مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

39-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«زور بىر توپ خالايىق» دېگە‌ن كىملە‌ر؟‏

‏«زور بىر توپ خالايىق» دېگە‌ن كىملە‌ر؟‏

‏«ئاندىن كېيىن قارىسام،‏ ھە‌ر مىللە‌تلە‌ردىن،‏ قە‌بىلىلە‌ردىن،‏ خە‌لقلە‌ردىن ۋە تىللاردىن بولغان ھېچكىم ساناپ بولالمايدىغان زور بىر توپ خالايىق … تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رغانلىقىنى كۆردۈم».‏‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9‏.‏

144-‏ناخشا ھايات بېرىدىغان خە‌ۋە‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بىرىنچى ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىدا قانداق قىيىن ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان؟‏

 بىرىنچى ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىدا،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئىنتايىن قىيىن ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ن ئىدى.‏ شۇ چاغدا،‏ ياشىنىپ قالغان يۇ‌ھاننا پاتموس ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ئاخىرقى ئە‌لچى بولغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏9‏)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ يالغان تە‌لىملە‌رنى تارقىتىپ،‏ مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئە‌مدىلا ئۇ‌چقۇ‌ندىغان گۈلخاننىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالىدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن ئىدى .‏—‏يە‌ھۇ‌دا 4؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏15،‏ 20؛‏ 3:‏1،‏ 17‏.‏

ئە‌لچى يوھاننا ئاق كىيىم كىيگە‌ن،‏ قولىدا خورما شاخلىرىنى تۇ‌تقان «زور بىر توپ خالايىقنى» كۆرگە‌ن (‏2-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

2.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9—‏14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يۇ‌ھاننا قانداق ۋە‌ھىي كۆرگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

2 شۇ‌نداق ئېغىر ئە‌ھۋالدا بولغاندا،‏ يۇ‌ھاننا بىر ئاجايىپ ۋە‌ھىي كۆرگە‌نىدى.‏ ۋە‌ھىيدە بىر پە‌رىشتە باشقا تۆت پە‌رىشتىگە خۇ‌دانىڭ قۇ‌للىرىنىڭ پىشانىلىرىگە مۆھۈر بېسىلمىغىچە دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تنىڭ شاماللىرىنى تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏1—‏3‏)‏.‏ بۇ بىر توپ ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 144000دىن تە‌ركىپ تاپقان (‏لۇ‌قا 12:‏32؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 7:‏4‏)‏.‏ كېيىن،‏ يۇ‌ھاننا باشقا بىر زور چوڭ توپنى كۆرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاندىن كېيىن قارىسام،‏ ھە‌ر مىللە‌تلە‌ردىن،‏ قە‌بىلىلە‌ردىن،‏ خە‌لقلە‌ردىن ۋە تىللاردىن بولغان ھېچكىم ساناپ بولالمايدىغان زور بىر توپ خالايىق ئان تون كىيىپ،‏ قوللىرىدا خورما شاخلىرىنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رغانلىقىنى كۆردۇ‌م» ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9—‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كېلە‌چە‌كتە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌منىڭ خۇ‌داغا توغرا يول بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ يۇ‌ھاننانىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ كۆرۈڭ!‏

3.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىي نېمە ئۈچۈن ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ۋە‌ھىي يۇ‌ھاننانىڭ ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىز.‏ ۋە‌ھىيدىكى سۆزلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقتىن،‏ بۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى ئۇ‌نىڭدىنمۇ بە‌كرە‌ك مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغانلىقى سۆزسىز!‏ بىز دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش ئۈمىدى بار مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرۈۋاتىمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌شۇ زور بىر توپ خالايىققا كىملە‌رنىڭ تە‌ۋە بولىدىغانلىقىنى 80 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئىلگىرى ئۆز خە‌لقىگە ئېچىپ بە‌رگە‌ن.‏ بۇ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكىگە:‏ (‏1)‏ ئۇ‌نىڭ سانى ۋە (‏2)‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌زالىرى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىن توپلىنىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلە‌يلى.‏ بۇ ئويلار مۇ‌شۇ توپقا تە‌ۋە بولۇ‌شنى ئۈمىد قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىشە‌نچىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏

زور بىر توپ خالايىق قە‌يە‌ردە ياشايدۇ؟‏

4.‏ خرىستىئان دىندىكىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ھە‌قىقە‌تنى توغرا چۈشە‌نمىگە‌ن؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟‏

