36-تەتقىق ماقالىسى
ئارماگېدوننى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەيلى!
«ئۇلار دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە ئارماگېدون دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە توپلىدى».—ۋەھىي. 16:16.
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئارماگېدوننى نېمە ئۈچۈن ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغان ئۇرۇش دەيمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
بەزى ئادەملەر يادرو قورال ئۇرۇشى ياكى تەبىئىي ئاپەت يەرنى يوق قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق تەلىم يوق. خۇدا سۆزىدە پات-ئارىدا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئۇرۇش بولىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ ئۇرۇش «ئارماگېدون» دەپ ئاتالغان ۋە مۇقەددەس كىتابتا ئۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلار بىزنى خۇشال قىلىدۇ (ۋەھىي. 1:3). ئىنسانىيەت ئارماگېدون ئۇرۇشىدا يوق بولماي، ئەكسىنچە ئامان قالىدۇ. قانداقلارچە؟
2 مۇقەددەس كىتابتا ئارماگېدوندا ئىنسانىي ھاكىمىيەتلەر ھالاك قىلىنىپ، ئادەملەرنىڭ ئامان قالىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئۇرۇشتا رەزىل ئادەملەر يوق قىلىنىپ، ھەققانىي ئادەملەر قۇتقۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارماگېدوندا يەرنى گۇمران قىلغۇچىلار گۇمران قىلىنىدۇ (ۋەھىي. 11:18). بۇنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت سوئالنى كۆرۈپ چىقايلى: ئارماگېدون دېگەن نېمە؟ ئارماگېدون كېلىشتىن ئىلگىرى قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟ ئارماگېدوندا ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ سادىقلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
ئارماگېدون دېگەن نېمە؟
3. (1) ئارماگېدون دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) ۋەھىيلەر 16:14، 16-ئايەتلەر، ئارماگېدوننىڭ يەردىكى بىر جاي ئەمەسلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
3 ۋەھىيلەر 16:14، 16-نى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتابتا «ئارماگېدون» دېگەن سۆز بىرلا قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بۇ سۆز «مېگىددو تېغى» دېگەن ئىبرانىي سۆزدىن كېلىپ چىققان. مېگىددو قەدىمقى ئىسرائىلدىكى بىر شەھەر بولغان (يەشۇئا 17:11). بىراق، ئارماگېدون يەر يۈزىدىكى ھەقىقىي بىر جاي ئەمەس، ‹دۇنيادىكى پادىشاھلار› يەھۋا خۇداغا قارشى جەڭگە چىقىش ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋەزىيەت (ۋەھىي. 16:14). لېكىن، بۇ ماقالىدە «ئارماگېدون» دېگەن ئىبارىنى پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلار يىغىلغاندىن كېيىن بولىدىغان ئۇرۇشقىمۇ قارىتا ئىشلىتىمىز. ئارماگېدوننىڭ سىمۋوللۇق جاي ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟ بىرىنچى، ئۇدۇل مەنىدىكى مېگىددو دېگەن تاغ يوق. ئىككىنچى، مېگىددونىڭ ئەتراپى ‹دۇنيادىكى پادىشاھلار› ۋە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قورال-ياراقلىرىنى سىغدۇرغىدەك شۇنچىلىك كەڭرى-تاشا جاي ئەمەس. ئۈچىنچى، بۇ ماقالىدە كۆرۈپ چىقىدىغىنىمىزدەك، ئارماگېدون ئۇرۇشى ‹پادىشاھلار› دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا باشلىنىدۇ.
4. نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى مېگىددو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىم بىلەن ئاتىغان؟
4 نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى مېگىددو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىم بىلەن ئاتىغان؟ مېگىددو ۋە قېشىدىكى يىزرىئەل جىلغىسىدا نۇرغۇن جەڭلەر بولغان. بەزىدە يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ غەلبە قازىنىشىغا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، «مېگىددو سۇلىرىنىڭ بويىدا»، خۇدا ھاكىم باراققا سىسېرا باشچىلىق قىلغان قانانلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن. باراق بىلەن ئايال پەيغەمبەر دېبورا غەلبە ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئاسماندىن چۈشتى يۇلتۇزلار جەڭ قىلىشقا؛ … سىسېرا بىلەن جەڭ قىلىشقا. قىشون دەرياسى ئېقىتىپ كەتتى ئۇلارنى»،— دەپ شاد-خۇرام ناخشا ئېيتقان.—ھاكىم. 5:19—21.
