مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

37-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار بولايلى

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار بولايلى

‏«روھىي ھايات بە‌رگە‌ن ئاتىمىزغا تېخىمۇ بە‌كرە‌ك بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏»‏‏—‏ئىبرانىي.‏ 12:‏9‏.‏

46-‏ناخشا يە‌ھۋا پادىشاھىمىز!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

 يە‌ھۋا بىزنى ياراتقاچ،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز b كېرە‌ك.‏ ياراتقۇ‌چىمىز سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭ بىزگە نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىش ھوقۇ‌قى بار (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىشىمىزنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ ئۇ ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمران.‏ تارىخقا نە‌زە‌ر سالساق،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لارغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ دانا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ھۆكۈمراندۇ‌ر.‏—‏چىق.‏ 34:‏6؛‏ رىملىقلار 16:‏27؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏.‏

2.‏ ئىبرانىيلار 12:‏9—‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بلىرى يېزىلغان؟‏

2 كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن قورققانلىقتىن ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن بويسۇ‌نۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە،‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ئۆز ئىختىيارىمىز بىلە‌ن ئىتائە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆز پايدىمىز ئۈچۈن تە‌ربىيىلە‌يدۇ‏.‏—‏ئىبرانىيلار 12:‏9—‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا بېقىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏ (‏2)‏ بىز قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

3 بىز بار كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىشقا تىرىشقاندا ۋە ئۆز ئە‌قلىمىزگە تايىنىش خاھىشى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا بېقىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏9‏)‏.‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق قانچە كۆپ بىلسە‌ك،‏ ئۇ‌نى شۇ‌نچە كۆپ ياخشى كۆرىمىز.‏ خۇ‌دانى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيسە‌ك،‏ بىزگە ئاق-‏قارا،‏ ياخشى-‏ياماننى ئارىيدىغان قائىدىلە‌رنىڭ تىزىمى كېرە‌ك ئە‌مە‌س.‏ بىز ئوي-‏پىكىر ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى يە‌ھۋانىڭكىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىپ،‏ يامانلىقتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى ئۆگىنىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زىدە يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش نېمە ئۈچۈن بىزگە قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئاقساقاللار نە‌ھە‌مىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏ ئاتىلار داۋۇ‌ت پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئانىلار مە‌ريە‌منى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى.‏

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

4،‏ 5.‏ رىملىقلار 7:‏21—‏23-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

4 يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بىز گۇ‌ناھكار ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بويسۇ‌نماسلىققا مايىل.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى يە‌پ،‏ خۇ‌داغا قارشى چىققاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلغان (‏يارىت.‏ 3:‏22‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بىرىنچى بىر جۈپكە ئوخشاش،‏ خۇ‌دانى رە‌ت قىلىدۇ ۋە نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشنى خالايدۇ.‏

5 ھە‌تتا يە‌ھۋانى تونۇ‌يدىغان ۋە ئۇ‌نى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈنمۇ ھە‌ردائىم ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ‏(‏رىملىقلار 7:‏21—‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋا توغرا دە‌پ ھېسابلايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالىساقمۇ،‏ ھە‌رقاچان يامان ئىشلارنى قىلىش ئىستىگى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏

6،‏ 7.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

6 بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ ئاسان بولماسلىقىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بىزگە مە‌دە‌نىيىتىمىز ۋە ئۆپ-‏چۆرىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرى تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئىنسانلارنىڭ ئوي-‏پىكىرى يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىگە تامامە‌ن ئوخشىمىغاچ،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى كىشىلە‌رنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىماسلىق ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