4 خرىستىئان دۇ‌نياسى خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشايدۇ،‏ دېگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تمە‌يدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە خرىستىئان دىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئاسمانغا كېتىدۇ،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ بىراق،‏ 1879-‏يىلدىن باشلاپ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنى نە‌شىر قىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى باشقىچە كۆز قاراشتا بولغان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ يە‌ردە جە‌ننە‌تنى قايتىدىن ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋە مىليونلىغان ئىتائە‌تچان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاسماندا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌شۇ زور بىر خالايىققا كىملە‌ر تە‌ۋە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌ك ئىدى.‏—‏مە‌تتا 6:‏10‏.‏

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى 144000 كىشى ھە‌ققىدە نېمىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى يازمىلاردىن بىر توپ ئادە‌ملە‌رنىڭ «يە‌ردىن سېتىپ ئېلىنىپ»،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏3‏)‏.‏ بۇ توپ خۇ‌داغا بېغىشلانغان ۋە يە‌ردە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان 144000 قىزغىن مە‌سىھىيلە‌ردىن تە‌ركىپ تاپقان.‏ زور بىر توپ خالايىقچۇ؟‏

6.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى زور بىر توپ خالايىق ھە‌ققىدە نېمىگە ئىشە‌نگە‌ن؟‏

6 يۇ‌ھاننا غايىبانە كۆرۈنۈشتە،‏ زور بىر توپ خالايىق «تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رغانلىقىنى» كۆرگە‌نىدى (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنىڭ ئاساسىدا زور بىر تۈپ خالايىق ھە‌م 144000 كىشىگە ئوخشاش ئاسماندا ياشايدۇ،‏ دېگە‌ن يە‌كۈنگە كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئىككى توپ تە‌ڭ ئاسماندا ياشايدىغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ‌لار بىر-‏بىرىدىن قانداق پە‌رىقلىنىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى زور بىر توپ خالايىق يە‌ردە ياشىغان ۋاقتىدا خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي سادىق ئىتائە‌ت قىلمىغان ئادە‌ملە‌ردىن ئىبارە‌ت بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر بويىچە ياشىغان بولسىمۇ،‏ بە‌زىلىرى بە‌لكىم يە‌نىلا چېركاۋنىڭ ئە‌زالىرى بولۇ‌پ قالغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئويىچە،‏ شۇ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانى ياخشى كۆرسىمۇ،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى يېتە‌رلىك بولمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ زور بىر توپ خالايىق ئاسماندىكى تە‌ختنىڭ ئالدىدا تۇ‌رۇ‌شقا لايىق بولسىمۇ،‏ تە‌ختتە ئولتۇ‌رۇ‌شقا نالايىق،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئويىچە،‏ مە‌سىھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدا يە‌ردە كىملە‌ر ياشايدۇ؟‏ ئۇ‌لار قە‌دىمدە ياشىغان سادىق ئە‌ر كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئويدا بولغان؟‏

7 ئۇ‌نداقتا،‏ كىملە‌ر يە‌ر يۈزىدە ياشايدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى 144000 ۋە زور بىر توپ خالايىق ئاسمانغا توپلانغاندا،‏ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ردە ياشاش پۇ‌رسىتىگە ۋە خۇ‌دانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىدۇ،‏ دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار شۇ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرى يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ‌لار يە‌نە يە‌ردە ياشايدىغان بۇ زور بىر توپ ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىمنى مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى مە‌زگىلىدە ئالىدۇ دە‌پ ئويلىغان ئىدى.‏ ئاندىن يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلغانلار مە‌ڭگۈ ياشايدۇ،‏ ئە‌مە‌ل قىلمىغانلار بولسا ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىردە بولغان.‏ شۇ‌نداقلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئويىچە،‏ شۇ ۋاقىتتا يە‌ر يۈزىدە «شاھزادىلە‌ر» سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىدىغانلار،‏ يە‌نى مە‌سىھ يە‌رگە كېلىشىدىن ئاۋۋال ياشىغان ساداقاتمە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر،‏ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاسماندا ياشاش مۇ‌كاپىتىغا ئىگە بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 45:‏16‏.‏