5. ئارماگېدون ئۇرۇشى باراق ئېلىپ بارغان ئۇرۇشتىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
5 باراق ۋە دېبورا ناخشىسىنى: «ئەي يەھۋا، بارچە دۈشمەنلىرىڭ مۇشۇنداق يوق بولۇپ كەتسۇن، ئەمما سېنى سۆيگەنلەر كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك پارلاق چاقنىسۇن»،— دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان (ھاكىم. 5:31). دەل شۇنداق، ئارماگېدوندىمۇ يەھۋا دۈشمەنلىرىنى يوق قىلىپ، ئۇنى سۆيگەن كىشىلەرنى ئامان قالدۇرىدۇ. بىراق، ئارماگېدون ئۇرۇشىنىڭ باراق ئېلىپ بارغان ئۇرۇشتىن بىر مۇھىم پەرقى بار. ئارماگېدوندا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇرۇشمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەتتا قورال-ياراقلىرىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار «تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر» دېگەن سۆزگە قۇلاق سېلىپ، خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى قوشۇنلىرىغا تايىنىدۇ.—يەشايا 30:15؛ ۋەھىي. 19:11—15.
6. ئارماگېدوندا خۇدا دۈشمەنلىرىنى قانداق يېڭىشى مۇمكىن؟
6 خۇدا ئارماگېدون ئۇرۇشىدا دۈشمەنلىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلىدۇ؟ ئۇ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى، مەسىلەن يەر تەۋرەش، مۆلدۈر ۋە چاقماقنى ئىشلىتىشى مۇمكىن (ئايۇپ 38:22، 23؛ ھەزەك. 38:19—22). ئۇ رەزىللەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن پەرىشتەلەرنى ئەۋەتىشى مۇمكىن (يەشايا 37:36). يەھۋا مەيلى قانداق ئۇسۇلنى قوللانسۇن، ئۇ تولۇق غەلبە قازىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرى يوق قىلىنىپ، ھەققانىي ئادەملەر ئامان قالىدۇ.—پەند. نە 3:25، 26.
ئارماگېدون كېلىشتىن ئىلگىرى قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟
7، 8. (1) 1-سالونىكالىقلار 5:1—6-ئايەتلەرگە ئاساسەن، دۆلەتلەر رەھبەرلىرى نېمىنى ئېلان قىلىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن بۇ يالغان خەۋەر بەك خەتەرلىك؟
7 «يەھۋانىڭ كۈنى» كېلىشتىن ئاۋۋال، «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ئېلان قىلىنىدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:1—6-نى ئوقۇڭ). 1-سالونىكالىقلار 5:2-ئايەتتىكى «يەھۋانىڭ كۈنى» بولسا «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنى» بىلدۈرىدۇ (ۋەھىي. 7:14). دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قانداق بىلىۋالىمىز؟ مۇقەددەس كىتابتا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك»نى ئېلان قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ خەۋەر بىزنىڭ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت بوسۇغىسىدا تۇرغانلىقىمىزنىڭ بەلگۈسى بولىدۇ.
8 دۆلەتلەر رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك»نى ئېلان قىلىدۇ؟ بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز. بۇنىڭغا دىن رەھبەرلىرى قاتنىشامدۇ؟ بەلكىم. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ خەۋەر جىنلاردىن كەلگەن يالغان خەۋەر بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز. بۇ يالغان خەۋەر بەك خەتەرلىك بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بالايىئاپەت باشلىناي دەپ تۇرغاندا، ئادەملەر ئەمەلىيەتتە چوڭ خەتەر ئاستىدا بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «ھامىلدار ئايالنىڭ تولغىقى تۇتقىنىغا ئوخشاش ھالاكەت تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ». شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىگە نېمە بولىدۇ؟ ئۇلار يەھۋانىڭ كۈنى باشلانغاندا، ھاڭ-تاڭ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار شۇ كۈنگە چوقۇم تەييار بولىدۇ.