7 بە‌زى جايلاردا ياشلارنى كۆپ پۇ‌ل تېپىشقا ئۈندە‌ش —‏ تە‌بىئىي ئىشتۇ‌ر.‏ مە‌لىكە c ئىسىملىك ياش قېرىنداش شۇ‌نداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلمىگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز دۆلىتىدىكى ئە‌ڭ داڭلىق ئالىي مە‌كتە‌پلە‌رنىڭ بىرىدە ئوقۇ‌غان.‏ ئۆيدىكىلىرى ئۇ‌نى ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر كە‌سىپكە ئىگە بولۇ‌پ،‏ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشقا كىرىشكە مە‌جبۇ‌رلىماقچى بولغان.‏ مە‌لىكە‌نىڭ ئۆزىمۇ شۇ‌نى خالىغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچە‌يگە‌ن ۋە شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ ئۆز مە‌قسە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ لېكىن،‏ بۇ مە‌لىكە ئۈچۈن ئاسان بولمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە كۆپ پۇ‌ل تېپىش مۇ‌مكىنچىلىكى پە‌يدا بولىدۇ،‏ لېكىن بۇ مە‌ن ئۈچۈن يە‌ھۋاغا ھازىرقىدە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن.‏ ئالغان تە‌ربىيە‌م سە‌ۋە‌بىدىن،‏ بۇ مۇ‌مكىنچىلىكنى رە‌ت قىلىش بە‌ك قىيىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىشتىن باش تارتىشقا ياردە‌م بېرىشىنى يالۋۇ‌رىمە‌ن».‏—‏مە‌تتا 6:‏24‏.‏

8.‏ بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

8 يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ لېكىن،‏ ھوقۇ‌قى بارلار،‏ مە‌سىلە‌ن ئاقساقاللار،‏ ئاتا-‏ئانىلار خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلسا،‏ باشقىلارغا پايدا ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏ ھازىر يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ھوقۇ‌قىنى ئىشلە‌تكە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىرنە‌چچە ئادە‌منىڭ مىسالىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لاردىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئاقساقاللار نە‌ھە‌مىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

نە‌ھە‌مىيانىڭ خە‌لق بىلە‌ن بىللە يېرۇ‌سالىمنىڭ تاملىرىنى ياسىغىنىغا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللارمۇ ئىبادە‌ت ئۆيىدىكى ئىشلارغا قاتنىشىدۇ (‏9—‏11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

9.‏ نە‌ھە‌مىيا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

9 يە‌ھۋا ئاقساقاللارغا ئۆز خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تاپشۇ‌رغان (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2‏)‏.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان نە‌ھە‌مىيادىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ نە‌ھە‌مىيا يە‌ھۇ‌دانىڭ ئە‌مە‌لدارى بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ خېلى كۆپ ھوقۇ‌قى بولغان (‏نە‌ھە‌م.‏ 1:‏11؛‏ 2:‏7،‏ 8؛‏ 5:‏14‏)‏.‏ نە‌ھە‌مىيا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكىنى ئە‌سكە ئالايلى.‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌تخانىنى ناپاك قىلغانلىقىنى ۋە قانۇ‌ندا كۆرسىتىلگە‌ن بويىچە لاۋىيلارنى ماددىي جە‌ھە‌تتىن قوللىمىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ نە‌ھە‌مىيا يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ دە‌م ئېلىش كۈنى توغرىسىدىكى قانۇ‌ننى بۇ‌زغانلىقى ۋە بە‌زى ئە‌ر كىشىلە‌رنىڭ يات خە‌لقتىن ئايال ئالغانلىقىمۇ ھە‌ققىدە ھە‌م بىلگە‌ن.‏ نە‌ھە‌مىيا شۇ قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە نېمە ئىش قىلغان؟‏—‏نە‌ھە‌م.‏ 13:‏4—‏30‏.‏

10.‏ نە‌ھە‌مىيا قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا نېمە قىلغان؟‏

10 نە‌ھە‌مىيا ئۆز ھوقۇ‌قىدىن پايدىلىنىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرى بويىچە قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياردە‌م سورىغان ۋە خە‌لققە خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏نە‌ھە‌م.‏ 1:‏4—‏10؛‏ 13:‏1—‏3‏)‏.‏ نە‌ھە‌مىيا كىچىك پېئىل بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا يېرۇ‌سالىم تاملىرىنى ياساشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏نە‌ھە‌م.‏ 4:‏15‏.‏

