى كە‌ينىگە يۆتكىلىدۇ.‏ ئە‌مدى بۇ‌لۇ‌ت تۈۋرىگى سىلە‌رنىڭ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىدا تۇ‌رىدۇ.‏ مىسىرلىقلار تۇ‌رغان تە‌رە‌پ قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا،‏ سىلە‌ر تە‌رە‌پ يورۇ‌قلۇ‌قتا.‏ كېيىن،‏ سىز مۇ‌سانىڭ قولىنى دېڭىز تە‌رە‌پكە ئۇ‌زاتقانلىقىنى كۆرىسىز.‏ شۇ چاغدا شە‌رقتىن قاتتىق بوران چىقىپ،‏ دېڭىزنىڭ باشقا تە‌رىپىگە كە‌ڭ يول ئاچىدۇ.‏ شۇ‌ڭا سىز،‏ ئائىلىڭىز،‏ ماللىرىڭىز پۈتۈن خە‌لق بىلە‌ن بىللە تە‌رتىپ بويىچە دېڭىزنىڭ ئاستى بىلە‌ن ماڭىسىز.‏ سىز دېڭىز ئاستىنىڭ پاتقاق ۋە تېيىلغاق ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە قۇ‌رۇ‌ق ۋە قاتتىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ھاڭ-‏تاڭ بولىسىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ ھە‌تتا ئە‌ڭ ئاستا ماڭغانلار دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتىدۇ.‏

14 چىقىش 14:‏23،‏ 26—‏30-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ شۇ پە‌يتتە تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە ئە‌خمە‌ق فىرئە‌ۋن كە‌ينىڭلارغا چۈشىدۇ.‏ مۇ‌سا يە‌نە بىر قېتىم قولىنى دېڭىز تە‌رە‌پكە ئۇ‌زاتقاندا،‏ ئىككى تە‌رە‌پتىكى سۇ ئە‌سلىگە كېلىپ،‏ فىرئە‌ۋن بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نلىرى سۇ‌غا غە‌رق بولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېچبىرى ئامان قالمايدۇ!‏ .‏—‏چىقىش 15:‏8—‏10‏.‏

15.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلدىڭىز؟‏

15 بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە يە‌نە بىر نە‌رسىنى بىلىۋالىمىز.‏ يە‌ھۋا —‏ تە‌رتىپنىڭ خۇ‌داسى ۋە ئۇ ھە‌ممىنى ئاجايىپ تە‌شكىللە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئۆزىمىزنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلالايمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33‏)‏.‏ قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇ‌لاردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان پادىچىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ئە‌مە‌لىي ئۇ‌سۇ‌للاردا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۇ خىزمە‌تچىلىرىنى دۈشمە‌نلە‌ردىن قوغدايدۇ.‏ بۇ‌نى بىلگىنىمىز مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى،‏ جېنىمىزغا ئارامبە‌خش ئېتىپ،‏ تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏33‏.‏

16.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىل خە‌لقىنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زغانلىقىنى ئۆگىنىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

16 يە‌ھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر تۈپ خالايىق سۈپىتىدە ئۆز خە‌لقدىن روھىي ۋە جىسمانىي جە‌ھە‌تتە خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزى بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنى دۈشمە‌نلە‌ردىن قوغدايدۇ.‏ پات-‏ئارىدا بولىدىغان بۈيۈك ئاپە‌ت ۋاقتىدىمۇ ئۇ شۇ‌نداق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياش ياكى قېرى،‏ ساق-‏سالامە‌ت ياكى ئاغرىق بولۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز خۇ‌دانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە بۈيۈك ئاپە‌ت ۋاقتىدا قورقۇ‌نچقا چۆمۈپ،‏ ھودۇ‌قۇ‌پ كە‌تمە‌يمىز b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز تامامە‌ن باشقىچە ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز.‏ بىز ئە‌يسانىڭ:‏ «ئورنىڭلاردىن دە‌س تۇ‌رۇ‌پ،‏ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شۇ‌ڭلار يېقىنلىشىۋاتىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئە‌ستە تۇ‌تىمىز (‏لۇ‌قا 21:‏28‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ گوگ (‏يە‌جۇ‌ج)‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.‏ گوگ —‏ ھە‌تتا فىرئە‌ۋندىن كۈچلۈكرە‌ك بولغان دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىدىن تە‌شكىللىنىدۇ.‏ خۇ‌دا خە‌لقى ھۇ‌جۇ‌مغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ (‏ھە‌زە‌كىيال 38:‏2،‏ 14—‏16‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزگە‌رمە‌يدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ چاغدا ئۇ ئۆز خە‌لقىنىڭ كۆيۈمچان ۋە غە‌مخور قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چىسى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏—‏يە‌شايا 26:‏3،‏ 20‏.‏

17.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقى ھە‌ققىدىكى يازمىلاردىكى ۋە‌قە‌لە‌ردىن قانداق پايدا ئالىمىز؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

17 بۇ ماقالىدە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى يېتە‌كلىگە‌ندە،‏ قۇ‌تقۇ‌زغاندا ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىنى ۋە مېھرىبانلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ يازمىلاردىكى بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌قە‌لە‌ر توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ بۇ‌رۇ‌ن بايقىمىغان تە‌پسىلاتلارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە يېڭى نە‌رسىلە‌رنى بىلىۋېلىشكە تىرىشىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ۋە ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بىز ئائىلە ئە‌زالىرىمىز،‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر ھە‌م ۋە‌ز خىزمىتىدە ئۇ‌چرىتىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق يە‌ھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

a يە‌ھۇ‌دىي تارىخچى يۇ‌سۇ‌فۇ‌س فلاۋىينىڭ ئېيتىشىچە،‏ شۇ چاغدا سامۇ‌ئىل 12 ياشتا بولغان ئىدى.‏

b ئارماگېدوندا ئامان قالىدىغانلارنىڭ بە‌زىلىرى ئاجىز ياكى مېيىپ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن دە‌پ خۇ‌لاسە قىلىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ «ھە‌ر خىل كېسە‌للىك ۋە ئاغرىق-‏سىلاقلارنى ساقايتتى».‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئارماگېدوندىن ئۆتكە‌نلە‌ر ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏مە‌تتا 9:‏35‏)‏.‏ تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌ر ساغلام تە‌نگە ئىگە بولىدۇ.‏