8.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى قانداق ئۈچ توپ بار دە‌پ ئويلىغان؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى ئۈچ توپ بار،‏ دە‌پ چۈشە‌نگە‌ن:‏ (‏1)‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 144000 كىشى؛‏ (‏2)‏ ئاسماندا ئە‌يسانىڭ تە‌ختى ئالدىدا تۇ‌رىدىغان،‏ خۇ‌داغا ئانچە قىزغىن خىزمە‌ت قىلمىغان زور بىر توپ خالايىق ۋە (‏3)‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئالىدىغان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر b‏.‏ بىراق،‏ ھە‌قىقە‌ت نۇ‌رى پارلاپ يورۇ‌غانسېرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۇ‌لار زور بىر توپ خالايىققا كىملە‌ر كىرىدىغانلىقىنى ئېنىقراق چۈشە‌نگە‌ن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 4:‏18‏.‏

ھە‌قىقە‌ت نۇ‌رى پارلاپ يورۇ‌غانسېرى

1935-‏يىلى ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشتا يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ (‏1)‏ زور بىر توپ خالايىق قايسى مە‌نىدە «تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا» تۇ‌رىدۇ؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9-‏ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق يېڭى چۈشە‌نچە نېمە ئۈچۈن ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق،‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏

9 يۇ‌ھاننانىڭ ۋە‌ھىيسىدىكى زور بىر توپ خالايىققا كىملە‌ر كىرىدىغانلىقى 1935-‏يىلى ئېنىق بولغان.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى «تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا» تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئاسماندا بولۇ‌شىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لار تە‌ختنىڭ ئالدىدا سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدە تۇ‌رىدۇ.‏ زور بىر توپ خالايىق يە‌ردە ياشىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىش ئارقىلىق «تە‌ختنىڭ ئالدىدا» تۇ‌رالايدۇ (‏يە‌شايا 66:‏1‏)‏.‏ «قوزىنىڭ ئالدىدا» تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مە‌تتا 25:‏31،‏ 32-‏ئايە‌تلە‌ردە «پۈتكۈل مىللە‌تلە‌ر»،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە يامانلىق قىلغۇ‌چىلارمۇ ئە‌يسانىڭ شە‌رە‌پلىك تە‌ختى ئالدىغا توپلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ پۈتكۈل مىللە‌تلە‌ر خە‌لقلە‌ر ئاسماندا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ردە بولىدىغانلىقى ئېنىق.‏ شۇ‌ڭا،‏ 1935-‏يىلى ئۆزگە‌رگە‌ن بۇ چۈشە‌نچە ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زور بىر توپ خالايىق ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنە‌رسە يېزىلمىغان.‏ دېمە‌ك،‏ پە‌قە‌تلا بىر توپ،‏ يە‌نى ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە «يە‌ر ئۈستىدىن پادىشاھلىق قىلىدىغان» 144000 كىشى،‏ ئاسماندا مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏10‏.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن زور بىر توپ خالايىق مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرى يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشى لازىم؟‏

10 1935-‏يىلدىن تارتىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيدىكى زور بىر توپ خالايىق يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان سادىق مە‌سىھىيلە‌ردىن ئىبارە‌ت ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرى يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشى لازىم.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ يە‌نە «يۈز بېرىدىغان بۇ بارلىق ۋە‌قە‌لە‌ردىن ئامان-‏ئېسە‌ن» ئۆتۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىشتىن ئاۋۋال مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئېتىقادى بار ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏—‏لۇ‌قا 21:‏34—‏36‏.‏

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى نېمە ئۈچۈن مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرىدا بە‌زىلە‌ر ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ دە‌پ ئويلىغان؟‏

11 مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىدا يە‌ردىكى بە‌زى سادىق خىزمە‌تچىلە‌ر ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىر توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە،‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1913-‏يىل 15-‏فېۋرال سانىدا يېزىلغان.‏ بۇ ژۇ‌رنالدا شۇ‌نداق سوئال قويۇ‌لغان:‏ «خۇ‌داغا ئانچە قىزغىن خىزمە‌ت قىلمىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئاسماندا ياشىسا،‏ قە‌دىمدە ياشىغان ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر نېمە ئۈچۈن يە‌ردە ياشىشى كېرە‌ك؟‏» شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شقا:‏ (‏1)‏ زور بىر توپ خالايىق ئاسماندا ياشايدۇ ۋە (‏2)‏ زور بىر توپ خالايىق ئانچە قىزغىن ئە‌مە‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان دېگە‌ن ئىككى ناتوغرا ئوي-‏پىكىر تە‌سىر قىلغان.‏

12،‏ 13.‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە زور بىر توپ خالايىق نېمىنى چۈشىنىدۇ؟‏

