سائەت قانچە بولدى؟
سىز سائەت قانچە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىسىز؟ بەلكىم، سىز تامدىكى ياكى قولۇڭىزدىكى سائەتكە قارايدىغانسىز. چۈش ۋاقتى بىر يېرىم بولدى دەيلى. شۇ ۋاقىتتا دوستىڭىز سىزدىن: «سائەت قانچە بولدى؟»— دەپ سورىسا، قانداق جاۋاب بېرەتتىڭىز؟
بۇ سىزنىڭ قەيەردە ياشايدىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، بىر يەردە «30:1» دەپ ئېيتسا، يەنە بىر يەردە «30:13» دېيىشى مۇمكىن. يەنە باشقا يەردە «بىر يېرىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتا ۋاقىت قانداق خاتىرىلەنگەن؟ شۇ چاغدا، ۋاقىتنى ئېيتىشنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلى بولغان. ئىبرانىي يازمىلاردا «تاڭ سەھەر»، «چۈش»، «كۈندۈز» ۋە «كەچقۇرۇن» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان (يارىتىلىش 8:11؛ 19:27؛ 43:16؛ 1-پادىشاھلار 18:26). ئەمما، بەزىدە مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق ۋاقىت ئىشلىتىلگەن.
قەدىمقى ئىسرائىلدا، بولۇپمۇ كېچىدە شەھەرگە كۈزەتچى قويۇش بەكمۇ زۆرۈر بولغان. ئىسرائىللار پۈتۈن كېچىنى ئۈچ جېسەك ياكى كۈزىتىش ۋاقىتلىرىغا بۆلگەن (زەبۇر 63:6). ھاكىملار 7:19-ئايەتتە «يېرىم كېچە»، يەنى تۈن يېرىمىدىكى ئىككىنچى جېسەك ۋاقتى ھەققىدە يېزىلغان. ئەيسا تۇغۇلغان ۋاقىتتا بولسا، يەھۇدىيلار كېچىنى گرېكلار بىلەن رىملىقلارغا ئوخشاش تۆت ۋاقىتقا بۆلگەن.
ئىنجىلدا بۇ جېسەك ۋاقىتلىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، «تاڭ ئېتىشقا بىرقانچە سائەت قالغاندا»، يەنى تاڭ ئېتىشقا يېقىن تۆرتىنچى جېسەك ۋاقتىدا ئەيسا شاگىرتلىرى ئولتۇرغان كېمىگە قاراپ دېڭىز سۈيى ئۈستىدە ماڭغان (مەتتا 14:25). ئەيسا بىر تەمسىلىدە مۇنداق دېگەن: «لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە يول قويمايتتى».—مەتتا 24:43.
ئەيسا شاگىرتلىرىغا سەگەك تۇرۇشنى ئېيتقاندا، تۆت جېسەك ۋاقتى (كۈزىتىش ۋاقتى) توغرۇلۇق ئېيتقانىدى. ئۇ: «ئۆي ئىگىسىنىڭ كەچقۇرۇن، يېرىم كېچە، خوراز چىللىغاندا ياكى تاڭ سەھەردە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر»،— دېگەن (ماركۇس 13:35). بىرىنچى جېسەك، يەنى «كەچقۇرۇن»، كۈن پاتقاندىن كەچ سائەت توققۇزغىچە سوزۇلغان. ئىككىنچى جېسەك، يەنى «يېرىم كېچە»، كەچ سائەت توققۇزدىن كېچە سائەت ئون ئىككىگىچە بولغان. «خورازلار چىللىغاندا» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئۈچىنچى جېسەك، يېرىم كېچە سائەت ئون ئىككىدىن كېچە سائەت ئۈچكىچە سوزۇلغان. ئەيسا قولغا ئېلىنغان كېچە تەسۋىرلەنگەندە، خوراز چىللىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇ ۋاقىت بەلكىم، ئۈچىنچى جېسەك ۋاقتى بولغان (ماركۇس 14:72). تۆتىنچى جېسەك، يەنى «تاڭ سەھەر»، سائەت ئۈچتىن كۈن چىققىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسەتكەن.
دېمەك، قەدىمدە ئادەملەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش ۋاقىت ھېسابلايدىغان سائەتلىرى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا ۋاقىتنى توغرا كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللىرى بولغان.