11.‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىكىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

11 ئاقساقاللار شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يدۇ،‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ نە‌ھە‌مىيادىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ،‏ ھوقۇ‌قى بولغانلىقتىن،‏ ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇ‌قىرى سانىمايدۇ.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتىكىلە‌رگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كە‌متە‌ر بولغاچقا ۋە باشقىلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لار بىلە‌ن سىلىق-‏سىپايە سۆزلىشىدۇ.‏ ئاسىمجان دېگە‌ن تە‌جرىبىلىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بايقىشىمچە،‏ ئاقساقاللارنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئىللىق مۇ‌ئامىلىسى قېرىنداشلارنى جە‌لپ قىلىدۇ.‏ ئاقساقاللارنىڭ شۇ‌نداق سۈپە‌تلىرى قېرىنداشلارنى ئۇ‌لار بىلە‌ن ئە‌ركىن خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ».‏ كۆپ يىللار ئاقساقال بولۇ‌پ كېلىۋاتقان تاھىر:‏ «مە‌ن فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ باشقىلارنى ئۆزۈمدىن ئارتۇ‌ق دە‌پ ساناشقا تىرىشىمە‌ن.‏ بۇ ماڭا باشقىلارنى بويسۇ‌نۇ‌شقا مە‌جبۇ‌رلىماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

12.‏ ئاقساقاللار نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌ھىم؟‏

12 ئاقساقاللار يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىپ،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئالە‌منىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولسىمۇ،‏ ئۆزىنى تۆۋە‌ن تۇ‌تۇ‌پ،‏ «بىچارىنى توپا-‏چاڭلاردىن يۆلە‌پ تۇ‌رغۇ‌زار» (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏35؛‏ 113:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا تە‌كە‌ببۇ‌ر كىشىلە‌ردىن يىرگىنىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏5‏.‏

13.‏ ئاقساقاللار نېمە ئۈچۈن «تىلىنى تىزگىنلىشى» كېرە‌ك؟‏

13 يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نىدىغان ئاقساقال «تىلىنى تىزگىنلىشى» كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ تىلىغا ئىگە بولمىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغان كىشىگە قوپال سۆزلىشى مۇ‌مكىن (‏ياقۇ‌پ 1:‏26؛‏ گالاتىيا.‏ 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئاسىمجان يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى ئاقساقال سۈپىتىدە ھۆرمە‌ت قىلمىغان قېرىنداشلارغا بە‌زىدە قاتتىق-‏قاتتىق سۆز قايتۇ‌رغۇ‌م كېلىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سادىق ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئېسىمگە سالىدۇ».‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىكىلە‌رگە،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە باشقا ئاقساقاللارغا،‏ مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆزلىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نىدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 4:‏6‏.‏

ئاتىلار داۋۇ‌ت پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاتىلارغا قانداق ۋە‌زىپىنى بە‌رگە‌ن؟‏

14 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاتىلارنى ئائىلە بېشى قىلىپ بە‌لگىلىگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىسى بالىلارغا تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ئاتىلار ھوقۇ‌قىنى ئۆزى خالىغاندە‌ك قوللىنالايدۇ،‏ دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ ئائىلە بېشى ئۆيدىكىلىرىگە قىلغان مۇ‌ئامىلسى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قۇ‌رغۇ‌چىسى يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدىغان ئاتىلار ھوقۇ‌قىنى ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا قوللىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار داۋۇ‌ت پادىشاھتىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

ئائىلە بېشىنىڭ دۇ‌ئالىرىدىن كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكى كۆرۈنۈشى كېرە‌ك (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

15.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسى ئاتىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋە‌ر؟‏