12 كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ 1935-‏يىلدىن تارتىپ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيدىكى زور بىر توپ خالايىق ئارماگېدوندا ئامان قالىدىغانلار ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار «دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كە‌لگە‌نلە‌ردۇ‌ر» ۋە يە‌ر يۈزىدە جاراڭلىق ئاۋاز بىلە‌ن:‏ «نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن تە‌ختتە ئولتۇ‌رغان خۇ‌دايىمىزغا ھە‌م قوزىغا قە‌رزدارمىز»،‏—‏ دە‌پ ۋارقىرىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏10،‏ 14‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئاسماندىكى ھايات ئۈچۈن تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر قە‌دىمدە ياشىغان سادىق خىزمە‌تچىلە‌ردىن ياخشىراق بىر نە‌رسىگە ئېرىشىدىغانلىقى ئېيتىلغان (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏40‏)‏.‏ قېرىنداشلار زور بىر توپ خالايىق توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز قىلىشنى ۋە ئادە‌ملە‌رنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا قىزغىنلىق بىلە‌ن چاقىرىشنى باشلىغان.‏

13 زور بىر توپ خالايىق ئۆزلىرىنىڭ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار بولغىنى ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌شال.‏ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ يە‌ردە ياكى ئاسماندا ياشىشىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئۇ‌لار ياخشى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقىتى تۈپە‌يلى مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى مە‌سىھ قىلىنغانلارمۇ ۋە زور بىر توپ خالايىقمۇ چۈشىنىدۇ.‏—‏رىملىقلار 3:‏24‏.‏

زور بىر توپ خالايىقنىڭ سانى

14.‏ نېمە ئۈچۈن 1935-‏يىلى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر زور بىر توپ خالايىق توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ قانداق ئورۇ‌ندالغانلىقىنى بىلگىسى كە‌لگە‌ن؟‏

14 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى 1935-‏يىلى يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىينى ئېنىقراق چۈشە‌نگە‌ندە،‏ يە‌ردە ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغان زور بىر توپ خالايىقنىڭ سانى قانداق كۆپىيدىغانلىقىنى بىلىشنى خالىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شۇ چاغدا 12 ياشتا بولغان رونالد پاركىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دۇ‌نيا يۈزى بويىچە 56000 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان ئىدى ۋە ئۇ‌لارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى مە‌سىھ قىلىنغانلار بولغان.‏ شۇ چاغدا زور بىر توپ،‏ ئۇ‌نچە چوڭ زور بىر توپ خالايىق بولۇ‌پ كۆرۈنمىگە‌ن ئىدى».‏

15.‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ سانى قانداق داۋاملىق كۆپە‌يگە‌ن؟‏

15 كېيىنكى نە‌چچە ئون يىللار داۋامىدا،‏ ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار [مىسسىئونېرلار] كۆپلىگە‌ن دۆلە‌تلە‌رگە ئە‌ۋە‌تىلىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئۆسكە‌ن.‏ ئاندىن ئۇ‌لار 1968-‏يىلى «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشنى باشلىغان.‏ بۇ كىتابتا ھە‌قىقە‌ت ئاددىي چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن بولۇ‌پ،‏ كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنى جە‌لپ قىلغان.‏ تۆت يىلنىڭ ئىچىدە 500000دىن كۆپ يېڭى شاگىرتلار چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ لاتىن ئامېرىكىسىدا ۋە باشقا ئە‌للە‌ردە كاتولىك چېركاۋسىنىڭ تە‌سىرى كۈچى ئاجىزلىشىۋاتقاندا ۋە شە‌رقىي ياۋروپا بىلە‌ن ئافرىقىنىڭ بە‌زى دۆلە‌تلىرىدە پائالىيىتىمىز رە‌سمىي تۈردە رۇ‌خسە‌ت قىلىنغاندا،‏ يە‌نە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن (‏يە‌شايا 60:‏22‏)‏.‏ يېقىنقى يىللاردا يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ كۆپلىگە‌ن نە‌تىجىلىك ۋە‌ز قىلىش قوراللىرىنى نە‌شىر قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە سانى سە‌ككىز مىليوندىن كۆپرە‌ك زور بىر توپ خالايىق توپلىنىۋاتقانلىقىغا گۇ‌مان يوق.‏