9. يەھۋا خۇدا شەيتان دۇنياسىنى تۇيۇقسىزلا يوق قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
9 يەھۋا خۇدا نۇھنىڭ زامانىدا پۈتۈن دۇنيانى تۇيۇقسىزلا يوق قىلغان. لېكىن، ئۇ شەيتاننىڭ دۇنياسىنى تويۇقسىزلا يوق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئاۋۋال بىر قىسىمىنى، ئاندىن قالغانلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. بىرىنچى بولۇپ، يەھۋا كاتتا بابىلنى، يەنى دۇنياۋىي ساختا دىن ئىمپېرىيىسىنى يوق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئارماگېدون ئۇرۇشىدا شەيتاننىڭ دۇنياسىنىڭ قالغان قىسىمىنى، يەنى سىياسىي، ھەربىي ۋە سودا-سېتىق تۈزۈملىرىنى ھالاك قىلىدۇ. بۇ ئىككى مۇھىم ۋەقەگە تەپسىلىيرەك دىققەت قىلىپ كۆرەيلى.
10. ۋەھىيلەر 17:1، 6؛ 18:24-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا كاتتا بابىلنى نېمە سەۋەبتىن يوق قىلىدۇ؟
10 «چوڭ پاھىشە ئايالغا چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم» (ۋەھىيلەر 17:1، 6؛ 18:24-نى ئوقۇڭ). كاتتا بابىل خۇدانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرگەن. ئۇ خۇدا توغرۇلۇق يالغان تەلىملەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە. پاھىشە ئايالغا ئوخشاش، يالغان دىن ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى قوللاپ، يەھۋاغا ۋاپاسىزلىق قىلغان. كاتتا بابىل قول ئاستىدىكى ئادەملەرنى ئېزىپ، پۇللىرىنى تارتىۋالماقتا. ئۇ يەنە كۆپ قانلارنى، جۈملىدىن خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ قېنىنى تۆككەن (ۋەھىي. 19:2). يەھۋا خۇدا كاتتا بابىلنى قانداق ۋەيران قىلىدۇ؟
11. ‹توق قىزىل رەڭلىك ۋەھشىي ھايۋان› نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە يەھۋا بۇ ھايۋان ئارقىلىق كاتتا بابىلنى قانداق يوق قىلىدۇ؟
11 يەھۋا خۇدا «توق قىزىل رەڭلىك ۋەھشىي ھايۋاننىڭ» «ئون مۈڭگۈزى» ئارقىلىق ‹چوڭ پاھىشە ئايالنى› ۋەيران قىلىدۇ. بۇ سىمۋوللۇق ھايۋان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى؛ ئون مۈڭگۈز بولسا، شۇ تەشكىلاتنى قوللايدىغان ھۆكۈمەتلەرنى بىلدۈرىدۇ. خۇدا بەلگۈلىگەن ۋاقىت كەلگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتتا بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر يالغان دىنلارنىڭ بايلىقىنى تارتىۋېلىش ۋە رەزىل ئىشلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق «ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ، يالىڭاچلاپ قويىدۇ» (ۋەھىي. 17:3، 16). كاتتا بابىل پات-پات: «مەن خانىشتەك ئولتۇرىمەن، تۇل ئايال ئەمەسمەن. ئەسلا دەرد-ئەلەم كۆرمەسمەن»— دەپ ماختانغان. شۇڭا، ئۇ خۇددى «بىر كۈن ئىچىدە» يۈز بەرگەندەك بەك تېز ۋەيران قىلىنغاندا، ئۇنى قوللىغانلار چۆچۈپ ھەيران بولۇشىدۇ.—ۋەھىي. 18:7، 8.
12. يەھۋا خۇدا نېمىگە يول بەرمەيدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
12 يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ يوق قىلىنىشىغا يول بەرمەيدۇ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ بۇيرۇغىغا بويسۇنۇپ، كاتتا بابىلدىن چىقىپ كەتكەن (ئەلچى. 15:16، 17؛ ۋەھىي. 18:4). ئۇلار باشقىلارغىمۇ يالغان دىندىن چىقىشقا بار كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى كاتتا بابىلنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى سىنىلىدۇ.
خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغاندا، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، يەھۋاغا تايىنىدۇ (13-ئابزاسقا قاراڭ) c
13. (1) گوگ دېگەن كىم؟ (2) ھەزەكىيال 38:2، 8، 9-ئايەتلەرگە ئاساسەن، گوگ نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
13 گوگنىڭ ھۇجۇمى (ھەزەكىيال 38:2، 8، 9-نى ئوقۇڭ). يەھۋا خۇدا يالغان دىنلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلغاندا، يەردە پەقەت بىرلا دىن قالىدۇ. شۇ چاغدا، شەيتاننىڭ قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقى سۆزسىز. ئۇ شۇ غەزىپىنى «ناپاك خەۋەر»، يەنى جىنلارنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ، بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى جەم قىلىپ، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (ۋەھىي. 16:13، 14). شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقى «ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگ» دەپ ئاتالغان. دۆلەتلەر يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىدۇ.—ۋەھىي. 16:16.
14. گوگ نېمىگە كۆز يەتكۈزىدۇ؟
14 گوگ «ئىنساننىڭ بىلىكى»، يەنى ھەربىي كۈچىگە تايىنىدۇ (2-تارىخ. 32:8). بىز بولساق، خۇدايىمىز يەھۋاغا تايىنىمىز. شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتلەرگە ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىمىز. بىر ۋاقىتلاردا بەك كۈچلۈك سانالغان كاتتا بابىلنىڭ خۇدالىرى پاھىشە ئايالنى «توق قىزىل رەڭلىك ۋەھشىي ھايۋان» ۋە «ئون مۈڭگۈز»دىن قوغداپ قالالمايدۇ (ۋەھىي. 17:16). شۇڭا، ھۆكۈمەتلەر بىزنىمۇ ئاسانلا يوق قىلىۋېتىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار «يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك» يەھۋانىڭ خەلقىگە قارشى چىقىدۇ (ھەزەك. 38:16). لېكىن، ھۆكۈمەتلەر پات-ئارىدا تۇزاققا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. خۇددى قىزىل دېڭىزدىكى فىرئەۋنگە ئوخشاش، گوگمۇ خۇداغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزىدۇ.—چىق. 14:1—4؛ ھەزەك. 38:3، 4، 18، 21—23.
15. ئەيسا مەسىھ ئارماگېدون ئۇرۇشىدا نېمىلەرنى قىلىدۇ؟
15 ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى قوشۇنلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىدۇ (ۋەھىي. 19:11، 14، 15). لېكىن، ھۆكۈمەتلەرنى ئالداپ، ئۇلارنى ئارماگېدون ئۇرۇشىدا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا جەم قىلغان خۇدانىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى شەيتانغا نېمە بولىدۇ؟ ئەيسا مەسىھ شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىنى ھاڭغا تاشلاپ، ئۇلارنى مىڭ يىلغا قاماپ قويىدۇ.—ۋەھىي. 20:1—3.
ئارماگېدوندا ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
16. (1) خۇدانى تونۇيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ (2) يەھۋانى تونۇيدىغان ئادەملەرگە ئارماگېدوندا نېمە بولىدۇ؟
16 ھەقىقەتنى مەيلى يېقىن-ئارىدا ياكى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن بىلەيلى، ئارماگېدوندا ئامان قېلىش ئۈچۈن، خۇدانى تونۇغان ۋە «ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىتائەت» قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك (2-سالونىكا. 1:7—9). خۇدانى تونۇش دېگىنىمىز ئۇنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، نېمىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانۇن-ئۆلچەملىرىنى بىلىشتۇر. بىز يەنە خۇدانى سۆيۈش، بويسۇنۇش ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزنى تونۇيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (1-يۇھاننا 2:3—5؛ 5:3). شۇنداق قىلساق، خۇدا ھەم بىزنى «تونۇيدۇ» ياكى بىزنى قوبۇل قىلىدۇ (1-كورىنت. 8:3). نەتىجىدە، ئارماگېدون ئۇرۇشىدا ئامان قالىمىز!