15 داۋۇ‌ت پادىشاھ سۈپىتىدە كۆپ ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ قولىغا پە‌قە‌ت ئائىلىسىنىلا ئە‌مە‌س،‏ پۈتۈن ئىسرائىل خە‌لقىنى تاپشۇ‌رغان.‏ بە‌زىدە داۋۇ‌ت ھوقۇ‌قىنى توغرا قوللانماي،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 11:‏14،‏ 15‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ جازاسىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلغان.‏ داۋۇ‌ت دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشقا بار كۈچى بىلە‌ن تىرىشقان (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏1—‏4‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ ئە‌ر كىشىلە‌رنىڭلا ئە‌مە‌س،‏ ئاياللارنىڭمۇ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏1-‏سام.‏ 19:‏11،‏ 12؛‏ 25:‏32،‏ 33‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ئۆز خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالغان ۋە يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏

16.‏ ئاتىلار داۋۇ‌ت پادىشاھتىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏

16 ئاتا بولسىڭىز،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھتىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ھوقۇ‌قتىن ناتوغرا پايدىلانماڭ.‏ خاتالىقلىرىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ شۇ چاغدا ئائىلىڭىز سىزنى كە‌متە‌رلىكىڭىز ئۈچۈن ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بولىدۇ.‏ ئائىلىڭىز بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا موھتاج ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسۇ‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋاغا بولغان خىزمە‌ت ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولسۇ‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏6—‏9‏)‏.‏ ياخشى ئۈلگىڭىز —‏ سىز ئائىلىڭىزگە بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ قىممە‌ت سوۋغاتدۇ‌ر.‏

ئانىلار مە‌ريە‌منى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

17.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئانىلارغا قانداق مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان؟‏

17 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئانىلارغىمۇ مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ ئۆز بالىلىرى ئۈستىدىن ھوقۇ‌قى بار (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏6‏)‏.‏ ئانىسىنىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بالىلارنىڭ يۈرىكىدە ئۆچمە‌س ئىز قالدۇ‌رىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 6:‏20‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌م،‏ ئانىلارغا ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏

18،‏ 19.‏ ئانىلار مە‌ريە‌مدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

18 مە‌ريە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىدە بولغان.‏ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ مە‌ريە‌م خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولغان.‏—‏لۇ‌قا 1:‏35—‏38،‏ 46—‏55‏.‏

ھېرىپ قالغاندا ئۆيىدىكىلە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئانىسىغا كۆپرە‌ك كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

19 ئانا بولسىڭىز،‏ مە‌ريە‌منى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏ بىرىنچى،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ۋە دائىم دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مە‌ھكە‌م ساقلاڭ.‏ ئىككىنچى،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن،‏ ھاياتىڭىزدا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏ بە‌لكىم،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز تېز ئاچچىقلانغان ۋە سىزگە قوپال سۆزلىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزمۇ بالىلارنى شۇ‌نداق تە‌ربىيىلە‌ش تە‌بىئىي ئە‌ھۋال دە‌پ قارايدىغانسىز.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ بالىلىرىڭىز گېپىڭىزگە كىرمىسە،‏ سىز ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىقنى ساقلاش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏31‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ سىز ھېرىپ-‏چارچىغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ لە‌يلىگۈل ئىسىملىك ئانا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌زىدە ئوغلۇ‌م مېنى تىڭشىمىغاندا،‏ ئۆزۈمنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا قوپال سۆزلىمە‌سلىك ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلاتتىم.‏ بە‌زىدە بولسا سۆز ئوتتۇ‌رىسىدا ئۆزۈمنى توختىتىپ،‏ تىلىمنى تارتىشقا ۋە يە‌ھۋاغا ئىچىمدىن دۇ‌ئا قىلىشقا توغرا كېلە‌تتى.‏ دۇ‌ئا قىلىش سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمغا ياردە‌م بېرىدۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏5‏.‏

20.‏ بە‌زى ئانىلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بار ۋە ئۇ‌لار ئۇ‌نى قانداق يېڭە‌لە‌يدۇ؟‏