زور بىر توپ خالايىق ھە‌ر مىللە‌ت خە‌لقىدىن توپلانغان

16.‏ زور بىر توپ خالايىق كىملە‌ردىن توپلانماقتا؟‏

16 يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىينى تە‌سۋىرلىگە‌ندە،‏ زور بىر توپ خالايىق «ھە‌ر مىللە‌تلە‌ردىن،‏ قە‌بىلىلە‌ردىن،‏ خە‌لقلە‌ردىن ۋە تىللاردىن» چىققان ئادە‌ملە‌ردىن تە‌ركىپ تاپىدىغانلىقىنى يازغان.‏ زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌رمۇ ئىلگىرى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «ئاشۇ كۈنلە‌ردە بارچە مىللە‌تلە‌ردىن بولغان ھە‌رخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئون كىشى بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشىنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ:‏ ‹بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى.‏ چۈنكى،‏ بىز خۇ‌دانى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە دە‌پ ئاڭلىدۇ‌ق›،‏—‏ دېيىشىدۇ».‏—‏زە‌كە‌رىيا 8:‏23‏.‏

17.‏ ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن گۇ‌ۋاھچىلار نېمە قىلىدۇ؟‏

17 بارلىق خە‌لقلە‌ردىن ئادە‌ملە‌رنى توپلاش ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ھە‌رقانداق تىللاردا ۋە‌ز قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى 130 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت تە‌رجىمە قىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە ماتېرىياللىرىمىز 900دىن ئوشۇ‌ق تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنىدۇ،‏ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تە‌رجىمە ئىشىلىرىنىڭ تارىختا تە‌ڭدىشى يوق!‏ ھە‌ئە،‏ بارچە مىللە‌تلە‌ردىن زور بىر توپ خالايىق توپلىنىۋاتقانلىقىنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بۈگۈنكى كۈندە قىلىۋاتقان مۆجىزىسى دېسە‌ك خاتالاشمايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللار كۆپ تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغانلىقتىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌رخىل مىللە‌تتىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌داغا بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلماقتا.‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىشى ۋە ئۆزئارا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشى بۇ ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م.‏ بۇ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏—‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏35‏.‏

يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىينىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئە‌ھمىيىتى بار؟‏

18.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 46:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ زور بىر توپ خالايىق توغرىسىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ھە‌يران قالمايمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار بولغانلار نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئۆزلىرىنى بىر نە‌رسىدىن قۇ‌رۇ‌ق قالغاندە‌ك ھېس قىلمايدۇ؟‏

18 بىز زور بىر توپ خالايىق توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ھىينى چۈشە‌نگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌رسە‌ن!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى ئاجايىپ تۈردە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغانلىقىغا ھېچ ھە‌يران قالمايمىز ‏(‏يە‌شايا 46:‏10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ زور بىر توپ خالايىق يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا بە‌رگە‌ن ئۈمىد ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدار!‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ روھى بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنمىغان ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بىر نە‌رسىدىن قۇ‌رۇ‌ق قالغاندە‌ك ھېس قىلمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا 144000 كىشىنىڭ قاتارىغا تە‌ۋە بولمىغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كچىلىكىدە يۈرگە‌ن كۆپلىگە‌ن خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى —‏ چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيا (‏مە‌تتا 11:‏11‏)‏.‏ يە‌نە بىرى —‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏34‏)‏.‏ ئۇ‌لاردىن باشقا يە‌نە سان-‏ساناقسىز ئادە‌ملە‌ر يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ۋە زور بىر توپ خالايىق ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏

19.‏ يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىينىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ بۇ بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

19 ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا بىرىنچى قېتىم بارچە خە‌لقتىن چىققان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر خۇ‌داغا بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌م بولغان.‏ مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولايلى،‏ ھە‌ربىرىمىز كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ «باشقا قويلارنىڭ» ئارىسىغا،‏ يە‌نى زور بىر توپ خالايىققا قوشۇ‌لۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ يېقىن-‏ئارىدا يە‌ھۋا ئالدىن-‏ئالا ئېيتقاندە‌ك،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ئېلىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ۋە دىنلارنى يوق قىلىدۇ.‏ زور بىر توپ خالايىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ خىزمە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە بولىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي 7:‏14‏.‏

55-‏ناخشا سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى

a بىز يۇ‌ھاننانىڭ «زور بىر توپ خالايىق» تۇ‌رغانلىقىنى كۆرگە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى ۋە‌ھىينى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ زور بىر توپ خالايىققا تە‌ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏

b ‏«‏يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق كىتابنىڭ 159—‏163-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