17. «ھەرزىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە» نېمىلەر كىرىدۇ؟
17 «ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە»، خۇدا سۆزىدىكى ئەيسا ئۆگەتكەن ھەممە ھەقىقەتلەر كىرىدۇ. خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغانلىقىمىزنى، ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئارقىلىق كۆرسىتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز، خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە بويسۇنىمىز ۋە پادىشاھلىق ھەققىدە ۋەز قىلىمىز (مەتتا 6:33؛ 24:14). خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلىشقا يەنە ۋەز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش ئارقىلىق مەسىھنىڭ مايلانغان قېرىنداشلىرىنى قوللاشمۇ كىرىدۇ.—مەتتا 25:31—40.
18. مەسىھ قىلىنغانلار باشقا قويلارغا ھەممە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قايتۇرىدۇ؟
18 مەسىھ قىلىنغان خۇدا خىزمەتچىلىرى پات-ئارىدا باشقا قويلارغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق قايتۇرىدۇ (يۇھاننا 10:16). قانداقلارچە؟ ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن 144000نىڭ ھەممىسى ئۆلمەس روھلار سۈپىتىدە ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇلار ئەرشتىكى قوشۇنلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، گوگنى يوق قىلىدۇ ۋە خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان قويلاردەك «زور بىر توپ» خالايىقنى قۇتقۇزىدۇ (ۋەھىي. 2:26، 27؛ 7:9، 10). زور بىر توپ خالايىق ئۆز ۋاقتىدا يەھۋانىڭ مەسىھ قىلىنغان خىزمەتچىلىرى تېخى يەر يۈزىدە بولغاندا، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتەك ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىشىدۇ!
سادىقلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
19، 20. قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ئارماگېدون يېقىنلىشىۋاتقاندا سادىقلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
19 بۇ ئاخىرقى ئېغىر كۈنلەردە يەھۋانىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئۇلارغا خۇرسەنلىك بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيمىز (ياقۇپ 1:2—4). شۇ ۋاقىتلاردا چىن يۈرەكتىن قىلغان دۇئالىرىمىز ياردەم بېرىدۇ (لۇقا 21:36). پەقەت دۇئا بىلەنلا چەكلەنمەي، شۇنداقلا مۇقەددەس كىتابنى كۈندە ئوقۇش، ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ياشاۋاتقان زامانىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى ھەققىدە ئويلاش بەكمۇ مۇھىم (زەبۇر 77:12). بۇلارنى قىلساق ۋە بار كۈچىمىز بىلەن ۋەز ئىشىغا قاتناشساق، ئېتىقادىمىز ۋە ئۈمىدىمىز مەھكەم بولىدۇ.
20 كاتتا بابىل يوق قىلىنىپ، ئارماگېدون ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ كۆرۈڭە! ئەڭ مۇھىمى، خۇدانىڭ ئىسىمى ئولۇغلىنىپ، ئۇنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي ئورنىتىلغاندا، قەلبىڭىز قانچىلىك شاد-خۇراملىققا تولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ! (ھەزەك. 38:23) شەك-شۈبھىسىزكى، خۇدانى تونۇيدىغان، ئۇنىڭ ئوغلىغا بويسۇنىدىغان ۋە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىدىغان ئادەملەر ئارماگېدوننى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە!—مەتتا 24:13.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a يەھۋا خۇدانىڭ خەلقى ئارماگېدوننى ئۇزۇن يىلدىن بېرى كۈتۈپ كەلمەكتە. ھازىر تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز: ئارماگېدون دېگەن نېمە؟ ئارماگېدون كېلىشتىن ئىلگىرى قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟ ساداقەتمەنلىكىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
b سۈرەتتە: 1) «تىنچلىق ۋە بېخەتەرلىك»، دەپ ئېلان قىلىنغاندا، ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 2) يالغان دىنلار يوق قىلىنغاندا، خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىشنى توختاتمايمىز. 3) ھۆكۈمەتلەر بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغاندا، يەھۋا بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.
c سۈرەتتە: ساقچىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرمەكچى. بۇ ئائىلە ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.