20 بە‌زى ئانىلارنىڭ يە‌نە بىر قىيىنچىلىقى بار:‏ ئۇ‌لار ئۆز بالىلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتە‌لمە‌يدۇ (‏تىتۇ‌س 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئاتا-‏ئانىسىنىڭ مېھرىنى كۆرمە‌ي ئۆسكە‌ن.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌ركىن ئىپادىلىمىگە‌ن ئائىلىدە چوڭ بولسىڭىزمۇ،‏ بالىلىرىڭىزغا ئاتا-‏ئانىڭىزنىڭ خاتالىقىنى قايتىلىماي تە‌ربىيە بېرە‌لە‌يسىز.‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نماقچى بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىزغا مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏ قېنىڭىزغا سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئوي-‏پىكىرىڭىز،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش ئاسان ئە‌مە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نى قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كېلىدۇ ۋە شۇ ئۆزگىرىشلە‌ر ئۆزىڭىزگىمۇ ھە‌م ئائىلىڭىزگىمۇ زور پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

21،‏ 22.‏ يە‌شايا 65:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

21 داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرى ئادىلدۇ‌ر،‏ كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلار.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌مرى پاكتۇ‌ر،‏ كۆزلە‌رنى روشە‌ن قىلار… .‏ خىزمە‌تكارىڭنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ كە‌لدى ئۇ‌لار،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلغانلار كاتتا مۇ‌كاپاتىنى ئالار» (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏8،‏ 11‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نىدىغانلار ۋە ئۇ‌نىڭ يول-‏يورۇ‌قىنى رە‌ت قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى پە‌رقنى ئېنىق كۆرىمىز.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدىغان كىشىلە‌ر «كۆڭلى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغاچ،‏ … تە‌نتە‌نە قىلىپ توۋلار»‏‏.‏—‏يە‌شايا 65:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

22 ئاقساقاللار،‏ ئاتا-‏ئانىلار يە‌ھۋاغا تە‌ييارلىق بىلە‌ن بويسۇ‌نغاندا،‏ ھاياتى ياخشىلىنىدۇ،‏ ئائىلىسى بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىدۇ ۋە جامائە‌تنىڭ ئىناق بولۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قە‌لبىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌ق مۇ‌كاپات بولۇ‌شى مۇ‌مكىنمۇ؟‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋاغا نېمە ئۈچۈن بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە ھوقۇ‌قى بارلارنىڭ ھە‌ممىسى،‏ يە‌نى ئاقساقاللار،‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ نە‌ھە‌مىيا،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌مدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە بېقىنىش،‏ دېگە‌ن سۆزلە‌ر سە‌لبىي مە‌نىگە ئىگە،‏ چۈنكى ئۇ‌لار مە‌جبۇ‌رىي ھالدا بىرسىگە ئىتائە‌ت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نىڭغا ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن بويسۇ‌نغاچ،‏ بۇ‌نى سە‌لبىي تە‌رە‌پتىن چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏

c بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d سۈرە‌تتە:‏ نە‌ھە‌مىيا خە‌لق بىلە‌ن بىللە يېرۇ‌سالىمنىڭ تاملىرىنى ياسىغانغا ئوخشاش،‏ ئاقساقالمۇ ئوغلى بىلە‌ن ئىبادە‌ت ئۆيىنى ئاسراپ-‏ساقلاش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئائىلە بېشى ئائىلىسى بىلە‌ن بىللە يە‌ھۋاغا چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ بالىسى بىرنە‌چچە سائە‌ت ئېلكتورۇ‌نلۇ‌ق ئويۇ‌نلارنى ئويناپ،‏ ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قىنى ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىدى.‏ ئىشتىن ھېرىپ-‏ئېچىپ كە‌لگە‌ن ئاپىسى ئاچچىقلانماي،‏ ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن تە‌ربىيە بېرىۋاتىدۇ.‏